查看完整版本: [-- سەپەردە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> سەپەردە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nida0998 2011-12-11 14:04
                                        بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
 
 
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
 
ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سۈننەت مۇئەككەدە ۋە غەيرى مۇئەككەدە دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، سۈننەتنىڭ بۇ ھەر ئىككى قىسمى نەپلە ناماز قاتارىغا كىرىدۇ، چۈنكى نەپلە دېگەن سۆز ئارتۇق دېگەنلىك بولىدۇ، نەپلە نامازلار پەرز نامازدىن ئارتۇق ھالەتتە پەرزدىكى نۇقساننى تولۇقلاش ئۈچۈن، ۋە يەنە تېخىمۇ ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن پەرزدىن ئارتۇقچە ئوقۇلىدىغان نامازدۇر.
دېمەك: ھەرقانداق سۈننەت ناماز نەپلە ناماز ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ھەرقانداق نەپلە ناماز سۈننەت ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بەزىلىرى سۈننەت بەزىلىرى مۇتلەق نەپلە ناماز بولىدۇ، مەسىلەن: ناماز ئوقۇش مەكروھ بولمىغان ۋاقىتلاردا خالىغانچە ئوقۇلىدىغان، دەل ئۆزى مۇئەييەن تەلەپ قىلىنمىغان ناماز نەپلە نامازدۇر، سۈننەت ناماز ئەمەستۇر. ئەكسىچە دەل ئۆزى مۇئەييەن تەلەپ قىلىنغان كېچىدىكى تەھەججۇد نامىزى، چاشكا ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان چاشكا نامىزى سۈننەت نامازدۇر.(راددۇل مۇھتار 2/3).
مۇتلەق نەپلە ناماز دېگىنىمىز ئادەتتە ناماز ئوقۇش چەكلەنمەيدىغان چاغلاردا ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن خالىغانچە ئوقۇيدىغان نامازدۇر. سەۋەبلىك سۈننەت ناماز دېگىنىمىز: تاھارەت ئالغاندىن كېيىن، مەسجىدكە كىرگەندىن كېيىن، كۈن تۇتۇلغاندا ئوقۇيدىغان نامازلاردەك بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئوقۇيدىغان نامازلاردۇر. پەرز نامازنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار بولسا بەش ۋاقىت پەرز نامازلارنى ھەر بىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوقۇلىدىغان 12 رەكئەت ناماز بولۇپ، بامدات پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت، پىشىندىن بۇرۇن تۆت، كەينىدىن ئىككى رەكئەت، شامدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت. بۇ سۈننەت نامازلارنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن: ئۇممۇ ھەبىيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى بىر كېچە-كۈندۈزدە ئون ئىككى رەكئەت (نەپلە) ناماز ئوقۇسا، بۇنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلىپ بېرىدۇ».(سەھىھى مۇسلىم: 728-ھەدىس)
 
جانابى ئاللاھ سەپەر ئۈستىدە تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنى قەسر قىلىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغاندۇر، بۇنىڭدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق، ئەمما سەپەر ئۈستىدە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشتا ئالىملار ئىختىلاپلاشقان:
  1. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا سەپەر ئۈستىدە سۈننەت ۋە باشقا نەپلە نامازلارنى ئوقۇش مۇستەھەبتۇر، بۇ كۆپ ساھابە ۋە تابىئىيلارنىڭ شۇنداقلا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.
  2. ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى: مۇساپىر كىشى بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بىلەن ۋىتىرنى قولدىن بەرمەي ئوقۇيدۇ، قالغان پەرز نامازلارنىڭ ئالدى-كەينىدە داۋاملىق ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشتا ئىختىيارلىقى بار. خالىسا ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن پەرز نامازلارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇقىم ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلارنى سەپەردە ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە سورالغاندا: سەپەردە نەپلە ناماز ئوقۇسا ھېچ گەپ بولماس دەپ ئۈمىت قىلىمەن، دەپ جاۋاب بەرگەن.(ئەلمۇغنىي 2/68)
دېمەك بۇ قاراشمۇ سۈننەت نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، كۆپچىلىك بىلەن پەرقى، كۆپچىلىك مۇستەھەب دېسە، بۇ قاراش كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىغا قويۇپ قويغان جائىز ياكى ئادەتتىكىدەك تەكىتلەنمىگەن دەپ قارايدۇ.
 
