查看完整版本: [-- ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئادەمنىڭ ياخشىلىققا مۇيەسسەر بولىشى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئادەمنىڭ ياخشىلىققا مۇيەسسەر بولىشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

paris 2011-12-16 20:03
                                                      بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
                  ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
                 ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ رەببى ئاللاھقا چەكسىز شۇكۈرلەر ۋە ھەمدىلەر بولسۇن؛ئۇلۇق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن،ۋە قىيامەتكىچە كەلگەن ئەر-ئايال مۇئمىنلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!
                      ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا بەنى ئىسرائىل سۆرىسىنىڭ 23-24-ئايەتلىرىدە مۇنداق دىگەن؛[پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى،ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا ئۇلارغا ئوھۇي دىمىگىن (يەنى مالاللىقنى يەتكۈزىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)،ئۇلارنى دۇشكەيلىمىگىن،ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن،ئۇلارغا كامالى مىھىربانلىقتىن ناھايتى ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن ۋە ئې پەرۋەردىگارىم !ئۇلار مىنى كىچىكلىكىمدە تەربىلىگەندەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن،دىگىن.]
                      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛<كىمكى كەچتە ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ (يەنى ئاتا-ئانىسى كەچتە پەرزەنتىدىن رازى بولىدىكەن)ئۇ ئادەمگە ئەتىگەندە جەننەتنىڭ ئىككى ئىشىگى ئېچىلىدۇ،(ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرسى بولۇپ)رازى بولىدىكەن جەننەتنىڭ بىر ئىشىگى ئېچىلىدۇ(ھەدىس شەرىپ).
                        ئۆز ۋاختىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ؛<ئەي ئاللاھ ، مەن بىلەن جەننەتكە بىللە كىرىدىغان ئادەمنى كۆرسەتسەڭ >دىدى ،ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا؛ئۇنداق بولسا سەن پالانى شەھەر بارغىن ،شۇ شەھەرنىڭ پالانى يېرىدە بىر بازار بار،شۇ  يەردە رەڭگى مۇنداق-مۇنداق كەلگەن قاسساپ بار،شۇ قاسساپ سەن بىلەن جەننەتكە كىرىدۇ دىدى.شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاشۇ يەرگە بېرىپ ،بازاردىكى بىر دۇكان ئالدىدا ئۇ قاسساپنى ئۇچراتتى،مۇسا ئەلەيھىسسالام ھىلىقى ئادەمگە سىنچىلاپ قاراپ ئەمەسمۇ نىمە دەپ تۇرىۋىدى شۇ ئان  جىبىرىيىل ئەلەيھىسسالام كىلىپ نەق شۇ ئادەم دىدى ،شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام كۇن پاتقۇچە قاسساپنى ساقلاپ ئولتۇردى، كەچ  بولغاندا قاسساپ بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ ئۇيگە ماڭاي دەپ تۇرغاندا .مۇسا ئەلەيھسسالام قاسساپقا؛ئەي يىگىت مىنى مىھمان قلامسىز  ؟دىدى .قاسساپ ؛يۇرۇڭ مەن سىزنى ئۇيگە ئاپىرىپ مىھمان قىلاي،دىدى مۇسا ئەلەيھىسسالام قاسساپقا ئەگىشىپ ئۇيىگە كەلدى ،قاسساپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تائام ئەكىلىپ خالىسىڭىز تائاملاردىن ئالغاچ ئولتۇرۇڭ ،بولمىسا مەن كەلگۈچە بىر ئاز ساخلاڭ،دىدى مۇسا ئەلەيھىسسالام قاسساپقا ؛مەن سىز كەگىچە ساخلاپ تۇراي،دىدى .قاسساپ ھېلىقى ئېلىۋالغان گۆشنى ئىلىپ قازانغا سىلىپ ،ئۇنى چىرايلىق پۇشۇردى ئاندىن ئۇ ئۇيگە كىرىپ بىر سىۋەتنى ئەپ چىقتى،ئۇ سىۋەتنىڭ ئىچىدى خۇددى كەپتەرنىڭ باشكىسىدەك  بىر موماي ئولتۇراتتى ،قاسساپ موماينى ئاستا ئېلىپ ئولتۇرغۇزۇپ ،قوشۇقنى ئېلىپ مومايغا تاماق يىگۇزدى موماينىڭ قورسىقى تويغاندىن كىيىن  ئاغىزىنى مىدىرلىتىپ بىر نىمىلەرنى دىدى ،قاسساپ موماينى بۇرۇنقى جايىغا ئاپىرىپ قويۇپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا كەلدى ،ئۇ تاماقنى يەي دەپ تۇرىۋىدى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ؛سىۋەتتىكى كىم دەپ سورىدى،قاسساپ؛ مىنىڭ ئانام ،ئولتۇرالمىغانلىقى ئۇچۇن مۇشۇنداق سىۋەت ياساپ  ئورۇنلاشتۇردۇق ،مەن بازاردىن كىلىپ ئانامنى تويغۇزمىچىلىك بىر نەرسە يىمەيمەن دەپ جاۋاپ بەردى .  مۇسا ئەلەيھىسسالام ؛ موماي باياتتىن ئاغىزىنى مىدىرلىتىپ بىر نىمىلەرنى  دىدى ،ئۇ نىمە دەۋاتىدۇ؟ دەپ سورىدى ،قاسساپ: ئانامنىڭ قورسىقى ھەر قىتىم تويغان ۋاختىدا (مەندىن رازى بولۇپ )ئەي ئاللاھ ،مىنىڭ مۇشۇ ئوغۇلۇمنى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن جەننەتكە كىرىشكە نىسىپ قلغىن !دەپ دۇئا قىلىدۇ،دىدى .مۇسا ئەلەيھىسسالام :<ساڭا خۇش خەۋەر بولسۇن ،مەن مۇسا ئەلەيھىسسالام بولىمەن .>دىدى .

