查看完整版本: [-- «قۇرئان»نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى لەنجۇدا بايقالدى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ساياھەت كۆڭۈل ئېچىش -> «قۇرئان»نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى لەنجۇدا بايقالدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

boxluk 2011-12-17 13:48
«قۇرئان»نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى لەنجۇدا بايقالدى



شىنخۇا تورىنىڭ 12-ئاينىڭ17-كۈنىدىكى خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ لەنجۇ ئونىۋېرستېتى ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىدىن ئىگەللىشىچە، بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىتى ھۆججەت-ماتىرىياللىرىنى رەتلەش جەريانىدا،«قۇرئان»نىڭ 1912-يىلى تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە نۇسخىسىنى بايقىغان.بۇ دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ.
  لەنجۇ ئونىۋېرستېتى ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دىڭشىرېننىڭ دەلىللىشىچە، بۇ قېتىم بايقالغان تەرجىمە نۇسخا لەنجۇلۇق شاجۇڭ ۋە مافۇلۈ قاتارلىق ئىككى ئاخۇن تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن.بۇ كىتابنىڭ ئىسمى«ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى قۇرئاندىن تەپسىلىي چۈشەنچە»بولۇپ،بۇ ئىككىيلەن داڭلىق ئەرەب تىلى خەتتاتلىرى ئىكەن.1909-يىلىدىن باشلاپ ،شىياۋجىڭ خەت شەكلىنى قوللىنىپ ،قۇرئاننى تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان.1912-يىلى رەمزان ئېيىنىڭ ئۈچىنچى جۈمە كۈنى تەرجىمە خىزمىتىنى تاماملىغان.شاجۇڭ ئاخۇن ئۈچ نۇسخا كۆچۈرۈپ لەنجۇدا تارقاتقان.1989-يىلى شاجۇڭ ئاخۇننىڭ ئىز باسارلىرى بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى ئۈچ توم كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ،غەربىي شىمالدا تارقاتقان.
   لەنجۇ ئونىۋېرستېتى ئىسلام مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دىڭشىرېننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۆلچەملىك دىننىي ئاتالغۇلار ئىشلىتىلىپ،قۇيۇق لەنجۇ شىۋىسى قوللىنىلغان.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا،گەنسۇدىكى ئاخۇنلار قۇرئاننى ئۈچ قېتىم تەرجىمە قىلىپ چىققان.ئۇلار ھازىر بۇ ئۈچ تەرجىمە نۇسخىسىغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەش ۋە تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.
ئىسلام دىنى جۇڭگوغا كىرگىنىگە 1300يىلدىن ئاشتى.خېلى ۋاقىتلارغىچە «قۇرئان»خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنماي كەلگەن.مىڭ چىڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلار ئەستايىدىل،ئېھتىياتچان ھالدا خاتا تەرجىمە قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ «قۇرئان»نى تەرجىمە قىلمىغان.ئەڭ بۇرۇنقى تەرجىمە نۇسخىسى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن.خەنزۇ ئۆلىما تىيېجېڭ تەرجىمە قىلغان نۇسخا 1927-يىلى نەشر قىلىپ تارقىتىلغان.1931-يىلى خەنزۇ ئۆلىما جىجۆمى تەرجىمە قىلغان «قۇرئاننىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى» دېگەن كىتابى تارقىتىلغان.مۇسۇلمان ئۆلىما ۋاڭجىڭجەينىڭ «قۇرئاننىڭ تەرجىمىلىك چۈشەندۈرۈلۈشى»دېگەن كىتابىنىڭ ئا نۇسخىسى 1932-يىلى نەشردىن چىققان.ماجېنۋۇ 1979-يىلى تەرجىمە قىلىشنى باشلىغان نۇسخا 1994-يىلى تاماملانغان.
, مەنبە:[news.ifeng.com
http://news.ulunix.com/showhw.asp?hwid=11371&hwsid=6

ohho~duqu 2011-12-17 16:28
بۇ چوقۇم ھونلاردىن قالغان

lawiy 2011-12-17 17:03
خوراز دىكى   خو

abdullajan 2011-12-17 17:07
نىمە دەيدىغانسىز، دۇچۇ، بۇنىڭ ھونلار بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى؟!

aliali 2011-12-17 18:15
ئاۋۇ سۈرۈت点读笔نىڭ ئېلانىمۇ يا؟  چاققاق.

خەنزۇ ئۆلىما دىيىلگىنى مۇسۇلمانمىدۇ ياكى ئەگەر مۇسۇلمان بولمىسا (ئۆلىما) نى (تەرجىمان) دەپ ئالساق مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

تارانچى5 2011-12-21 21:50
ئۇيغۇرچىگە مۇھەممەت سالىھ  ئەپەندىم قىلغان.


查看完整版本: [-- «قۇرئان»نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى لەنجۇدا بايقالدى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.053157 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us