  3. ھازىرقى زامان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر قىسىم ئالىملار: بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن، ۋىتىردىن باشقا بەش ۋاقىت نامازنىڭ ئالدى-ئارقىدا ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلمايدۇ، دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قارىشىدۇر. بۇلار: سەپەردە ۋىتىر نامىزى، كېچىدىكى تەھەججۇد نامىزى، يەنە بارلىق مۇتلەق نەپلە نامازلار، يەنە بىرەر سەۋەب بىلەن ئوقۇلىدىغان مەسىلەن: تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ناماز، چاشگاھ نامىزى، كۈن ياكى ئاي تۇتۇلۇش نامىزى قاتارلىق سۈننەت نامازلار ئوقۇلىدۇ، يەنە تىلاۋەت سەجدىسى قىلسا، تەھىييەتۇل مەسجىد ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
 
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ (شافىئىي مەزھەب) ئىماملىرىمىز: مەيلى بەش ۋاقىت پەرز نامازنىڭ ئالدى-ئارقىدا داۋاملىق ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار بولسۇن، مەيلى باشقا نەپلە نامازلار بولسۇن، ئومۇمەن سەپەر ئۈستىدە نەپلە نامازلارنى ئوقۇش مۇستەھەب دەپ قارايدۇ. بۇ بىزنىڭ مەزھىبىمىز شۇنداقلا ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەد، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئابدۇرراھمان، مالىك ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. تىرمىزى: "ساھابىلەردىن بىر گۇرۇپ، ئەھمەد، ئىسھاق ۋە ئەھلى ئىلىملەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ قاراشتا بولغان"دەپ يەنە: "بىر گۇرۇپ ئالىملار: پەرز نامازلارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار سەپەردە ئوقۇلمايدۇ، دەپ قارىغان" دېگەن. بۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن سەھىھەيندە كەلگەن قاراشتۇر".(ئەلمەجمۇئ 4/344)
 
