查看完整版本: [-- ئىراندا چەكلىنىدىغان نەرسىلەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> ئىراندا چەكلىنىدىغان نەرسىلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئىسلام 2011-12-19 12:19
ئىراندا چەكلىنىدىغان نەرسىلەر

ئەگەر ئىرانغا سودا ياكى ئوقۇش بىلەن  بارىدىغان دوستلار بولسا بىلىپ قويساڭلار پايدىسى تىگىپ قالىدۇ.  
 

batman فىلىمىنى كۆرۈش

 

كالتا ئىتان
 

Google mail نى ئىشلىتىش

 

خارى پوتىرنى كۆرۈش
 

ئۆي ھايۋىنى بىقىش
 

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى

 

ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتى
 

چاچنى ئىگىز بۇغۇش

 

گالىستۇك
 

300 ئىسپارتا فىلىمى
 

ھەدىدىدىن تاشقىرى رەڭلىك كىيىنىش
 

قونچاق باربى
 

ھەرخىل ساغلاملىق ئوزۇقلۇقلىرى
 

بەدەنگە رەسىم چەكتۈرۈش
 

ئەرلەر چىچىنى تىك قاتۇرۇش
 

داۋىنچىنىڭ كودى دىگەن كىتاپ
 

تار ئىشتان
 

youtube
 

 
George Michael

 
Kenny G
 


Facebook

 

