查看完整版本: [-- 100 شەھەردە ئۆي باھاسى ئۇدا ئىككى ئاي تۆۋەنلىدى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> مەمىلكەت خەۋەرلىرى -> 100 شەھەردە ئۆي باھاسى ئۇدا ئىككى ئاي تۆۋەنلىدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

almiliq 2011-12-17 15:26
جۇڭگو ئۆي-زېمىن كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنىڭ يۈز شەھەرنىڭ ئومۇمىي نۇسخا تەكشۈرۈشىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2011-يىل 10-ئايدا، مەملىكەت بويىچە 100 شەھەردە ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ 8856 يۈەن بولۇپ، 9-ئايدىكىدىن %0.23 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 40 شەھەرنىڭ باھا ھالقىما سېلىشتۇرمىسى ئۆرلىگەن، ئىككى شەھەردە ئۆي باھاسى 9-ئايدىكىگە ئوخشاش بولغان، 58 شەھەرنىڭ ھالقىما سېلىشتۇرمىسى تۆۋەنلىگەن. ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئايدا باھا ھالقىما سېلىشتۇرمىسى تۆۋەنلىگەن شەھەرلەر 9-ئايدىكىدىن 14ى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلتۇر 8-ئايدىن بۇيانقى باھا ھالقىما سېلىشتۇرمىسى تۆۋەنلىگەن شەھەرلەر ئەڭ كۆپ بىر ئاي بولغان، ھالقىما سېلىشتۇرمىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %1تىن يۇقىرى بولغان شەھەردىن 11ى بار بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن بىرى كۆپەيگەن. بۇلتۇر 10-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، مەملىكەت بويىچە 100 شەھەردىكى ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى %5.21 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.95% پوئېنت تۆۋەنلىگەن. بۇ يېقىنقى تۆت ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 80 شەھەردە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %10تىن ئاشمىغان؛ نىڭبو، بېيخەي، خەيكۇ، خاربىن، سۇجۇ قاتارلىق بەش شەھەردە ئۆي باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئومۇمەن %5تىن ئاشمىغان.

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىتۇرۇشتىن قارىغاندا، ئون چوڭ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى %2.44 ئاشقان بولۇپ، بۇلتۇر 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ۋۇخەن، گۇاڭجۇدا ئېشىش نىسبىتى %5تىن %10كىچە، شېنجېن، چېڭدۇ، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي ۋە نەنجىڭدا ئېشىش نىسبىتى %1تىن %5كىچە بولغان؛ خاڭجۇدا ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، %0.18 بولغان.
مەنبە: http://uyghur.cntv.cn/20111207/109734.shtml

رەسسام 2011-12-17 17:46
تۇۋەنلەش كىرەك،،،ئۇي باھاسىنىڭ ئۇنداق ئاسمان -پەلەك ئۇرلەپ كىتىشى نۇرمالسىزلىق ئىدى،،،،

urkax5 2011-12-17 18:48
چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ سوغات سۈپىتىدە ئېگەللىۋالغان ئۆيلىرىنى ئىنىقلاپ چىقىدىغان بولسا ئۆي باھاسى تېخىمۇ چۈششى مۈمكىن!

ئەلى 2011-12-17 19:42
شۇڭازە  ئۆي-زېمىن سودىگەرلىرىنىڭ ھالى  سەل خارابلىشىپ  قاپتۇدە ،


查看完整版本: [-- 100 شەھەردە ئۆي باھاسى ئۇدا ئىككى ئاي تۆۋەنلىدى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049074 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us