查看完整版本: [-- قاقتى-سوقتى قىلىش قەيەردە ئېغىر ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> قاقتى-سوقتى قىلىش قەيەردە ئېغىر ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

samanyoli 2011-11-25 10:09
سودا -سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ، مال -باھا ئىدارىسى ، قاتناش ساقچى ئىدارىسى …قاتارلىق ئۇرۇنلار باشقۇرالمايدىغان ھەم باشقۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمەيدىغان بىر ئۇرۇن بار ، ئۇ بولسىمۇ تۆمۈر يول ئىدارىسى – يۇلۇچىلار پويىزى .
ئىچىدىن قايىل بولمىسىمۇ ، ھەرقانچە ئۇزۇن سەپەر ئازاۋىنى يەتكۈچە تارتسىمۇ ، ئۆزلىرى خالاشتىن ئىبارەت خەلق ئاممىسىنىڭ بۇنداق تەن بەرمەس راھىشلىقى تۆمۈر يول ئىدارىسى ۋە يۇلۇچىلار پويىزىغا ناھايىتى ياخشى ئامەتلەرنى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭلىق بىلەن قان-قېنىغا پاتماي قېلىۋاتقان يۇلۇچىلار پويىزى ئىچىدە قانۇن -تۈزۈم (ئۇلارغا پايدىلىقلىرى بۇنىڭ سىرتىدا )، ئەدەب-ئەخلاق ياكى ئىنسانىي خىسلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كەتتى …
بىردەم-بىردەمدىن ئالمىشىپ ئولتۇرۇپ ،10-20 مىنۇتقىچە مەنزىلگە بېرىۋالىدىغانغا پويىز دىگەن كوچا ئاپتۇبۇسى بولمىسا ، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئالدىڭ ، دەپ چازا قۇرۇپ جەرىمانە پىچىدىغان قاتناش ساقچىسى بولمىغان سەۋەبلىك ئادەم دىگەننى تاغارغا سامان قاچىلىغاندەك قاچىلاۋېرىدىغان گەپمۇ؟ ئوخشاش خەلق پۇلىنى تۆلەپ قۇيۇپ بىر كېچە -كۈندۈز(بەزىللىرى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن يول) ئۆرە تۇرۇپ سەپەر قىلىڭ ، بۇ قانداق تەڭسىزلىك ؟ ئامالسىز ھارغىنلىققا چىدىماي ئۇدۇل كەلگەن يەردىلا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاش ، ياكى مەينەت داق يەردىلا يېتىپ ئۇخلاشقا مەجبۇر بولغان يۇلۇچىلارنى ئۇياق -بۇياققا ئۆتكەن -كەچكەنلەر دەسسەپ يۈرگەننى ئاز دەپ ، «قاقتى-سوقتى» ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كىلىپ ، ئۇلارنى باسۇرىۋەتكىنى يەتمىگەندەك ئۇلارغا ھومۇيۇپ، يولسىزلارچە ۋارقىراپ سىلىكىشلەۋاتقان پويىزنىڭ «قاقتى-سوقتى» پىركازچىكلىرى، بۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا ئىرەنشىمەي ، ئۇياقتىن -بۇياققا توختىماي يۆتكىلىپ بىرىۋاتقان ھارغىن يۇلۇچىلار …
ھەرقايسى بىكەتلەردىكى ماگىزىنچى ، سېتىقچىلارنىڭ تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتى ناچارلىقىغا باقماي نىمە دىگەن يۇقىرى باھا ، پويىزنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ يۇقىرى . «ئالدىراش سەپەرگە چىققاندا ، ياكى بۇنداق ئۇزۇن سەپەردە بىزگە لازىملىق نەرسىلەرنىڭ تېپىلغىنىغا خوش بولساق بۇلىدۇ ؟!» مانا بۇ بېكەت ماگىزىنچىلىرى ۋە يۇلۇچىلار پويىزى تۇتىۋالغان يۇلۇچىلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى .
پويىز ئاشخانىسىدىكى ھەجىۋىلىك . بىر قانچە يۇلۇچى پويىز ئاشخانىسىدا چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورومىسى بۇيرۇتتى ، شۇنداق دەرقەمتە كەلتۈرۈلگەن قورىمىغا قاراپ ، يۇلۇچىلارنىڭ گىپى چىقتى :
ئۇستام بىزگە ناكا توخۇ قورىدىڭىزما ، بىر پۇتى يوققۇ !
شۇنداق ، قاناتلىرىمۇ يوققۇ ؟
ھەي ، بىز توخۇ قورۇمىسى دىگەن ،ساپلا ياڭيۇ (بەرەڭگە)غۇ -بۇ !
نىمە بۇ ! بىز چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى دىگەن ، لەغمەن تەخسىلىك دىمىگەن !
نىمە ، بۇ يەردە چايمۇ بەرمەمسىلەر ؟
