nida0998 |
2011-11-30 09:05 |
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە ئاشۇرا كۈنى ھىجرى كالىندارنىڭ بىرىنچى ئېيى مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن بەزى ۋەقەلىكلەر ۋە نېمەتلەر بولغان ئالاھىدە بىر كۈن بولغاچقا بۇ كۈندە روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغان. بەزى ئالىملار ئاشۇرا كۈنىنى مۇھەررەم ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى دەپ قارىغان. بۇ قاراش ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ.(ئەلمەجمۇئ 6/406، فەتھۇل بارىي 4/245). بەزى مەنبەلەردە نۇرغۇنلىغان ۋەقەلىكلەرنىڭ مۇشۇ كۈندە يۈزبەرگەنلىكى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سەھىھ ھەدىستىن ئىلمىي ئاساسى ياكى تارىخىي چىنلىقى يوق. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «بۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى توپان بالاسىدىن كېيىن جۇدى تېغىغا كېلىپ توختىغان كۈن» دەپ كەلگەن.(مۇسنەدى ئەھمەد 8702-ھەدىس). يەنە بەزى كىتابلاردا بۇ ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئېسسا ئەلەيھىسسالاملار تۇغۇلغان كۈن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغاندا ئوت سوۋۇپ بەرگەن كۈن، ئەييۇب ئەلەيھىسسالامغا شىپالىق ئاتا قىلىنغان، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى كۆرىدىغان بولغان، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قۇدۇقتىن چىقىرىلغان، مۇسا ئەلەيھىسسالام سېھرىگەرلەر بىلەن بەسلىشىپ ئۇلارنى مەغلۇب قىلغان، ئۇنداق بولغان، بۇنداق بولغان كۈن دەپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئىلمىي ۋە سەھىھ ئاساسى يوق. بۇ كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەردىن: ئاللاھ تائالا بۇ كۈندە مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى زالىم فىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ زالىم قەۋمىنى غەرق قىلىۋەتكەن، بۇ سەۋەبتىن بۇ كۈن يەھۇدىيلار تارىخىدا ئىككى دەۋرنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل كۈن ھېسابلانغان. ئاللاھ تائالا بۇ كۈننى مۇنداق بايان قىلغان: ((ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى قاتتىق قىينىغان، ئوغۇللىرىڭلارنى بوغۇزلاپ، قىزلىرىڭلارنى (ئىشقا سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇرغان فىرئەۋن گۇرۇھىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدۇق. بۇ، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ (ياخشى ئادەم بىلەن يامان ئادەمنى ئاجرىتىدىغان) چوڭ سىنىقى ئىدى، ئۆز ۋاقتىدا دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزدۇق (يەنى دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ، قۇرۇق يول ھاسىل قىلىپ، شۇ يەردىن سىلەرنى سالامەت ئۆتكۈزدۇق) ۋە فىرئەۋن گۇرۇھىنى كۆز ئالدىڭلاردا غەرق قىلدۇق)).(بەقەرە سۈرىسى 49-50-ئايەتلەر). لېكىن يەھۇدىيلار بۇ كۈندە فىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلغان ۋە كېيىن ئازاتلىققا ئېرىشىپ ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نېمىتىگە شۈكۈر قىلماي ئۆزئارا ئىتتىپاقسىزلىق ۋە پىتنە-پاساتلىق قىلىشىپ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىپ ئاخىرى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ۋەيرانچىلىق ۋە سەرسانچىلىققا دۇچار قىلىۋەتكەن. مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قەۋمى بىلەن فىرئەۋن قولىدىن قۇتقۇزغانلىق ۋەقەسى راست بولسىمۇ، لېكىن بۇ قۇتقۇزۇشنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە يۈز بەرگەنلىكى بولسا يەھۇدىيلارنىڭ كىتابلىرىدىن كەلگەن مەلۇمات بولۇپ، بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقى نامەلۇم. سەئىيد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كېلىپ يەھۇدىيلارنىڭ ئاشۇرائ كۈنى روزا تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ سۈرۈشتۈرگەندە ئۇلار: بۇ خاسىيەتلىك ئۇلۇغ كۈن، بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام فىرئەۋندىن قۇتۇلغان كۈندۇر، دېيىشكەنىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە: «مۇساغا سىلەر ئۇلاردىن ھەقلىقراق، شۇڭا روزا تۇتۇڭلار» دەپ بۇيرىدى.