查看完整版本: [-- مەن تۈركچىنى مۇنداق ئۆگەندىم --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تىل ئۈگۈنۈش سالونى -> مەن تۈركچىنى مۇنداق ئۆگەندىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

m.uygur 2011-12-07 16:49
سالام دوستلار،

مەن، تەرجىمە قىلغان ھېكايە ۋە شېئىرلىرىم ئۇنتۇلۇپ، يوقاپ كەتمىسۇن دەپ، ئاتا-ئانامنىڭ تۈرتكىسى ۋە ياردىمى بىلەن تور بېتىم (http://www.mahinur.com) دە ئىلان قىلىشنى باشلىغان ئىدىم، تۈنجى يوللىغىنىم ”كۈنلۈك“  نامىدىكى بىر شېئىر ئىكەن، 2011- يىلى 2-ئاينىڭ 4- كۈنى يوللانغان ئىكەن، ھازىرغا قەدەر 440 قېتىم ئوقۇلۇپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىم چىقسىلا تەرجىمە قىلغانلىرىمنى ئاتا- ئانام تۈزىتىپ بەرگەندىن كېيىن يوللاشقا باشلىدىم. يوللانغان ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان تېما تۈركچە 1- سىنىپ دەرسلىكى (تۈركچە-ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ ئۇلىنىشى) بولۇپ، 2011- يىلى 5-ئاينىڭ 23- كۈنى يوللانغان ئىكەن ۋە ھازىرغا قەدەر 4400 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت قىلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن ھېس قىلىشىمچە، تۈركچە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ سانى خىلىلا كۆپ ئىكەن ۋە ماتېرىيالغا بولغان ئىھتىياجمۇ كۈچلۈك ئىكەن.

نۇرغۇن دوستلار ئىنكاس شەكلىدە، ياكى ئېلخەت بىلەن ماڭا خەت يېزىپ ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، تۈركچە ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى، ئۆزۈم كېچىك بولساممۇ قولۇمدىن كېلىشىچە جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشتىم.

مەن ئىككى يېشىمدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئىستانبۇلدا ياشىغىنىم بىلەن، تاكى 2010- يىلى، يېشىم ئالتىدىن ئېشىپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنگە قەدەر بىرمۇ تۈرك ئاغىنەم ياكى تۈركچە ئۆگىنىشىمگە ياردەم قىلالىغۇدەك تۈرك دوستۇم يوق ئىدى، مەھەللىدە تۈرك قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە ئوينىغان ۋاقتىلاردا ئۇلار تۈركچە گەپ قىلاتتى مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەيىتتىم.  بەش يېشىمغا قەدەر   ئاتا- ئانام مېنى باشقا ھەرقانداق بىر چەتئەل تىلى بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىققا تىرىشتى. بەش يېشىمدىن باشلاپ تۈركچىنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم، ئاپام بىر سائەت ھەرپلەرنى ئۆگىتىپ قويغاندىن كېيىن ئاساسەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. ئالتە ياشقا كەلگىنىمدە، ئىككىنچى سىنىپنىڭ دەرسلىرىنىمۇ تۈگىتىپ، ئۈچىنچى سىنىپقا كىرىشكە تەييارلىق قىلغان ئىدىم، ئەمما يېشىم كېچىك بولغاچقا بىرىنچى سىنىپقا ئاران ئالدى. سىنىپتا تۈركچىدىن پۈتۈنلەي ساۋادى چىقىپ بولغان مەن بىرلا ئۇيغۇر، 41 نەپەر ساۋاتسىز تۈرك ساۋاقدىشىم بىلەن تۈنجى دەرسنى باشلىغان ئىدۇق. ھازىر 2- سىنىپتا ئوقۇۋاتىمەن. ماتىماتىكىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن، رەسىم سىزىشنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. شاھمات ئويناش ھەۋىسىم بار، بىر يىلدىن بىرى مۇزىكا چىلىشنى مەشىق قىلدىم، بىرەر مۇزىكىنى ئوڭشاپ چىلىپ باققىنىم يوق، قىزىقمايدىغان ئوخشايمەن مۇزىكا چىلىشقا.

