查看完整版本: [-- ئۇيغۇر توي سۈرەتلىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش -> ئۇيغۇر توي سۈرەتلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arslantikin 2011-12-18 23:15
ئۇيغۇر توي سۈرەتلىرى
جاندىن كىچەر ئۇيغۇرەك چوڭچىلىقتىن كەچمەيدۇ
يىقىلسىمۇ ئىگەەردىن ، ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيدۇ
ئاۋىيكەشلىك چوڭچۇلۇق  بوۋىلاردىن ئىرسىيەت
ئىسقىرتمىسا ئۇيغۇردا  ئىشەكمۇ سۇ ئىچمەيدۇ
بىلىدىغانلار تارىتقان سۈرەت
ھەشەمەتلىك تويلارنىڭ ئارقىسىدا زىل سودا
ھىساپ كىتاپ بەكمۇ چىڭ تىك تۇرىشار بىر مودا
سوۋغات ئاتلىق ھاشالار گويا ئىشەك سودىسى
رىستۇراندا ئىسراپلىق ئولتۇرۇشمۇ ھەم  مودا
قۇدىلار تارىتقان سۈرەت
بەك قورقايمىز قۇدامدىن قورىقمايمىز خۇدادىن
ئۆيگە قۇدام كەپ قالسا چوڭ ئادەم يوق ئۇلاردى
ئۆغۇل ئۆيلەش غەم ئۆزى ،ئاھانەتتۇر قىز بىقىش
ئىغىر كەلدى ئەجەپمۇ قۇدام بىلەن تەڭ چىقىش
مىھمانلار تارىتقان سۈرەت
ھالى ئۈستۈن كۆڭلى پەس بۇلۇر تويدا ئاغچىلار
داغۋازلىققا جۆر بولۇپ سايراپ كىتەر سازچىلار
ئۇدا بولۇپ قۇدىلار سقىپ  ھەمدە سىقىلىپ
ئۇزاتقۇچە بىر توينى يۈرەك باغىرى قاغجىرار
ساھىپخان تارىتقان سۈرەت
جىدەل چىقار زەللىدە بىر تۇخۇم كەم ئىلىنسا
ياكى قۇدا ئاغچامغا كۆرپە بىر قات سىلىنسا
ھەتتا تاۋۇز قوغۇنلار نىپىز قىلىن تىلىنسا
بۇزار شۇ ئان سورۇننى پايدىسى يوق يىلىنسا
ئەلچى تارىتقان سۈرەت
ئۆزەم قوشۇپ قاتارغا ئۆز بالامدەك باقىمەن
يىشى كىچىك ؟ مەيلىغۇ مەنمۇ ئاڭا ئاتىمەن
بارغان چاغدا قىز سوراپ ۋەدە دىگەن بىكارلىق
ئەر خوتۇن قىپ ئوقۇتاي دەپمۇ ئويلاتىمەن
تۇققانلار تارىتقان سۈرەت
كۈيە ئوغۇل يۈرەكنى يەپ كىتىدۇ گەپ تىرىپ
كىلىن خىنىم گەپ توشار ھەر كەلسە گەپ ئەپكىلىپ
ئىش تۈزەلمەس قۇدىلار  مۇڭداشمىغاچ  ئازادە
ئەگمەس قاتتىق گەدەننى گەر  ئۆلسىمۇ يەنچىلىپ
ئاغىنىلەر  تارىتقان سۈرەت
پو ئاتىدۇ يىگىتلەر دوستلىرىغا چوڭچىلاپ
ئىگە ئەمەس خوتۇنغا باشتىن ئاياغ ئوڭچىلاپ
قەينانىلار چىقىشماي بۇزار توينى  قانچىلاپ
ھەر ھەپتىدە كىلىنلەر ئىپ كەلسىمۇ خونچىلاپ
كىلىن تارىتقان سۈرەت
بىر كىلىننىڭ ئۈستىدە ئالتە كىشى بۇيرۇقۋاز
گۆركىرەيدۇ كۈيئوغۇل  قىيىن سىڭىل كىلىپ ئاز
ئانا بىلەن خوتۇننىڭ ئارسىدا يىگىت ماز
چىدىماستىن ئەلەمگە دىيىشمەكتە ئەييۇھەنناس
ھامما-تاغىلار تارىتقان سۈرەت
بىر كىلىننى پاتۇرماق قىيىن ئىشتۇر ھەممىدىن
ئۆينى ئايرىم تۇت دىيىش تىخى ئۆتمەس كاللىدىن
كىلىن تىخى بىچارە يىگىتكىمۇ نە چارە
قىيىن ئانا جاپاكەش يا چۈشەلمەي پەللىدىن