بىزنىڭ بۇ يەردە چاي بىرىلمەيدۇ ، ئېسىل شورپا بار ، پىيالىسى ئىككى يۈۋەن .
مۇزدەك شورپىسى كىلىۋىدى ، يۇلۇچىلارنىڭ يەنى گىپى چىقتى :
نەدىمۇ شورپا بولسۇن ، زاڭتاڭ (مەينەت شورپا) ئىكەنغۇ ؟
بۇ نىمە دىگىنىڭ ، ئۇستام كايىۋىدى ، يەنە بىر يۇلۇچى گەپ قاتتى :
بىزنىڭ تىلىمىزدا شۇنداق ئاتايمىز .
ئاخىرى گەپكە تەڭ كىلەلمىگەن ئاشپەز ، بۇ دىگەن پويىز ، سىلەرنىڭ ئېسىل رېستۇرانىڭلار ئەمەس ، بارغا شۈكرى قىلىڭلار ،دەپلا قۇتۇلدى . شۇ ئەسنادا بىر ئايال قەغىشلىك قىلىۋاتقان بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ، «قاقتى سوقتى»دىن ئالغان تەييار چۆپنى ئېلىپ كىلىپ ، ئاشپەزگە پويىزدا قايناقسۇ قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ، قايناقسۇ سورىۋىدى ، ئاشپەز :
بىز قايناقسۇ قايناتمايمىز ، قايناقسۇ يوق ! دەپ سىلىكىۋەتتى .بىچارە ئايال سۈيى بار تەييار چۆپ يەيمەن ، دەپ غەلۋە قىلىۋاتقان بالىسىنى مىڭ تەستە ئالداپ مەيۈس كىتىپ قالدى. ئارقىدىنلا بىر يۇلۇچى كىلىپ ئاشپەزدىن تەييار چۆپ سېتىۋېلىۋىدى ، ئاشپەز ئۇنىڭغا قايناقسۇ نى يەتكۈچە تۆكۈپ بەردى . ئەمىلىيەتتە ، پويىز ئاشخانىسنىڭ قايناقسۇ قايناتقۇچىدىن قايناقسۇ ئۈزۈلمەيتتى . بۇنى كۆرۈپ ئىچى پۇشقان بىر يۇلۇچى ئاشپەزگە :
قايناقسۈيۈڭ بولغاندىكىن ئابايىقى ئايالغىمۇ بەرسەڭ بولمامدۇ ؟
شۇنداق ، ئۇمۇ تەييار چۆپنى ئاۋۇ« قاقتى- سوقتى »دىن سېتىۋالدىغۇ ، بەرىبىر سىلەر بىر پويىزنىڭغۇ !
پويىز بىر بولغان بىلەن يانچۇق ئايرىم ، كىم جىق ساتسا شۇنىڭ تاپاۋىتى كۆپ بولىدۇ ، دىدى بىر يۇلۇچى .
ئۇنىڭغا قايناقسۇ بېرىپ قويسام ، پويىزدىكى ھەممە ئادەمنى قايناقسۇ بىلەن تەمىنلەپ بۇلالامتىم ، دەپ كايىدى ئاشپەز .
شۇ ئەمەسمۇ ، قايناقسۇنى يۇلۇچىلارغا بېرىۋەتسە ، ئۇنداق نۇرغۇن تەييار چۆپنى كىمگە ساتىدۇ ، دەپ ئاشپەزنى مەسخىرە قىلدى بىر يۇلۇچى . ئەمدى چىدۇغۇچىلىكى قالمىغان ئاشپەز ، تامىقىڭلارنى يەپ بولغان بولساڭلار ھەممىڭلار ۋاگونىڭلارغا قايتىڭلار، بۇ يەردە باشقىلارمۇ تاماق يەيدۇ ، دەپ كۆپچىلىكنى پويىز ئاشخانىسىدىن قوغلاشقا باشلىدى .
مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۈندىمەي ئولتۇرۇپ تامىقىنى يەپ چىقىپ كىتىۋاتقان ئاۋۇ نۆۋەتچى پويىز باشلىقىغا قاراپ قاتتىق ئۆكۈندۈم . قېنى بۇ يەردىكى دىيانەت ، ئىنساپ ، ئىنسانىي ئەخلاق ! مەنچە بولغاندا يۇلۇچىلار پويىزىدىكى بۇنداق نەپسانىيەتچى ئاشخانىنى يۇقۇتۇپ ، ئۇرۇندۇقلۇق ۋاگون سەپلەيدىغان بولسا بىر قېتىمدا ئاز دىگەندىمۇ يۈزدىن ئارتۇق يۇلۇچىنىڭ ئۇرۇن مەسلىسىنى ھەل قىلغىلى بۇلاتتى . بەزىدە مەركەزدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى ياكى تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستېرى مۇشۇنداق قايناق پويىزغا ئولتۇرۇپ قالامدىغاندۇ دەپ ، ئويلاپ قالىمەن ، ئەگەر راستىنلام مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرپ قالسا ، ئىشىنىمەنكى شۇ كۈندىكى ، شۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىزدا ، شۇ ۋاگوندىكى تەلەيلىك يۇلۇچىلار قايناقسۇ ئۇياقتا تۇرسۇن ، مىۋە شەربىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ ؟! بىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمىز مۇشۇنداق ئشلارنىمۇ قۇرۇلتايدا ئوتتۇرغا قۇيامدىغاندۇ ؟! كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرەرمۇ رەھبەر چىقامدىغاندۇ ؟! خەلق ئاممىسى قايىل بولغۇدەك بىرەر يەكۈن مەيدانغا چىقالارمۇ -ھە؟