ئاتا-ئانام، تۈركچە ئۆگىنىشنى بەش ياشقا قەدەر ئۆيدىكى ئۇيغۇرچە كىتاپلىرىمنى ئوقۇپ بولسام ئاندىن باشلىيالايدىغانلىقىمنى ئىيتقان ئىدى. ئوقۇشنى پىلانلىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇرچە كىتاپنى دەل بەشىنچى تۇغۇلغان كۈنۈمنى قۇتلايدىغان كۈنگە قەدەر چوقۇم ئوقۇپ بولۇشنى پىلانلىغان ئىدىم. ئەمما بىر ئاز ھورۇنلۇق ۋە ئويۇنخۇمارلىقىم سەۋەبىدىن ئوقۇپ تۈگىتىپ بولالمىدىم ۋە بەش ياشقا بىر ئاي كېچىكىپ كىردىم. ئۇ كۈنگە قەدەر تۈركچە ئۆگىنىشنى قانچە ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، لېكىن، بەش ياشقا كىرگەنگە قەدەر، يەنى ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغان كىتاپلارنى ئوقۇپ بولغانغا قەدەر، تۈركچە ئۆگەنسەم ئاتا- ئانامنىڭ ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. چۈنكى ئاتا- ئانام ھەردائىم ماڭا، ئاۋۋال ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى پۇختا ئىگەللىۋالمىساڭ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭدا، قەتئىي پۇختىيالمايسەن، ۋە بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايىتى يېقىن بولغان تۈركىيە تۈركچىسى ئۇيغۇر تىلىڭنى بىر يىلدىلا يۇتۇپ كېتىدۇ ۋە سەن ئۇيغۇر بولالمايسەن، دەيتتى.

گەرچە بەش يېشىمغا بىر ئاي كېچىكىپ كېرگەن ۋە بىر ئاي كېچىكىپ بەشىنچى توغۇلغان كۈنۈم قۇتلانغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇ كۈنى مەن ناھايتى خۇشال ئىدىم. ئۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئاپام ماڭا تۈركچە ھەرىپلەرنى ئۆگىتىپ قويدى. مەن پەقەت بىر سائەتتىلا ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. چۈنكى 29 ھەرپلا بار ئىدى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا بولغىنىدەك، ھەرپلەرنىڭ ئۇنداق كۆپ شەكلى يوق ئىدى. (تۈركچە كىتاپ ئوقۇش ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇغاندەك كۆزگە راھەتلىك بېرەلمەيىتتى.) خىلى بۇرۇنلا ”ئەڭ گۈزەل ھايۋان ھېكايىلىرى“ ناملىق كىتاپنى سېتىۋالغان ئىدۇق، ئاپام بىزگە ئۇ تۈركچە كىتاپنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بېرەتتى، ھىكايىلىرى قىزىقارلىق بولغاچقا ئاپامنىڭ ۋاقتى يەتمىگەندە ئۆزۈم ئوقۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىپ ئوقۇيالمىغان ئىدىم. ئىچىمدە بىر ھەۋەس، ئۇ كىتاپنى ئوقۇش ھەۋىسى بار ئىدى. مەن ھەرىپلەرنى ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىنلا دەرھال ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ بېقىشقا ئۇرۇندۇم ۋە بىر قانچە جۈملىنى ئوقۇيالىغاندىن كېيىن كېرىشىپلا كەتتىم. كېرىشىپ كەتتىم، ئەمما بىرىنچى ھېكايىنى، يەنى «ئارسلان ۋە ئۆكۈزلەر» ناملىق ھېكايىنى، ئىككى- ئۈچ كۈنگە قەدەر قايتا قايتا ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن راۋان ئوقۇپ چۈشەنگۈدەك بولدۇم. 2- ھېكايىدىن باشلاپ راۋان ئوقۇشقا ۋە چۈشىنىشكە باشلىدىم. ھەر بىر ھېكايىنى راۋان ئوقۇغۇدەك بولغاندا داۋامىدىكى ھىكايىگە ئۆتتۈم . مۇشۇنداق قىلىپ، بىرەر ئاي ئىچىدە بۇ كىتاپنى تولۇق ئوقۇپ بولدۇم. مەن ئۇ ۋاقىتتا بەش ياشتا بولغاچقا ئۇ ۋاقىتلىرىمنى بەك ئەسلىيەلمەيمەن، ئەمما بۇ ئىشلار پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ. دەل بىر ئاي بولغاندا، مەن بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بولدۇم، سېڭلىمغا بەزى ھېكايىلەرنىڭ تۈركچىسىگە قاراپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بېرىشكە باشلىدىم. تۈركچە سۆزلەشكە – چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئاتا-ئانام مېنى كىتاپتىكى ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلىپ بېقىشقا دەۋەت قىلدى. مەن سىناپ باقاي دەپ تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم. دەسلەپكى تەرجىمەم ئاتا- ئانامغا ياراپ كەتتى ۋە شۇ پىتى ۋاقتىم چىقسىلا بۇ ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلىپ، كومپىيوتىرىمغا كېرگۈزۈشكە باشلىدىم. يازلىق تەتىلدە ھەممىسىنى پۈتتۈردۈم ۋە يېقىندا تورغا يوللىۋەتتىم.