دەلىل جەھەتتىن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ سەپەر ئۈستىدە سۈننەت ۋە باشقا نەپلە نامازلارنى ئوقۇش مۇستەھەب دېگەن قارىشى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ قاراشنىڭ كۆپ دەلىللىرى بار، مەسىلەن:
  1. سالىم رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سەپەردە كېچىلىك نامىزىنى ئۇلىقىنىڭ ئۈستىدە ئوقۇۋېرەتتى، قاياققا يۈزلىنىپ قېلىشىغا پەرۋا قىلمايتتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىقى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ ياققا قاراپ ئۇلىقىنىڭ ئۈستىدە نەپلە ۋە ۋىتىر نامازنى ئوقۇيتتى، لېكىن ئۇلاق ئۈستىدە پەرز ناماز ئوقۇمايتتى.(سەھىھەين: لەپزى بۇخارىنىڭ 1098-ھەدىس. مۇسلىم 700-ھەدىس.)
بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەپەر ئۈستىدە نەپلە بىلەن ۋىتىرنى ئوقۇغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىتىرمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە سۈننەتتۇر.
  2. ئىمام بۇخارى سەھىھىدە مۇنداق رىۋايەت قىلغان: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇغان.(سەھىھۇل بۇخارى)
ئەسلىدە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلار بىلەن بىر سەپەردە بولۇپ، كېچىچە يول يۈرگەچكە ھارغىنلىقتىن بامدات نامىزىغا ئويغىنالماي كۈن چىقىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈن كۆتۈرۈلگۈچە يۈرگەن، ئاندىن پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىقىدىن چۈشۈپ تاھارەت ئالغان، ئاندىن بىلال بامداتقا ئەزان توۋلىغان، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى رەكئەت ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن بامدات نى ئوقۇغان، ئۇ كۈنى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كۈنى ئوقۇغاندەكلا ئوقۇغان.(سەھىھى مۇسلىم رىۋايىتى 681-نومۇرلۇق ئۇزۇن ھەدىستىن قىسقارتىپ ئېلىندى.)
مانا بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەپەر ئۈستىدە پەرز نامازدىن ئىلگىرى سۈننەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇ بولسىمۇ بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى.
ئىمام نەۋەۋىي (ئەلمەجمۇئ) دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بامداتنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئوقۇغان ئاشۇ ئىككى رەكئەت بامداتنىڭ سۈننىتىدۇر".(ئەلمەجمۇئ 4/36)
  3. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاشگاھ نامىزىنى ئوقۇغانلىقىنى ئۇممۇ ھانىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن باشقا بىرى بىزگە كۆردۈم دەپ خەۋەر قىلىپ باقمىغان، ئۇممۇ ھانىئ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى ئۇنىڭ (ئۇممۇ ھانىينىڭ) ئۆيىدە غۇسلى قىلىپ سەككىز رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئېيتىپ: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭدىن يەڭگىلرەك ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان، لېكىن ئۇ رۇكۇئ-سەجدىلىرىنى مۇكەممەل قىلدى، دېدى.(سەھىھەين: بۇ لەۋزى بۇخارىنىڭ 1103-ھەدىس. مۇسلىم: 336-ھەدىس)
مۇسلىم رىۋايىتىدە "ئاندىن سەككىز رەكئەت چاشگاھ نەپلە نامىزى ئوقۇدى" دەپ كەلگەن بولۇپ، ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇممۇ ھانىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: چاشگاھ نەپلە نامىزى ئوقۇدى، دېگەن سۆزى بۇ تۇنۇلۇپ مۇقەررەر بولۇپ كەتكەن سۈننەت ئىكەنلىكىنى، بۇ نامازنى چاشگاھ نامىزى نىيىتىدە ئوقۇغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەشتۇر".(شەرھى سەھىھى مۇسلىم: 4/29)
بۇ ھەدىسمۇ سەپەر ئۈستىدە ۋاقىتقا چېتىشلىق چاشگاھ نامىزىدىن ئىبارەت سۈننەت ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
  4. ئەلبەرائ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: "مەن پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئون سەككىز قېتىم سەپەردە بىللە بولدۇم، مەن ئۇنىڭ كۈن قىيىلغان ۋاقىتتا پىشىندىن بۇرۇن ئىككى رەكئەتنى تەرك قىلغانلىقىنى پەقەت كۆرۈپ باقمىدىم".(ئەبۇ داۋۇد 1222-ھەدىس. تىرمىزى 550-ھەدىس. ئىمام تىرمىزى: بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئىمام بۇخارىدىن سورىسام، ھەسەن دەپ باھالىدى، دېگەن.)
بۇ ھەدىسنىڭ دالالىتىمۇ سەپەردە پەرز نامازلاردىن ئىلگىرى-كېيىنكى سۈننەتلەرنىڭ ئوقۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
  5. ھەججاج ئىبنى ئەرتات ئەتىييەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: "مەن پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە سەپەر ئۈستىدە پىشىننى ئىككى رەكئەت ئوقۇپ ئارقىدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدۇم".(تىرمىزى 551-ھەدىس. تىرمىزى ھەسەن دەپ باھالىغان.)
