查看完整版本: [-- دۇنيادا ئىنسانلىرى ئەڭ بەخىتلىك دۆۋلەتلەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> دۇنيادا ئىنسانلىرى ئەڭ بەخىتلىك دۆۋلەتلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muzepper 2011-12-19 06:10
                                     دۇنيادا ئىنسانلىرى ئەڭ بەخىتلىك دۆۋلەتلەر
 
    تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن 110 دۆۋلەتتە قايسى دۆۋلەت خەلقى ئەڭ بەخىتلىك دىگەن تېمىدا 8 جەھەتتىن بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا نۇرۋىگىيە، دۆۋلەت سىياسىتىدىن رازى بولۇش، خەلقنىڭ بىخەتەر ۋە پاراۋانلىغى، يىللىق كىشى بېزىغا توغرا كېلىدىغان پۇل 54 مىڭ دوللار بولۇش... قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرۈلۈش بويىچە دۇنيادا 1- ئۇرۇندا تۇردى. نۇرۋىگىيە 2009 ۋە 2010- يىللىرىمۇ 1- بولغان ئىدى. 
    بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى Forbes ژورنىلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ژورنالنىڭ مەركىزى دۇبەيدە. 2011- يىلدىكى خەلقى ئەڭ بەخىتلىك دۆۋلەتلەر تىزىملىكىدە 14 ئى ياۋرۇپادا، 3 ئى ئاسىيادا بولۇپ بۇ تىزىملىكتە ئەنگىلىيە 13- قاتاردا، گىرمانىيە 15- قاتاردا، فىرانسىيە 18- قاتاردا، سىنگاپۇر 16- قاتاردا، خوڭكوڭ (شانگاڭ) 19- قاتاردا ۋە تەيۋەن 20- قاتاردا تۇرىدىكەن.
   تۈركىيە بولسا يىللىق كىشى بېشىغا 14 مىڭ دوللار بىلەن بۇ تىزىملىكتە 75- ئۇرۇندا تۇرىدىكەن.
    نۇپۇسىنىڭ پەقەتلا 30% ئى ساۋاتلىق بولغان، ئىشسىزلىق نىسپىتى يۈزدە 20% بولغان پاكىستان بولسا خەلقى ئەڭ بەخىتسىز دۆۋلەتلەر تىزىملىكىدە 3- قاتاردا يەر ئالدى.
    بۇ تىزىملىك بويىچە دۇنيادا خەلقى ئەڭ بەخىتلىك بولغان 10 دۆۋلەت تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە-
1- نۇرۋىگىيە
2- دانىيە
3- ئاۋۇستىرالىيە
4- يېڭى زىللاندىيە
5- شىۋىتسىيە
6- كانادا
7- فىنلاندىيە
8- شىۋىتسارىيە
9- گوللاندىيە
10- ئامىركا
 
    دۇنيادىكى خەلقى ئەڭ بەخىتسىز 10 دۆۋلەت بولسا
1- ئورتا ئافرىقا جۇمھۇرقيېتى
2- زىمبابۈۋى
3- ئېپىئوپىيە
4- پاكىستان
5- يەمەن
6- سۇدان
7- نېگىرىيە
8- موزامبىك
9- كېنىيە
10- زامبىيە لەر ئىكەن.
 
    لائۇس، كۇبا ۋە شىمالى كۇرىيە ھۆكۈمەتلىرى خەلقىنىڭ بۇ ئانكىتكە قوشۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىغى ئۈچۈن تىزىملىككە كىرگۆزۈلمىدى.
    تۆۋەندىكى نۇرۋىگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىن بىر كۆرۈنۈش 
  

[attachment=13999]

http://www.habervitrini.com/

ئابدۇرەھىمجان 2011-12-19 10:41
中国

gherip 2011-12-19 11:46
بىزنىڭ دۆلىتىمىز قانداقتۇ  

nida0998 2011-12-19 13:11
قايسى مەملىكەتنىڭ پاراۋانلىقى ياخشى بولسا شۇ بەخىتلىكمۇ ؟
..........................بۇ  ھەرقانداق ئىشنى ماددى مەنپەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قارىشى،

...................................................................................................................................
ئاللاھ ھەممىمىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە   بەخىتلىكلەر قاتارىدىن قىلسۇن..........!

aliali 2011-12-19 16:10
بەخت ئىمان نۇرىغا تويۇنغان قەلىبتە!

abdullajan 2011-12-19 17:32
پۇلى كۆپ بولسىلا بەختلىك ھېسابلىنامدىغاندۇ!؟ بۇنى بەخت تەرتىپى دېمەي پاراۋانلىق تەرتىپى دېسەك بولغىدەك.

xarifa 2011-12-19 17:52
دۇنيا ئنسانلىرى ئەڭ بەخىتلىك دۆلەتلەر؟؟؟
ھەقىقىي بەخىت دىگەن نىمە؟ دۇنيا ئىسانلىرى  نىمە بىلەن بەخىتلىك بۇلىدۇ؟
نىم
بۇسۇئالغا جاۋاب بەرگۈچىنىڭ قەلبىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن بىردىغان جاۋابمۇ ئوخشىمايدۇ.
اللە بىزلەرنى بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى،ئۇنىڭ نىمە بىلەن بۇلدىغىننى، ئەڭ چوڭ بەخىتنىڭ زادى نەدە ئىكەنلەكىنى چۈشۈندىغانلاردىن ھەم شۇنىڭغا  شەكسىز ئىشىندىغانلاردىن قىلسۇن! ئامىن!

.boran 2011-12-19 19:00
دۇنيا  بۇيۇنچە  1- باي دۆلەت لىيۇكسۇمبۇرۇگ.2010- يىلى كىشى  بېشى كىرىمى 104 دوللار  3- باي دۆلەت قاتار 74 مىڭ دوللار  بىلەن ئالدىنقى  10 نىڭ ئىچىگە  كىرەلمەپتۇ   قارغاندا  پۇللا بولسا بەخىتلىك بۇللالمايدىغان ئوخشايدۇ
http://bbs.classic023.com/thread-1240185-1-1.html

ohho~duqu 2011-12-20 00:04
دۇبەي بىلەن ئەرەبچۇ ؟

مىسكىن 2011-12-20 11:58
بىز قايسىسىغا تەۋە؟

abduwali123 2011-12-20 18:03
شەيتان ۋە ئۇلارنىڭ شاگىتلىرى قانچىلىك كۈچلۈك بولسۇن ئۇ قۇرئان نۇرى ئاستىدا شۇنچىلىك بىچارە ۋە زەئىپ نەرسە خالاس


查看完整版本: [-- دۇنيادا ئىنسانلىرى ئەڭ بەخىتلىك دۆۋلەتلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.069088 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us