查看完整版本: [-- زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

noshirwan 2011-12-02 22:44
زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟



زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى، دېگەن گەپنى كانت دېگەنمۇ ياكى روسىيەلىك بىر يازغۇچى دېگەنمۇ، ئىش قىلىپ، بىرسى شۇنداق دېگەن ئىكەن. لېكىن، بۇ گەپ ھازىرقى جۇڭگو جەمئىيىتىگە ماس كېلەمدۇ؟ ھازىرقى زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟
گەپنى زىيالىي قانداق بولۇشى كېرەك، دېگەندىن باشلايلى. زىيالىي دېگەن شۇنداق بولۇش كېرەككى، ئۇنىڭ مول بىلىمى، ئۆتكۈر تەپەككۇرى بولۇشى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقالىشى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئۆزى سەگەك بولۇشى، جەمئىيەتتە گاڭگىراش ۋە ئەسەبىيلىك بولغاندىمۇ، تەمكىن ۋە ئويغاق بولۇشى، ۋىجدانىغا سادىق بولۇپ، ھەققانىيەت ۋە نام-ئاتاق ئالدىدا توغرا تاللاپ، خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن پاي-پېتەك بولماسلىقى، جەمئىيەتنى باشقۇرغۇچىلارنى تەنقىت ئارقىلىق سەگىتىپ تۇرۇشى، جەمئىيەتتىكى ناھەق ئىشلاردىن پەيدا بولىدىغان كرېزستىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالىشى كېرەك.
زىيالىيدا جەمئىيەتنى تەنقىت قىلىش روھى بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، زىيالىي دېگەن ئۆزىنىمۇ تەنقىت قىلالىشى، ئۆزىدىكى يېتەرسىز تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلىش جاسارىتى بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، خۇسۇسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالايدۇ.
ئەنە شۇنداق زىيالىيلارنى ئەل-ئاۋام چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا ئىشىنىدۇ. ئەنە
شۇنداق زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانى بولالايدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىرقى زىيالىيلارغا قارايدىغان بولساق، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتتىن گەپ ئاچماي تۇرايلى، ئەقەللىيىسى ئۇلار ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىشتى، ئۆزلىرىنى ھەممىنى بىلىدىغان ئەۋلىيا ساناپ، ئەل-ئاۋامنى ئەخمەق-كالۋا دەپ قاراشتى. نەپ-پايدا ئۈچۈن، يامانغا يانتاياق بولۇپ، سېپى ئۆزىدىن غالچا بولدى. تاراتقۇلاردا سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىس، پروفېسسور دېگەندەك نام-ئاتاقلار بىلەن ئۆزى تەۋە تەبىقىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن گەپ ساتتى، ھەق-ناھەقنى، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ئاۋام-پۇقرانى تۇزاققا دەسسىتىپ، زىيانغا ئىتتىردى.

بۇنداقلار ئاز دەمسىلەر؟
شۇنداق زىيالىي، مۇتەخەسسىسلەردىن سوراپ باقاي، دەۋاتقان گەپلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دېيەلەمسىلەر؟ توردا – بلوگدا ئېلان قىلغان ماقالەڭلاردا ئاۋام ئۈچۈن گەپ قىلدۇق دەپ، مەيدەڭلارغا ئۇرالامسىلەر؟ ۋىجدان تارازاڭلار تەڭپۇڭمۇ ياكى كىمدىن كۆپ نەپ يەتسە، شۇ تەرەپكە ئېغىپ كەتتىمۇ؟
«سەن تاش سانىساڭ، خەلق قۇم سانايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ئەل-ئاۋامغا ئاسىيلىق قىلغانلارنى ئەل-ئاۋاممۇ تۈكۈرۈپ تاشلايدۇ. تورلاردا زىيالىيلارنى نېمە دەپتۇ دېمەمسىز، زىيالىينى زەيپانە، پروفېسسورنى پەسەندى، مۇتەخەسسىسنى كۆتەرمىچى دەپتۇدەك. مانا بۇ ئەل-ئاۋامنىڭ زىيالىيلارغا بەرگەن جاۋابى.
زىيالىيلارغا بولغان ھۆرمەت-ئېھتىرام مەسخىرە ۋە تىل-ئاھانەتكە ئايلانغاندا، زىيالىيلار يەنىلا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟

مەنبە: سىنا تورى
ئاپتور: گو مۇخۇا
تەرجىمىدە: ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان


http://elbehre.com/forum.php?mod=viewthread&tid=446

allaguwa 2011-12-03 11:36
مىنىڭچە ياق زىيالىغا  ئوبدان خىزمەت بولسا ئالدىدا نىمە ئىش يۇز بەسىمۇ كورمەسكە سېلىپ ئۇتەپ كېتىدۇ  چۇنكى بۇنى بىز كۇرەۋاتىمىز كودۇق  ھەم كورۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن   ھىج دانغا كەلسەك ھەممە ئادەن ۋىجدان باردەيدۇ ئىشەن مىسەڭلار ھاراق كەشتىن پائىشىدىن خېرۇئىنچىدىن  سۇراپ بېقىڭلار   ۋىجدان بار دىسىلا يىساپمۇ ياكى ئەمىلىيىتى يىساپمۇ  ھەركىم ئوزىگە ئوزى باھا بېرىۋالسا بولىدۇ  لىكىن بىرگەپ   يۇزپۇرسەنگە ياتمايدۇ  ۋىجدانلىقلار بار بەك ئاز  لىكىن ھەممە زىيالىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ  نۇرغۇن لىرى مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە تەرلىنىدۇ بۇ مېنىڭ يەكۇنۇم  مىنى تىللاشتىن بۇرۇن  سىزمۇ يەكۇنىڭىزنى دەلىل ئىسپات بىلەن سوزلەڭ

!adiyat 2011-12-03 11:51
زىيالى قىرىنداشلىرىمىز بىزگە يول  باشلىغۇچىلار ، ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ  ئىنسان بولغانكەن ئۆزىگە چۈشلۇق ئاجىزلىقى ۋە مۇھتاجلىقى باردۇر.
ئەگەر بىز ئارتقان يۈك  ئۇلار كۆتۆرەلەيدىغان  دائېرىدىن ئېشىپ كەتسە ،ئۇلارغا ھەر ۋاقىت گۇمان بىلەن قارىساق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىندىغان ئادەم چىقمىسا..
ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ كىتىدۇ..  كۇپرى زالالەت ئەڭ باشتا زىيالىنى  ئەگىيدۇ.  نىمىشقا  ؟  چۈنكى ئۇلار بىر قەۋىمنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان تۆت پۇتنىڭ بىرسى.   قالغان ئۈچى موللا، باي، دىھقاندىن ئىبارەت.. بۇ تۆت پۇتلۇك ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە خەلىقنىڭ
بەخىت -سائىدىتى بار..  زىيالىلارنى بەزى ئۇششاق ئىشلىرىنى  دەپ كەمسىتىش، گۇمان بىلەن قاراپ خەلىقنىڭ قوينىدىن مەھرۇم قويوش -ئاخىردا بىرىپ بىزنى <پۇراش سىزىمىمىزدىن> مەھرۇم قالدۇردۇ.  چوڭلارنىڭ بىر گىپى بار..<بۇرنى يوق پوق يەپتۇ> دەپ..

جەڭچى 2011-12-03 13:41
ئادىيات توغرا  دەيدۇ.  ھەممە ئادەم ئۆز مەسۇليىتىنى تونىيالمىسا ،،،،،ئازبىرقىسىم توغرا يولدىكى زىيالىلارنىڭ يۈكى ئىغىرلاپ كەتمەمدۇ.  موللا ئادەملەر نىڭ ئىچىدىمۇ كۈنسايىن ئۆزنەپسى ئۈچۈن گەپقىلدىغانلار كۆپىيىپ كىتىپ باردۇ ،،،بۇنداق ئەھۋاللارنى ئەمىلىي تۇرمۇشمىزدا كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز غۇ ..،،،، بوۋام بىر چاغدا مۇنداق دىگەن ئىدى،مىللىتىمىزنى خاراپ قىلۋاتقانلار
ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۋالغان بايلار بىلەن ئازبىرقىسىم پوق ساقال ھەسەل ئوغىرسى  ،،موللىلارنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋاتقان،قوي تىرىسىغا ئورنىۋالغان چىل بۆرىلەر دەپ ئىيىتقان ئىدى.،،ئويلاپ باقسام زىيالىلار راسلا  جەمىيەتنىڭ غۇرۇرى ئوخشايدۇ.

almiliq 2011-12-03 14:52
<< زىيالى قىلغان ئىشى خىيالى>>
                                            -------------؟
                  
