查看完整版本: [-- غەيۋەت ھەققىدىكى كىشىنى چۆچىتىدىغان ھەدىسلەرگە نەزەر، --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> غەيۋەت ھەققىدىكى كىشىنى چۆچىتىدىغان ھەدىسلەرگە نەزەر، [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muslima32 2011-12-14 18:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتىللاھى ۋەبارىكاتىھۇ!
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بارلىق ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائاللاھغا بولسۇن!دۇرۇت ۋە سالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋەبىزنىڭ يول باشچىمىزسۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ساھابىلىرىگە ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا بولسۇن!
___ ئەبۇبەكرى رەزىللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىدىكى قۇربان ھېيت ئۆزىنىڭ خۇتىبىسىدە مۇنداق دىگەن:<<سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشىڭلار، ئابرويۇڭلارنى چۈشۈرشىڭلار ۋە ماللىرىڭلارنى ناھەق يەۋېلىشىڭلار خۇددى مۇشۇ كۈن، مۇشۇ ئاي ۋە مۇشۇ شەھەرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىق ھارام قىلىنغاندەك ھارام قىلىندى. ئى ئاللاھ! يەتكۈزدۈممۇ؟...>>.
بىز ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سەلەللاھۇ ئەلەيھىسالامنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ھەقىقى ئويلىنشىمىز ۋە ئۇلۇغلاش نەزىرىمىز بىلەن قارشىمىز لازىم.
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە غەيۋەتنىڭ ھاراملىقى ھەرەمدىكى قۇربانلىق كۈننىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىقنىڭ ھاراملىقى بىلەن ئوخشاشتۇر.
ئى غەيۋەتخورلار! ئى مۇسۇلمانلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلار! مۇسۇلمانلارنىڭ ئابروينى تۈكۈشنىڭ ھاراملىقىنى بىلدىڭلارمۇ؟!...
بەرا ئىبنى ئازىب رەزىللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلۇندىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:
<<جازانىڭ تۈرلىرى72خىل بولۇپ ئۇنىڭ ئەڭ تۈۋنى ئانىسى بىلەن زىنا قىلغانغا ئوخشاش، جازانىڭ ئەڭ يامىنى بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئابرويىغا تىل ئۇزار تىشتۇر>>.(بۇ ھەدىسنى تەبرانى ئەۋساتتا رىۋايەت قىلغان)
ئاللاھۇ ئەكبەر!...ئەقىل ئىگىلىرى قېنى؟!
ئاللاھۇ ئەكبەر!.....قەلىبلەرنى ياشارتىدىغان ئىمان قېنى؟!
كۆڭۈللەرنى ھاۋايى-ھەۋەستىن توسۇيدىغان ئىمان قېنى؟!
مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرويىغا دەخىل-تەرۈز قىلىشتىن توسالايدغان ئىمان قېنى؟!
جازانا، نىمە دىگەن چوڭ گۇناھ ھە؟!
ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئاللاھ جازانخورلارغا ئۇرۇش ئېچىشقا رۇخسەت بەرگەن ئەمەسمۇ؟
ھەقىقەتەن جازانىڭ ئەڭ تۆۋىنى بىر كىشىنىڭ ئانىسى بىلەن زىنا قىلىشىغا ئوخشاش. ئەڭ يامىنى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئابرويىغا تىل ئۇزارتىش.
ئى ئەقىل ئىگىلىرى ئويلاپ باقمامسىلەر ......؟
بۇللارنى بىلگندىن كىيىن قېرىندىشىڭلارنىڭ ئابرويىغا خالىغانچە دەخىل-تەرۈز يەتكۈزۈپ غەيۋەت،سۇخانچىلىك،
ئەيىبلەش، سۆكۈش قاتارلىق يوللار بىلەن خالىغانچە ئابرويىغا تاجاۋۇز قىلساڭلار قانداقمۇ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتىلالايسىلەر؟
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىندۇكى، ئۇمۇنداق دەيدۇ:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قويسىلا ئۇ
( سەفىيەنى ) (رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۇ پاكار تۇرسا دىگەنلىگى مەلۇم) دىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا قارىتا:<< شۇنداق بىر سۆز قىلدىڭكى، ئەگەر ئۇنى دېڭىز سۈيىگە ئارلاشتۇرسا، ئۇ دېڭىز سۈيىنى بۇلغىۋەتكەن بۇلاتتى،>>دىدى.
مۇشىنچىلىك بىر سۆز:<<ئەگەر دېڭىزغا ئارلاشسا ئۇنى بۇلغىۋەتكەن بۇلاتتى،>> دىگەن تۇرسا ۋە ئۇنىڭ تەسىرى شۇنچىلىك يامان بولسا، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئاغزى غەيۋەتتىن تىنمايدىغانلارنىڭ ھالىنى قانداق مۆلچەرلىيەلەيسەن؟!
