查看完整版本: [-- مۇھەررەم ئېيىدىكى پەزىلەتلىك ئەمەللەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> مۇھەررەم ئېيىدىكى پەزىلەتلىك ئەمەللەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئىزباسار 2011-11-28 23:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ.
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
مۇھەررەم ئېيى بولسا ھىجرىيە كالىندارىدىكى 1.ئاينى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇگۇن 2011.يىلى 11.ئاينىڭ 28.كۇنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 3.كۇنىدۇر. مۇشۇ بۇيىچە ھىسابلىغاندا تاسۇئا ۋە ئاشۇرا كۇنلىرى 12.ئاينىڭ 4.ۋە 5.كۇنلىرى يەكشەنبە،دۈشەنبىگە توغرا كىلىدىكەن. بۇ كۇننى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئايدىكى روزا توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن«ئاشۇرا كۇندىكى روزا ئۆتكەن بىر يىلدىكى گۇناھلارنى يۇقىتىدۇ»
رواە مسلم .
بۇ كۇننى بىھۇدە ئۆتكىزىۋەتمىگەيسىز. ئاللاھنىڭ سىزنى بۇ ئايغا ئۇلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئۇزىمۇ ئاللاھنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نىئىمىتى.
مۇھەررەم ئېيى بولسا ئاللاھ بۇ ئايدا ئۇرۇش-جىدەلنى ھارام قىلغان ئايلارنىڭ بىرىدۇر.
بۇ ئايدا قىلىنغان ئىبادەتلەرگە بىرىلىدىغان ئەجىرلەر ھەسسىلەپ-ھەسسىلەپ بىرلىدۇ.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن  پەرز نامازدىن قالسا قايسى ناماز ئەڭ ئەپزەل؟ پەرز روزىدىن قالسا قايسى روزا ئەڭ ئەپزەل؟ دەپ سۇرالدى.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم«پەرز نامازدىن قالسا ئەڭ ئەپزەل ناماز كىچىنىڭ ئوتتۇرىدا ئوقۇغان نامازدۇر. پەرز روزىدىن قالسا ئەڭ ئەپزەل روزا مۇھەررەم ئېيىدىكى روزىدۇر»(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە يەھۇدىيلار ئاشۇرا (مۇھەررەمنىڭ 10.كۇنى) كۇنى رۇزا تۇتاتتىكەن. ئۇلاردىن نىمىشقا بۇ كۇندە رۇزا تۇتىدىغانلىقى سۇرالغاندا ئۇلار«مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە بەنى ئىسرائىل خەلقى شۇ كۇنى پىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلغان» دىگەندە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم«مۇساغا بىز ئۇلاردىن يېقىنراق.سىلەر بۇ كۇندە رۇزا تۇتۇڭلار
ئەگەر مەن كىلەر يىلىغا ئۇلىشالىسام تاسۇئا(مۇھەررەمنىڭ 9.كۇنى) كۇنىمۇ رۇزا تۇتىمەن» دىگەن. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان )
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىيىنكى يىلى مۇھەررەمگە ئۇلىشالماي ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتكەن. شۇڭا مۇھەررەمنىڭ 9.ۋە10.كۇنلىرى رۇزا تۇتۇش رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى.
مۇھەررەمدە پەقەت رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەملا رۇزا تۇتماستىن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كەلگەن پەيغەمبەرلەرمۇ رۇزا تۇتقانىكەن.
ھەقىقەتەن ئاشۇرا كۇنىنىڭ پەزىلىتى بەك چوڭدۇر. مۇھەررەم ئېيى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدۇر. ئاشۇرا كۇنى رۇزا تۇتۇش بولسا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ يەنى نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالاملار رۇزا تۇتۇپ كەلگەن.
رامزان روزىسى پەرز بۇلۇشتىن ئىلگىرى رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇزى ۋە ساھابىلىرى مۇھەررەمنىڭ 10.كۇنى تۇلۇق رۇزا تۇتۇپ كەلگەن.