چوڭلار تارىتقان سۈرەت
گۈزەرلەردە  ئەركەككلەر مەيدىسىگە مۇشتلىشىپ
گىپىمىز گەپ دىيىشەر ئەركەككلىكتە بەستلىشىپ
ئۆيگە كىرسە ئاخشىمى ۋەھى چۈشۇپ خوتۇندىن
تۈگۈلىدۇ  كىرپىدەك  سورۇندىمۇ سەتلىشىپ
دوست دۇشمەنلەر تارىتقان سۈرەت
نىمە قىلار شۇ ئەركەك خوتۇن ئىلىپ ئۆي راستلاپ
نىمە قىلار شۇ ئانا ئوغۇل بىقىپ قىز ئاسراپ
نىمە ئانچە چوڭچىلىق كىچىك باشقا چوڭ دوپپا
چىدىغانغا چىقارغان دىگەن ھىكمەتنى تاشلاپ
خوشنىلار تارىتقان سۈرەت
كىرەر چاغدا خان كىلىن پاياندازدا ھەشەمەت
ئانىسىدەك مىھرىبان قىين ئانا كارامەت
ھەپتە ئۆتسە بولىدۇ   قىين ئانا جادىگەر
مائاشى يوق مالاي بوپ باشلىنىدۇ  قىيامەت
قىين ئانا تارىتقان سۈرەت
يىغلاپ كەلسە قىزلىرىم  كۆزۈمدە ياش ئەگىيدۇ
بۇيرۇق قىلسام كىلىنگە يۈرەكلىرىم سەگىيدۇ
تارازىمىز تەڭپۇڭسىز چۈشەنمەيمىز شۇڭىمۇ
قىزىم تىخى كىچىكقۇ؟ كىلىن نىچۈك ئەركىيدۇ؟
ئوتتۇرا ياشلىقلار تارىتقان سۈرەت
ئاتىلاردىن ئاغرىندۇق ،ئەمما بىزمۇ شۇ يولدا
قايان ماڭدى ئۆرپىمىز ، ئىيمان قالدى ئوڭ سولدا
يىڭى دەۋر مۇئمىندىن تەلەپ قىلار دادىللىق
تۇتاي دىسەڭ شەرىئەت ھەشەملەردىن نە پايدا
موللام  تارىتقان سۈرەت
زىياپىتى ھارامدۇر بەسلىشىپ توي قىلغاننىڭ
ئاران تاپسا ئىككى نان بىرىدە داپ چالغاننىڭ
نەرى ئۇيغۇن ئايەتكە ھاشا سىلىپ توي قىلىپ
بەرگەن چاغدا  قىل بىرىپ ئارغامچا قىپ ئالغاننىڭ
خاتىمە
چىندىل بىلەن ئويلانغىن قىلمىشلىرىڭ توغرىمۇ
ئۆرپى ئادەت شەرئىدىن يا ئايرىلىپ قالدىمۇ
ئاچچىق بولۇر نەسىھەت رەنجىمىگىن دوستۇڭ مەن
كۆيۈنگەچكە شۇنچىلىك دەپ قويغۇنۇم بولدىمۇ
مەنبە ساقيە تورى


pidakar0999 2011-12-19 09:55
ناھايتى ئورۇنلۇق قامچىلاش بوپتۇ، جەمىيتىمىزدە بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت، مۇشۇنداق  ئىللەتلەرنى يۇققۇتۇش ئۈچۈن قۇدرىتىمىزنىڭ يېتىشچە كۈچ چىقىرىشقا  توغرا كىلىدۇ...

zero903 2011-12-19 15:43
ئاغرىنىش ئاغرىنىش  يەنە ئاغرىنىش

بىگان 2011-12-19 16:36
ئۆزىمىزدىن باشلىساق كىيىنكىلەر تۈزىلىپ كىتىدۇ

xahruh 2011-12-19 18:33
ۋويجون ،،،كىمنىڭ توي سۈرىتىكەن دەپ يۈگىرەپ كىرسەم ،،،،،،،،،،،،،،،،،
قېنى سۈرەت ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

uyghur0998 2011-12-19 21:19
ھى ھى ھى ھى   ئالامەت  ئالامەت ..ئاپىرىن

wijdan3 2011-12-20 03:04


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر توي سۈرەتلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059359 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us