查看完整版本: [-- بارلىق كەڭ ساي ئەھلىگە(ھ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> بارلىق كەڭ ساي ئەھلىگە(ھ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2010-08-05 15:17
                               ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مەن   بۇ مۇنبەرگە كىرگىلى بەك ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ مۇنبەردىكى بەزى ئىشلار توغۇرلۇق ئازراق قەلەم تەۋرەتكۇم كەلدى.

ھەممە ئادەمنىڭ ئۈزىنىڭ تۇتقان يۇلى بۇلىدۇ. بۇ دىگەن ھەممە ئادەمنىڭ تاللىشىدۇر.

خۇسۇسەن ئېيتقاندا مەن تور ئېچىلماستىلا كەڭ سايغا قىزىقاتتىم ھەم زىيارەت قىلغىلى ئامراقتىم. چۇنكى مەن ياختۇرىدىغان تىمىلار ۋە مەزمۇنلار ئاز بولسىمۇ يوللىنىپ تۇراتتى. دەل مۇشۇ ئەھۋال مىنىڭ كەڭ سايغا ئەزا بۇلۇپ كىرشىمنىڭ سەۋەبى.

مۇنبەر قۇرلۇپ دەسلەپكى چاغلاردا خېلىلا ياخشى ئىدى. ئۇرۇش-جىدەللەر پەقەتلا يوقتى. بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىپ چىرايلىق ئۆتكەنىدۇق. ئەمما يېقىندىن بىرى بىر قىسىم تورداشلار تۇپەيلى كەڭ ساي خۇددى جەڭ مەيدانىغىلا ئوخشاپ قالدى.
بەزى تورلداشلاردىن باشقا تورداشلار ئۇزىنىڭ پىكىرىنى ئۇچۇق بايان قىلاممايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى. نىمە ئۈچۈن؟ ئەگەر پىكىرىنى ئۇچۇقلىسا باشقىلارتىللايدۇ ياكى مەسخىرە قىلىدۇ.
بۇ دىگەن مۇنازىرە مۇنبىرى. بۇ مۇنبەر سىزنىڭمۇ ئەمەس مىنىڭمۇ ئەمەس كەڭ ساي ئەپەندىمنىڭمۇ ئەمەس كەڭ ساي مۇنبىرىگە ئەزا بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىن-ئازادە مۇنازىرلىشىدىغان مۇنبىرىدۇر.

شۇڭا مىنىڭ دەيدىغىنىم ھەممىمىز بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئۇيغۇر تورچىلىقىنى گۈللەندۇرسەك.  بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ بىر-بىرىمىزگە يول قۇيۇشۇپ  ئىسىل ئەخلاقلىرىمىزنى نامايەن قىلىشساق. باشقۇرغۇچىلارمۇ ئىناقسىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان تىما-ئىنكاسلارنى تەستىقلىمىسا...

قېنى كەڭسايداشلارنىڭ مۇشۇ تىمىغا نىسبەتەن قانداق دانا پىكرىڭلار باركى

پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.

ئىش ئۆملۇكتە. كۈچ بىرلىكتە.




تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان

oglan 2010-08-05 15:41
ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئولىغانلىرىمنى دەي : مۇنبەردە چىقىۋاتقان جەدەلگە سىز بىلەن شاھرۇھ سەۋەپچى دەك تۇردۇ،بۇنداق دىسەم كۆڭلىڭىزگە كىلىپ قالمىسۇن، سىز ئۆزىڭىزنىڭكىنى راست دەيسىز ،شاھرۇھمۇ شۇنداق دەيدۇ ئىككەڭلار گەپ تالىسسىلە كەيندىن بىزمۇ بۇ داپقا ئۇسۇل ئوينايمىز شۇنىڭ بىلەن غەۋغا ئۇلغىيدۇ ، مەسلەن<<سۇرىيە نىقاپنى چەكلىدى >> شاھرۇھ يولىغان << بۇ مۇدىل قىزغا >>دىگەن تېمىغا قاراڭ بۇ ئۇرشنىڭ يادروسى سىز بىلەن شاھروھ ! كىم سىلەرگە قارشى گەپ قىلسا ياكى ئىنكاس يازسا سىزلەرگە ياقمىسا شۇنىڭغا گەپنىڭ ئەڭ سېسىغى تەييار تۇرغىنى تۇرغان ، شۇڭا چ چ توپتىنمۇ بېكار چىقىپ كەتىڭىزلەرمۇ ؟ شاھرۇھ مۇ ئۇرشۇپ چىقىپ كەتمىكىن شاھرۇھ ئۆزبىكلەرگە قىزقامدىكىن ئۆزبىكلەر نىڭ ناخشىسى توغرىسدا گەپ چىقسىلا  ئۇرشىدىغان بىر خۇيى باركەن باشقىلار ناخشىنى ياقتۇرامدۇ ياقتۇرمامدۇ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق مەسلەن  كەڭ ساي ئەپەندىنىڭ <<كىم ئۆزبەكچە ناخشىنى ياخشى ئەمەس دەيدۇ>> دىگەن تېمىسا شاھرۇھنىڭ ئىنكاسلىرى خېلە بار ،قىسقىسى بۇندىن بۇرۇنقىسى بىرگەپ كىيىن دېققەت قىلساق بۇلدۇ ئەمەسمۇ ؟ ئۆز -ئارا ھۆرمەتلەيلى ،ئىناق بۇلايلى ، باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلايلى ، سەن مانى دىدىڭ، سەن بۇنى دىدىڭ دىيىش ياخشى ئىش ئەمەس دېققەت قىلساقلام بۇلدۇ ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بولسا ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلى بار ، باشقىلار نىمە دىسۇن باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغىمۇ گەپ قىلايلى لىكىن چېغدا بولغىنى ياخشى!
خاتا گەپ قىىلىپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلىسىلار!

uyguhurogli 2010-08-05 16:12
رىقابەت بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ ، بىر -بىرسىمىز بىلەن ئانچە - مۇنچە گەپ تالاشقاننىڭ زىيىنى يوق ،  لىكىن بۇ مۇنبەردە ئىسلامنى چەتكە قاقىدىغان ، ئىسلام دىنىدىكىلەرنى خوراپى كۆرىدىغانلارمۇ بار  ، مىنىڭچە مۇشۇلار بەكرەك دىققەت قىلسا ، دىگەن پىكىردە مەن .

xahrizad 2010-08-05 16:13
مىنىڭچىمۇ ئوغلان ئەپەندى بەك توغرا گەپ قىلىپتۇ  مۇنازىرە ئىنكاستىن باشقىلار بىلىۋېلىشكە تىگىشلىك  بىلىم ىارەكتىرلىك پاراڭلار بولسا  بۇ يەرگە ئىنكاس يازسا  بولمىسا  چ چ ئارقىلىق مۇنازىرە قىلسا بولىدۇ ئەمەسمۇ  ھەر كىمنىڭ ھەرخىل ئىشلارغا قارىتا تۇنۇشى   كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ  قارشى پىكىردىكىلەرنى  ئەيىبلەشكە مازاق قىلىشقا بولمايدۇ  ئەمدى  توردىمۇ ئۇرۇشۇپ يۇرمەيلى قېرڭنداشلار  

akkvngl 2010-08-05 16:56
بۇ بىر مەۋھۇم بوشلوق . خاماس سىز ئۆتكەندە بىر تېما يوللاپتىكەنسىز ، ئۇنىڭغا قارىتا شاھرۇھ ئىنكاس يازسا ، سىز ئۇچۇقتىن ئۇچۇق بەزىبىر ھاقارەتلىك گەپ _ سۆزلەر بىلەن رەددىيە بېرىپسىز . سىز مەسىللەرنى ئويلىغاندا توغرا تەھلىل قىلىپ سەۋىرچانلىقنى ، ئەپۇچانلىقنى ئۈگۈنىۋېلىڭ . سىز تىما يوللىغاندا سىزنى ماختىسا خوش بولۇپ ، تەنقىد _ تەربىيە خاراكتىردىكى ئىنكاسلارنى يازسا باشقىلارنى تېللىسىڭىز مېنىڭچە بولمايدۇ . تەنقىد _ تەربىيەنىمۇ قوبۇل قىلىشىمىز لازىم . شۇنداق قىلالىسىڭىز ئاندىن كېيىن مۇكەممەل بىر ئادەم بولىسىز .

oglan 2010-08-05 20:23
باشقىلار مۇشۇنداق تەكلىپ-پىكىر بولسا ئوتتۇرغا قۇيۇڭلار  پىكىر تەلەپنى مۇشۇنداق تېمىغا يوللايمىز ! ئاكتىپ ئاۋاز قېتىڭلار ....