يەنە تىرمىزى ئىبنى ئەبى لەيلا، ئەتىييە ۋە نافىئلاردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: "مەن پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مۇقىم تۇرغاندىمۇ سەپەردىمۇ بىللە ناماز ئوقۇغان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇقىم تۇرغاندا پىشىننى تۆت رەكئەت، ئارقىدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەر ئۈستىدە پىشىننى ئىككى رەكئەت ئوقۇپ ئارقىدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدۇم. ئەسىرنى تۆت رەكئەت ئوقۇپ كەينىدىن ھېچ ناماز ئوقۇمىدى.".(تىرمىزى 552-ھەدىس. تىرمىزى، بۇخارىيلار: ھەسەن دەپ باھالىغان.)
ئىمام نەۋەۋى يۇقىرىقى ئىككى ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئەتىييە، ھەججاج ۋە ئىبنى ئەبى لەيلا ھەممىسى ئاجىز راۋىيلاردۇر، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىسكە ھەسەن دەپ باھا بەرگەن. بەلكى بۇ ھەدىس ئۇنىڭ نەزىرىدە باشقا رىۋايەتلەر بىلەن كۈچلەنگەن بولسا كېرەك".(ئەلمەجمۇئ 4/346)
بۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندا بەزى ئاجىز ھەدىسلەرمۇ بار. مەسىلەن: تاۋۇس رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ  مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: "پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇقىم تۇرغاندىمۇ، سەپەر قىلغاندىمۇ ئوقۇيدىغان پەرز نامازنى بەلگىلىگەن، بىز مۇقىم تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە ناماز ئوقۇيتتۇق، سەپەردىمۇ ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە ناماز ئوقۇيتتۇق".(ئىبنى ماجە 1072-ھەدىس)
بۇ ھەدىسنىڭ ئىمام تاھاۋى قىلغان رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇقىم تۇرغان ھالەتتە پەرز نامازنى تۆت رەكئەت، سەپەردە ئىككى رەكئەت بەلگىلىگەن، مۇقىم ھالەتتە پەرز نامازنىڭ ئالدى كەينىدە نەپلە ناماز ئوقۇلغاندەكلا سەپەر ئۈستىدىمۇ پەرز نامازنىڭ ئالدى- كەينىدە نەپلە ناماز ئوقۇلىدۇ".(شەرھى مەئانىل ئەسار 1/422)
  6. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە نەپلە نامازلارنى ئوقۇيتتى.(بۇنى ئىمام ئىبنى قۇدامە: سەئىيد ئىبنى مەنسۇر رىۋايەت قىلغان، دېگەن.(ئەلمۇغنىي 2/68)
  7. ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىيد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەج قىلغاندا (مەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان ئىدىم) بىز خۇپتەنگە ئەزان ئېيتقاندا ياكى شۇنىڭغا يېقىن بىر چاغدا مۇزدەلىفەگە كەلدۇق. ئابدۇللاھ بىر كىشىنى ئەزان تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ، شامنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇدى، ئاندىن كەچلىك تاماق ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى يېدى. ئاندىن بىر كىشىنى ئەزان تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ خۇپتەننى ئىككى رەكئەت ئوقۇشقا بۇيرىدى. تاڭ سۈزۈلۈشىگىلا بامداتنى ئوقۇپ: رەسۇلۇللاھ بۈگۈنكى مۇشۇ كۈندە، مۇشۇ ئورۇندا، مۇشۇ نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇمايتتى دېدى. ئابدۇللاھ يەنە مۇنداق دېدى: كىشىلەر مۇزدەلىفەگە كەلگەندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان شام نامىزى، تاڭ سۈزۈلىشىگىلا ئوقۇلىدىغان بامدات نامىزى ئۆز ۋاقتىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئىككى ناماز. مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 1675-ھەدىس)
  8. ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: بىز مۇھەممەد ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنى كۆرگەن. ئۇلار سەپەردە پەرز نامازلارنىڭ ئالدى-كەينىدە ناماز ئوقۇيتتى. (مۇساننىفى ئىبنى ئەبى شەيبە 1/335 3844-نومۇر.)
ئىبنى ئەبى شەيبە يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەسۋەد، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئۆمەر، ئەبۇ زەر، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئىبراھيم نەخەئى، ئەلقاسىم، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير قاتارلىق نۇرغۇن ساھابە ۋە تابىئىيلارنىڭ سەپەردە نەپلە ناماز ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.
  9- ئابدۇرراززاق سەۋرىيدىن ئۇ ھەممەدتىن، ھەمماد ئىبراھىيم نەخەئىيدىن: ھەزرىتى ئۆمەر، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار سەپەر ئۈستىدە پەرز نامازلاردىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ناماز ئوقۇيتتى، دەپ رىۋايەت قىلغان. ئابدۇرراززاق دېدى: مەن سەۋرىينىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم.. (مۇسەننەفى ئابدۇرراززاق 2/559-بەت 4454-نومۇر).
  10-سۈننەت نامازلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا پەرز نامازلاردا يۈز بېرىدىغان كەمتۈكلۈكنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ۋە يەنە شەيتاننىڭ پەرز نامازلارنى تاشلاشقا ۋەسۋەسە سېلىشىدىن ساقلىنىش كۆزدە تۇتۇلغان، سەپەر ئۈستىدە بۇ مەنىلەر يەنىلا مەۋجۇت، دېمەك سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشتا سەپەردە ئەمەس كىشى بىلەن سەپەردىكى كىشى ئوخشاش، سەپەردىكى كىشى سۈننەت ئوقۇسا ھېچقاندا زەرەرگە ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى ئۇنى ئۇلىغى ۋە قاتناش ۋاستىسىدىن يەرگە چۈشمەيلا ئوقۇۋالسا بولىدۇ.
 