<<زىيالى >> دىگەن بۇ ئاتالغۇغا ئىزاھات بېرىش دەۋر-دەۋرلەردىن بويان ئوخشاش بولۇپ باقمىغان.
ئەدەبىيات-نەزەرىيە-كىشى روھىنى غىدىقلىغۇچى، ھۆجەيرىنى جانلاندۇرغۇچى كۈچلۈك ئامىل، شۇنداقلا دەۋرنىڭ  چاقىنى ھەركەتلەندۈرگۈچى ماتۇر. بۇ ساھادىن زىيالىلارىمىزغا نەزەر سالساق:
مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋائىي.... قاتارلىق زاتلار ئۆز زامانىسىدىكى زىيالىلار ئىدى.
ئۇلار ئەرەپ، پارس مەدەنىيتىنىڭ كۈچلۈك زەرەتلىشىدە تۇرۇپ قالغان تۈركىي قەۋىملىرىنىڭ ئۆز مەۆجۈتلىقىنى تونۇتۇش يولىدا پۈتۈن ھاياتىنى بىغىشلىغان زىيالىلار.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ..... قاتارلىقلار زۇلمەتلىك دەۋردىكى ئىلغار زىيالىيلار ئىدى.  ئۇلار ياشىغان دەۋر ئۇلارنى شۇنچە جەڭگىۋار، شۇنچە ئۆمىدۋار، چىدام-غەيرەتلىك قىلىپ تاۋلىغان، ئۇلار زىيالىيلا ئەمەس ۋەتەن ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلغان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى.

مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر.... قاتارلىقلار تارىخ بىلەن زاماننى ئۇلاشتۇرغۇچى زىيالىلار ئىدى. ئاتا-بۇۋىسىنىڭ نەدە ياشاپ، قانداق ياشاپ، قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، پەخىرلىك ھىس قىلىدىغان، ئاتىسى قىلالمىغاننى، ئاتا-ئانىسىنىڭ نەسىھەت-ۋەسىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئىزباسار قىز-ئوغلانلار مەڭگۈ ئەل قەلبىدە يادلىنىدۇ.  ئۇلار ئەنە شۇنداق زىيالىلار ئىدى، زامان بىلەن ماكاننى، تارىخ بىلەن ھازىرنى باغلايدىغان، تۇتاشتۇرىدىغان مۇستەھكەم كۆۋرۈك.

ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى .... قاتارلىقلار يېڭى ئەمىن دەۋردە ، پۈتكۈل جاھان ئىدىيە ئۇرۇشىغا تولغان، تۈرلۈك-تۈمەن داۋالغۇشلار يۈز بېرىۋاتقان، ئۆتكەن دەۋرگە پەقەتلا ئوخشىمايدىغان دەۋردە زىيالىلارنىڭ ئۆز ماھىيىتىنى ئىپادە قىلماقتا.  

allaguwa 2011-12-03 19:47
4تىنچى قەۋەتتىكى  قېرىندىشىم بەك مۇكەمەل جاۋاپ بېرىپ سىز   بۇنىڭدىن تۇغرىسىيۇق  رەخمەت  ھەقىقى زىيالى دىگەن  ھەم ۋىجدانلىق زىيالى دىگەن  سىز ئىسمىنى ئاتىغانلار شۇ   سۇزلە دىسە ھەممىنى مەن بىلىمەن دەپ  قېلىپقا سېپ بەگەننى تۇغرىمۇ ياكى خاتامۇ بىلمەي  قاۋاۋېرىدىغانلار ئاتاقتا زىيالى ۋىجداننى چۇشەن مەيدۇ  

samanyoli 2011-12-04 14:00
ئۇيغۇرلاردىكى تۆمۈر تاۋاققا باغلانغان زىيالىلارنىڭ ھەممىسى بىر ماشىنىدىنلا ئىبارەت پەقەت،،،،،،،،،،،،،،،

رەسسام 2011-12-04 14:08
زىيالىلار كۇپ ئۇقۇغان  كۇپ نەرسىلەرنى بىلىدۇ ،،جۇملىدىن دۇلەتنىڭ سىياسەت -قانۇنلىردىن قانداق پايدىلىنشى بىلىدۇ جەميەتنىڭ يۇزلىنشى تەرەقىياتىنى ئالدىن پەرەز قىلىشى تۇغرا بۇلىدۇ  يەنى سەزگۇر بۇلىدۇ،،شۇڭا دەۋىرنىڭ تەرەقىياتىدا ئەڭ ئاۋال ماڭدىغانلار زىيالىلار بۇلىدۇ ،،لىكىن زىيالىلارنىڭ ھەممىسنى بىلىملىك ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋىجىدانلىق ۋەتەن-خەلىق ئۇچۇن جان دىل بىلەن خىزمەت قىلىدۇ دەپ قارىساق خاتالاشقان بۇلمىز،،،،،،
جەمىيەت دىگەن زىيالى -دىھقان-چارۋۇچى ،،دىنىي زات ئىشىقىلىپ ھەر خىك كوچ تەبىقىلەردىن تۇزۇلگەن بۇلىدۇ لىكىن ھەر بىر ئىنساننىڭ جەمىيەتتە تۇتقان رۇلى ۋە تۇھپىسى ئۇخشاش بۇلمايدۇ،،،!!!!!!!!!!


查看完整版本: [-- زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052028 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us