guli 2010-08-05 21:08
مۇنازىرىنى ئىلمى ئېلىپ بارالىساق تور بەتتىكى سۈھبەت سۇرۇنىمىز بىز لەر گە پايدىلىق بولىدۇ بولمىسا ئىختىلاپ بار سۇرۇندىن چىكىنىش كېرەك بۇلۇپ قالىدۇ باشقىلارنىڭ ماجرالىرىنى تاماشا قىلىش توغرائەمەس

arkan1221 2010-08-05 21:54
دانالارغا  سۆز بىھاجەت ......................

dosluk 2010-08-05 22:12
دوستلۇقنى               قەدىرلەيلى....

zamira 2010-08-06 01:12
ھەممىڭلارغا مەندىن سالام،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن يىڭى ئەزا بولغاچ باشتىكى ئىشتىن خەۋرىم يوق، بىراق،مەن ئويلايمەنكى، بۇيەردە بەزىبىر ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جەڭگە-جىدەل قىلىش تولىمۇ ئارتۇقچە! خەق نىمە كويىدا؟بىز نىمە كويدا؟ ئالەم بىريەرگە باردى،قېرىنداشلار! ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئۇي بۇلۇپ ئۇيۇشمىساق بولمايدىغان چاغ بۇ! جىدەلنىڭ نىمىگە پايدىسى؟ جىدەل قىلىپ نىمىگە ئېرىشتۇق بىز؟  <<كۆپنىڭ كۈچى كۆپكە>> دەپتىكەن چوڭلىرىمىز........
ئۆز ئىچىدىن ئناق بولمىغان مىللەت گۇمران بولماي نىم بولسۇن....؟؟؟؟؟؟؟؟
     گېپىم زىتىڭلارغا تەگكەن بولسا كەچۇرەسىلەر.....          
ئىشقىلىپ ئناقلىققا ھېچنىمە يەتمەيدۇ..

almiliq 2010-08-06 11:58
بەزىلەر دىققەت قىلايلى، قىززىقچىلىق قىلدىم دەپ ئاشۇرۋەتمەيلى............

ھەمزە 2010-08-06 21:00
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن سەل ئالدىراش بۇپ قېلىپ بۇ مۇنازىرىگە قاتنىشالماپتىمەن.


توغرا مەن بۇ مۇنبەردە شاھرۇھ بىلەنلا جىدەللەشتىم .    مىنىڭمۇ ئاساسىم بار. ئۇ داۋاملىق ئىسلام دىن تەرەپتىن گەپ قىلىدىغانلار بىلەن ئۇرشىدۇ. ھەم مەسخىرە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قىززىق قانلىق قىلىپ جىدەللىشىپ سالدىم. باشقىلارنىڭ نەزرىدە مۇسۇلمان دىگەن ئەپۇچان بۇلىدۇ دىگەن قاراشلا مەۋجۇت.  بۇ توغرا ئەمما سەۋىرچانلىقنىڭمۇ چېكى بۇلىدۇ. باشقىلار تىللىسىمۇ، مەسخىرە قىلسىمۇ جىم تۇرۇپ بەرسە ئاندىن باشقىلارنىڭ نەزرىدە ياخشى.

ھەر قانداق ئادەم ئۇزىنىڭ تۇتقان يۇلىنى گۈللەندۇرۇش،ئۇنى زورايتىش ئۇيى بار.

ئويلاپ بېقىڭلار: ئەگەر سىلەر بىر تىما يازساڭلار سىلەر يازغان تىمىغا ئىنكاس يېزىپ سىلەرنى مەسخىرە قىلسا سىلەر جىم تۇرامسىلەر ياكى ئۇنىڭغا رەددىيە قايتۇرامسىلەر؟؟؟

مەن بۇ تىمىدا دەپ ئۆتتۇم ئەگەر تىما ياقمىسا ئۇنداق سېسىق گەپلەرنى قىلغۇچە ئىنكاس يازمايلا چىقىپ كەتسە بولمامدۇ؟

مەن شاھرۇھ بىلەن  چ چ دا پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن خېلى پىكىرلەشتىم. ھەم ئۇ بۇندىن كىيىن باشقىلارغا تىل تەككۇزمەيدىغان بولغان.
ئەمما نىمىشقىدۇر. ئۇ پەقەت 2كۇنلا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالىدى. 3.كۇنى ئەتتىگەندە ‹كەڭ سايدىكى موللاملار چۇشكەن سۈرەت›

دەپ بىر تىما يوللىدى. ئۇ تىمىنىڭ تىكىستى شۇنچىلىك بىمەنە ئۇنىڭدا مىنى ئويغۇنۇشنى ، سەۋىرنى .... دىبادىن ياناشىدا چۇشكەن سۇرەت دەپ يازدى. بۇ بىزگە قىلىنغان ھاقارەت ئىدى ئەمما مەن ئۇنى پەقەت چاخچاق دەپلا چىرايلىق ئىنكاس يازدىم.

