查看完整版本: [-- ئۆزۈمگە نەسىھەت --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئۆزۈمگە نەسىھەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قۇتلان 2011-12-07 16:40


ئۆزۈمگە نەسىھەت


ئاپتۇرى
چىندىل




 
نەپەسلىرىنڭ سانىماقتا ئۆمرۇڭنى
پىلانلىرىڭ تىخى ئەمدى باشلاندى
تۈگەر ئۆمرۈڭ چۈشەنگەندە دۇنيانى
ئارمانىڭ كۆپ دەرمانسىز، كۆز  ياشلاندى
 
تەگسىز يولغا باشلار دائىم  ھىرىسلىق
كىيىمىڭگە داغ چۈشمىسۇن ئاۋايلا
مەدەت تىلە ئىگەڭ بەكمۇ شەپقەتلىك
ساقلىمىسا ئازار ئىنسان ئوڭايلا
 
يان باسمىغىن زالىملارغا پاسىققا
كىر يۇيغانغا چوقۇم يۇندا چاچرايدۇ
ئاللاھ تۇرسا بەندىلەرگە تەلمۇرمە
سۇ يوق يەردە ھەرگىز كىمە ماڭمايدۇ
 
ساقلان دائىم ھاراملاردىن شەكلەردىن
جەننەت كۆرمەس ھاراملاردىن ئۆسكەن تەن
ئىستىغفارىڭ بولسۇن جارى تىلىڭدا
تومۇرۇڭدا شەيتان ئاقار ئىنسانسەن
 
پىكاپ ياكى تۇلپارلارغا مىنگەننى
ئۇنتۇلدۇرار جىنازىغا مىنگىنىڭ
بارغان جايدا يوقتۇر ھەيۋەت ئىناۋەت
قەبرەڭ سىقسا چىقار ھەر بىر يىگىنىڭ
 
توي كىچىسى سۈرگەن لەززەت قالمايدۇ
مۇنكىر نەكىر سوراغىنى باشلىسا
ھىساپ ئالغىن ھەركۈن ئۆزەڭ ئۆزۈڭدىن
ئۈلگۈرمەيسەن جەھەننەمگە تاشلىسا
 
خۇدا قازى بولغان چاغدا بارچىگە
چۈشەندۇرۈش ياكى سودا ئاقمايدۇ
چىندىل بىلەن پاكلانمىساڭ دۇنيادا
خۇدا ئوتلۇق دەۋزەخ بىلەن پاكلايدۇ



مەنبە: ساقىيەچۈش تەبىر تورى




omer 2011-12-08 14:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بۇ قانداقتۇر ئۆزىڭىزگىلا نەسىھەت بولۇپ قالماستىن، بەلكىم ھەممىمىزگە نەسىھەتكەن! اللە ھەممىمىزنى ھىدايىتىگە نائىل قىلغاي، ئىنسان ھەم تاشلار يېقۇلغۇ قىلىنىدىغان، قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولىدىغان دەۋزەختىن ساقلىغاي، امين!...

arzuyum 2011-12-08 16:43
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ،  قېرىندىشىمىز  ئۆمەر ئېيتقاندەك  بۇ  ھەممىمىزگە نەسىھەتكەن  !
اللاھ  ئىلىمىڭىزنى  زىيادە  قىلسۇن ،  امىين  !


查看完整版本: [-- ئۆزۈمگە نەسىھەت --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048736 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us