سىياسەتكە ئائىت بىلىم ئۈگىنىش
 

رەپ مۇزىكىسى
 

ھاراق
 

چوشقا گۈشى
 

يالغان مودېللار

 ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى Islamic Republic of Iran
پايتەخت: تېھران، نوپۇسى 14مىلىيۇن
  زىمىنى : 1 مىليۇن 645 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر
ئاھالىسى: ئىراننىڭ2009-يىلى يەتتىنچى ئايدىكى نوپۇسى 66مىلىيۇن 429مىڭ244. پارسىلار %51 ، ئەزەربەيجانلىقلار %25 (شەرقى ئەزەربەيجان، غەربى ئازەربەيجان، ئەردەبىل، زەنجانى ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، كۇرد %8 (كۇردىستان، كېرمانشاھ ۋە شەرقى شىمالدىكى شىمالى خۇراسان ئۆلكىلىرىگە ئولتۇراقلاشقان)، گىلان ۋە مازاندىران %7، ئەرەپ %3(خۇزىستان ۋە بەندەرئابباس ئۆلكىلىرىدە ئولتۇراقلاشقان)، لۇر %2(ئىلام ۋە لۇرىستان)، بەلۇجى %2(شىستان بەلۇجىستان ۋە كېرمان ئۆلكىلىرىدە ئولتۇراقلاشقان)، تۈركمەن%2(تۈركمەنىستان بىلەن چېگرىداش گۈلىستان ئۆلكىسىدە) باشقىلار %1 نى ئىگەللەيدۇ. دۆلەت تىلى پارس تىلى .
دىنى: . ئىران ئاھالىسىنىڭ %89 ى(ئاساسەن پارىسلار، ئازەربەيجانلار، ئەرەبلەر) شىئە مەزھىبىگە ، 9.8%ى سۈنئي مەزھىبىگە(كۇرد، تۈركمەن، بەلۇجى) ئىشىنىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە 50مىڭ ئوتپەرەست(ئىرانلىق)، 150مىڭ يەھۇدى ، 200مىڭ ئەرمەن پروۋىسلاۋ بار. ئىسلام دىنى شىئە مەزھىبى ئونئىككى ئىمام ئەقىدىسى ئىراننىڭ دۆلەت دىنى .
   پۇلى: رىيال. 2006-يىلى 9227رىيال= بىر دوللار، 2004-يىلى 8614رىيال = بىر دوللار، 2002-يىلى6907رىيال = بىر دوللار. ئىقتىسادى: ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنئەنىۋى نېفىت دۆلىتى بولۇپ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ئىكىسپورتى دۇنيادا سەئۇدىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت بايلىقى يەر شارى زاپاس نېفىت بايلىقىنىڭ10%نى ئىگەللەپ بەشىنچى ئورۇندا، تەبىئى گاز بايلىقى يەر شارى زاپاس تەبىئە گاز بايلىقىنىڭ16%نى ئىگەللەپ روسىيىدىنلا قالسا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. نېفىت ۋە تەبىئى گاز كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ 90% دىن كۆپرەگىنى ئىگەللەيدۇ. ئىراننىڭ خەلقارا بازاردىكى پىستە ئىكىسپورتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، ئەنئەنىۋى دورا ئۆسۈملۈكى زەپە ۋە خورما ئىكىسپورتى پۈتۈن دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. 2009 -يىلى ئىراننىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 382مىليارت 300مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 13مىڭ100 دوللار توغرا كەلگەن. ئىراننىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 3%دىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.
   دۆلەت بايرىمى : (1979- يىلى )4 - ئاينىڭ 1- كۈنى( ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈنى ) دۆلەت رەھبەرلىرى: ئەڭ يۇقىرى رەھبەر - ئاياتوللاھ سەيىدىن ئەلى ھامانەيى (1989- يىلى 6- ئايدا ھۈمەينى ۋاپات بولغاندىن كىيىن چىققان ) پرېزىدېنت _ مەھمۇد ئەھمەدى نىجات (2005- يىلى 6- ئايدا سايلانغان . 8- ئايدا ۋەزپىسىگە ئولتۇرغان (تاشقى ئىشلار مۇدىرى _ كامال قاھارزىي .1997- يىلى 8- ئايدا چىققان . 2001- يىلى 8- ئايدا ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.