كىيىن  بۇندىن ئۇتە گەپلەرنى قىلىپ دىن تەرەپتىن بىر نەرسە دەيدىغانلارنى مەسخىرە قىلىپ تىما،ئىنكاس يازدى.

مەن ئۇندىمىدىم. كىيىن قارسام باشقىلار بىلەن ئۇرشۇپ كىتىپتۇ. مەن بۇ مۇنبەردە يەنە  جىدەل چىقىشنى خالىماي ئۇنىڭ تىمىسىنى ئۇچۇرۋەتتىم. . . .

ئۇ چ چ دا ماڭا خەت يې‍ىزىپ ئۇزىنىڭ كەڭسايدىن چىكىنىدىغانلىقىنى دىدى. مەن ئۇنىڭغا چىكىنمەڭ بىز ياخشى دوسلاردىن بۇپ قالدۇققۇ دىسەم ئۇ يەنىلا ئۆز گىپىدە چىڭ تۇردى................




بولدى ئۆتكەن ئىشلار كەتتى. شۇڭا مەن بۇ تىمىنى يازغان. بۇندىن كىيىن تىما ياقسا ئىنكاس يازايلى ياقمىسا ئورنىدا قالسۇن. مانا بۇ     بۇ مۇنبەردە ئىناق ئۇتۇشنىڭ  بىردىنبىر ئامالى...................

oglan 2010-08-06 23:20
مەن تېمىنى كۆرگەندىنكىن .ئىنكاس يىزش كېرەك دەپ قارايمەن، چۇنكى ئاشخانغا كىرىپ تاماق يىسەك ئوخشۇسۇن ئوخشۇمۇسۇن پۇل تۆلەيمىز ئەمەسمۇ  شۇنىڭدەك ئىنكاس يازساق بۇلىدۇ لىكىن چىرايلىق ،ئىلمىي ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ياققىدەك ئىنكاسلارنى يازسااق دىگەن قاراشتا

ھەمزە 2010-08-07 11:11
ھى ھى ھى..... ئەمما   مەن تاماقتىن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۇرىدىغان (قۇت،ياكى قەغەز ) نەرسىلەر چىقسا پۇل تىلىمەيمەن

xayik 2010-08-08 13:57
مەن ئەۋەتكەن ‹‹تەقدىر ››دىگەن شېئر  تەستىقتىن ئوتمىدىمۇ ؟ مۇنبەردە كۇرۇنمەيدىغۇ ؟قۈيرۈق كۆرسىتىپ ئۇپكە ساتىدىغان ئىش كەڭسايدىمۇ بارمۇ نىمە ؟ئەگەر تەستىقتىن ئۆتمىسە ئۇچۇر بولسىمۇ يوللاپ قويساڭلار ، ئادەمنى تەققەززا قىلماي .

sarsan1117 2010-08-08 14:07
ئىشلىتىش
引用第14楼xayik于2010-08-08 13:57发表的 :
مەن ئەۋەتكەن ‹‹تەقدىر ››دىگەن شېئر  تەستىقتىن ئوتمىدىمۇ ؟ مۇنبەردە كۇرۇنمەيدىغۇ ؟قۈيرۈق كۆرسىتىپ ئۇپكە ساتىدىغان ئىش كەڭسايدىمۇ بارمۇ نىمە ؟ئەگەر تەستىقتىن ئۆتمىسە ئۇچۇر بولسىمۇ يوللاپ قويساڭلار ، ئادەمنى تەققەززا قىلماي .

ئۆتمىسە زولاپ ئۆتكۈزىمىز !~خاتىرجەم بولۇڭ ،!~~!

قېنى ما كەڭساي !~~!