ئەمدى سەپەر ئۈستىدە سۈننەت ئوقۇسا بولمايدۇ، دەپ قارىغانلار، بۇلار بىلەن بىللە ھازىرقى زامان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر قىسىم ئالىملارمۇ بار. بۇلارنىڭ قارىشىغا نەزەر قىلىدىغان بولساق، بۇ قاراش يۇقىرىقى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندۇر. بۇلارنىڭ دەلىلى بولسا:
ھەفس ئىبنى ئاسىم رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاتام ماڭا سۆزلەپ بەردىكى، ئۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەمرا بولغان ئىدىم، ئۇ سەپەردە ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمايتتى، ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر ۋە ئوسمانلارغىمۇ ھەمرا بولغان ئىدىم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي!(سەھىھەين: بۇخارى 1102-ھەدىس. مۇسلىم 689-ھەدىس)
ئۇنىڭغا قارىتا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ جاۋابى:
سەپەردە نەپلە ۋە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر ئىسپاتلىغۇچى، ئوقۇماسلىق توغرىسىدا كەلگەن ھەدىس نەفيى قىلغۇچى بولغاچقا، ئىسپات مەزمۇنىدىكى ھەدىسلەر بۇ ھەدىسنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ كۆرمىگەنلىكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەقەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى يا كۆپىنچە ئەھۋالدا قىلمىغانلىقىنى، ياكى قىلغان بولسىمۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنى كۆرمەي قالغان بولۇشىنى ياكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ كۆرگىنى بەزى ۋاقىتلاردا بولغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بەلكى بەزىدە پەرزدىن باشقا نامازلارنى چېدىرىدا ئوقۇغان بولسا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما كۆرمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن، ھەرھالدا بۇ سۈننەت ۋە نەپلە نامازلارنى سەپەردە ئوقۇمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئوقۇسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
ئۇ كۆرمىگەن بولسا باشقىلار كۆرگەندۇر، مەسىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەپەر ئۈستىدە ئوقۇغانلىقى يۇقىرىدا سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىندى، بۇنى باشقىلار كۆرگەن ۋە رىۋايەت قىلغان.
يەنە ئوسمان رەزىيەللاھۇنىڭ كېيىنكى چاغلاردا مىنادا تۆت رەكئەت نامازنى قەسىر قىلماي تولۇق ئوقۇغانلىقىنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۆزى رىۋايەت قىلغان. مەسىلەن:
نافىئ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن مىنادا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن، ئەبۇ بەكىر بىلەن، ئۆمەر بىلەن ۋە ئوسمان خەلىپە بولغان دەسلەپكى چاغلاردا ئوسمان بىلەن قەسىر قىلىپ ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇغان، كېيىنچە ئوسمان تولۇق ئوقۇدى.(سەھىھەين: بۇخارى 1082-ھەدىس. مۇسلىم 694-ھەدىس.)
بۇ ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى يەنە بىر رىۋايىتىدە ئاخىرىدا مۇنداق كەلگەن: "كېيىن ئوسمان تۆت رەكئەت ئوقۇغان. شۇڭا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىمام بىلەن ئوقۇغىنىدا تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى. ئاشۇ نامازنى يالغۇز ئوقۇسا ئىككى رەكئەت ئوقۇيتتى.) مانا بۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ، يەنە تېخى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۆزىنىڭمۇ سەپەر ئۈستىدە بەزىدە پەرزنى قەسىر قىلماي تۆت رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.
دېمەك ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يۇقىرىدىكى كۆرمىدىم دېگەن سۆزىدىن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ سەپەردە سۈننەت نامازنى مۇتلەق ئوقۇمىغانلىقى چىقمايدۇ.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا سەپەر ئۈستىدە يەڭگىللىتىش ئۈچۈن پەرز نامازنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان تۇرسا، پەرزنى قىسقارتىپ تۇرۇپ نەپلە ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
بۇنىڭ جاۋابى ئىككى خىل بولىدۇ:
بىرىنچىسى: نامازنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلمىغانلىقى ئوقۇمىسا ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئوقۇسا ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
ئىككىنچىسى: پەرز دېگەن ئوقۇمىسا بولمايدىغان نامازدۇر، ئەگەر تولۇق ئوقۇش بەلگىلەنگەن بولسا ئۇنى تولۇقلاش پەرز بولغان بولاتتى، ئەمما نەپلە ۋە سۈننەت ناماز دېگەن ئىنساننىڭ ئىختىيارىغا قويۇلغان ئەمەلدۇر، شۇڭا ئۇنى قىلسا مەيلى دېيىش مۇساپىرغا ئاسانلىق بولىدۇ، ئۇ خالىسا ئوقۇپ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، خالىسا ئوقۇمايدۇ، گۇناھمۇ بولمايدۇ. (يۇقىرىقى تەھلىللەر ئۈچۈن ئەلمۇغنىي 2/69 ئەلمەجمۇئ 4/346 نەيلۇل ئەۋتار 3/269 غا قارالسۇن)
 