   قىسقىچە تارىخى : ئىران زىمىنى ئەسلى تۈركلەرنىڭ ماكانى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 15-ئەسىر ئەتراپىدا شىمالدىن كۆچۈپ كەلگەن. پارىسلارنىڭ ئىراندا ئولتۇراقلىشىشى ھەققىدە ئاراش ئىسىملىك باتۇرنىڭ تۈركلەردىن ئولتۇراقلىششقا زىمىن سوراپ گېلەم توقۇپ ئەۋەتكەنلىكى، تۈركلەر خاقانىنىڭ گېلەمنى ياخشى كۆرۈپ ئاراشقا ئوقيا ئېتىپ ، ئوق نەگە چۈشسە شۇ يەرنى ئىككى مىللەتنىڭ چېگرىسى قىلىش ئىلتىمدسىغا قوشۇلىدۇ. ئاراش ئوقنى ئېتىپ ئامۇ دەرياسىغا يەتكۈزىدۇ، شۇندىن بۇيان ئامۇ دەرياسى ئىران بىلەن تۇراننىڭ چېگرىسى بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايىتى بار. ئىران يازما تارىخي مىلادىدىن بۇرۇنقى 2700- يىلدىن باشلانغان قەدىمى مەدەنىيەتلىك دۆلەت بولۇپ تارىختا پېرسىيە دەپ ئاتالغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى559- ئەسىردە پارس ئىمپىرىيسى قۇرۇلۇپ شىمالى كاسپى دېڭىزىغا، غەربى ئوتتۇرا دېڭىز-گىرىتسىيەگە قەدەر، شەرقى ھازىرقى تاجىكىستانغا تۇتاشقان ئۈچ قىتئەنى تۇتاشتۇرغان چوڭ ئىمپىرىيەگە ئايلانغان، ۋىلايەت ۋە چوڭ يوللار تەسىس قىلىنىپ دۆلەت قاتنىشى تەرەققى قىلدۇرۇلغان. دارا1 ھۆكۈمرانلىق ۋاقتى ( بۇرۇنقى 485___521) . ئىمپىرىينىڭ كارتىسى شەرقى ئامو دەرياسى بىلەن ھىندى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى ، غەربى نىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن قىسمى ، شىمالى قارا دېڭىزغا ، كاسپى دېڭىز ئەتراپىغا ، جەنۇبى پارس قولتۇقىغا تۇتاشقان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 330- يىلى پارس ئىمپىرىيسى ئالېكساندىر ماكىدونىسكى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. مىلادى 226-يىلى ئوتپەرەستلىك ئەۋج ئېلىپ ساسانىلار خاندانلىقى قۇرۇلغان . 651-يىلىدىن 820-يىلىغىچە ئەرەب ئىسلام ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئىسلام دىنى ئىرانغا سىڭىپ كىرگەن. 875-يىلى سامانىلار خانلىقى قۇرۇلۇپ 1005-يىلى سالجۇق ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 15- ئەسىرگىچە تۈركلەر ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1502-يىلى قىزىلباش ئىسمائىلخان تەرىپىدىن قۇرۇلغان سەفەۋى پادىشاھلىقى ئونئىككى ئىمام ئەقىدىسىنى پۈتۈن ئىران دائىرىسىگە دىگۈدەك تارقاتقان . 1795-يىلى ئازەربەيجانلار قاجار پادىشاھلىقنى قۇرۇپ، ھازىرقى ئىران چېگرىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 1925-يىلى ھاكىمىيەت پەھلەۋى جەمەتىگە ئۆتكەن ۋە 1935- يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى دۆلەت نامىنى ئىرانغا ئۆزگەرتكەن. 1979- يىلى پادىشاھقا قارشى ئاممىۋى قوزغىلاڭ پارتىلاپ، پادىشاھ مۇھەممەد رىزا پەھلەۋى ئامېرىكىغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. شۇ يىلى 2- ئايدا دىنى رەھبەر ھۈمەينى 14 يىللىق سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، پارىژدىن قايتىپ كېلىپ ئالى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغان، 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1981- يىلى 10- ئايدا ھۈمەينىي ئىراننىڭ پىرىزدىنتىلىكىگە تەيىنلىنىپ مۇساۋىي زۇڭلى بولغان. ئىراننىڭ سىياسى ۋە دىن بىرلەشكەن ئىسلام قۇرۇلمىسىنى شەكىللەنگەن.
   ئىراننىڭ كۆپ قىسىم زىمىنى تاغلىق ، ئىگىزلىك، چۆللۈك بولۇپ، شىمالىدا ئىلبۇرۇس تاغ تىزمىسى(ئەڭ ئىگىز داماۋەند چوققىسى) 5671مېتىر ئېگىز . غەربىي ۋە غەربىي جەنۇبىدا زاگىروس تاغ تىزمىسى بار ، شەرقىي قۇرغاق ئويمانلىق بولۇپ ، پار چە -پارچە دەشت قۇملۇقىنى شەكىللەندۈرگەن . كاسپى دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە ئىراق بىلەن چېگرىلىشىدىغان ئەرەپ دەرياسى ۋادىسى، غەربى شىمالدىكى ئاراس ۋە قىزىل دەريا ۋادىلىرىدىلا مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەر بار . ئىراننىڭ شىمالى مۆتىدىل بەلباغ چۆل ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ قىش ياز پەرقى چوڭ ، جەنۇبى قىسمى تىروپىك بەلباغچۆل ئىقلىمىگە تەۋە بولۇپ ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىل بويى يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق.
   2008-يىلى ئىراننىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى 11%،سانائەت42%، مۇلازىمەت 47%نى ئىگەللىگەن بولۇپ 2008-يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى23مىلىيۇن 835مىڭ ، يانپون ئابونتى 29مىلىيۇن 700مىڭ ، ئىنتېرنېت ئابونتى23مىلىيۇن بولغان.
مەنبە:نۇر تورى