ھەمزە 2010-08-08 14:48
قاچان يوللىغانتىڭىز  بۇۋا  تىمىنى؟ مەن باشقۇرغۇچىلار بىلەن كۇرشۇپ باقاي

oglan 2010-08-08 15:16
ئىشلىتىش
引用第14楼xayik于2010-08-08 13:57发表的 :
مەن ئەۋەتكەن ‹‹تەقدىر ››دىگەن شېئر  تەستىقتىن ئوتمىدىمۇ ؟ مۇنبەردە كۇرۇنمەيدىغۇ ؟قۈيرۈق كۆرسىتىپ ئۇپكە ساتىدىغان ئىش كەڭسايدىمۇ بارمۇ نىمە ؟ئەگەر تەستىقتىن ئۆتمىسە ئۇچۇر بولسىمۇ يوللاپ قويساڭلار ، ئادەمنى تەققەززا قىلماي .

ئەگەرسىز چ چ توپقا قېتىلغان بولسىڭىز چۇقۇم باشقۇرغۇچىلار بىلەن دەل ۋاقتىدە ئالاقىلشالايتىڭىز!مەنغۇ ئۇنداق شېئر كۆرمۇدۇم!

ھەمزە 2010-08-08 16:22
ھەي قانداق قېتلىدۇ چ چ  تۇپىغا مىنىمۇ قېتۋالساڭلارچۇ مىنىڭكى 1341408288    تى ئەينا............

sirik 2010-08-08 17:06
چ چ  توپىغا كىرىش  ،مۇرەككەپ بوپكەتتىما  سىلەرگە....

armanim 2010-08-09 01:40
ئىشلىتىش
引用第1楼oglan于2010-08-05 15:41发表的 :
ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئولىغانلىرىمنى دەي : مۇنبەردە چىقىۋاتقان جەدەلگە سىز بىلەن شاھرۇھ سەۋەپچى دەك تۇردۇ،بۇنداق دىسەم كۆڭلىڭىزگە كىلىپ قالمىسۇن، سىز ئۆزىڭىزنىڭكىنى راست دەيسىز ،شاھرۇھمۇ شۇنداق دەيدۇ ئىككەڭلار گەپ تالىسسىلە كەيندىن بىزمۇ بۇ داپقا ئۇسۇل ئوينايمىز شۇنىڭ بىلەن غەۋغا ئۇلغىيدۇ ، مەسلەن<<سۇرىيە نىقاپنى چەكلىدى >> شاھرۇھ يولىغان << بۇ مۇدىل قىزغا >>دىگەن تېمىغا قاراڭ بۇ ئۇرشنىڭ يادروسى سىز بىلەن شاھروھ ! كىم سىلەرگە قارشى گەپ قىلسا ياكى ئىنكاس يازسا سىزلەرگە ياقمىسا شۇنىڭغا گەپنىڭ ئەڭ سېسىغى تەييار تۇرغىنى تۇرغان ، 

ئۆزىڭىزنىمۇ  ئۇنتۇپ  قاپسىز  ،،، سىزمۇ  مۇشۇ مۇنبەردىكى گۇپپاڭچى ......  باشقۇرغۇچىغا  خاس  سالاپەت يوق ،،،،،
ئىشەنمىسىڭىز ئىنكاسلىرىڭىزنى  تەپسىلى  كۆرۈپ  چىقىڭ !!!

oglan 2010-08-09 11:37
ئىشلىتىش
引用第20楼armanim于2010-08-09 01:40发表的 :

ئۆزىڭىزنىمۇ  ئۇنتۇپ  قاپسىز  ،،، سىزمۇ  مۇشۇ مۇنبەردىكى گۇپپاڭچى ......  باشقۇرغۇچىغا  خاس  سالاپەت يوق ،،،،،
ئىشەنمىسىڭىز ئىنكاسلىرىڭىزنى  تەپسىلى  كۆرۈپ  چىقىڭ !!!

ئۇدىگەن سىزنىڭ قارىشىڭىز ، لىكىن باشقىلار ئۇنداق قارماسلىقى مۇنكىن ،سىزمىنى قانچىلىك چۇشىنسىز؟ تىزىملاتقان ۋاقتىڭىز 2010-6-6كۇنى توردىكى ۋاقتىڭىز 8سائەت مۇشۇ 8سائەت ئىچىدە سىز مىنىڭ ئىنكاسلىرىمنى كۇرۇپ چىقتىڭىزما؟ ھۆي دوستۇم باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭ ، سىزدە باشقۇرغۇچىلارغا خاس سالاپەت بولسا سىز نىمىشقا باشقۇرغۇچى بولمىدىڭىز؟

armanim 2010-08-11 15:04
ئىشلىتىش
引用第21楼oglan于2010-08-09 11:37发表的 :