...........................................................
                     مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىرىدە ، بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئىچىدە بىر باي ئادەم بار ئىدى ،ئۇ ئادەمنىڭ تاغىسىنىڭ ئۇغۇلىدىن باشقا مىراسخور يوق ئىدى  تاغىسىنىڭ ئوغۇلى (ئۇ ئادەم ۋاپات  بولمىغاندىن كىيىن )مىراسقا ئىگە بولىۋىلىش ئۇچۇن ئالدىراپ كىتىپ تاغىسىنى ئۆلتۇرۇپ باشقا بىر يۇرتقا تاشلىۋەتتى .بەنى  ئىسرائىل  قەۋمىگە قاتىلنى تىپىش ئېغىر كەلىلىپ ،مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا بېرىپ،ئاللاھقا دۇئا قىلىپ  قاتىلنى ئاشكارلىماقچى بولدى ،مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشتىن خەۋەر تىپىپ ،ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى ،ئاللاھ بەنى  ئىسرائىل قەۋمىگە بىر  كالا سويۇپ ئۇنىڭ ئۇستىخىنى بىلەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قۇلىقىغا ، ئاغىزىغا ياكى كەينى تەرەپكە ئۇرۇشقا ئەمىر قىلدى،(ئۇرغاندىن كىيىن ئۆلۇك تىرىلىپ قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بىرەتتى)ئۇلارغا كالا سويۇش ئېغىر كىلىپ سەن بىزنى زاڭلىق قىلۋاتىسەن ، دىدى ئۇلار بۇنىڭ ھىكمىتىنى بىلمىدى .مۇسا ئەلەيھىسسالام :جاھىللاردىن (مەخسىرە قىلغۇچىلاردىن )بولۇپ قىلىشتىن پانا سورايمەن ،دىدى .ئۇلار كالىنى سويماقچى بولۇپ قانداق كالا سويىدىكەنمىز؟.دىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام :ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس ،ياشمۇ ئەمەس ،ئوتتۇرھال بولسۇن دېدى .ئۇلار سۇۋالدا ئىنچىكىلەپ كىتىۋەردى .رەڭگى قانداقنى سويىمىز ؟دېدى ،مۇسا ئەلەيھىسسالام :ئۇنىڭ رەڭگى قارغۇچىلارنى زوقلاندۇرغىدەك سېپ -سىرىق بولسۇن دېدى، ئۇلار ئۇ قانداق كالا ؟ئىشلىتىلگەنمۇ ياكى ئىشلىتىلمىگەنمۇ ؟بىزگە مۇجىمەل بولۇپ قالدى ،بۇ ئىنىق بولسا بىز تاپالايمىز ،دېدى مۇسا ئەلەيھىسسالام :ئاللاھ ئۇنىڭ دىقانچىلىقتا ئىشلىتىلمىگەن ،بىجىرىم ،ھېچقانداق يەردە ئالىسى يوقلىقىنى ئېيتتى.دېدى ئۇلار ئەمدى بولدى، بىز كالىنى تېپىپ كىلىپ سويايلى دىيىشتى.بەنى ئىسرائىل قەۋمى قانداق بولىشىدىن قەتتىنەزەر بىر كالا سويسىلا بولىدىغان يەرگە ،ئۇلار ئىنچىكىلەپ سوۋئال سورىغانسىرى ئاللاھ ھىكمىتى بىلەن ئاتا -ئانىنىڭ رازىلىقنى ئالغان بىر يىگىتنىڭ كالىسىنى كالىسى بىلەن تەڭ ئالتۇن بىرىشكە ئورۇنلاشتۇردى ،بۇ قىسسە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ .
بەنى ئىسرائىل قەۋمىدە بىر سالىھ ئادەم بولۇپ ،ئۇ ئادەمنىڭ بىر ئوغىلى بار ئىدى ،ھەم بىر موزىيى بار ئىدى ،ئۇ ئادەم موزاينى يايلاققا ئاپىرىپ <ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ ،مەن بۇ موزاينى ئوغۇلۇم چوڭ بۇلغۇچىلىك ساڭا تاپشۇردۇم >دەپ دۇئا قىلىپ قۇيۇپ بەردى ،ئاندىن ۋاپات بولدى،مۇزاي ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن چوڭ بولدى،ئۇ  ئادەملەرنى كۆرسە قاچاتتى ،ھىچ كىمگە  تۇتۇق بەرمەيتى،ئوغۇلمۇ چۇڭ بولدى ، ئۇ ئانىسىنى رازى قىلىپ خىزمىتىنى  شۇنداق ئەستايىدىل قىلاتتى ،ئۇ كىچىنى ئۇشكە بولۇپ بىر بۆلىكىدە ئۇخلىسا ،بىر بۆلىكىدە ناماز ئوقۇيتى ،يەنە بىر بۆلىكىدە ئانىسىنىڭ قىشىدا ئولتۇرۇپ خىزمىتىنى قىلاتتى ،تاڭ ئاتقاندا ئوتۇن ئەكىلىپ ساتاتتى،ئوتۇننىڭ پۇلىنى ئۇشكە بۆلۇپ بىر بۆلىكىنى ئۆزى تائام ئېلىپ يىسە بىر بۆلىكىنى سەدىقە قىلاتتى ،يەنە بىر بۆلىكىنى ئانىسىغا ئاپىرىپ بېرەتتى ،بىر كۇنى ئانىسى ئوغۇلىغا :ئوغۇلۇم داداڭ ساڭا ئاتاپ بىر كالىنى قالدۇرغان ،ئۇ كالا  يايلاقتا ،سەن بېرىپ ئىبراھىمنىڭ، ئىسمائىلنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھەققىدە مەن سىنى چاقىرىمەن ،دىسەڭ رەڭگى پاقىراق ،تۇكلىرى يالتىراق كالا سىنىڭ ئالدىڭغا كىلىدۇ، شۇ كالا سىنىڭ كالاڭ بولىدۇ،دېدى ،.ئوغىلى ئانىسى دىگەندەك قىلدى ۋە كالىنى ئۇيگە ئېلىپ ماڭدى،ئاللانىڭ قۇدۇرتى بىلەن كالا زۇۋانغا كىلىپ ؛سەن مىنى مىنىۋالغىن ،سەن ئاناڭنى رازى قىلغانلىقىڭ ئۇچۇن مۇشۇ تاغنى يۇتكەپ بەر دىسەڭ يۇتكەپ بەرگەن بولاتتىم،دېدى .بالا كالىنى مىنمەستىن ئۆيگە ئاپاردى ،ئانىسى بالىغا ؛سەن بەك نامىرات ،مۇشۇ كالىنى سىتىپ پايدىلانغىن ،دېدى بالا :قانچە پۇلغا ساتىمەن ؟دېدى.
ئانىسى ؛ئۇچ تىللاغا ساتقىن ،دېدى.
بالا كالىنى سىتىش ئۇچۇن بازارغا ئاپاردى.
ئاللاھ بەندىلىرىگە ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى قانداق ئېلىشنى كۆرسۇتۇپ قۇيۇش ئۇچۇن سىناپ ،پەرىشتىدىن بىرنى خىرىدار قىلىپ ئەۋەتتى  ،پەرىشتە ئادەم سىياقىغا كىرىپ  كالىنى نەچچە پۇلغا ساتىسەن ؟ دېدى