http://www.yuksel.me/1810.html#more-1810

خالىس 2011-11-25 11:20
ئامال يوق بۇ دىگەن جوڭگۇ ئۇنداق پىكىرلەر بېسىلىپ قېلىۋېرىدۇ

قارگۇلى 2011-11-25 11:45
غۇجامنىڭ قوسقى توق،،يىتىم بىلەن ئىشى توق!!!!!!     

رەسسام 2011-11-25 13:53
ئىنساپسىز ،ۋىجدانسىز كىشى بۇلغانكى يەرنىڭ ھەممىسىدە ئىغىر، قىسقىسى مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىنساپسىز بۇلسا زاكاتقا قارا قۇلىنى سۇنۇشتىنمۇ يانمايدۇ،،،،،

ھىجرەت 2011-11-25 14:48
ئىمانسىز   ، ھەقنى  چۈشەنمەيدىغان  ئۇنداق  ئادەملەردە   ياخشىلىق   نىمش   قىلسۇن ؟! ....

eltabir9 2011-11-26 00:58
      بىر كۈنى بىر كۆرۈرمەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىغا ئېلاننى بەك كۆپ بىرىۋاتىسىلە دەپ خەت يىزىپتىكە،ئۇلارمۇ كۆرۈرمەنگە جاۋاپ خەت قايتۇرۇپتۇ،كۆرۈرمەن خوشاللىقىدا خەتنى شۇندا ئىچىپ ئوقۇپتىكەن:
كۆرۈشنى خالىمىساڭ تېلىۋىزۇرۇڭنى ئۆچۈۋەت


查看完整版本: [-- قاقتى-سوقتى قىلىش قەيەردە ئېغىر ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.040674 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us