| 
 ئەجەپ بەك ئۇلۇغكەن بۇ   ئىلىم دېگەن ،
  ھەر زامان ھەر يەردە ھەمراھ بۇلۇركەن ،
  نەدە بول شەنىڭنى ئۈستۈن قىلۇركەن ،
  مال- دۇنيا كەتسىمۇ يەنە قالۇركەن ،
  شۇنداق بەك ئۇلۇغكەن بۇ   ئىلىم دېگەن .
   
  مەيلى سەن كەتسەڭمۇ يىراق- يىراققا ،
  ھەتتاكى بولساڭمۇ جەنۇب قۇتۇپتا ،
  ۋە ياكى چۈشسەڭمۇ ئېغىر قاماققا ،
  شۇچاغدا ئايلىنۇر ئۇ   بىر قاناتقا ،
  شۇنداق بەك ئۇلۇغكەن بۇ   ئىلىم دېگەن .
   
  ھېچقانداق بىركىشى سېتىپ ئالالماس ،
  بەرسىمۇ مىڭ تىللا ۋە ياكى ئالماس ،
  قىيامەت كەلسىمۇ سەندىن ئايرىلماس ،
  مەھبۇبۇڭ بولسا گەر ئۇنچىلىك بولماس ،
  شۇنداق بەك ئۇلۇغكەن بۇ ئىلىم دېگەن .
   
  پايدىسىز كىيسەڭمۇ بېشىڭغا سەللە ،
  قۇرئاندىن بىلمىسەڭ كىچىك بىر سۈرە ،
  ئىلىمسىز قىلىنغان تائەتتىن كۆرە ،
  گەر ئۇخلار بىلىملىك ساۋابى ئۆرە ،
  شۇنداق بەك ئۇلۇغكەن بۇ ئىلىم دېگەن .
   
  ئىلىمدۇر روھىڭغا مەنىۋى ئۇزۇق ،
  قىلغىنكى ئەمەلنى ئۇنىڭغا قۇزۇق ،
  مەرىپەت بولمىغان قەلىبدۇر بۇزۇق ،
  ئىلىمسىز ئىبادەت قۇرۇقتۇر قۇرۇق ،
  شۇنداق بەك ئۇلۇغكەن بۇ   ئىلىم دېگەن .
   
  ئالىمدۇر ئالەمگە قىلىنغان زىننەت ،
  ئۇنىڭدىن دۇنياغا  يېتەر ئاسارەت ،
  قۇرت- قۇڭغۇز،قۇشلارمۇ كۆرگەچ ساخاۋەت،
  ئىستىغفار تىلەركەن ئاڭا داۋامەت ،
  شۇنداق بەك ئۇلۇغكەن بۇ ئىلىم دېگەن .
   
  2007 - 7 - 7  ھەلەب شەھىرى  - سۈرىيە
  ئاپتور : مەدىنە مۇنەۋۋەر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتى ئوقۇغۇچىسى.
   مەنبە:ساجىيەتورى.
 
  |