查看完整版本: [-- ئامما نەزەربايېفنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> ئامما نەزەربايېفنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

zero903 2011-12-18 15:02

ئامما نەزەربايېفنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى
 
قازاقىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى جاناۋزېن شەھىرىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. نۇرغۇن ئامما ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، 20 يىلغا يېقىن ھوقۇق تۇتقان قازاقىستان پرىزدېنتى نەزەربايېفنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىقتا ئاز دېگەندىمۇ ئون ئادەم قازا قىلغان.
                  
  قازاقىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان جاناۋزېن شەھىرى مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، جۈمە كۈنىدىكى قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقى ۋە روسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى تىكلەنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، مىڭغا يېقىن ئامما بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، قارشىلىق ئاخىرى قۇراللىق ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىقتا ئاز دېگەندىمۇ ئون كىشى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. نېفىت ئىشچىلىرى تاياق-توقماق ۋە كۆيدۈرگۈچ بومبا بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئامما يۇقىرى ئاۋازدا ‹نەزەربايېف تەختتىن چۈشسۇن!› دەپ ۋارقىراشقان، نامايىشچى ئامما كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن، روژېستىۋا دەرەخلىرىنى ئۆرۈپ تاشلىغان، كېيىن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئوق چىقىرىپ تىنجىتىشى بىلەن توپىلاڭ بېسىققان. خەۋەر ئېلان قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا، قازاقىستاندا تېلېگرامما ۋە ئالاقىلەر پۈتۈنلەي توختىغان.
  روسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، نەزەربايېفنىڭ ھوقۇق تۇتقىنىغا 20 يىل بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئۇدا ھوقۇق تۇتۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇننى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ، ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنى ھەدەپ باسقان. بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. (خالىسە ئەھمەد)


 

مەنبە.ئوكيان تورى

turan 2011-12-18 17:11
ئەجابا بۇمۇ <<يېشىل ئىنقىلاپ>>مىدۇ؟

urumqi 2011-12-18 17:21
قازاق باھارى بولسا كېرەك !؟  قېرىنداش قازاقلىرىمىزنىڭ تېنچلىقىنى تىلەيمەن .

amanxa 2011-12-18 18:40
توغرا قازاق باھارى، ئۇنداق ئۇزۇن ھوقۇق تۇتۇشنىڭ پايدىسى يوق.

akbar886 2011-12-18 18:47
ئادالەت ھەققانىيەت  ھەممىدىن ئۇستۇندە

qiqak119 2011-12-18 20:07
قازاقىستانلىقلار يەنىلا ئەركىنكەن . دۆلەت باشلىقلىرىنى تەخىتتىن چۈشسۇن دەپ نامايىش قىلالايدىغانلار يەنىلا ئاز .

ئۆركەش 2011-12-18 20:34
شۇ شۇ .....

داستان 2011-12-18 20:59
قازقستاندا بولغا قالايمىقانچىلىققا ايىت خابرلار ، كورىپ قويىڭلار ،

پاراز قىلشىمشا قالايمىقانچىلىقنى  راديكال دوپ ماقساتلىق وزنالاشتىرۇپ ىشلەگەن ، ازىر دۇنيەنىڭ امى يەرىندە مۇنداق قالايمىقانچىلىقنى  قاپلاپ كەتتى ، راديكال توپ ماقساتلىق قازاقستاندا قالايمىقانچىلىقنى شىقىرىپ نەزەربايېفننى اغدارىپ قازقستان قوغامىندا قالايمىقانچىلىقنى شىقىرماقشى ، بىراق  وغان  قازقستان خالىقى استە يول قويمايدۇ ..

eltabir9 2011-12-18 21:32
داۋاملىق كۈزتىمىز

saifulla 2011-12-18 21:40
tunugun  yollangan filimni obdan anglisangla  namixqilarnig  ALLA HU AKBAR dap tow ligini anglinidu. dikkat kilip anglimisangla angliyalmaysila

zero903 2011-12-18 21:40
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى داستان نىڭ 2011-12-18 20:59 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قازقستاندا بولغا قالايمىقانچىلىققا ايىت خابرلار ، كورىپ قويىڭلار ،

