查看完整版本: [-- ياشلارغا نەسىھەت --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> ياشلارغا نەسىھەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مۇسلىم، 2011-12-11 17:42
                                         
ياشلارغا نەسىھەت
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! بۈگۈن ياشلىرىمىزغا بەزى نەسىھەتلەردە بولماقچىمىز.قەدىرلىك ياشلار!*ياخشىلار بىلەن بىرگە بولۇڭلار. يامان، ئەخلاقسىزلار بىلەن دوست بولماڭلار. ياخشىلار بىلەن دوست بولۇش، يامانلاردىن يىراق تۇرۇش دىنىمىزنىڭ ئاساسىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "ياخشى دوست ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ. ئىپار ساتقۇچىنىڭ يېنىغا بارساڭ يا ئۇنىڭدىن ئىپار سېتىۋالىسەن ياكى ساڭا ئىپاردىن ھەدىيە قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىپارنىڭ خۇشپۇرىقىنى پۇرايسەن. يامان دوست تۆمۈرچىنىڭ كورىكىنى باسقۇچىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا بارساڭ يا كىيىمىڭنى كۆيدۈرىدۇ ياكى سېسىق پۇراقتىن بىئارام بولىسەن" دەيدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]سىز ھەر قانچە ياخشى بولسىڭىزمۇ، دوستىڭىز يامان بولسا، ھامان بىر كۈنى سىزمۇ يامان بولىسىز. سىز ھەر قانچە يامان بولسىڭىز بولۇڭ، ياخشىلار بىلەن دوست بولسىڭىز بىر كۈنى سىزمۇ ياخشى بولىسىز. ئاتىلىرىمىز: "قازاننىڭ قېشىغا بارماڭ قاراسى يۇقار، ياماننىڭ قېشىغا بارماڭ بالاسى..." دەپ توغرا ئېيتقان. يۇقۇملۇق جۇزام كېسىلى بىلەن يەتتە يىل بىر ئۆيدە ئولتۇرغان كىشىگە كېسەل يۇقماسلىق ئېھتىمالى بار، ئەمما يامان دوستنىڭ يامانلىقىنىڭ يۇقماسلىق ئېھتىمالى يوق. بىر سېۋەت ساغلام مېۋىنىڭ ئىچىگە بىر دانە بۇزۇق مېۋە قويسىڭىز، سېۋەتتىكى بارلىق مېۋىنى بۇزىدۇ.* ئەقىللىق ئىنسان ئۆلۈمنى ۋە ئاخىرەتنى ئويلايدىغان، ئۇنىڭغا كۆرە چارە - تەدبىر ئالىدىغان كىشىدۇر. بۇ دۇنيا پانى، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە زاۋال تاپىدۇ. ئىنساننىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرىشى، ئەجىلىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە كېلىشى مەلۇم ئەمەس. ھەقىقىي ھايات ئاخىرەت ھاياتى. بۇ يەردىكى ھايات بولۇپمۇ ياشلىق ئاخىرەت ھاياتىنى قولىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىنسانغا بېرىلگەن ئالتۇن پۇرسەت. پۇرسەت قولدىن كەتكەندىن كېيىن چەككەن ھەسرەت - نەدامەتلەر ۋە پۇشايمانلىقلار پايدا بەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتىمىزغا ئىشلىشمىز كېرەك.     *ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنى رەنجىتمەڭلار. كىشىلەرگە تىلىڭلار بىلەن ئازار بەرمەڭلار، قولۇڭلار بىلەن زىيان ئۇرماڭلار. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "ھەقىقىي مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلار ئۈنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن ساق قالغان كىشىدۇر" دەيدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى] ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى خالىساڭلار، ئۇنىڭ بەندىلىرىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. يەنى ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئەپۇ قىلىشىنى خالىساڭلار، سىلەرمۇ كىشىلەرنى كەچۈرۈڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەرھەمەت قىلىشىنى خالىساڭلار، سىلەرمۇ ئىنسانلارغا كۆيۈمچان بولۇڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇشىنى خالىساڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلىڭلار.  * مۇھىم بولغىنى دىلدۇر. دىلىڭلارنى شېرىكتىن، يامان غەرەزلەردىن، ئاداۋەت ساقلاشتىن، كىشىلەرگە دۈشمەنلىك تۇيغۇسىدىن پاكلاڭلار. جامائەتتىن ئايرىلماڭلار. جامائەت بىلەن بىرگە بولغانلارنىڭ دىللىرى بىر - بىرىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سالىھلار بىلەن بىر يەردە بولۇشقا تىرىشىڭلار. ئەھلى سۈننەت ئېتىقادىدا بولمىغانلار سالىھ ئەمەس.* ھەر تۈرلۈك پالاكەتلەردىن قۇتۇلۇش ۋە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئارقىڭلارنى دۇنياغا ئالدىڭلارنى ئاخىرەتكە قىلىڭلار. غايە ئالدىدا بولىدۇ، ئالدىڭلارغا نېمە قويغانلىقىڭلارغا دىققەت قىلىڭ. ئاخىرەت غايەڭلار بولسۇن. غايىسى ئاخىرەت بولغان كىشىنى نە شەيتان ئازدۇرالمايدۇ، نە دۇنيانىڭ ئالدامچى ھالاۋەتلىرى ئەسىر قىلالمايدۇ ۋە نە قىيىنچىلىقلار يېڭەلمەيدۇ. چۈنكى غايىسى ئاخىرەت بولغان كىشىنىڭ ئارقا تىرىكى ئاللاھتۇر. ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن كىشى مەغلۇب بولمايدۇ.* ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلىڭلار. ئىستىغپارنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭلار. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈندە يۈز قېتىم ئىستىغپار ئېيتاتتى.  * ئاللاھنى، رەسۇلۇللاھنى چىن دىلىڭلاردىن سۆيۈڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاللاھنى ۋە رەسۇلىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرمىگىچە ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيالمايسىلەر" دېگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى] ئاللاھ تائالانى سۆيۈش پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى سۆيۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دوستى بولغان دىنى قېرىندىشىڭلارنى ياخشى كۆرۇڭلار. نەپسىڭلارغا دوست بولماڭلار.*مۆمىنلەرنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشقا تىرىشىڭلار. ئۇلاردىن دۇئا تەلەپ قىلىڭلار. چۆلدە سۇسىز قالغان كىشى سۇغا تەلمۈرگەندەك، مۆمىنلەرنىڭ دۇئاسىغا تەلمۈرۈڭلار. ئاللاھ قېرىنداشلىرى ھەققىدە قىلىنغان دۇئانى رەت قىلمايدۇ.   * ئەڭ قاتتىق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش، يامانلىققا ۋاسىتە بولماسلىقتۇر. يامانلىققا ۋاسىتە بولۇش، ئۇ يامانلىقنى ئىشلىگەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا: " ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار..." [سۈرە مائىدە: 2]   * ئىنسان نېمىنى خالىسا ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بەزىدە بەندىنىڭ خالىغان نەرسىسىنى بېرىدۇ. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم "بۇ ئىش نېمە ئۈچۈن بېشىمغا كەلدى" دېيەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنى ئۆزى خالىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن نەپسىمىزنى تەربىيىلەپ، پاكلىشىمىز ۋە ئۇنى ھەر دائىم تىزگىنلەپ ياخشىلىق تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ تۇرىشىمىز لازىم.  * باشقا كەلگەن بالا - مۇسىيبەتلەرگە سەۋر قىلىش بەلكى شۇكۇر قىلىش لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر خىل بالا مۇسىيبەتلەر بىلەن ئىنساننى سىنايدۇ ۋە گۇناھلاردىن پاكلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: " سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ." [سۈرە بەقەرە: 30]"بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان - زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر." [سۈرە بەقەرە: 155-157"* كاپىرلارنى قەدىرلەش، مۇسۇلمانلارنى كەمسىتكەنلىك بولىدۇ.مەنبە ؛ http://www.hakiket.com 

ahlak 2011-12-11 19:25
ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە رەھمەت ئاتا قىلسۇن.بۇنداق ياخشى تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ!!

