samanyoli |
2011-12-19 18:18 |
[attachment=14019] قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان مانگىستاۋ ئۆلكىسىدە، ئىشتىن چىقىرىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نېفىت ئىشچىلىرى بىلەن ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.
توقۇنۇشلاردا 12 كىشى ئۆلدى، 90 كىشى يارىلاندى.
مانگىستاۋ ئۆلكىسىدىكى جانائۆزەن شەھىرى شەپتە پويىز ئىستانسىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن 50 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا نامايىشچى، پويىز سەپەرلىرىنى توختىتىشقا ئورۇندى.
قوللىرىدىكى ئاتەش توپلار بىلەن 300 يولۇچى ئولتۇرغان پويىزنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىشى نەتىجىسىدە ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى نامايىشچىلارغا قورال ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.
ۋەقەلەر، ئاقتاۋ شەھىرىگىمۇ يامرىدى.
500 گە يېقىن ئادەم شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەيدانىغا يىغىلىپ، ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ خەلققە قارىتىپ ئوق چىقىرىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قازاق ئەمەلدارلارنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
قازاقىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايېف 17-دېكابىر پايتەخت ئاستانىدا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن غەربى قىسمدىكى يېڭى ئۆستەڭ شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي ھالەتكە كىردى، ھازىر شۇ يەردىكى دائىرىلەر ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدى. خەلق ئاممىسىنىڭ بۇنىڭدىن تەشۋىشلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق. نەزەربايېف شۇ كۈنى يېڭى ئۆستەڭ شەھىرىدە جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇش توغرىسىدا پىرېزىدېنت بۇيرۇقى ئىمزالىدى. بۇ پىرېزىدېنت بۇيرۇقىغا ئاساسەن، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېڭى ئۆستەڭ شەھىرىدە 20 كۈن جىددىي ھالەت يولغا قويۇلىدۇ. بۇ كېلەر يىلى 5-يانۋار ئاياقلىشىدۇ. نەزەربايىف يەنە: دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا 17-دېكابىر مالىمانچىلىق يۈز بەردى. بۇلارنى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ۋە پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېدى.
[attachment=14022] مىسىردا ئەسكەرلەر بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا، ۋەقەلەردە 10 كىشى ئۆلدى، 441 كىشى يارىلاندى.
پايتەخت قاھىرەدىكى جىددىيچىلىك پەسكۇيغا چۈشمىدى. شەنبە كۈنىدىكى بىر ئايالنى سۆرەپ ئېلىپ كېتىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى خەلقنىڭ غەزىپىنى ئۇلغايتىۋەتتى.
تەھرىر مەيدانىغا توپلىنىپ، ئالىي ھەربىي كېڭەشنىڭ باشلىقى ھۇسەيىن تانتاۋىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار بىلەن ئەسكەرلەر توقۇنۇشتى.
نامايىشچىلار، ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ بالدۇرراق ھاكىمىيەتتىن يىراقلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئەتراپىنى سىم توسۇقلارنى قۇرۇپ مۇھاپىزەت چەمبىرىكى ئىچىگە ئالدى.
بۇ جەرياندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇن، مىسىر ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىنى ئەيىبلىدى.
[attachment=14020] : ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتىكى ئەڭ ئاخىرقى قىسىملىرىمۇ كۇۋەيت تەۋەلىكىگە ئۆتتى.
شۇنداق قىلىپ، 9 يىل داۋاملاشقان قانلىق ئىشغالىيەت رەسمىي ئاخىرلاشقان بولدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكىرىي مەۋجۇتلۇقى ئامېرىكىنىڭ باغداد ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 200 ئەسكەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
لېكىن رايوندىكى نوپۇزىنى ساقلاپ قېلىشنى پىلانلىغان ۋاشىنگتون، ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا ھەربىي بازىلىرىدا مۇئەييەن مىقداردا ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. پەقەت كۇۋەيتتىلا 4 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
[attachment=14021] ئىسرائىلىيە، ئۆكتەبىر ئېيىدا ھاماس بىلەن تۈزگەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، يەنە 550 نەپەر پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى.
قويۇپ بېرىلگەن گۇرۇپپا ئىچىدە 6 نەپەر ئايال بىلەن 14 ياش بىلەن 17 ياش ئارىسىدىكى 55 ياشنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئۆكتەبىر ئېيىدىكى بىرىنچى قېتىم قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلار ئارىسىدا ھاماس ئەزالىرى بار ئىدى، لېكىن بۇ قېتىم ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ھاماس ئەزالىرى يوق.
ئىسرائىلىيە رادىيوسى، قويۇپ بېرىلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ «يەڭگىل جىنايەتلەر يۈزىسىدىن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان» ئەلفەتىھ تەشكىلاتى ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئىككىنچى گۇرۇپپىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى پەلەستىن زېمىنلىرىدا خوشاللىق بىلەن قارشى ئېلىندى.
ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس، ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىسرائىلىيە ئەسكىرى گىلاد شالىت بىلەن 1027 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.
ئىران ئاخبارات تارمىقى 17-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بىر جاسۇسنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ جاسۇس ئىرانلىق بولۇپ، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تەھلىلچىسى، ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراق بىلەن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىنىڭ ئاخبارات تارمىقىدا ئىشلىگەن، ئۇنىڭ نىشانى ئىنچىلىك بىلەن پىلانلانغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىران ئاخبارات تارمىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىغا كىرىشتىن ئىبارەت. بۇ جاسۇس ئىرانغا كىرگەندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئاخبارات تارماقلىرى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزەتكەن، ئۇ ئاخبارات توپلاش ۋەزىپىسىنى باشلىغاندا قولغا ئىلىنغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىراندا ئومۇميۈزلۈك ئاخبارات توپلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ ۋە ئىنچىلىك بىلەن پىلانلاپ ئىران ئاخبارات ئورگىنىغا كىرىشىكە ئۇرۇندى.
يەرشارى تورى خەۋىرى |
|