مەن تۈركچىنى بۇ كىتاپتىن ( ”ئەڭ گۈزەل مەسەللەر – ئەڭ گۈزەل ھايۋان ھېكايىلىرى“ ناملىق بۇ كىتاپتىن؛ ئۇلىنىشى: http://www.mahinur.com/uygur/551) ئۆگەندىم، بۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىغا بولغان ھەۋىسىم تۈپەيلىدىن ئۆگىنىشكە باشلىدىم. كىتاپتىكى ھېكايىلەر بەكلا چۈشىنىشلىك، قىسقا ۋە مەن ئوقۇغان ئۇيغۇرچە كىتاپلاردىمۇ ئۇچرايدىغان بولغاچقا، دەسلەپكى سەۋىيىدىكى ۋە تۈركچە ئۆگىنىشنى قانداق باشلاشنى بىلەلمەي قالغان دوستلارغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ. بىر ئاي ئىچىدە تۈركچىدىن ئاساس سېلىۋالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئەگەر سىز تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، بۈگۈن، ھازىرلا بۇ يەردىن باشلاڭ، ئەتە، ئۆگۈن … ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىرەر ئاي ۋاقىت چىقسىلا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. 2-3 ئاي ئىچىدىلا تۈركچىنى راۋان ئىشلىتەلىگۈدەك سەۋىيىگە كىلەلەيدىغانلىقىڭىزغا تىلەكداشمەن.

تۈركچە ئۆگىنىشتە مەن تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچ ۋە ئۇلىنىشلارنى تەۋسىيە قىلىمەن:

1) تۈركچە ھەرىپلەرنى ئۆگىنىش باسقۇچى (بىرەر سائەت): http://www.mahinur.com/uygur/190

2) تۈركچە بوغۇم مەشىقى (بىرەر سائەت): http://www.mahinur.com/uygur/206

3) تۈركچە سۆز ئوقۇش مەشىقى (بىرەر سائەت): http://www.mahinur.com/uygur/208

4) تۈركچە قىسقا ھېكايىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىش (بىرەر ئاي): http://www.mahinur.com/uygur/551

5) تۈركچە باشقا ئوقۇشلۇق ۋە دەرسلىكلەر (خالىغىنىڭىزچە): http://www.mahinur.com/uygur/312

گۈزەل تىلەكلىرىم بىلەن،

ماھىنۇر ئۇيغۇر

ئېلخەت ئادرىسىم: Uygur@Mahinur.Com
تېما مەنبەسى: ماھىنۇر ئۇيغۇر بالىلار باغچىسى  http://www.mahinur.com/uygur/582

mayak 2011-12-07 18:26
سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت، مەنمۇ سىز تەمىنلىگەن نۇرغۇن دەرىسلىكلەرنى چۈشۈۋالغان بۇندىن كىيىنكى ئوقۇشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولشىنى تىلەيمەن.

zero903 2011-12-07 18:28
مەنمۇ ئۆگىنىمەن ئەمدى

مۇسلىم، 2011-12-07 18:31
اللا رازى بولسۇن ئۇماق سىڭلىم كۆپ جاپا چىكىپسىز  قوللىرىڭىزدىن گۈل ئىنسۇن كۆپ رەھمەت .....!!!!!!!
زىرەك چىچەنلىكىڭىزگە ئاپىرىن .!!!!!!
اللا بەختىڭىزنى بەرسۇن ئائىلىڭىزنى بەخىتلىك ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق كەلگۈسىڭىزنى پارلاق قىلغاي ........!!!!!!

