查看完整版本: [-- كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قۇلۇپلاشنى ئۈگىنىۋىلىڭ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپيۇتېردىن سۇئال - جاۋابلار -> كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قۇلۇپلاشنى ئۈگىنىۋىلىڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

almiliq 2011-12-10 11:49
         دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن كومپيۇتېر ھەربىرىمىزنىڭ ئايرىلماس قۇرالى بولۇپ قالدى. ئۆيىمىزدىكى كومپيۇتېر ئۆزىمىز بىر ئادەم ئىشلەتسەكمۇ، لىكىن ئىشخانىلىرىمىزدا بىر قانچە كىشى ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا موھىم، شەخسىي ماتىرىياللارنى قۇلۇپلاشقا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە ھۆججەت قۇلۇپلاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۋالغايسىلەر. ( شەرت:كومپيۇتېرىڭىزغا پىرىسلاش دىتالى قاچىلانغان بولۇشى لازىم )
1- قەدەمدە: قۇلۇپلىماقچى بولغان ھۆججەتنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ، 添加到压缩文件 تۈرىنى تاللايمىز .
[attachment=13844]
2-قەدەمدە: قىزىل كاتاكچىدىكى 高级 نى بېسىپ، 设置密码 تۈرىنى تاللايمىز.
[attachment=13845]
3-قەدەمدە: يۇلتۇز بەلگىسى بار ئورۇنغا مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ، قىزىل كاتاكچىدىكى 加密文件名 نى تاللاپ، 确定 نى باسىمىز.
[attachment=13846]
4-قەدەمدە: ھۆججەت قۇلۇپلانغان ۋە پىرىسلانغا ھالەتتە ساقلىنىدۇ، ئاچماقچى بولساق مائۇسنى تېز ئىككى قېتىم چەكسەك، مەخپى نومۇرنى سورايدۇ، مەخپى نومۇرنى كىرگۈزسەكلا ھۆججەت ئېچىلىدۇ.
[attachment=13847]
كومپيۇتېرغا قاچىلانغان windows xp ئانچە-مۇنچە پەرق بولغانلىقتىن مەشغۇلاتلاردىمۇ پەرقلەر بولدىكەن. تۆۋەندىكسى بىۋاستە قۇلۇپلاش ئۇسۇلى.
[attachment=13848]

uyghur 2011-12-10 13:11
ئاددى بولغىننى بىلەن بىلىشكە تىگىشلىك ئىش...

بىگان 2011-12-10 14:00
بۇ پىرىسلاپ مەخپي نۇمۇر سىلىش دىيىلدۇ.ئەمما ھۆججەتلەرگە بىۋاستە مەخپى نۇمۇر سىلىش ئۈچۈن يۇمشاق دىتال كىتىدۇ.يۇقارقى ئۇسۇلدا چوقۇم پىرىسلاشقا توغرا كىلىدۇ

general 2011-12-10 14:18
بەيدۇدىن 宏杰文件夹加密软件 دەپ يېزىپ ئىزدەپ،بۇ يۇمتالنى كومپيۇتېرغا قاچىلىغاندىن كېيىن ھەر قانداق ھۆججەتنى قۇلۇپلىغىلى،يوشۇرغىلى بولىدۇ،ھەتتا قاتتىق دېسكا رايونلىرىنىمۇ قۇلۇپلىغىلى ۋە يوشۇرغىلى بولىدۇ.ئىشلىتىش بەكلا ئاددىي، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن،مائۇسنى ئوبېيكىت ھۆججەتنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ مائۇس كۇنۇپكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپلا چىققان تىزىملىكتىن قۇلۇپلاشنى تاللىساق بولدى.( بۇ مەڭگۈلۈك ھەقسىز يۇمتال)

بۇ ئادرېسقا كىرىپ چۈشۈرۈڭ:   http://www.55tools.com/  

 

!adiyat 2011-12-10 16:25
نەق مەن ئىزدەۋاتقان  نەرسىتى..چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم  قالتىسكەن. .رەخمەت ئالمىلىق ،  گىنرال قاتارلىق سوپىلارغا..

eltabir9 2011-12-10 17:18
رەخمەت سىلەرگە خىلى بولغان بۇ توغۇرسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدەۋاتقىلى.مۇشۇنداق پايدىلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەرلەندۇرۇپ تۇرغايسىلەر.

muslim. 2011-12-10 23:52
رەخمەت قېرىندىشىم!

abdullajan 2011-12-13 03:29
لېكىن شۇ يۇمشاق دېتالنى ئۆچىرۋەتسىلا ھەممىسى ئېچىلمايدىغان ھۆججەتكە ئايلىنىپ قالامىكىن؟....

شەكۇرە 2011-12-17 23:00
  رەھمەت بۇ مەن ئىزدەۋاتقان نەسىكەن بولسا مۇشۇندا كومپىيوتىر بىلىملىرىنى كوپلەپ يوللاپ تۇراسىز مەندەك يىڭى ئۇگەنگۇچىلەرگە بەك ياردىمى بولىدىكەن


查看完整版本: [-- كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى قۇلۇپلاشنى ئۈگىنىۋىلىڭ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.063807 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us