ئۇللارنىڭ سۆزلىرى قانچىلىغان دېڭىزلارنى بۇلغاپ، قانچىلىغان سۇلارنى سېستىپ، قانچىلىغان پاك يىمەكلىكلەرنى چىرىتقاندۇ-ھە؟!
ئۆمەر ئىبنى شۇ ئەيىب دادىسى ۋە چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلۇدىكى: ئۇللار رەسۇلىلاھنىڭ يېنىدا بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا يىگۈزمىگىچە يىمەيدىغانلىقىنى، ئۇلاغقىمۇ باشقىلار مىنمەستىن مىنمەيدىغانلىقىنى زىكرىي قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:<<ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىڭلار>>دىگەن. ئۇللار :يا رەسۇلىلاھ بىز پەقەت ئۇنىڭدا بار سۈپەتنى زىكرى قىلدۇق، دىۋدى. رەسۇلىلاھ:<<ئۇنىڭدا بار سۈپەتنى زىكرى قىلىشىڭ (غەيۋەتكە)كۇپايە قىلىدۇ>>دىدى.
قېنى بىزنىڭ ھەر-بىرىمىز ئۆزى ھەققىدە ئويلۇنۇپ باقسۇن! كىم غەيۋەتتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالدى؟ كىم ئۆز بۇرادىرىنىڭ ئىزەت شەرپىنى ساقلاپ قالدى؟بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىم خاتالىق ۋە ئەيىپ-نۇخسانلاردىن خالىي بۇلالايدۇ؟ كىم ياخشى -يامان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى زىكرى قىلنىشقا رازى بولىدۇ؟
بىزنىڭ بىر-بىرىمىزدىكى ئەيىپنى ئۇچۇق دىمەستىن مۇنداقلا بىر دارىتىپ ئۈتۈپ كەتكەنگە خاپا بۇلدىغان تۇرساق، يوق يەرلىرىمىزدە سۆز تارقىتىپ يۈرسە قانداقمۇ رازى بولىمىز؟!
ئەنەس رەزىيىللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلۇندىكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:<<مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان،ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتلاۋاتقان بىر قەۋىمنى كۆرۈپ:ئى جىبرئىل!ئۇللار كىم؟ دىۋدىم. جىبرئىل: بۇللار كىشلەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان (غەيۋەت قىلدىغان) ئۇللارنىڭ ئابرويىنى تۆكىدىغان كىشلەردۇدر.دىدى>>.
بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ تۇرۇپ غەيۋەت قىلدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلارنىڭ ئەقىللىرى قەيەرگە كەتتىكىن تاڭ؟!
غەيۋەتخورلارغا يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتلايدىغان تۇچ تىرناقلار بىلەن بىشارەت بىرىڭلار! ئۇللار ئىشلىگەن ناھايتى قەبىھ-ناچار ئەمەللىرى سەۋەبى ئۇللارنى ئازاپلايدىغان تىرناقلار زىيانكار ۋەھشىي ھايۋانلارنىڭ تىرناقلىرىدىنمۇ بەتتەردۇر.
ئېي غەيۋەتخورلار!بۇنىڭدىن كىيىن غەيۋەت قىلامسىلەر-قىلمامسىلەر ئۈزۈڭلار بىلىڭلار!
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتىراتتۇق،سورۇندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئورنىدىن قوپۇپ كىتىشى بىلەنلا، باشقا بىرسى ئۇكىشى ھەققىدە غەيۋەت قىلىشقا باشلىدى،
بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىەسسالام:<<چىشىڭنى كوچىلىۋەت>>دىدى. ئۇكىشى: مەن گۆش يىمىگەن تۇرسام چىشىمنى نىمىشقا كوچىلايدىكەنمەن دىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: <<چۈنكى سەن قېرىندىشىڭنىڭ گۆشىنى يىدىڭ >>دىدى.
بۈگۈنكى جەمىيتىمىزگە قارايدىغان بولساق، بىرسى غەيۋەتنى بولىشىغا قىلىدۇ.  قىلىپ بولۇپلا مەن غەيۋەت قىلمىدىم، گۆش يىمىدىم، ھىچ قانداق ئىش قىلمىدىم، دەپ تۇرىۋالىدۇ.چۈنكى بىز غەيۋەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەستىن
تىلىمىزنى غەيۋەتكە بويسۇندۇرۇپ قويغان.
دىنىمىزنى چۈشۈنەيلى!
قۇدىرتىمىزنىڭ يىتىشچە ھالال-ھارامنى ئايرىپ،قايسى سۆزنىڭ ھالال قايسىنىڭ ھاراملىقىنى بىلەيلى!
ئاخىرىدا ئاللاھ سۇبھانە ۋە تەتائاللاھدىن بارلىق مۇسۇلمانلارنى غەيۋەتتىن يىراق قىلىشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ھەممىمىزگە بىرلىك-ئىتپاقلىق ۋە نۇسىرەت ئاتا قىلىشنى تىلەيمىز!ئامىن!........................بۇتىمىداخاتا جايلىرى بولسا ئاللاھ گۇنايىمنى كەچۈرسۇن توغرىسىنى بىگۈچى تەڭدىشى يوق يەككە-يىگانە بىر ئاللاھدۇر!
مەنبە ھۈسەيىن ئەلئەۋايىشەنىڭ غەيۋەت دىگەن كىتابىدىن كۈچىرىلدى .

