ئانا مەكتەپتە قالغان<ئىز> ناتونۇش بولساقمۇ بىز بىر ئىدى ئۇشبۇ كۆڭلىمىز، ئۆتتى يىللار تىزلىكتە ھەم قالدى نادان سەبي ئەسلىمىز، ئىزگۈ ئارزۇلار بىلەن ئۆتتى ھە ربىر كۈن ۋە تۈنىمىز، ئۆگىنىش ۋەجى ھەم ئاچچىق ساۋاقتا تاۋلاندى قەلبىمىز، ئۇستاز مىھرى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۇزاردى سەۋرىمىز، بىلىم بىرلە ھاسىل بولدى كەلگۈسى مۇراد-مەقسىدىمىز، كۆرسەتتى ئۇ* يەنە ئەبەدىي ھىدايەت يولىمىز، مىڭ رەھمەتلەر ياغدۇرساقمۇ ئاز كىلۇر تەشەككۇرىمىز، ناتونۇشلار ئارىسىدا باغلاندى دوستلۇق رىشتىمىز، قالدى ئىلم-ئىرپان ماكانىدا خۇشاللىق ئەسلىملىرىمىز، بولسىمۇ گەر دەرت-ئەلەم گاھى ئازاپلىرىمىز، ئىېزىلمەكتە ئەمدىلىكتە پىغاندا يۈرەگىمىز، ئايرىلماقتا بىز ئاقماقتا تارام-تارام كۆز ياشىمىز، توسۇشقا نە چارە يوقتۇر ھىچ ئامالىمىز، چۈنكى ئەتە ياكى ھامان بىر كۈن ئايرىلۇرمىز، جۇدالىقتا پىغان بىلەن ھەسرەت چەكمەكتىمىز، مەيلى بۇ شەھەر ياكى چەتئەللەردە بولساقمۇ ھەربىرىمىز، ھامان كۆرۈشكەيمىز تۇتساقلا قەلبىمىزنى پاك غۇبارسىز.
ئىلىم-ئىرپان سورىنىدا ھەمسۆھپەت بولغان ساۋاقداشلىرىمغا ۋە ئىلىم بەرگەن ئۇستازلارغا بىغىشلايمەن. -يەكزىيا 2007-يىلى 9-ئاي ئۈرۈمچى
|