بالا: ئانامنىڭ رازىلىقى ئۇچۇن ئۇچ تىللاغا ساتىمەن دېدى،
پەرىشتە:ئاناڭغا مەسلەت سالمىغىن ،مەن ئالتە تىللا بېرەي دېدى.
بالا؛ئانامنىڭ رازىلىقىسىز كالا بىلەن تەڭ ئالتۇن بەرسەڭمۇ ساتمايمەن دېدى دە ئۆيگە بېرىپ ،ئانىسىدىن ؛<ئالتە تىللاغا سوراۋاتىدۇ قانداق قىلىمەن ؟>دەپ سورىدى.
ئانىسى :<ئالتە تىللاغا ساتساڭ ساتقىن ،لىكىن مىنىڭ رازىلىقىم بىلەن ساتقىن>دېدى.بالا بازارغا بېرىپ ئالتە تىللاغا ساتاي دىۋىدى ،پەرىشتە<12تىللاغا ئالاي ،ئاناڭغا مەسلەت قىلمىغىن >دېدى،بالا يەنە ئۇنىماي ئانىسىنىڭ قىشىغا بېرىپ بۇ ئەھۋاللارنى ئېيتىۋىدى ،ئانىسى:ئۇ سودىگەر سىنى سىناش ئۇچۇن كەلگەن ئادەم سىياقىغا كىرگەن پەرىشتە ئىكەن ،ئۇسېنىڭ قىشىڭغا كەلگەندە :كالىنى ساتامدۇق  ياكى ساتمامدۇق ؟دىگىن دىدى ئوغۇل ئانىسىنىڭ دىگىنى بويچە پەرىشتىگە ئېتىۋىدى پەرىشتە :سەن بېرىپ ئاناڭغا  ئېتقىن ،كالىنى ساتماي تۇرۇپ تۇرسۇن ، مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل قەۋىمىنى كالىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىدۇ  شۇۋاقىتتا كالا بىلەن تەڭ ئالتۇنغا ساتىمىز ،بولمىسا ساتمايمىز ،دىسۇن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا  بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ قاتىلنى تېپشىدا ،بىر كالا سويسىلا بولىدىغان ئىشقا ، ئەۋزەيلەپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن ، بالىغا مۇكاپات قىلىپ ، كالا بىلەن تەڭ ئالتۇن تۆلەپ ،سىلەرنىڭ كالىنى سويۇشقا تەقدىر قىلدى. دېدى .ئاخىرىدا ئۇلار كالا بىلەن تەڭ ئالتۇننى تاپالماي  كالىنى سويالمىغىلى تاس قالدى ،كىيىن كالىنى سويۇپ  ئۇنىڭ ئۇستىخىنى بىلەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ  ئاغىزى ياكى قۇلىقىغا ئۇرىۋىدى ئۆلۇك ئاللاھنىڭ قۇدۇرتى بىلەن تىرىلىپ ،تاغىسىنىڭ ئوغۇلىنىڭ ئۆلتۇرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپ  ، يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتتى .(بۇ قىسسە بەقەرە سۇرىسىدە بايان قىلىنغان)
مەنبە:
1- ۋەز كىتابلاردىن
2-بەقەرە سۇرىسنىڭ تەپسىرى (خازىن تەپسىرىدىن )تەرجىمە قىلىندى .
(خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا ئۇستازلانىڭ ۋە قېرىنداشلانىڭ  تۇزۇتۇپ قويۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن )
              