ئۇدىگەن سىزنىڭ قارىشىڭىز ، لىكىن باشقىلار ئۇنداق قارماسلىقى مۇنكىن ،سىزمىنى قانچىلىك چۇشىنسىز؟ تىزىملاتقان ۋاقتىڭىز 2010-6-6كۇنى توردىكى ۋاقتىڭىز 8سائەت مۇشۇ 8سائەت ئىچىدە سىز مىنىڭ ئىنكاسلىرىمنى كۇرۇپ چىقتىڭىزما؟ ھۆي دوستۇم باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭ ، سىزدە باشقۇرغۇچىلارغا خاس سالاپەت بولسا سىز نىمىشقا باشقۇرغۇچى بولمىدىڭىز؟

بۇ مۇنبەرنى تىزىملاتمىسىمۇ  كۆرگىلى  بولىدىغۇ ؟    مەن سىزدەك  خۇشامەتچى ئەمەس  ،،، خۇشياقسا  ياقمىسا  ياخشىكەن ، بەلەنكەن دەيدىغانغا ،،، ئىنكاس  يېزىشقا تىگىشلىك بولسا  كىرىمەن ،، بولمىسا  كىرمەيمەن ،، سرتتىن كۆرىمەن  ،،،
باشقۇرغۇچى بولۇشقا  كەلسەك ،، ، ئۆزۈمنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن چىقىپ  بولالمىغاندا خەق ئۈچۈن چاپىدىغانغا ۋاختىم يوق  ،،، باشقۇرغۇچىلىقنى سىزلا  قىلىپ  ئۆتۈپ  كىتىڭ OK !

ئەلكۈيچىسى 2010-09-19 15:54
ئناقلىققا ھېچنىمە يەتمەيدۇ..

xahruh 2010-09-19 16:00
ئىشلىتىش
引用第25楼armanim于2010-08-11 15:06发表的 :

دەسلەفتە  مەنمۇ  سىزدەك  ئويلىغان ئىدىم ،
 مېنىڭچە پۇشايمان قىلغىنى بولىشى مۇمكىن   ،،،،،،

ئارمانىم دىگەن ئېشەك پوقى !
ماۋۇ تېمىنى كۆرمەپتىكەنمەن ،،،،مېنى مۇشۇنداق غاجىلاپ يۈرۈپتىكەنسەن دە ،،،،،
سەن نېمىگە ئوخشايىتتىڭ ، مېكيانلار تالاپ قان قىلىۋەتكەن قۇيرۇقى يوق
پوققوڭ خۇرازغا ئوخشايسەن ،،، ،،،،پۇشايماننى سەن قىلغانسەن ......

ئەلى 2010-09-24 11:36
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام~~~
جىدەل-ماجراسىز  مۇنبەرنى ھەقىقىي مۇنبەر دېگىلى  بولمايدۇ.ئۇنداق  مۇنبەر  ھەم  خاسلىقىنى  يوقىتىدۇ.

kuwruk 2010-12-06 21:51
ئۇزئارا ھۇرمەت قىلىش،،،ئەپۇچان بۇلۇش،،،كىچىك پىئىل بۇلۇشىمىز،،كىرەك،،،،گپنىڭ قىسقىسى قىرىنداشلار ئارا مىھرى مۇھەببەت بۇلۇش كىرىك،،ئەگەر كۇز قاراشتا ئۇىشىماسلىق بۇلسا ئىلمى مۇنازىرە قىلشىمىز كىرەك،،،،،شۇنداق قىلغاندىلا نەزەر دائىرمىز كىڭىيىدۇ،،،!..دۇسلارنى رەنجىتىپ قۇيغان بۇلسام كەچۇرۇڭلار،،،!(گەرچە يىڭى ئەزا بۇلساممۇ )

rayhan 2010-12-06 22:00
مەن كەڭ سايدىكى  بەزى ئەركەكلەرنىڭ ئاغىزىنىڭ پاكىزە بۇلىشىنى ،تىل سالماسلىقىنى اللەنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئادەم قارغىماسلىقىنى ،دىنسىز-ئىمانسىز دىگەن گەپنى ئويلۇشۇپ قىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن ،

taklemakan 2010-12-07 19:19
توا

بىگان 2011-12-11 17:27
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى


查看完整版本: [-- بارلىق كەڭ ساي ئەھلىگە(ھ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.053795 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us