查看完整版本: [-- جوڭگو غەرەز ئۇقىدىغانلار سەھنىسىدە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> جوڭگو غەرەز ئۇقىدىغانلار سەھنىسىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

بىگان 2011-12-20 14:47
ئانچە پەرقى يوق ئەپەندىلەر جوڭگو غەرەز ئۇقىدىغانلار سەھنىسىدە
تاماشىبنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشغا ئېرىشتى
差不多先生在中国达人秀出色表演2011.12.18
ئۆزىنى سوراپ ساي مۇخبىرى بىگاننىڭ خەۋىرى!
ئىككى كۈن بۇرۇن يەنى 2011-يىلى12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جوڭگو غەرەز ئۇقىدىغانلار سەھنىسىدە  شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئىككى ئۆزلىرىنى  ئانچە پەرقى يوق ئەپەندىلەر دەپ ئاتىغان ئەپەندىلەر كىچىكلىكىگە باقماي چوڭلارنى بىسىپ چۈشىكىدەك ماھارەت بىلەن كەڭ تاماشىبنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.باھالىغۇچىلار ھاياجاندا نىمە دىيىشىنىمۇ بىلمەي قالدى،ياش باھالىغۇچى پەخىرلىك ھالدا:<مەن بەك ياقتۇردۇم،سىلەر ئىككى كىچىك دوستلار  شىنجاڭ رايۇندىكى  ئۇسسۇل خاسلىقىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردىڭلار،ئۇسسۇل ھەم ناخشا،قىزغىنلىق تولۇپ تاشقان!>دىدى..ئايال باھالىغۇچى بۇ ئىككى ئەپەندىنىڭ ئىككى ئاتىسىنى سەھنىگە چاقىرىپ ئۇسسۇل ئويناپ بىقىشقا تەكلىپ قىلدى.ئۇلارمۇ قىزغىن روھى كەيپىياتتا<ئويناسۇن>غا ئۇسسۇل ئويناپ،تاماشىبنلارنى ھەۋەسكە سىلىۋەتتى.سەھنە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.قېنى ئۇلار كىيىنكى باسقۇچقا كىرەلەمدۇ يوق ئۆزىمىز كۆرۈپ باقايلى!

كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالغىنى ئەنگىلىيەلىك يىئېن ئۆزگىچە ئۇسسۇل بىلەن خەلىق ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ قىلىۋاتقان قىزىل ناخشىلارنى يەنە بىر قىتىم ئەسكە سالدى.ئۇنىڭ قىزىل ئازاتلىق ئارمىيەنى كۈيلەپ ئىيتقان ناخشىسى پۈتۈن جوڭگو خەلقىنى شاتلاندۇردى.كومونىستىك پارتيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ئەسلىتىدىغان قىزىل ناخشىلار كىشلەر قەلبىگە يەنە بىر قىتىم قېقىۋىتىلگەن قوۋزۇقتەك چوڭقۇر ئورناپ كەرتتى.ئەنگلىيلىك يىئېننىڭ ئارزۇسىمۇ ئاللىقاچان غەرەز ئۇقىدىغانلار سەھنىسىدە ئەمەلگە ئىشىپ بولغاندەك قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئارزۇسى يۈكسەك بولۇپ،ئۇ مۇنداق دىدى:<مىنىڭ ئارزۇيۇم،قىزىل ناخشىلارنى پۈتكۈل جوڭگو خەلقىگە ئاڭلىتىش،پۈتكۈل جوڭگوغا ياڭرىتىش!> (مۇخبىرىمىز بىگاننىڭ ھاياجاندىن خوشاللىقتا كۆزىگە ياش كەلدى.)

يۇقارقى قسىقا خەۋەرلىرىمىزىدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدىكى،پارتىيەنىڭ غەمخورلىقىدا ھەر مىللەت خەلقى ئىناق-ئىجىل،خاتىرجەم،باياشات ياشىماقتا.
خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسي مەزمۇنىنى بىلمەكچى بولسڭىز ھەر ۋاقت ياڭيۇ تور بىتىگە كىرىپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.مۇخبىرىمىز سەل قارا-قورساق،ئاتالغۇلارنى توغرا تەرجىمە قىلالمىغان بولسا،كۆرۈرمەنلەردىن ئۆزراھلىق سورايدۇ.
ساي مۇخبىرىمىز بىگان خەۋەر قىلدى.

abduwali123 2011-12-20 17:47
ماۋۇ كۆككۆز ھەجەپ ئوخشىتىپتا قىزىل ئارمىيەنى

samanyoli 2011-12-20 18:02
ھا،ھا،ھا،ھ،ا،،،،،،،،،،،،،،،رەخمەت مۇخبىر ئەپەندى،،،،،،،،،،

بىگان 2011-12-20 19:10
ئەرزىمەيدۇ...سىلىدىن كەلسۇن

جەڭچى 2011-12-20 19:52
ئىشقا ئورۇنلىشىپ سىزدە بىگان ئەپەندى مۇبارەك بولسۇن.     