(سەھىھەين: بۇخارى 4680-ھەدىس. مۇسلىم: 1130-ھەدىس) شۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان، تاكى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغانغا قەدەر بۇ كۈندە روزا تۇتۇلغان، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بۇ كۈندە روزا تۇتۇش مۇستەھەب بولۇپ كەلگەن. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرائ كۈنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغان ئىدى. رامىزان پەرز قىلىنىۋىدى، ئاشۇرائ كۈنى خالىغان كىشى روزا تۇتۇپ، خالىغان كىشى تۇتمايدىغان بولدى. (سەھىھەين: بۇخارى 2001-ھەدىس. مۇسلىم: 1125-ھەدىس) بەلكى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىيلاردىن مۇسۇلمان بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدەك بەزى ساھابىلاردىن بۇ كۈندە شۇ ۋەقەلىكنىڭ بولغانلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلگەن بولسا كېرەك. ياكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا كېرەك. ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى ئېيتقاندەك ئاشۇرا كۈنىنى روزا تۇتۇش بۇرۇن ۋاجىب ئىدى دېسەكمۇ ياكى باشقىلار ئېيتقاندەك بۇرۇن تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىدى دېسەكمۇ ئېشقىلىپ ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى شەئبان ئېيىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ رامزاندا روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان، بۇ تارىختىن كېيىن ئاشۇرادا روزا تۇتۇش مۇستەھەب ھالەتتە قالغان. ئەمەلىيەتتە ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش مۇسا ئەلەيھىسسالامدىنمۇ قەدىمكى ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملار دىيانىتى بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنىڭ ئەرەبلەردە قالغان قالدۇقلىرى بولۇپ قۇرەيش قەبىلىسى بۇ كۈندە روزا تۇتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قۇرەيشكە ئەگىشىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانغا قەدەر بۇ كۈندە روزا تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: قۇرەيشلەر جاھىلىيەتتە ئاشۇرائ كۈنى روزا تۇتاتتى. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇ كۈندە روزا تۇتاتتى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغاندىن كېيىن ئاشۇرائ كۈنى روزا تۇتۇپ باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى، رامىزان پەرز قىلىنىۋېدى، رەسۇلۇللاھ ئاشۇرائ كۈنى روزا تۇتمايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن خالىغانلار ئۇ كۈندە روزا تۇتتى، خالىغانلار تۇتمىدى. (سەھىھەين: بۇخارى 2002-ھەدىس. مۇسلىم: 1125-ھەدىس) دېمەك بۇ كۈندە روزا تۇتۇش يەھۇدىيلارغا ئەگىشىپ يولغا قويۇلغان ئەمەس. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىدىكى ۋاقتىدا قۇرەيشنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان ھەجگە ئوخشاش ياخشى پائالىيەتلىرىگە ئەگەشكەن ھالدا بۇ كۈندە روزا تۇتقان، كېيىن مەدىنىگە كەلگەندە بۇرۇنقىدەك روزا تۇتۇپ داۋاملاشقان ھەمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ فىرئەۋندىن قۇتۇلغان كۈنى بولغاچقا بۇ كۈندە روزا تۇتۇپ شۈكۈر قىلغان، بەزى ئالىملار پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەھىي ئارقىلىق بۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلغان، يەھۇدىيلارنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشكەنلىك ئۈچۈن روزا تۇتمىغان، دەپمۇ قارىغان. يەنە بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان، دەسلەپكى چاغلاردا پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەھلى كىتابلارنىڭ ئىسلامدا چەكلەنمىگەن بەزى پائالىيەتلىرىنى ئۇلارنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن قىلغان، كېيىن ئىسلام كۈچىيىپ بولغاندا ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىپ ئاشۇرانىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۈنلەرنى قېتىپ تۇتۇشقا بۇيرۇغان، لېكىن روزا تۇتۇشتا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشقا بۇيرۇمىغان. بۇ مەككە فەتھى قىلىنىپ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى يىللار ئىدى. قىبلىمۇ بۇرۇن بەيتىل مەقدىس بولۇپ كېيىنچە كەئبىگە ئۆزگەرتىلگەن. يەنە بۇ كۈندە يۈز بەرگەن ئىسلام تارىخىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقەلىكلەرنىڭ بىرى بولسا ئىمام ئەلى كەررەمەللاھۇ ۋەجھەھۇنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ئىمام ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ مۇشۇ كۈندە يەنى ھىجرىيە 61-يىلى مۇھەررەم ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى كەربالا چۆلىدە قانخور ئىراقلىقلار تەرىپىدىن ۋەھشىيانە ئۆلتۈرۈلۈشىدۇر، ئەسلىدە ئىراقلىق شىيئەلەر ئىمام ھۇسەيننى ئىراققا تەكلىپ قىلىپ ئۇنى خەلىپە تىكلىمەكچى بولغاندا ئىمام ھۇسەين ئائىلىسى ۋە جەمەتىدىن يۈز نەچچە كىشىنى ئېلىپ ئىراققا ماڭغان، كەربالا چۆلىگە كەلگەندە ئەھدىدە تۇرمايدىغان ئىراقلىق شىيئەلەر خەلىپە يەزىيدكە سېتىلىپ ئىمام ھۇسەين ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە زور قوشۇن بىلەن خائىنلارچە ھۇجۈم قىلغان، ئىمام ھۇسەين بۇ قوشۇنغا قەيسەر ھەمراھلىرى بىلەن بىر قانچە كۈن تاقابىل تۇرۇپ پەۋقۇلئاددە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ بۇ زور قوشۇن ئالدىدا سان جەھەتتىن ئاز كېلىپ قېلىپ ھەمراھلىرى بىلەن بىللە شەھىد بولغان. كېيىنچە ئازغۇن شىيئەلەر بۇ كۈننى ئۆزىنى كاچاتلاش ۋە قامچىلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆتكۈزىدىغان تەزىيە ۋە ماتەم كۈنىگە ئايلاندۇرغان. ھازىرمۇ ئىيران، ئىراقتەك بەزى ئىسلام ئەللىرىدە شىيئەلەر بۇ كۈندە ئۆزلىرىنى كاچاتلايدۇ ۋە قامچىلايدۇ. بۇ ئىسلام كۆرسەتمىسىگە خىلاپ بىدئەت ئىشتۇر. كېيىنچە بۇ كۈننى شىيئەلەر بىلەن سىياسىي كۆرەشلەردە بولغان ئۇمەۋىيلەر جەمەتى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە قوللىنىپ، بۇ كۈندە ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى پەيدا قىلغان، شىيئەلەر بۇ كۈندە قاتتىق قايغۇرۇش ۋ ھەسرەت -نادامەت ئىزھار قىلىشسا، باشقىلار بۇ كۈندە يۇيۇنۇپ سۈرمە سۈركەپ يېمەك-ئىچمەكلەرنى كەڭ-تاشا ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق خوشاللىقىنى ئىزھار قىلىشىدىغان بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىشقان، ھەتتا بۇ ھەقتە يالغان ھەدىسلەرنى توقۇشقان. لېكىن بۇ كۈندە بىز قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىش بولسا پەقەتلا روزا تۇتۇش ئارقىلىق بۇ كۈننىڭ پەزىلىتىگە ئېرىشىشتۇر. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورىلىۋىدى، «ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ» دېدى.(سەھىھى مۇسلىم: 1162-ھەدىس) بۇ كۈندە روزا تۇتماقچى بولغان كىشى توققۇزىنچى كۈنىنىمۇ بىللە قېتىپ روزا تۇتۇشى مۇستەھەب بولىدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇپ ساھابىلەرنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇغاندا ساھابىلەر: "ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ يەھۇد-ناسارالار ئۇلۇغلايدىغان كۈن" دېيىشكەن، بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىنشائاللاھ كېلەر يىلى كەلسە توققۇزىنچى كۈننى روزا تۇتىمىز» بىراق پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر يىل كەلگىچە ئالەمدىن ئۆتكەن.