مۇسلىم، |
2011-12-07 15:06 |
ئانا بولغۇچىنى ياخشى تاللاشپەرزەنتىنى ياخشى تەربىيىلىمەكچى بولغان ھەر قانداق كىشى كەلگۈسى پەرزەنتى ئۈچۈن ياخشى بىر ئانا بولالايدىغان ياخشى ئايالنى تاللىشى كېرەك. ئىسلام دىنى ئىسلامىي ئائىلىنى ئاساس قىلغان ئىسلامىي جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان دىندۇر . ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ قانداق بولۇشى ئۇنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىنىڭ قانداق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ناھايىتى ئېتىبار بېرىدۇ. ياخشى بىر ئايال ئاتا بولغۇچىنىڭ پەرزەنتى ئۈستىدىكى تەربىيىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە ئۇتۇقلۇق بولۇشىدا ئەڭ ئاساسلىق ياردەمچىسىدۇر . شۇنداقلا تەربىيىلەشتە تايىنىدىغان بىردىنبىر تۈۋرىكىدۇر. ئايال كىشى گەرچە جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىدا بىۋاسىتە چوڭ رول ئوينىمىغاندەك قىلغان بىلەن جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان، جەمئىيەتنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئوڭشايدىغان، بۇزۇقچىلىق ۋە ھالاكەتلەردىن ساقلاپ قالىدىغان ئاجايىب شەخس لەرنى تەربىيىلەپ چىقىشتا مۇھىم روللارنى ئوينىشى مۇمكىن. ئائىلە ھىمايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئەقىدە سېپىللىرىنىڭ بىر ىدۇر.ئائىلىنى ئەقىدىگە زىت كېلىدىغان ھەرقانداق تەسىرلەردىن مۇكەممەل تۈردە قوغداپ قېلىش، ئىسلام ئەقىدىسىنى قوغداپ قالغاندەك مۇھىمدۇر. ئائىلىنىڭ ئەقىدە سېپىلى مۇستەھكەم بولمىغىنىدا، ھەر قانداق سىرتقى تەسىرنىڭ تاجاۋۇزى ئۈچۈن يوچۇق پەيدا بولىدۇ. بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلام ئەقىدىسىگە تاجاۋۇز قىلغۇچىلارغا يوچۇق ئېچىپ بەرگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ‹ دىننى دەۋەت قىلىمەن › دەپ جەمئىيەتكە يۈزلىنىشتىن بۇرۇن ، ئۆز ئائىلىسىدىكى ئەقىدە ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىشى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر. ئائىلىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى يالغۇز ئەر كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ. چۈنكى ئائىلە دېگەن ئەر- ئايالدىن، پەرزەنتلىك ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاتا ئانىدىن تەركىپ تاپقان بىر قورغاندۇر . ئەر بولغۇچى ياكى ئاتا بولغۇچىنىڭ ئىمانى قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك، بىلىمى قانچىلىك دەرىجىدە كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ، ئايال كىشى ياكى ئانا بولغۇچى بۇنىڭغا ماس ھالدا ماسلىشىپ بەرمىگەندە، كۆزلەنگەن مەقسەتكە ھەرگىز يەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئائىلىنىڭ ئىسلامىي ئائىلە بولۇشىدا ياكى پەرزەنتلەرنىڭ ئىسلامىي ئەخلاق، ئەقىدە، توغرا ئىدىيە ئېڭىدا يېتىلىشىدە ئانىنىڭ رولى ناھايىتى زوردۇر. بۇنى ھەر قانداق بىر تەربىيە قىلغۇچى چوقۇم ياخشى تونۇپ يېتىشى كېرەك. ئائىلىنىڭ پەرھىزكار ئائىلە بولۇ شى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىشى ، ئالدى بىلەن ئايال كىشىگە، ئاندىن ئانا بولغۇچىغا، ئاندىن پەرزەنتلەرگە ، ئاندىن قالسا ئائىلىدىكى ئومۇمغا قارىتىلىشى كېر ەك. بىر ئىسلامىي ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ چوقۇم مۇسۇلمان ئايال بولۇشى شەرت . ‹ ئىسلامىي ئائىلە قۇر ىمەن› دېگەن ھەرقانداق بىر ئەر كىشى ئالدى بىلەن ئالىدىغان ئايالىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك. ناۋادا: ‹ ئالدى بىلەن ئائىلە قۇرۇلسۇن ، ئاندىن ئۇنى مۇسۇلمان قىلىمەن › دەيدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ ۋە ئۇزۇن زامان كېتىدۇ . بۇنداق كېچىكىپ بىنا قىلىنغان ئائىلىنىڭ ئەسلىدىلا مۇسۇلمان ئايال بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق بىنا قىلىنغان ئائىلىدەك ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن . شۇڭا ھەر بىر ئەر كىشى ئۆزى نىكاھلىنىدىغان ئايالنى تاللاشتا ئۇ ئايالنىڭ دىندار، ياخشى سۈپەتلىك، تەقۋا، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىدىغان ئايال بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك . چۈنكى بۇ خىل سۈپەتلىك ئايال كىشى ئەر كىشىگە ۋە ئائىلىگە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىپلا قالماي، ئېرىنىڭ مال - مۈلكىنى، ئىززەت - ئابرۇيىنى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي تۈردە توغرا ئۇسۇلدا مۇھاپىزەت قىلىدۇ . پەرزەنتلىرىنى ماددىي تائام بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئىمانىي ئوزۇق بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ. ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پاك سۈتى بىلەن بىرگە ئىمان قۇۋىتىنىمۇ سىڭدۈرىدۇ . ئىنسانغا ھەممىدىن بەكرەك ئائىلىدىن ئالغان تەلىملىرى ناھايىتى بەك تەسىر قىلىدىغان ھەم ئۇنى بىر ئۆمۈر ئېسىدە ساقلايدىغان بولغاچقا، ئانىسىنىڭ تەربىيىسى ۋە ئەجرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىگە ئورنىغان ئىمان، ئەخلاق ۋە ئەقىدە بىر ئۆمۈر ئۇلارنىڭ روھىدا ساقلىنىپ، ئەمەلىيىتىدە ئىپادە تاپىدۇ. كۆپىنچە ھالاردا بالىلار ئاتا- ئانا ياكى بۇ ئىككىسىدىن بىرىنىڭ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ تاغىلىرى، ھاممىلىرىنىڭ بىرىنىڭ خۇلقىنى تارتىدۇ. شۇڭا ئىبنى ئەدىي ۋە ئىبنى ئەساكىرنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن قىلغان رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« سىلەر ئابىي مەنىيىڭلارنى ئىلغاڭلار ، ھەقىقەتەن ئاياللار ئۆزىنىڭقېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوخشاشلىرىنى تۇغىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. دارىقۇتنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يەنە:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹ئابىيمەنىيىڭلارغا ياخشى جايلارنى تاللاڭلار› دېگەن ئىدى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئالىدىغان ئايالىنىڭ بىلىملىك بولۇشىنى تاللاش ھوقۇقى بار . چۈنكى، بىلىملىك ئايال ئەرنىڭ ئۆيىنى ياخشى ئىدارە قىلىشىدا ۋ ە پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئاياللار ئۆزىنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىگە ماس كېلىدىغان ھەر خىل ئىلىم تۈرلىرىنى ئۆگىنىش ھوقۇقىغا ئىگە . ئالىملار بىر :« ئائىلىگە نىسبەتەن ئەر بىلەن ئايال بىر كوپلېت شېئىرغا ئوخشايدۇ، بۇ بىر كوپلېت شېئىرنىڭ بىر مىسراسى يەنە بىر مىسراسىغا قاپىيداش بولمىسا قاملاشمايدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرەيش ئاياللىرىنىڭ ئەرلىرىگە ئىتائەتچان ۋە بالىلىرىغا كۆيۈمچانلىقىنى ماختىغان ئىدى. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« تۆگىگە مىنگەن ئاياللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئاياللار قۇرەيشنىڭ سالىھ ئاياللىرىدۇر، ئۇلار ئەۋلادلىرىغا كىچىكىدىنلا كۆيىنىدۇ، ئەرلىرىگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.» ئاياللارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆيىنىپ تەربىيىلىشى ، ئەرلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ئۇلارنىڭ دەرىجىلىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ . ھەمدە ئۇلارنى ئۇلۇغ ئاياللارنىڭ مەرتىۋىسىگە ئىگە قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەمەللىرى جىھادقا چىقىش، مەسجىتلەردە جۈمە نامىزى ئوقۇش بىلەن باراۋەردۇر. ئىمام مۇسلىم شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:« يەزىد ئىبنى سەكەننىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ : ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن بىر گۇرۇھ مۇسۇلمان ئاياللارغا ۋەكىل بولۇپ ئالدىڭغا كىردىم، بىزنىڭ بىلمەكچى بولغىنىمىز شۇكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ سېنى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، بىز ساڭا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ساڭا ئەگەشتۇق . بىز ئاياللارنىڭ دىنىمىز كەمتۈك، تاشقىرىغا كۆپ چىقماي ئۆيلەردە ئولتۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن بىلىدىغانلىرىمىز ئاز. ئەرلەر جۈمە نامازلىرىغا، جىنازا نامازلىرىغا قاتنىشىش، جىھاد قىلىش قاتارلىق ئەمەللىرى بىلەن بولىدۇ. ئەرلىرىمىز جىھادقا چىقسا، بىز ئۇلارنىڭ مال- مۈلكىنى ساقلايمىز، ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەيمىز . ئى ئاللا ھنىڭ پەيغەمبىرى ! ئېيتقىنچۇ، بىز ئۇلارغا ساۋابتا شېرىك بولامدۇق؟ › دەپ سورىدى. بۇنى ئاڭلىغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا قاراپ : « بۇ ئايالنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ دىن توغرۇلۇق سوئال سوراشتا بۇنىڭدىن ياخشى بىرى بارمۇ؟ ›دېدى . ساھابىلار : ‹ يوق ، ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى !› دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسماغا قاراپ: ‹ ئى ئەسما! سەن قايتىپ بېرىپ ئۇ ئاياللارغا ئېيتقىن، سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئېرىگە ياخشى خوتۇن بولۇشى، ئېرىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشكە تىرىشىشى، ئۇنىڭ مۇۋ ەپپىقىيىتىگە ھەمدەمدە بولۇشى ، سەن زىكىر قىلغان ئەرلەرنىڭ . ئەمەللىرىنىڭ دەرىجىسى بىلەن باراۋەردۇر» دېدى. ماۋەردى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ : « بالىنىڭ بىرىنچى ھەققى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ياخشى تاللانغان بولۇشى، ئۇنىڭ ئانا بولۇشتىن ئىلگىرى لاتاپەتلىك، شەرەپلىك، دىيانەتلىك، ئىپپەتلىك، تەدبىرلىك، ئەقىللىق بىر ئايال بولۇپ يېتىلگەن، ئۇنىڭدىن رازى بولۇنغان ھەم ئۇنىڭ تەدبىرلىكلىكى تەجر ىبىدىن ئۆتكەن، ئېرىگە پۈتۈن ئەھۋاللاردا بويسۇنىدىغان ئايال بولۇشى كېرەك» دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېشى كىچىك قىز قېرىنداشلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن ياراملىق ئانا بولالايدىغان ئايال (چوكان) بىلەن توي قىلغانلىقىنى قوللىغان. ئىمام بۇخارى، مۇسلىم، داۋۇد، ئىبنى ماجە، تىرمىزى قاتارلىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جابىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇزۇن بىر سۆھبەتنى بايان قىلىشقان:« بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيەىسسالام جابىرنىڭ ئۆيلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ:ئۇنىڭدىن: ‹ قىز ئالدىڭمۇ، چوكانمۇ؟ › دەپ سورايدۇ. جابىر: ‹ چوكان ئالدىم › دەپ جاۋاب بەرگەندە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ‹ قىز ئالساڭ بوپتىكەن . چۈنكى، قىز ئالساڭ ، ئۇ سەن بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، ياخشى ئۇلپەت بولاتتى› دېدى . جابىر : ‹ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ ئاتا- ئانام ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭدىن ماڭا توققۇز قىز قېرىندىشىم قالدى، مەن ئۇلارغا ئوخشاش قىزدىن بىرنى ئالسام ، ئۇ كىچىك قىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالماي قالار مىكىن دەپ ئويلاپ ئۇلارغا ياخشى قارىيالىغۇدەك، تەربىيە قىلالىغۇدەك بىر چوكان ئالدىم› دېدى.» ئانا بولغۇچى پەرزەنتلىرىگە قارىتا مۇلايىم ، سەۋرچان، مېھرىبان بولالايدىغان، ئەرلىرىنىڭ ئالدىدا پەرزەنتلىرىگە ئاچچىقلانمايدىغان، ئۇلارغا قاتتىق، نالايىق گەپ -سۆزلەرنى قىلمايدىغان، ئۇرمايدىغان ئايال بولۇشى كېرەك . ناۋادا ئانا ئاچچىقىنى باسالماي يۇقىرىقى ئىشلاردىن بىرەرىنى سادىر قىلسا، ئەر بولغۇچى ئۇ ئايالغا غەزەپلىنىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا پايدىسىز ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاند ا، سالىھ ياخشى ئايال ئەر كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ھەقىقىي خەزىنىدۇر . ئىمام تىرمىزى سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« ئالتۇن- كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا » (سۈرە تەۋبە 34-ئايەت) دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، بۇ ئايەت ساھابىلارغا ئېغىر كەلدى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلۇم بىر سەپەردە بىرگەئىدۇق، بەزى ساھابىلار : ‹بىز ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ساقلىمىساق ، قايسى مال بىز ئۈچۈن ياخشىئىكەنلىكىنى بىزگە خەۋەر بەرگىن !› دېيىشتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ‹ ئۇنىڭ ئەۋزىلى ئاللاھنى ياد ئېتىدىغان تىل، شۈكۈر ئېيتقۇچى دىل، سالىھ ئايال ۋە بىر مۆمىننىڭ ئۇنىڭ ئىمانىغا بەرگەنياردىمى› دېدى.» ئەبۇداۋاد ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ : ئاللاھ تالانىڭ :« ئالتۇن كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا »دېگەن ئايىتى نازىل بولغاند ا، بۇ مۇسۇلمانلارغا چوڭ بىر ئىش بولۇپ بىلىندى، ئۆمەر ئۇلارغا: مەن سىلەر خۇش بولىدىغان بىر خەۋەر ئېلىپ كېلىمەن ، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ : ‹ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ! بۇ ئايەت ھەقىقەتەن ساھابىلىرىڭغا ئېغىر كەلدى › دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ ئاللاھ زاكاتنى پەقەت سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنىڭ ئېھتىياجىڭلاردىن ئاشقان قىسمىنى پاكلاش ئۈچۈن پەرز قىلدى . مىراسلارنى سىلەردىن كېيىن سىلەرگە ۋارىس بولىدىغان كىشىلەرگەخاس قىلدى › دېدى . بۇنى ئاڭلىغان ئۆمەر تەكبىر ئېيتتى . ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:‹ ئەرلەر ئۈچۈن نېمىنىڭ بايلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر بىرە يمۇ؟ ئۇ بولسا،ئۇنىڭغا قارىسا دىلى سۆيۈنىدىغان، ئۇنىڭغا بىرەر ئىشنى بۇيرۇسا بويسۇنىدىغان، ئېرى قېشىدا يوق چېغىدا، ئۇ ئېرى ئۈچۈن ئامانىتىنى ساقلايدىغان سالىھ ئايالدۇر› دېدى. ئى ئاللاھ ! بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى ئاشۇنداق سالىھ، قانائەتچان ۋە ئامەنەتلىرىمىزنى ساقلىغۇچىلاردىن قىلغىن اااااااااااامىن ............!!!!!مەنبە ؛ لۇتفىيە ئونۋېرسال بىلوگىدىن ئېلىندى . |
|