查看完整版本: [-- كونسۇلخانىغا ئوق چىقارغۇچى شاڭخەيلىك ئىكەن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> كونسۇلخانىغا ئوق چىقارغۇچى شاڭخەيلىك ئىكەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

zero903 2011-12-18 14:59


مەنبە.ئوكيان تورى
كونسۇلخانىغا ئوق چىقارغۇچى شاڭخەيلىك ئىكەن
 
  يەر شارى تورى خەۋىرى: ۋاشىنگتون ساقچى دائىرىلىرى 16-دېكابىر لوس-ئانژېلېس كونسۇلخانىسىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان كىشىنىڭ ئىلگىرى قەستەن قاتىللىق جىنايىتى ئەيىبلەنگەن شاڭخەيدىن كەلگەن 67 ياشلىق بوۋاي ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

 

 
  فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىشىلىچە، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىسمى جاڭ باۋلياڭ بولۇپ، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن. شۇ كۈنى ئۇ كونسۇلخانىغا قارىتىپ ئوق چىقارغاندىن كېيىن، ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان ۋە ئۈچ سائەتتىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭ ئېغىز دىئامېتىرى 9 مىللىمېتىر كېلىدىغان تاپانچىسىنى مۇسادىرە قىلغان ۋە قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
  خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاڭ باۋلياڭ ھازىر لوس-ئانژېلېستا ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ھارپىسىدا ئىكەن. (خالىسە ئەھمەد)


kelem 2011-12-18 17:51
بۇ زەدىروشكىنى  دۆلىتىمىزگە ئەكىلىپ سوتلاش كېرەك!!!!

qiqak119 2011-12-18 20:10
ساراڭنىڭ قاتىلىكەنغۇ بۇ شاڭخەيلىك . قىلىدىغانغا ئىشى يوق ئوخشايدۇ . ياكى بولمىسا جاندىن تويۇپتۇ .


查看完整版本: [-- كونسۇلخانىغا ئوق چىقارغۇچى شاڭخەيلىك ئىكەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054173 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us