omer 2011-12-14 20:39
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمۇتىللاھى ۋەبەركەتىھۇ!
      تولىمۇ قىممەتلىك تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم! اللە تېما يوللىغان قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ئىلمىڭىز ۋە ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، امين!...

qiqak119 2011-12-14 21:11
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز . ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

anjura 2011-12-14 21:46
ۋەئەلەيكۈم ئەسسىلام:
بايىدىن بىرى تور ئالدىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمى ماقالىسىنىڭ ئىشى بىلەن ئولتۇرۇپ كىتىپ كۆزۈممۇ تىلىپ قاپتىكەن، كەڭساينى بىر ئايلىنىپ چىقسام بەلكىم ھاردۇقۇممۇ چىقىپ قالار دەپ ئويلاپ كىرىشىمگە دەرۋەقە تازىمۇ جايىدا ئوزۇققا ئىرىشتىم. كىشى بولۇپمۇ ئايال كىشى بىلىپ-بىلمەي غەيۋەت كوچىسىغا كىرىپ قالىدىكەنمىز شۇنداق ۋاقىتلاردا مانا مۇشۇنىڭدەك پەيخەمبىرىمىزنىڭ نەسىھەتلىرىنى دەرھال يادىمىزغا كەلتۈرۈپ گۇناھلىرىمىزغا تۆۋبە قىلالىساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟
ئاللاھ ھەممىمىزدىن غەيۋەتتىن يىراق قىلسۇن ئامىن!!!

نەزىرە 2011-12-14 21:48
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ!
بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!  جزاك اللە خيرا  !!!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ( بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر، بەكمۇ مېھرىباندۇر.)  (سۈرە ھۇجۇرات 12-ئايەت )

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: (بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە ( يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم، دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز ، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە سۇئال-سوراق قىلىنىدۇ.) (سۈرە ئىسرا 36-ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:( ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۆزىتىپ تۇرىدۇ.) ( سۈرە قاف 18-ئايەت)

 

جەڭچى 2011-12-14 22:08
ۋەئەلەيكۇم ئەسسلام قىرىندىشىم . ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز  .ئاللاھ ئىگىمىز ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

رەشىدە 2011-12-14 22:13
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ!
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

arzuyum 2011-12-14 22:39
ۋەئەلەيكۇم  -  ئەسسالام ، تولمۇ  مەنپەئەتلىك  تېما  يوللاپسىز  ھەمشىرەم ،  اللاھ  ئىلىمىڭىزنى  زىيادە  قىلغاي  ،  امىين  !