يەنە ھازىرقى زامان سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن بەزىلەر: سەپەردە بامداتنىڭ سۈننىتى، ۋىتىر نامىزى، كېچىدىكى تەھەججۇد نامىزى، يەنە بارلىق مۇتلەق نەپلە نامازلارنى ئوقۇسا بولىدىغانلىقىغا ھەدىستە كەلگەن دەپ سەۋەب كۆرسىتىدۇيۇ بىراق ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەپەردە قىلغانلىقى ھەدىستە كەلمىگەن نامازلارنىمۇ قوشۇپ جائىز دەيدۇ. مەسىلەن: تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ناماز، كۈن ياكى ئاي تۇتۇلۇش نامىزى، تەھىييەتۇل مەسجىد قاتارلىق بىرەر سەۋەبلىك سۈننەت نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە ئوقۇمىغان دېيىلگەن ئاشۇ سۈننەت نامازلارنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئوقۇمىغانلىقى ئۇنى ئوقۇسا جائىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
سەپەر ئۈستىدە سۈننەت ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىقنى ھەنبەلىي مەزھەب قارىغاندەك مۇساپىرنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇش بەلكى ئەڭ مۇۋاپىق قاراش بولسا كېرەك، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ مۇستەھەب دېگەن قارىشىغا ماس كېلىدۇ. چۈنكى مۇساپىر كىشى بەزىدە بىئارام ھالەتتە بولغاچقا سۈننەت ناماز ئوقۇشتا قىينىلىپ قالىدۇ، بەزىدە ئىنتايىن خاتىرجەم، قونالغۇ ياكى تۇرالغۇغا چۈشكەن ھالەتتە بولىدۇ، بۇ چاغدا كىشى خالىغانچە سۈننەت، نەپلە نامازلارنى ئوقۇپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشسا، ساۋاب كۆزلىسە بۇنىڭغا يول ئوچۇق، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىم بەقەرە سۈرىسى 158-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: (كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.)
بۇ مەسىلىدە بەزى ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ تاللىغان قارىشىمۇ مۇۋاپىق بولسا كېرەك، ئۇلار سەپەر ئۈستىدە قورقۇنچ، ئەندىشە ۋە ئالدىراش ھالىتىدە نەپلە ۋە سۈننەت نامازلار ئوقۇمايدۇ، خاتىرجەم، بىخەتەر ھالەتتە ئوقۇيدۇ، چۈنكى نەپلە، سۈننەت نامازلار پەرز نامازلاردىكى نۇقسانلارنى تولۇقلايدىغان بولغاچقا مۇساپىر كىشى نەپلە، سۈننەت نامازلىرىدىن كېلىدىغان ساۋابقا ئوخشاشلا موھتاج، قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ھالىتى ئۆرۈر ھالىتى بولغاچقا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان.(فەتاۋا ھىنديە 1/139 ۋە راددۇل مۇھتار).
سەپەردە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇغان تەقدىردە تۆت رەكئەتلىك سۈننەت ناماز قەسىر قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ ئەسلىدە پەرز ئەمەس ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئوقۇيدىغان نەپلە ناماز بولغاچقا يا ئۇنى تولۇق ئوقۇيدۇ ياكى ئۇنى پەقەتلا ئوقۇمايدۇ.
 ۋەللاھۇ ئەئلەم.
 
 پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-12-10
 

                                           مەنبە: ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى

بىگان 2011-12-11 14:31
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

كۆكئاي 2011-12-11 15:24
ئۇستاز ئىمام نەۋەۋى شافى بولغاچقا ئۇ كىشى بىزنىڭ ئىماملېرىمىز دەپ سۆز باشلىسا بەزىلەر شافىلارنى كۆزدە تۇتقىننى بىلسىمۇ بەزىلەر بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن دوكتور ئەپەندىم تىرناق ئىچىگە شافى مەزھەپ دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن بۇلىشى مۇمكىن .

uyghur 2011-12-11 15:32
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى كۆكئاي نىڭ 2011-12-11 15:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇستاز ئىمام نەۋەۋى شافى بولغاچقا ئۇ كىشى بىزنىڭ ئىماملېرىمىز دەپ سۆز باشلىسا بەزىلەر شافىلارنى كۆزدە تۇتقىننى بىلسىمۇ بەزىلەر بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن دوكتور ئەپەندىم تىرناق ئىچىگە شافى مەزھەپ دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن بۇلىشى مۇمكىن .



بەلكىم

rawiya 2011-12-11 19:46
قەلىبتىن چىققان سۆز قەلىبقا تىگىدۇ دەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتقان ، ئاللاھ مۆئمىنلىرىگەرەھمەت ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتسۇن........

arzuyum 2011-12-11 22:23
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ،  تولمۇ  ئەھمىيەتلىك  تېما  بوپتۇ  .  مۇشۇ  قۇربان  ھېيتتا   ئىنىلىرىم  بىلەن نامازنى  قەسىر  قىلىپ  ئۇقۇش  توغرىسدا  مۇنازلىشىپ  قالدۇق  ،ھېيتنىڭ  ئىككىنچى  كۈنى   ئادەتتىكىدەك  ئۇقۇش  توغرىسىدا بىرلىككە  كەلگەن   ئىدۇق .