saifulla 2011-12-20 20:01
مەخسەتنى ئاخىرى سەھنىدە  بىلدۈرۈپتۇدە ھە.... ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇ  نىڭ ئانچە پەرىقى يوقكەن.......(ئىڭەكنى سىلاپ قاتتىق ئويغا پاتقان چىراي ئىپادىسى)    قانداقمۇ ئانچە پەرقى يوق ؟ ئۇيغۇر بالا خەنزۇچىنى  شۇنداق راۋان سۆزلەۋاتسا ..لىكىن ئاۋۇ خەنزۇ بالا  ئاران ئۈگەنگەن ئىككى ئېغىز گەپنىمۇ جايلاپ دىيەلمىدى تىلىنى چايناپ. يەنىلا ياپونلۇقنىڭ تىلى كىلىدىكەن جۇمۇ ئۇيغۇر چىغا

saifulla 2011-12-20 20:09
ماۋۇ ماۋزىدۇڭ نىڭ نەۋرىسىمۇ نىمە

بىگان 2011-12-20 20:34
ھاھاھاھا.......دىققەت بىلەن كۆرۈپسىزدە...

بىگان 2011-12-20 20:42
ئۆزىنى سوراپ دىگەننى كۆرمىللىمۇ؟ئانچا-مۇنچە مۇخبىرلىقتىنمۇ خەۋرىمىز بار جۇما!

saifulla 2011-12-20 20:43
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-12-20 20:34 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 6-قەۋەت (saifulla) نىڭ يازمىسىغا :
ھاھاھاھا.......نەدىن تاپتىڭىز؟ توۋا مەڭمۇ ئوخشايدىكەن،يۈز قۇرۇلمىسىچۇ تىخى....

ئاۋۇ ئەنگىلىيەلىكنىڭ قىزىل ناخشىسىنى  ئاڭلاپ بۇلالماي قالغان بىرىكەن. فىلىمنى كۆرمەپسىزدە

بىگان 2011-12-20 20:45
بۇ بالاڭزىنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى،ھەسەت كىشىلەرنى قانداق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ ھە؟!

aral52 2011-12-20 20:48
تولىمۇ تەسىرلەندىم مانا ...،،،

amanxa 2011-12-20 22:41
سەيفۇللا ئەپەندى. بۇ رەسىمنىڭ بۇرنىغا قارساق مىڭىسىنى كۆرگىلى بولغۇدەك ھى ھى

تاھىربەگ 2011-12-21 10:30
پوپوتاڭ بىلەن مىيەنخۇاتاڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئاجايىپ ئىتتىپاق ئۆتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.  s:11] ]

ئاۋۇ پەرەڭ بىزنىڭ شامىل شاكىردەكلا ئېيتىۋىتىپتىغۇ    

lady-uyghur 2011-12-21 23:39
كىچىك ئەزمەتجاننىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە ئۇسۇل ھەرىكەتلىرىدكى ئەۋرىشىملىكتىن بۇ بالىمىزنىڭ چوڭ بولغاندا ئاجايىپ نازۇك تەبىئەتلىك تال بەدەن  يۇمشاق يىگىت بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس ئىكەن. ئىككى شاكىچىكنىڭ ئوينىغان ئۇسۇلىدىكى رول ئېىلىشتا ئەزمەتجاندا  بەل تولغاش ماھارەتلىرى بەكرەك گەۋدىلىنىپتۇ.ئىككىسىنى سېلىشتۇرما قىلغاندا مەن ئاۋۇ خەن شاكىچىكنىڭ ئوينىغىنى بەكرەك ياختۇردۇم.
ئاللاھ ئىگەم ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىغا پەرزەنىتلىرىنى توغرا يولدا تەربىلىگۈدەك  ئىمان ۋە ئەقىل ئاتا قىلغاي...

gurkar 2011-12-22 14:12
نېمىدىگەن تېتىقسىز  تىل جەھەتىنمۇ پەرقىلەنمەسمىش ، پەرقلەنمەيدۇ دەپ تۈركى تىلىنى دەيمىز ، ھەرگىزمۇ بىز بىلەن مەدەنىيىتى ئۆرپ-ئادىتى قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى بولمىغانلارنى شۇنداق دەپ كۆككە كۆتۈرسە بۇنڭدىنمۇ ئارتۇق  رەزىلىك بولامدۇ .
بۇ بالىغا ئاچچىقىم كەلمىدى ، چۈنكى ئۇ تىخى نارسىدە ئىشنىڭ تىگى -تەكتىنى چۈشەنمەيدۇ ، بۇ بالىنى تاپقان ئاتا-ئانسىغا بەكلا ئاچچىقىم كەلدى ،ئسىت ب..........................


查看完整版本: [-- جوڭگو غەرەز ئۇقىدىغانلار سەھنىسىدە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.198980 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us