پاراز قىلشىمشا قالايمىقانچىلىقنى  راديكال دوپ ماقساتلىق وزنالاشتىرۇپ ىشلەگەن ، ازىر دۇنيەنىڭ امى يەرىندە مۇنداق قالايمىقانچىلىقنى  قاپلاپ كەتتى ، راديكال توپ ماقساتلىق قازاقستاندا قالايمىقانچىلىقنى شىقىرىپ نەزەربايېفننى اغدارىپ قازقستان قوغامىندا قالايمىقانچىلىقنى شىقىرماقشى ، بىراق  وغان  قازقستان خالىقى استە يول قويمايدۇ ..



ھىلىمۇ نۇرسۇلتان نەزەر بايېفقا 20يىلدىن ئاشتى  بۇرادەر..

almiliq 2011-12-18 21:41
<< ئۇ ئۇدا ھوقۇق تۇتۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇننى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ، ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنى ھەدەپ باسقان....>> دىيىلگەن سۆز سەل كۆپتۈرۈلدىمۇ قانداق؟

bilig 2011-12-18 22:41
تىنىچلىق بولسۇن  ئادالەت ئۇزۇلمىسۇن!

tongtur70 2011-12-19 12:14
بەلكىم بۇمۇ دىمگىراتىيە يولدىكى ئىزدىنىشنىڭ نەتجىسدۇر.قازاقىستاندىكى قازاق قېرىنداشلاردىن نەزەربايىۋ زۇڭتۇڭدىن باشقا زۇڭتۇڭ بولغىدەك قېرندىشمىزمۇ باردۇر؟ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇريەتلىرى ئىچىدە قازاقىستان ئەڭ تېنىچ،ھەم تەرەققىياتى تېز بولدى.بۇنۇڭدا نەزەربايىفنىڭ تۆھبىسى زور ،ئەلۋەتتە.بىراق،20يىلغىچە ھوقۇق ئالماشمىسا چوقۇم مۇستەبىتلىك پەيدا بولدۇ. بولۇپمۇ داھىيلارنىڭ يېشى چوڭايغاندا «ئالجىپ»قېلشىدىن ساقلنغىلى بولمايدۇ.  ماۋ  ئەپەندىمۇ شۇنداق بولمىدىمۇ؟
بىگۇناھ ئاممنى ئاللاھ ئامان قىلغاي.

.boran 2011-12-19 19:44
ھېلىمۇ تەخىتىن  چۇشمەيدىكەن  بۇ يۇزى قېلىنلارنىڭ  

kuwruk 2011-12-19 19:53
زۇڭتۇڭ نەزەربايۇف قابىلىيەتلىك رەھبەر ،،لىكىن ھاكىمىيەتنى ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن كۇنتۇرۇل قىلۋالغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،،،

520ahsa 2011-12-19 19:55
زورو903 بىرادەر باش سۈرتىڭىزنى خاپا بولماي ئالماشتۇرۋىتىڭ بۇلامدۇ؟ مەن ئۇزۇن بولغان ئىشلىتىپ كىلۋاتقىلى .

zero903 2011-12-19 20:19
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى 520ahsa نىڭ 2011-12-19 19:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
زورو903 بىرادەر باش سۈرتىڭىزنى خاپا بولماي ئالماشتۇرۋىتىڭ بۇلامدۇ؟ مەن ئۇزۇن بولغان ئىشلىتىپ كىلۋاتقىلى .

ياق

كوكتاس 2011-12-20 17:37
تۇن ۇزارسا تۇس كوبەيەدى دەگەندەيىن..راسىندا 20 جىل دەگەنىڭز از با؟


查看完整版本: [-- ئامما نەزەربايېفنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.053936 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us