ئۆزئۇيغۇر 2011-12-11 23:36
بېشىمنى قاتۇرۇپ كەلگەن  بىر مەسىلە ھەل بولدى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

nawkeran 2011-12-11 23:38
قەلىبتىن چىققان سۆز قەلىبقا تىگىدۇ

qimpiyun 2011-12-12 01:19
nida0998قرىندىشىم  ،چاشكا ، نامىزى  توغۇرلۇق بىزە  چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ....؟؟؟؟

تېمىڭىزدىن تولىمۇ  مەمنۇن  بولدۇم رەھمەت .اللاھ  قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىگەي   امىــــــن !!!

nida0998 2011-12-12 03:17
  


nida0998قرىندىشىم  ،چاشكا ، نامىزى  توغۇرلۇق بىزە  چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ....؟؟؟؟

تېمىڭىزدىن تولىمۇ  مەمنۇن  بولدۇم رەھمەت .اللاھ  قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىگەي   امىــــــن !!!
...........................................................................................
مەن ئەھلى ئىلىم ئەمەس ، بىلەلمىگەن مەسىللىگە مۇنبەردە ئەھلى ئىلىم بۇرادەرلەر بار، شۇلار جاۋاپ بەرسۇن ،

ئىزباسار 2011-12-12 09:30
سەپەردىكى سۈننەت نامازلار توغۇرلۇق كەڭرى يول تۇتۇلغان. قايسىسىنى تۇتسا بۇلىۋېرىدۇ.
ئەمما ئوقۇش ياخشى كۇرلىدىغان ئىش.

ئىزباسار 2011-12-12 09:32
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى qimpiyun نىڭ 2011-12-12 01:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
nida0998قرىندىشىم  ،چاشكا ، نامىزى  توغۇرلۇق بىزە  چۇشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ....؟؟؟؟

تېمىڭىزدىن تولىمۇ  مەمنۇن  بولدۇم رەھمەت .اللاھ  قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىگەي   امىــــــن !!!

تۈۋەندىكى تىما دەل سىز ئىزدىگەن تىما.
http://www.uzuk.net/?p=61

بىگان 2011-12-12 11:25
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

بىگان 2011-12-12 11:27
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

كۆكئاي 2011-12-12 14:08
ھە ئۇستاز ئىمام نەۋەۋى شۇنداق دىمەكچى

كۆكئاي 2011-12-12 14:11
بىگان ئەپەندىم دىگەن كىتاپ ياخشى كىتاپ بولسا شۇنى بىرەدىن ئەپ قۇيۇڭلا

ئىزباسار 2011-12-12 15:15
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-12-12 11:27 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 5-قەۋەت (arzuyum) نىڭ يازمىسىغا :
بولسا دىن ۋە ھايات 2000 سۇئال دىگەن كىتابنى كۆرۈپ بىرىڭ،ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە يىزىلغان كىتاب.

ئالىملارنىڭ ئىتىپاقى بۇيىچە ئەمەس ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللەنىڭ مەزھىپىنى بويلاپ يېزىلغان كىتاب.
ئەمما ئېلىپ ئوقۇساڭلار نۇرغۇن بىلمىگەن ئىشلارنى بىلۋالالايسىلەر

بىگان 2011-12-12 17:04
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

kelem 2011-12-12 22:47
كىتاپنىڭ ئىسمى (دىن ۋە ھايات 2000 سۇئال) شۇنداقمۇ...؟

abdullajan 2011-12-13 03:17
ھە،شۇنداق دىن ۋە ھايات ( 2000  سوئالغا جاۋاب)


查看完整版本: [-- سەپەردە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.066807 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us