مەملىكىتىمىزنىڭ ئامېرىكا لوس-ئانجىلىس شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئوق چىقىرىپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى.بۇ ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى 15-چىسلا چۈشتىن كىيىن يۈز بەرگەن. ھۇجۇم قىلغۇچى ۋەقە تۇغدۇرغاندىن كىيىن ئۆزىنى ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلغان.خەۋەرلەردە مەلۇم بولىشىچە مەملىكىتىمىز كونسۇلخانىسىغا ئوق چىقىرىپ ھۇجۇم قىلغان كىشى ئاسىيالىقلار سىياقىدە بولۇپ 65 ياش ئىكەن. ۋەقەدە ئۆلۈم -يىتىم،يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن. |