ئائىشە (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ«جاھىلىيەت ۋاقتىدا قۇرەيشلەر ئاشۇرا كۇنى رۇزا تۇتاتتى. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمۇ رۇزا تۇتاتتى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە ئۇزى ھەم تۇتتى. باشقىلارنى ھەم بۇ كۇنى رۇزا تۇتشقا بۇيرىدى. رامزان روزىسى پەرز بولۇپ ئايەت چۈشكەندىن كىيىن رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم :خالىغان كىشى بۇ كۇندە رۇزا تۇتسۇن خالىغان كىشى رۇزا تۇتمىسۇن دىدى» بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
رامزان رۇزىسى پەرز بۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاشۇرا كۇنى رۇزا تۇتۇشقا ساھابىلەر بۇيرۇلغانىدى. رامزان رۇزىسى پەرز بولغاندىن كىيىن بۇيرۇق ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ خالىغان كىشىنىڭ بۇ رۇزىنى تۇتىشىغا خالىغان كىشىنىڭ تۇتماسلىقىغا يول بىرىلگەن.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىردىن رىۋايەت قىلىنىدۇ. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«ئاشۇرا كۇنى بولسا ئاللاھنىڭ كۇنلىرىدىن بىر كۇندۇر. خالىغان كىشى بۇ كۇندە رۇزا تۇتسۇن خالىغان كىشى تۇتمىسۇن» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
بۇ مۇھەررەم ئېيىدا بۇلۇپمۇ ئاشۇرا دەپ ئاتىلىدىغان 10.كۇنىسى تاسۇئا دەپ ئاتىلىدىغان 9.كۇنىسى رۇزا تۇتۇش رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىدىندۇر.
رەسۇلۇللە ئۆزى تاسۇئا(9.كۇنىسى)رۇزا تۇتۇپ باقىمىغان. ئەمما ئۆمرى يار بەرسە كىلەر يىلى تۇتىدىغانلىقىنى سۆزلىگەن. ئەمما كىلەركى يىلى مۇھەررەمگە ئۇلىشالمايلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا رىھلە قىلغان.
قېرىنداشلار. ئاشۇرا كۇنى رۇزا تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن شۇ بىر كۇنلۇك رۇزاڭلار بىلەن ئۆتكەن بىر يىلدىكى بىلىپ-نىلمەي قىلىپ سالغان كىچىك گۇناھلىرىڭلارنىڭ مەغپىرەت قىلنىشىنى خالامسىلەر؟! ئۇنداختا يەنىلا شۇ مۇھەررەمنىڭ 10.كۇنى ئاشۇرا رۇزىسى تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
رۇزا بولسا بەندىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشتىكى،تەقۋالىقنى كۈچەيتىشتىكى،ئۆزىمىزدىكى شەيتانلار بىلەن كۇرەش قىلىشتىكى، ئەڭ ئۇنۇملۇك قۇرال.
ئەبى ئۇمامەتەلباھىلى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىدۇكى رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«كىمكى ئاللاھنىڭ يۇلىدا بىر كۇن رۇزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن دۇزاخنىڭ ئارلىقىدا بىر خەندەكنى قىلىدۇ. ئۇ خەندەكنىڭ چوڭلۇقى ئاسمان ۋە زىمىننىڭ ئارلىقىدەك چوڭلۇقتىدۇر» تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دىگەن.
ۋە يەنە دەيدۇ؛ بىر كىشى :-يا رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەن ئەمەل قىلىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسىلا.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم«رۇزا تۇتقىن. رۇزىغا تەڭ كىلىدىغان ئەمەل يوق. » دىدى. `ئۇ كىشى يەنە: -يا رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەن ئەمەل قىلىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسىلا.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم«رۇزا تۇتقىن. رۇزىغا تەڭ كىلىدىغان ئەمەل يوق. » دىدى نەسەئىي رىۋايەت قىلغان. ئالبانى `سەھىھ دەپ باھالىغان.
ئۇندىن باشقا رۇزىنىڭ نۇرغۇنلىغان پەزىلەتلىرى بار. مىنىڭچە دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرى بۇنى بىلىدۇ.شۇڭا رۇزىنىڭ پەزىلىتى توغۇرلۇق يەنە جىق نەرسىلەرنى يېزىش ھاجەتسىز.ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ ئۇلۇغ كۇندە رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بۇيىچە مۇھەررەم ئېىنىڭ 9.ۋە 10 .كۇنى رۇزا تۇتۇشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.
بۇ تىما توغرىسىدا چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە چۈشەندۇرۇپ قۇيىمەن.
 [attachment=13679]



