شەمشىدىن |
2011-12-19 19:36 |
زاماننىڭ ئۇچقۇر چاقلىر ىتىز سۈرئەتتە ئايلىنىپ،بىر كۈن ئىچىدە نەچچە خىل ئۆزگىرىش ياساپ جاھان ئەھلىنىڭ ئەقلىنى ئۆزىگە لال قىلماقتا.ئىلىمدە ئالغا كەتكەن خەلىقلەر ئۈچقۇر دەۋىر چاقىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىپ،بىزلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ،دەۋىر چاقىنى تېزلىكتە ئايلاندۇرۇپ كىتىپ بارغانلېقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.[/ئۇچقۇر زاماننىڭ تەرەققىياتى ئقتىساد ئىگىلىرىنىڭ ساپاسىغا بولغان تەلىپى كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان جەمئيەت،يارىتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پارلاق كەلگۈسىمىز،بىزلەرگە جىددى ھەركەتكە ئۆتۈپ،ئىلىم ئىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۋىتىپتۇ.ۋىجدانىمىز ئويغۇنۇشقا،ئويغانغان ئەقلىمىز ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىپ تۇرۇپتۇ.بىز بۈگۈن، چەكسىز ھاياتىي كۈچكە ۋە قىزغىنلىققا ئتولۇپ تاشقان ياشلىق باھارىمىزدا رىئاللىققا يۈزلىنىپ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشمىزنىڭ ناھايتى مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمىز،شۇنىڭ ئۈچۈن چاڭقىغان تەشنا يۈرەكلىرىمىزنى قاندۇرۇدىغان ،شىنجاڭدىكى ۋە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپ قۇرداشلىرىمىزنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ،بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇپ،ھەل قىلالمىغان مەسلىلەرنى ئىتتىپاقلىشىپ ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھپسى ھازىرلاش ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ تۇرۇپتىمىز. يەنى بىر مەخسۇس سەھىپىدە ژورنال چىقارماقچى ، ئاۋۋال بىر ئادەتتىكى تور بىتى قۇرۇپ تۇردۇق ، چۈنكى ھەممىزنىڭ تەتىل ۋاقتى كىلىپ قالاي دگەنلىكى ،ھەمدە ژورنالغا تەستىق ئىلىشقا بىر ئاز ۋاقىت كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاۋۋال بىر تور بېكىتى ياساپ تۇردۇق،ھازىرغا قەدەر بىر قىسىم تالانىت ئىگىلىرى دوستلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتىنى ئاجرىتىپ، بىر قىسىم ياخشى پىكىر ۋە ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئەتتى .بىز ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر بۆلەك نادىر ئەسەرلەرنى تاللاپ ،بىرىنچى سان ژورنالنى ئېلكتىرونلۇق نۇسخىسى بىلەن پ د ف نۇسخىسنى دوسىتلىرىمىز بىلەن يىڭى يىلنىڭ بېشىدا يۈز كۆرۈشتۈرىمەكچى .بۇ ياخشى ئىشىنى تاسسادىپىيلىق يۈز بەرمىسىلا داۋاملاشتۇرىمىز ،شۇڭا دوستلىرىمىز قانداق ياخشى ئەسەرلىرى ،كۆڭۈل سۆزلىرى بولسا قېرىنداشلىرىدىن ئايرىماستىن بىزنىڭ سەھىپىمىزدە بىرلىكتە بەھىرلىنىشنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.قىنى دوسىتلىرىم بىزبىرلكتە تەڭ ئىزدىنىپ، بىرلىكتە تەڭ ئىلگىرلەيلى. <<ئىزباسار>>ژورنىلىدىن [تور ئادىرسىمىز: http://izbasar.oghlan.net |
|