maslakdax 2011-12-19 13:52
ئۆي ھايۋىنى بېقىشنى چەكلىسە كالا-قوي باقمامدىكىنە؟نىجاتكامنىڭ گۆش بىلەن تازا خوشى يوقمۇ-يە؟

saifulla 2011-12-19 13:57
ئەرمەك ھايۋانمۇ ياكى ئۆي ھايۋىنى مۇ؟ سىياسەت ئۈگۈنۈشنى چەكلىگىنى نىمىسى ئەمدى

ئىسلام 2011-12-19 14:14
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى saifulla نىڭ 2011-12-19 13:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەرمەك ھايۋانمۇ ياكى ئۆي ھايۋىنى مۇ؟ سىياسەت ئۈگۈنۈشنى چەكلىگىنى نىمىسى ئەمدى

مۇشۇك ،ئىت دىگەندەك ھايۋانلار بولىشى مۇمكىن

abdullajan 2011-12-19 16:04
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى saifulla نىڭ 2011-12-19 13:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەرمەك ھايۋانمۇ ياكى ئۆي ھايۋىنى مۇ؟ سىياسەت ئۈگۈنۈشنى چەكلىگىنى نىمىسى ئەمدى

ئەرمەك ھايۋان بولسا كېرەك، ھېلقىدەك پىستە كۈچۈكلەرگە قارىتىلغان بولىشى مۇمكىن.
سىياسىي ئۆگىنىش چەكلىنىدۇ، دېگىنى دىندىن ئايرىلغان ئېلمانىي سىياسەت بولسا كېرەك.

zero903 2011-12-19 16:05
[attachment=14016]  [attachment=14017]   جۇڭگۇدىمۇ چەكلىنىدۇ

oghuzkhan 2011-12-19 17:06
گىلاستۇك تاقاشنى چەكلىگىنى سەل ئېشىپ كېتىپتۇمانداق ئىرانچە گىلاستۇك تاقىسا بولامدىكىن يا ؟ 

بىگان 2011-12-19 17:26
تۆۋەندە چەكلىنىش سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىىپ كۆرەيلى:
1.شەپەرەڭ پالۋان فىلىمىنىڭ چەكلىنىش سەۋەبى شەپەرەڭ پالۋاننىڭ قۇتقازغۇچى بولۇپ مەيدانغا چىققانلىقى،كۈچلۈك ماتىريالزىم ئىددىيسى،شۇنداقلا ئۆلۈمگە لايىق رەزىللەرنى تۈرمىگە سولاپلا،يەنە قاچۇرۋىتىپ تۈگىمەس باتۇرلۇق ھىكايسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بولسا كىرەك.
2.كالتا ئىشتان ئادەتتە تىزدىن ئاشمايدۇ،ئاشىدىغانلىرى بولسىمۇ،ئولتۇرغان،قوپقاندا يوتىسى ئىچىلىپ قىلىش ئىھتىمالى بار،ئاياللار ئالدىدا ئۇنداق يۈرۈش بىھۆرمەتلىك ۋە ھاياسىزلىق دەپ قارىلىشى مۇمكىن.
3.gmailبولسا ئامرىكىنىڭ ئالاقىلىشش يۇمشاق دىتالى،نۆرىتى كەلسە كشىلەرنىڭ ئالاقە خاتىرلىرىنى بىمالال كۆرەلەيدىغان قاراقچى دىتالى.ئسىمدە قىلىشىچە گوگول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى يەھۇديغۇ دەيمەن.بۇنىسى نامەلۇم،ئىشقىلىپ شۇنداق پەرەز قىلدىم.
4.خاررى پوتتىر فىلىمى ئىغىر دەرىجدە جانلىقلارنى پەقەت ياراتقۇچى ئاللاھنىڭلا سۆز-ھەركەتكە كەلتۈرىدىغان قانۇنقيىتىنى ھاقارەتلىگەن،شۇنداقلا سىھىر-جادۇ قىلپ شىرىك كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن،كىشلەرنى شۇنداق خىياللارغا بەند قىلىپ ئازدۇرۇشتا رول ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك چەكلىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن.
5.<ئەرمەك ھايۋانلار> قىرىندىشىمز سۆزنى خاتا ئىشلىتىپ قويغان ئوخشايدۇ،ئۆزىمز تۈزىتەيلى.ھەقىقەتەن ئەرمەك ھايۋانلارنى بىقىش ئانچە ياخشىمۇ ئەمەس،نىمىشقىلىقىنى بىلمىدىم،ئىت ئەلۋەتتە ئۆيدە يىتىپ قوپسا بولمايدۇ،مۈشۈككە كەلسەك،مۈشۈكنى باقالماي ئۆلۈپ قالسا قاتتىق گۇناھ بولىدۇ دەپ ئاڭلىدىم،شەرئىسىنى تىخىچە بىلمىدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىنا ئۆيلەردە ئەرمەك ھايۋان بىقىش ماس كەلمەيدۇ.
6.ئاشىق-مەشۇق بايرىمى. مۇسۇلمانلاردا بۇنداق بايرام يوق،شۇنداقلا بۇ بايرام بۇزۇقچىلىقلارنىڭ بىشى.
7.ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىىتى.لۇت قەۋمىنىڭ ھالاكىتىنى ئەسلەش كىرەك،سەۋەبى ئىنىقلا.
مۇشۇنداق مۇلاھىزە قىلىڭلار،بىىلىسىلەر نىمىشقا چەكلىدى...ئاخىرنى يىزىشتىن ئىرىندىم...