ئاشۇرا كۇنى 2011.يىلى12.ئاينىڭ 5.كۇنى دۈشەنبىگە توغرا كىلىدۇ.
[attachment=13689]
تەييارلىغۇچى: ئىزباسار.

dilara 2011-11-29 00:56
ئاللاھ رازى بولسۇن!
ۋاقتىدا ئەسكەرتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

nida0998 2011-11-29 00:58
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بۇرادەر ................ئەۋلاتلىرىڭ  پەيغەمبەر {س ئە ۋ } ۋە ساھابىلەرنىڭ ئىز باسارى بولغاي...!

oylinish 2011-11-29 09:30
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە باركاتۇھ
مەنمۇ بىلىۋالدىم،  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

balgun 2011-11-29 09:53
    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قېرىنداشلار ،ئۆزبېكچە تەبلىغلەر بار تور ئادرىسلىرىنى بىلىدىغانلار  خەۋەرلەندۇرگەن بولساڭلار .

تاھىربەگ 2011-11-29 11:21
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئەسكەرىتمىگەن بولسىللىرى ئۇقمايدىكەنمە ...

latifa 2011-11-29 12:35
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ،ئاللا رەخمەت قىلسۇن ،مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن بىلىۋالدېم .

ئۆمەرئىلى 2011-11-29 12:44
ئۇلۇغ ئاللاھ كوپتىن،كوپ ئەجىرلەرنى، بەرسۇن  قىرىندىشىم

ئەسەددۇللاھ 2011-11-29 14:29
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە باركاتۇھ
مەنمۇ بىلىۋالدىم،  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

ھۈرىيە 2011-11-29 15:09
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتىھۇ.ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر  بەرسۇن.قېرىندىشىم مەنمۇ ھىسابلاپ كىلىۋاتقان.يا خاتا ھىسابلىۋالدىممۇ بىلمىدىم.11-ئاينىڭ27-سىنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 1-كۈنى دەپ ھىساپلاپتىمەن.توغرىسىنى ئېنىقراق دەپ بەگەن بولسىڭىز.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

999999999 2011-11-29 16:42
ئاللاھ رازى بولسۇن!
ۋاقتىدا ئەسكەرتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!بىلمەيتتىمكەن ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

999999999 2011-11-29 16:43
ئاللاھ رازى بولسۇن!
ۋاقتىدا ئەسكەرتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!بىلمەيتتىمكەن ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

999999999 2011-11-29 16:45
ئاللاھ رازى بولسۇن!
ۋاقتىدا ئەسكەرتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!بىلمەيتتىمكەن ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

999999999 2011-11-29 16:45
ئاللاھ رازى بولسۇن!
ۋاقتىدا ئەسكەرتكەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!بىلمەيتتىمكەن ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

999999999 2011-11-29 16:52
ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇزىيادەقىلغاي...مەنمۇبىلىۋالدىم

999999999 2011-11-29 17:22
ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇزىيادەقىلغاي...مەنمۇبىلىۋالدىم
Ctrl+Enter

lawiy 2011-11-29 20:14
رەخمەت

muhlise38 2011-11-29 20:37
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،بىلىۋالدۇق،جانابى ئاللاھ بىزنى بۇ كۈنىدىن مەھرۇم قىلمىغاي.

ئابدۇلقەييۇم 2011-11-29 20:57
ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن

tughluk 2011-11-29 20:59
ئاللاغا يۇزمىڭ قەتلە شۇكۇر. ئاللا بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلغاي.

ahlak 2011-11-30 23:04
ئاللا ھ ئەجىرنى بەرسۇن...


查看完整版本: [-- مۇھەررەم ئېيىدىكى پەزىلەتلىك ئەمەللەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049955 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us