ئۆمەرئىلى 2011-12-14 22:49
ۋە ئەلەيكوم ئەسسالام قىرىندىشم  بەك ياخشى قىلدىڭىز جۇمۇ  ئاللاھ ھەسسلەپ ئەجىر بەرسۇن سىز گە...     

بىگان 2011-12-14 23:09
ئاللاھ سىزگە ئەجىر بەرسۇن

gherip 2011-12-14 23:25
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا:«غەيۋەتنىڭ نېمىلىگىنى بىلەمسىلەر؟» دېۋىدى.ئۇلار: ئاللا ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسى بىلگۈچىدۇر،دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«قېرىندىشىڭ ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى تىلغا ئېلىشىڭ» دىۋىدى.قېرىندىشىمدا بار بولغان ئىشنى دېسەمچۇ؟ دىيىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئەگەر ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى دېسەڭغۇ تۆھمەت قىلغان بولىسەن،بار نەرسىنى دىسەڭ غەيۋەت قىلغان بولىسەن». (مۇسلىمدىن)

gherip 2011-12-14 23:27
<<جازانىڭ تۈرلىرى72خىل بولۇپ ئۇنىڭ ئەڭ تۈۋنى ئانىسى بىلەن زىنا قىلغانغا ئوخشاش، جازانىڭ ئەڭ يامىنى بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئابرويىغا تىل ئۇزار تىشتۇر>>.(بۇ ھەدىسنى تەبرانى ئەۋساتتا رىۋايەت قىلغان)
  



«جازا» دىگەننى ،«جازانە» دەپ ئۆزگەرتىپ قويۇڭ .

ئىسلام 2011-12-14 23:32
بەك كاتتا تىمىكەن .ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن      

muslima32 2011-12-15 09:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم سىللەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن ئۇللۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ نىيەت ئىخبالىنى بىردەك قىلسۇن ،مۇشۇنىڭدەك ياخشى سورۇننى بىزگە ئاتا قىلغان ئۇللۇغ رەببىم پاكتۇر.

latifa 2011-12-15 10:43
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بەك ياخشى تىما  يوللاپسىز ،مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تىمىلار ئۈزۈلۇپ قالمىسۇن.   

999999999 2011-12-15 11:23
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكەتۇھۇ.بەك ئېسىل تېما يوللاپسڭز،ئاللاھ ئېلمىڭىزنى تېخىمۇزىيادەقىلسۇن؟قەلىمىڭىزھارمىغاي،
رەخمەت سىزگە..

قارگۇلى 2011-12-15 11:44
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم!

199421 2011-12-15 15:55
ئاياللاردىلا ئەمەس بىز ئەرلەرگخمۇ يۇقتى دەڭا بۇ ئىللەت    شەيتان قەستىدە.ھەي  

dunyazad 2011-12-15 16:44
ئاللاھ ئىگەم  بىزنى شۇ گۇنادىن  يىراق  قىلسۇن.

rabiya 2011-12-16 00:44
ئاللاھ ئەقىرڭىزنى زىيادە قىلسۇن..

saprabag 2011-12-16 22:08
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تىمىڭىزغا تەشەككۇر، كەڭساينىڭ مۇشۇنداق تىمىلار بىلەن ئاۋات بولۇشىنى تىلەيمەن.
ئاللاھ بىلىپ بىلىمەي قىلىپ قالغان غەيۋەتلىرىمىزنى كەچۈرگەي، ئامىن

ۋىلدان 2011-12-18 17:22
ھەقىقەتەن ئىسىل تىمكەن ئاللا ئەجىرىڭزنى بەرگەي !!


查看完整版本: [-- غەيۋەت ھەققىدىكى كىشىنى چۆچىتىدىغان ھەدىسلەرگە نەزەر، --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048558 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us