.boran 2011-12-19 19:40
مىللى ئىشلەپ چىقىرىش دارامىتى 382 مىليارد  بۇنى تەخمنەن  66 مىليۇن  نۇپۇسقا بۆلسەك  5780  دوللاردىن  توغرا كەلگىدەك
  مۇشۇ سانلاردا خاتالىق بارمۇ قانداق
خەۋەردار قىلغىنىڭىز غا رەخمەت

ئۆزئۇيغۇر 2011-12-19 21:16
مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق نەسىلەر چەكلىنىدىكەن.  باشقا مۇسۇلمانلارمۇ ئىبرەت ئالسا بولغىدەك.

saprabag 2011-12-19 22:12
ھەممىسى چەكلەشكە تىگىشلىك نەرسىلەركەنغۇ

bahram 2011-12-19 22:40
سىياسىي ئۆگىنىش چەكلىنەمدىكەن ؟؟  ئۇنداقتا ئىران ئوقۇتقۇچىلىرى سىياسىي ئۆگىنىشتىن خالىي ئىكەندە . نىمدا ياخشى  

ohho~duqu 2011-12-19 23:52
مەن بىر تۈركتىن ئىراندىكى تۈركى مىللەت يەنى ھەزىرىلەر ھەرگىزمۇ ئەزەربەيجان تۈركلىرى ئەمەس ، خەزەر ۋە ھەزەر  ئۇلارنىڭ تىلى تۈركىيەلىكلەرنى تىلىغا يېقىن

bahram 2011-12-20 02:39
ئازەر تۈركلىرى ئىكەنلىكى ئىنىققۇ ،،،،،،، پارسلار تۈركلەر زىمىنىدىن ئىران دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان ،،،
لىكىن ئازەر تۈركلىرى بىلەن پارسلارنىڭ مەزھىپى ئوخشاش ئەينى ۋاقىتتا ئازەر تۈركلىرى بىلەن ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرى يەنى ئوسمان تۈركلىرى ئارسىدا نۇرغۇن قانلىق جەڭلەر بولۇپ ئۆتۈپتىكەن ، مەزھەپ ئوخشىماسلىق سەۋەپتىن

muslima32 2011-12-20 10:23
ھەممىسى چەكلەشكە تىگىشلىك نەرسىلەركەن،

nazim 2011-12-20 16:27
بەزى جەھەتلەردىن ئازراق مۇتەسسىپتەك قىلىدۇ

nazli0998 2011-12-20 18:26
yuotubiنى  نىمىشقا  چەكلەيدىغاندۇ ؟  ساز  تور  بەتتى ئۇ!!!!!!مەن  تىخى  مۇشۇ  دۆلەتتىلا
چەكلەمدىكىن  دەپ  تىمەن  .