pidakar0999 2011-12-11 20:27
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام،
رەسۇلۇللاھ  <  س ئە  ۋ  > نىڭ ۋاختىدىكىدەك. قان-قېرىنداشلىقنى  بېسىپ چۈشكەن،ئىسلامى قېرىنداشلىقنىڭ ،ياشلىرىمىز ئىچىدە ئۇمۇملىشىنى بەكمۇ ئارزۇ  قىلىمەن. ئەپسۇس؛ بۈگۈنكىدەك دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋىجدانىنى سېتىپ جان بېقىۋاتقان ئاز بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ھالىغا ئېچىنماي تۇرالمايمەن،
بىز كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا  ھەر قانداق كىشىلەر يىغىلغان سورۇنلاردا ھېچكىم دۇنيانىڭ گېپىنى قىلغىنىنى ئاڭلىمايتتۇق.،  بۇ كۈنلەردە خېلى ئىلغارمۇسۇلمان  قېرىنداشلىرىمىز يىغىلغان سورۇنلاردىمۇ سودا-سېتىقنىڭ، ئۆي-مۈلۈكنىڭ، ئىشقىلىپ پۇلنىڭلا  گېپى،،، ئۆزىنى سوراپ تۆت ئېغىز تەبلىغ ئەھكام قىلىپ، چاڭقىغان دىللارنى قاندۇردىغان قېرىنداشلىرىمىز بەكلا كاملىق قىلۋاتىدۇ.     بولۇپمۇ يېزىلاردا شۇنداق.  
<ئاللاھ> ھەرقايسىمىزنىڭ  ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلىپ،چامىممىزنىڭ يېتىشچە ئىسلامىيەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا نەسىبە قىلسۇن!!!  شۇنداقلا  ساھابىلارنىڭ ئىمانىدەك مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن!
ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يول ئۈستىدە قىلغاي. ئامىن!!!  يا رەببۇل ئالەمىين!!!

qimpiyun 2011-12-11 20:30
ئانا تۇپراقتىكى  مۇسلىم  شۇمۇ سىز ، كۇچۇپ كەلمىگەنسىز   .كەڭسايغا....قارشى ئالىمىز!!

muslima32 2011-12-11 21:33
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم، ئۇللۇغ ئاللاھ ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن، مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،

arzuyum 2011-12-11 21:42
ۋەئەلەيكۇم  - ئەسسالام  ، اللاھ  ئەجىر ئاتا قىلسۇن  !

مۇسلىم، 2011-12-12 08:52
3. قەۋەتتىكى چىمپىيوننىڭ يازمىسىغا ؛
ئانا تۇپراقتىكى  مۇسلىم  شۇمۇ سىز ، كۇچۇپ كەلمىگەنسىز   .كەڭسايغا....قارشى ئالىمىز!!


ھە قېرىندىشىم !!!

مۇسلىم، 2011-12-12 08:55
بەزى تىمىلار تەكرار بوپ قالدىمۇ ياكى قانداق ئۇقاممىدىم شۇڭا ىاپا بولماي تىما تەستىقلانمىسا ياكى تەكرار بولسا ماڭا بىر ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويغان بولساڭلا رەھمەت ...

dulbarqin310 2011-12-12 11:24
ياخشى تېمىكەن. ھەقىقەتەن ھازىر ياشلارغا نەسىھەت كېرەك بۇپ قېلۋاتىدۇ.

199421 2011-12-14 14:16
سەن ئالەمگە قانداق قارىساڭ ئالەم ساڭا شۇنداق قارايدۇ.      دۇنيادىكى بارلىق قىرىنىداشلىقىنى يۇغۇرۇپ بىر يەرگە ئەكەلسە ئىسلامى قىرىنداشلىقنىڭ نەچچە مىلىيۇنلىغان بىرىگىمۇ تەڭ بولالمايدۇ.   ئاللا ئىسلامى قىرىنداشلارنىڭ قەلبىدىكى ئىشەنچنى تىخىمۇ كۇچەيتكەي.


查看完整版本: [-- ياشلارغا نەسىھەت --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051485 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us