查看完整版本: [-- ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىندىشىمىزغا ياردەم --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىندىشىمىزغا ياردەم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ahmad 2011-12-16 23:52

روزىھاجى تۇرسۇن 2011- يىلى 10- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراش سەۋەبلىك، نەق مەيداندىلا ئىككى پۇتىنىڭ گۆشلىرى تىتىلىپ، سۆڭەكلىرى سۇنۇپ كەتكەن. ئىككى پۇتىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن، پۇتلىرى يوتىسىدىن كېسىۋېتىلگەن. ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىدا داۋالانماقتا. روزىھاجى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىلى 50 نەچچە كۈن بولغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر پۈتۈن بىساتلىرىنى سېتىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، يارا ئېغىر بولغانلىقتىن، تېخىچە ياخشى بولۇپ كېتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى داۋالىتىشقا پۇل يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، دوختۇرخانا داۋاملىق داۋالىتىشنى توختىتىپ قويغان، ھازىر پۇتىنىڭ كېسىلگەن يېرى يېرىڭداپ كېتىۋاتماقتا. بۇ كېسەل ۋاقتىدا داۋالىتىلمىسا ئاقىۋىتى ناھايتتى خەتەرلىك.

دۇنيا مېھىر- مۇھەببەت بىلەن تولغان، ھايات_ قېرىنداشلارنىڭ ھېسداشلىقى، سەمىمىي دوستلىقى، مىننەتسىز ياردىمى بىلەن ئىللىق بولۇپ كەلگەن. ئىنسان ئىنسانغا موھتاج بولمىسۇن. ئەمما، ئىنسان ئىنسانغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، يىقىلغانلارنى يۆلەپ قويۇش، سەكراتتا ياتقان، قىممەتلىك ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن قاراۋاتقان ئاجىزلارغا يار- يۆلەكتە بولۇش ئەڭ ساۋابلىق ئىشتۇر ۋە ئىنسانىي پەزىلەت، بۇرۇچتۇر!

ئەي قېرىنداشلار، مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇرلار، كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ئەنە بىر قېرىندىشىمىز سەكراتتا ئىكەن. تېخى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن بىر ئوغلانىمىز ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدا جان تالىشىۋېتىپتۇ. جان ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، بىز بەندىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى پەقەت نىجادلىق تىلەش ۋە ئىمكانىيتىمىزنىڭ بارىچە سەۋەب قىلىش ئىكەن. مۇشۇ قېرىندىشىمىزغا بىر ياردەم قىلايلى. كوچىلىرىمىزدا ساختا مۇراجىئەتنامىنى كۆتۈرىۋېلىپ تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغانلار كۆپەيمەكتە. بىز ھەقىقىي ياردەمگە موھتاج بولىۋاتقانلارنى پەرقلەندۈرەيلى، بۇ مۇراجەتنامىنى كۆرگەن ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ، ھاياتقا تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر ياش يىگىتكە ياردەم قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمىز.

خالىغانلار بىمارنىڭ ئانىسىغا تېلىفۇن قىلساڭلار، دوختۇرخانىغا بېرىپ بىمارنى يوقلاپ قويساڭلار. ھەممىمىز تەڭ ھەرىكەتكە كەلسەك، تاما- تاما كۆل تولار دېگەندەك، سىزنىڭ قىلغان كىچىككىنە بىر ياردىمىڭىز قېرىندىشىمىزنىڭ داۋالىنىپ ساقىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ياردىمىمىزنى ئايىمايلى، بىر يۈەن بولسىمۇ ياردەم قىلايلى. اللاھ ھەممىمىزگە سالامەتلىك، ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن!
ئىمكان بولسا باشقا مۇنبەر، بلوگلاردىمۇ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز!!!

 قولىمىزدىن قانچىلىك كەلسە ياردەم قىلىپ قويايلى.
[attachment=13951]
مەنبە ئىزدىنىش تورى

qimpiyun 2011-12-17 00:34
ئـــــى...اللاھ  ھەممە بەندەڭگە  ئاسانچىلىق بەگەيسەن...

end 2011-12-17 02:28
ئى ئاللاھ مۇشۇ قىرىندىشىمنىڭ ئىشلىرىغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەيلا. امىن !!!!!!!!!

muslima32 2011-12-17 10:00
ئېي ئۇللۇغ رەببىم مۇ شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپاللىق بەرگەيلا ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايلا مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن بالدۇراق قۇتۇلدۇرۋالغايلا ، قېرىنداشلار ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن مۇشۇ قېرىندىشىمىزغا ئەمىلىي بىر ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى،قېرىندىشىم بۇتىمىنى يوللاپ ناھايتى ياخشى قىلىپسىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،ئۇللۇغ ئاللاھ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنىمۇ ئاسان قىلسۇن،

ahlak 2011-12-17 13:08
ئاھ  ،،خۇدا ئەممە ئىش ساڭا ئوڭايدۇ..ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى،كېسەللىكنى كۆتۈرۈۋاتكىن،شىپالىق بەرگىن،سەن شىپالىق بەرگۇچىسەن،پەقەت سىنىڭ بەرگەن شىپايىڭلا ئۇنۈملۇك بۇلىدۇ.شىپالىق بەرگىنىكى ،كېسەللىك قالمىغاي.. ئامىن

nawkeran 2011-12-17 20:25
دوستلار  ئاۋۇ كارتا ئىگىسنىڭ كارتىدىكى ئىسم فامالسى ئوتتۇرسىدا چىكىت يوق ئىكەن  ،  توردا پىروۋىت قىلساڭلار چىكىت يازساڭلار بولمايدىكەن ، مەن ھازىر  مۇشۇ مەسلىگە يۇلۇككاچ  دوستانە ئەسكەرتىش بەردىم.    ئىسىمنىڭ توغرىسى                  米力开木艾力  

بىگان 2011-12-17 21:27
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

مۇسلىم، 2011-12-18 19:11
ئى ئاللاھ مۇشۇ قىرىندىشىمنىڭ ئىشلىرىغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەيلا بۇندىن كىيىكى ئىشلىرنى ئاسان قىلغايلا ااااااامىن .... !!!

sebire 2011-12-19 15:49
ئاللاھىم ،ھەممىگە قادىر بىر ئۆزۈڭسەن، ئىككى پۇتىدىن ئايرىغان بولساڭ، ئۇنىڭدىن قىممەتلىك تەۋرەنمەس ئىماننى بەرگىن! ئۇلۇغ رەببىم!
بۇ ھەممىمىزگە كەلگەن سىناق. شۇ قىرىندىشىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە موھتاجلىقى بىلەن بىزنىڭ سىيلە-رەھىمىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىنايدۇ.  
ئاللاھىم ھەممىمىزنى ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان بەندىلىرىڭدىن قىلغىن! ئامىين!


查看完整版本: [-- ئىككى پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان قېرىندىشىمىزغا ياردەم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052552 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us