بىگان 2011-12-20 19:27
youtube دا ھەرقانداق مەزمۇن بار،ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ قالايمىقان نەرسىلەردىن يىراق تۇرىشى ئۈچۈن ھازىرلىق يارتىپ بەرگەن گەپ.
سىز توغرا ئىشلتەرسىز،ئەمما توغرا ئشلەتمەي قىلىپ،شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن بۇزۇقچىلىقلارغا سەۋەبچى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن چەكلىمەيمۇ بولمايدۇ،ياخشى تەرپىنى يامان تەرپى بىسىپ كىتىدۇ،خۇددى يۈسۈپ-زۇلەيھا فىلىمىگە  ئوخشاش.شۇڭا چەكلىگەن بولىشى مۇمكىن.

kamalturk 2011-12-20 19:41
ئىراندا سىياسىينى تەتقىق قىلسا ھىچكىمنىڭ كارى يوق. پەقەت ئىسلام دىنىغا قارشى پاراڭ قىممىسىلا! مەن ئىراندىكى ئۇنۋىرسىتلاردىن،  تىھران ئۇنۋىرسىتى، ئسفاھان ئۇنۋىرسىتى، ھورموزجان ئۇنۋىرسىتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ تور بىتىنى زىيارەت قىپ باققان . بۇ ئۇنۋىرسىتلارنىڭ ھەممىسىدە سىياسى فاكۇلتىتى باكەن. بولوپمۇ تىھران ئۇنۋىرسىتىدا سىياسىيشۇناسلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەت، خەلىقئارا سىياسىي، ئاممىۋى سىياسەت ئىلىمى، خەلىقئارا قانۇن دىگەندەك كەسىپلەر باكەن، ئۇنىڭدىن باشقا رايۇنلار تەتقىقاتى، دۆلەتلەر تەتقىقاتى دىگەندەك تۈرلەرمۇ كۆپكەن شۇڭا ئوقوشقا چىقماقچى بوغانلار ئىككىلەنمەي چىقىۋىرىڭلار پەقەت ئىسلامغا قارشى پاراڭ قىمىساڭلارلا، ئىسلام دىنىغا زىت پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىساڭلار، ئىسلام ئەقىدىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىساڭلارلا ئراندا سىلەرگە دىموكراتىيە دىگەن ۋاشاڭ دىگەن گەپ! قىنى مەرھەمەت! http://www.ut.ac.ir/ جوڭگۇدىن ئىرانغا چىقىپ ئوقويدىغانلار ئاساسەن يوق دىگەن گەپ! دىمەك، ئىرانغا چىقىپ ئوقۇشمۇ بىر ئاقىلانە تاللاش بوپ ھىساپلىنىدۇ! مائارىپ سۈپىتى يامان ئەمەس! تىھران ئۇنىۋىرسىتى بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىدىن قىلىشمايدۇ. دۆلىتىمىز بىلەن ئىراننىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى قويۇق. دىمەك ھەر ئىككى دۆلەت كارخانىلىرى خەنچە-پارىسچىنى بىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج دىگەن گەپ! ئىراندا قىلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىمۇ كۆپ.

kamalturk 2011-12-20 20:21
ئىراندىكى بىر قىسىم داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ تور بىكىتى. ئوقوشقا چىقماقچى بوغانلار پايدىلىنىڭلار!
http://www.ut.ac.ir/  تىھران ئنۋىرسىتى
http://www.shahed.ac.ir  شەھىد ئۇنىۋىرسىتى
www.tums.ac.ir   تىھران تىببى ئۇنىۋىرسىتى
http://www.catc.ac.ir/  خەلىق ئاۋىئاتسىيە تىخنىكا ئۇنىۋىرسىتى
http://www.pwut.ac.ir/  تىھران سۇ-ئىلىكتىر تىخنىكا ئۇنىۋىرسىتى
http://www.iust.ac.ir/  ئىران پەن-تىخنىكا ئۇنىۋىرسىتى
http://www.kish.sharif.ac.ir/  شەرىف تىخنولوگىيە ئۇنىۋىرسىتى  
http://www.art.ac.ir/  تىھران گۈزەل-سەنئەت ئۇنىۋىرسىتى  
http://www.iau-tnb.ac.ir/  شىمالى تىھران ئىسلام ئۇنىۋىرسىتى
http://www.iauctb.ac.ir/   مەركىزى تىھران ئىسلام ئۇنىۋىرسىتى
http://www.azad.ac.ir/  جەنۇبى تىھران ئىسلام ئۇنىۋىرسىتى
http://www.iranu.com/  ئىران خەلىقئارا ئۇنىۋىرسىتى
www.mui.ac.ir    ئىسفاھان تىببى ئۇنىۋىرسىتى
http://www.ui.ac.ir  ئىسفاھان ئۇنىۋىرسىتى
www.iut.ac.ir  ئىسفاھان تىخنولوگىيە ئۇنىۋىرسىتى
......