nazuk... 2011-12-07 18:46
ئوماق سىڭلىم ماھىنۇر،ئەقلىڭىزگە بارىكاللا،تور بېتىڭىزنى كورۇپ، كىچىككىنە تۇرۇپ شۇنچە نەرسىلەرنى يازغىنىڭىزغا ھەيران قالدىم،بىز پايدىلىنىدىغان نۇرغۇن بىلىملەر باركەن،سىزنى تەربىيىلىگەن ئاتا-ئانىڭىزغا ئاپىرىن!بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىڭ

aptap104 2011-12-07 19:21
مەنمۇ ئۈگەنسەم بولىتى . ئالدىرماي كىنولىرىنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنىۋاتىمەن .

qimpiyun 2011-12-07 21:35
مەن بالامغا ئۆگەتسەم بولغىدەك.....مەن ...مىنىڭ يېشىم ئۇتۇپ كەتتى.

umedwar 2011-12-08 02:05
ئەسسالامۇ ئلەيكۇم ۋەرھىمەتۇللاھې ۋەبەرە كاتۇھۇ  اللە  سېزنې ھەر ئېككېلې دۇنيادا بەخېتلېك قېلسۇن  قېرندېشېم...سېز قايسې خەلېقئارالېق ئا لاقلېشېش قۇراللېرنې ئېشلېتسېز مەسلەن .سېكايپې. ياكې مېسسېنجېر .ياكې ۋوۋ . ياكې باشقېلار..... بولسا نۇمۇرڭېزنې تېما  ئاستېغا قالدۇرۇپ قويسېڭېز  مۇمكېن بولسائالاقلاشساق ياخشې بولاتتې دەرېسلېك توغۇرلۇق................................................

m.uygur 2011-12-08 03:14
مەن بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكىسى مېنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم:
uygur@Mahinur.Com

ئىزباسار 2011-12-08 08:50
ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيدۇ 6ياشلىق قىز ئىكەنلىكىگە

turkzad 2011-12-08 11:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم umedwarقېرىندىشىم، سىز قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇيسىز؟ مۇئەللىمىڭىز ئۇيغۇرچە يېزىشنى تازا ياخشى ئۆگەتمىدىمۇ نېمە؟ ماھىنۇر سىڭلىمىزنىڭ خېتىغا قاراپ بېقىڭ، بىرەر خاتالىق بارمىكەن، ئۇندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بېقىڭ، دەسلەپتە قايسى يېزىقتا يازغاندۇ دەپ قاپتىمەن!...
ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى، يېزىقىنى ئۆزىمىز خارلاپ، باشقا ھەر قانداق شۇئار توۋلىساق بىكار! ئاۋۋال خېتىمىزنى ئوڭشاپ يازايلى، ھەممىمىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ماھىنۇر سىڭلىم، سىزگىمۇ ۋە سىزنى مۇشۇنداق پەخىرلىك چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىڭىزغىمۇ كۆپ رەھمەت، ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!

رىشتە 2011-12-09 05:55
ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمەيدۇ 6ياشلىق قىز ئىكەنلىكىگە

ay-turk 2011-12-09 10:10
ھەي باللا.... ! 8 ياشلىق قىز بۇ، شۇنداقتىمۇ ھەيران قالارلىق . ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ماھىنۇر!

ئۆزئۇيغۇر 2011-12-10 18:54
مەن 10 ياشلىق قىزىمغا ئۆگەتسەم تاپشۇرۇق بېسىمى تۈپەيلىدىن تۈزۈك ئگۈنەلمىدى

muslima32 2011-12-11 01:28
ئۇماق قىزىم سىز مىنىڭ قىزىم بىلەن تەڭتۈش كەنسىز شۇڭا قىزىم دەپ ئاتاۋەردىم خاپا بولمىغايسىز ،ئاللاھ ئىگەم ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، ئەزىز تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن ،ئۇماق قىزىم نەگىلا بارماڭ ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۇيغۇر، يەنىي بىر مۇسلىمە قىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ،

anisa 2011-12-11 16:56
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،سىز مۇشۇ سەۋىيىڭىز بىلەن قۇرئان يادلىسىڭىز ،تېزلا يادلاپ بولغۇدەكسىز.


查看完整版本: [-- مەن تۈركچىنى مۇنداق ئۆگەندىم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047155 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us