      (  داۋامى بار )

paris 2011-12-16 21:06
خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا ئۇستازلانىڭ ۋە قېرىنداشلانىڭ  تۇزۇتۇپ قويۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن

muslima32 2011-12-16 21:37
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ناھايتى ياخشى تېمىكەن ئاللاھ ئىگەم ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ،داۋامنى ساقلايمىز،

ahlak 2011-12-16 22:08
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ئانىلار تاپىنى ئاستىدا جەننەت.                       ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم

samanyoli 2011-12-17 00:07
ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ رەببى ئاللاھقا چەكسىز شۇكۈرلەر ۋە ھەمدىلەر بولسۇن
،،،،،،،،

مۇشۇ ئۈستىدىكى گەپ تازا توغرا بولمامدۇ ياكى ،،،،،،،،،،،،،،،،

end 2011-12-17 02:08
بەقەرە -  سىرىق كالا .
داۋامىنى ساقلايمىز.

lawiy 2011-12-17 17:46

paris 2011-12-17 18:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-12-17 00:07 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ رەببى ئاللاھقا چەكسىز شۇكۈرلەر ۋە ھەمدىلەر بولسۇن
،،،،،،،،

مۇشۇ ئۈستىدىكى گەپ تازا توغرا بولمامدۇ ياكى ،،،،،،،،،،،،،،،،

قېرىندىشىم سىزنىڭچە قانداق دىسەك توغرا بولار............................

arzuyum 2011-12-17 21:00
ۋەئەلەيكۇم -  ئەسسالام  ،   سىزگە اللاھنىڭ  رەھمىتى بولسۇن  قېرىندىشىم
ئىنشائاللاھ  ،  داۋامدىن  بەھىر  ئالغايمىز  !،

arslantikin 2011-12-19 02:18
رەھمەت قېرىندىشىم    داۋامىنى كۇتىمەن

latifa 2011-12-19 11:15

dolkun123 2011-12-20 23:40
اللاھنىڭ  رەھمىتى بولسۇن  قېرىندىشىم !
مۇشۇ يەنى ئاتا-ئانا توغۇرسىدىكى تېما كەم ئۇچىرايتى
قايسى بىر توردىشىمىز(سەۋىرچانغۇ دەيمەن)قالايمىقان
جىدەللەشمەي ئاتا-ئانا توغۇرسىدا تېما يازساڭلار بولمامدۇ
دىگەنلىگىنى كۆرگەن ئىدىم،پارىس قېرىندىشىمىز بۇ بوش
ئورۇننى تولدۇردى دەپ قارايمەن ،باشقۇرغۇچىلارمۇ ئاتا-ئانا
توغۇرسىدىكى تېمىلاردىن بولسا نادىرلاپ قويسا دەپ ئويلايمەن،
چۇنكى جەمىئەتتە ئاتا-ئانىسىنى نارازا قىلىدىغان ئادەملەر كۆپ
بولۇپمۇ ھازىرقى ياشلاردا ئتا-ئانىسىنى رازى قىلىدىغانلار ئاز
دىيەرلىك.

زاھىرە 2011-12-21 18:25
ھەققەتەن ياخشى تمىكەن بۇ ،داۋامىنى تىزراق چىقارسىڭىز بوپتىكەن قىرىندىشم .

مۇجاھىدە 2011-12-22 23:01
ئاللا ھ   رەھمەت  قىلسۇن


查看完整版本: [-- ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئادەمنىڭ ياخشىلىققا مۇيەسسەر بولىشى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052710 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us