قايسى بىر تور بەتتە بىرەيلەن'' ئىرانغا چىقىپ ئوقوماقچىتىم ئەمما مەكتەپلەرنىڭ ئادرىسىنى تاپاممىدىم'' دەۋاتقان شۇڭا ئىرانغا چىقىپ ئوقوماقچى بوغانلارغا كىرەك بوپ قالا دەپ يوللاپ قويدۇم! ئىراندىكى ئۇنۋىرسىتلارنىڭ سانى مىڭغا يىقىنلىشىدۇ. يۇقىردىكىلىرى تىھران ۋە ئىسفاھاندىكى ئاز بىر قىسىم ئۇنۋىرسىتلاردىن ئىبارەت. ئەگەر كىرەك بوپ قاسا داۋاملىق يوللاپ بىرەي! ئىران ھەقىقەتەن پۇرسەت بىلەن تولغەن دۆلەت. ئوقوش ھەقسىز. ئەگەر باشقا شەرتلىرىڭىز توشسا سىز مۇسۇلمان بولسىڭىزلا ئىراندىكى مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقوش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيسىز!  

بىگان 2011-12-20 21:03
ئۇغۇ راس،ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىئەلەر،بىز سۈنئي مەزھىبىدىكىلەر ئۇ يەردە ئىبادەت مەسلىسىدە بەلگىلىك توسقۇنلۇققا ياكى ئۆز-ئارا چۈشەنمەسلىك مەسىللىرى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەب قىرىندىشىمدىن ئاڭلىشىمچە،شىئەلەر ئانچە ياخشى ئەمەسكەن.ئاڭلىشىمچە بەزىلىرى تىخى شاھادەت كەلىمىسىنىڭ ئالدىنقى يىرىمىنى دەيدىكەن،يىرىمىنى دىمەيدىكەن.
خەق بىلەن نىمە كارىڭ ئوقۇشىڭنى ئۇقۇمامسەن دىيىشىڭىز مۇمكىن،ئەمما ياقا يۇرتتا بەزى بىر ئىشلاردىن ساقلانىغىلى بولمايدۇغۇ  دەيمەن.
يۇقارقى مەكتەپلەرنى تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت،بولسا مەنمۇ ئويلشىمەن.

تارانچى5 2011-12-21 21:41
ئىران سىپى ئۆزىدىن شىئە دۆلىتى.

uyguhurogli 2012-01-03 21:26
لازىم بوپ قالا .

unqa 2012-01-03 23:53
بەك ياخشىكەن  شۇلارنى چەكلىيەلىگەندىكىن ،  قالغىنىنى ياراتقان  ئىگەم بىلدۇ .  ئۇلارنى ئۇنداق  مۇنداق دەپ پىتىنگە سەۋەب بولۇپ قالمايلى  يەنە

qiqak119 2012-01-07 21:54
نىمانداق ياخشى چەكلەشلەر بۇ .

aliya 2012-01-07 21:55
  راس . دىنىمىزدا چەكلەنگەننىڭ ھەممىسىنى چەكلەپتۇ ئىران .

jamal 2012-01-08 16:55
ئىران شۇ ئىران، قىزىققۇدەك يېرى يوق. ئۇلارمۇ شۇ ئۆزىنىڭ غېمىدە ئاران جېنىنى بېقىپ يۈرۈيدۇ. بۇ دۆلەتنىمۇ ئامېرىكا ئۇزاققا قالماي جايلىۋېتىشى مۇمكىن...


查看完整版本: [-- ئىراندا چەكلىنىدىغان نەرسىلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.065945 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us