(سەھىھى مۇسلىم 1134-ھەدىس). يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «يەھۇدىيلارغا خىلاپلىق قىلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر كۈن ئارقىدا بىر كۈن روزا تۇتۇڭلار»(مۇسنەدى ئەھمەد 2154-ھەدىس، شەۋكانى ئاجىز دېگەن). بۇلارغا ئاساسەن ئالىملار مۇنداق دېگەن: ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش ئۈچ دەرىجىدە بولىدۇ: 1. توققۇزىنچى، ئونىنچى ۋە ئون بىرىنچى ئۈچ كۈندە روزا تۇتۇش. 2. توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى ئىككى كۈندە روزا تۇتۇش. 3. يالغۇز ئونىنچى كۈندە روزا تۇتۇش. (نەيلۇل ئەۋتار 4/331). ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: "توغرىسى بۇ كۈندە روزا تۇتقان كىشىنىڭ توققۇزىنچى كۈننى بىللە قېتىپ تۇتۇشى مۇستەھەب بولىدۇ، چۈنكى بۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاخىرقى ئۆمرىدە كۆرسەتكەن كۆرسەتمىدۇر. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كېلەر يىلىغا قەدەر ھايات بولسام چوقۇم توققۇزىنچى كۈنىنى تۇتىمەن»(مۇسلىم). مانا بۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يولغا قويغان سۈننەتتۇر، بۇنىڭدىن باشقا ئادەتتىن تاشقىرى يېمەك-ئىچمەك تەييارلاش، يېڭى كىيىم كېيىش، كۆپ پۇل خەجلەش، ياكى سۈرمە سۈركەش ۋە ئەتىر چېچىش، ياكى مەخسۇس ناماز ئوقۇش، قۇربانلىق قىلىش ۋە ئۆزئارا پەتە ئوقۇشۇش قاتارلىقلار بولسا يامان بىدئەتلەردىندۇر. بۇنداق ئىشلارنى يا پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يا ئۇنىڭ راشىد خەلىپىلىرى ياكى ئۇندىن كېيىنكى ئىمام مالىك، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە، ئىمام شافىئىي.....قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرىمۇ مۇستەھەب دەپ قارىمىغان". (پەتىۋالار توپلىمى 25/312) توققۇزىنچى كۈنىنىمۇ قېتىپ روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئالىملار ئۈچ خىل سەۋەب كۆرسەتكەن: 1-يەھۇدىيلارغا خىلاپ ئىش قىلىش ئۈچۈن. 2-جۈمە كۈنىنى يالغۇز روزا تۇتماسلىقتەك ئاشۇرا كۈنىنىمۇ يالغۇز تۇتماي بىر كۈننى ئۇنىڭغا جۈپلەش يۈزىسىدىن توققۇزىنچى كۈنىنى تۇتۇش يولغا قويۇلغان. 3-ئاي كۆرۈشتە خاتالىق يۈز بېرىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ ئالدىنقى كۈندە روزا تۇتۇپ خاتىرجەم بولۇش ۋە ئاشۇرا كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك يۈزىسىدىن. (ئەلمەجمۇئ 6/407). ئىمام مۇسلىمسەھىھىدە رىۋايەت قىلغان: «ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش بىر يىللىق گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك: ئالىملارنىڭ دېيىشىچە بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ئارقىلىق يۇيىۋېتىلىدىغان گۇناھلار كىچىك گۇناھلاردۇر، بۇ ئۆتكەن ياكى كېلىدىغان يىلنىڭ گۇناھلىرىدۇر، ناۋادا كىچىك گۇناھلىرى بولمىسا چوڭ گۇناھلىرى يەڭگىللىتىلىدۇ، چوڭ گۇناھلىرىمۇ بولمىسا دەرىجىسى ئۆرلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە ئىلتىپاتىغا باغلىق. ئەمما چوڭ گۇناھلار پەقەتلا راستچىل تەۋبە قىلىپ گۇناھقا پۇشايمان قىلىش، قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش بىلەنلا يۇيۇلىدۇ. ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن يۇيۇلىدۇ. ياكى تولۇق شەرتلىرى بىلەن ئادا قىلىنغان ھەج بىلەنمۇ يۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان بولسا، بۇ گۇناھلار پەقەتلا شۇ ھەق ئىگىلىرىنىڭ رازىلىقى بىلەنلا يۇيۇلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم. پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە:ساجىيە ئىسلام بلىملىرى تورى |
|