پۇت-قۇلى ئاغرىيدۇ يوق ھەم ماغدۇرى ئاجىزلاپ كەتتى ھەم كۈزىنىڭ نۇرى ئۇنۇڭسىز بەتنامدۇر مىسرالار قۇرى بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇسىنىڭ ئاناڭ
تۇڭلۇكتىن قايرىلىپ ئولتۇرغاندا ئاي كىيمىڭنى يامايتى كېچە ئۇخلىماي چاي دەملەر ئۆي تازلار پۇتنى سوزماي بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇسىنىڭ ئاناڭ
گۈدەكلىك چاغلىرىڭ ئىدى ئاشۇنداق چوڭ بولدۇڭ تۇيمايلا چوڭ بولدۇڭ بىراق بەختىڭ ئۈچۇن ئۈن-تۇنسىز كۆيدى بۇچىراق بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇسىنىڭ ئاناڭ
يەي دىسەڭ نېنىڭنى ئىرىنمەي ئەتتى سەن ئۈچۈن ياشلىقى ئەرىشكە يەتتى سىنى دەپ باھارى تۈگىدى كەتتى بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇسىنىڭ ئاناڭ
ئۇتۇن يوق چاغلاردا تىرىپ كەلگەندە ئالايدىڭ ئاچ قورساق ھېرىپ كەلگەندە ئىشمىدىڭ قىينىلىپ ئۇماچ ئەتكەندە بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇسىنىڭ ئاناڭ
ئۇقۇشقا ماڭدىڭسەن ئىچىڭگە پاتماي تەييارلىق قىلدى ئۇ كىرپىكمۇ قاخماي ئىچىڭدە غۇدۇردۇڭ ئشىنى ياراتماي بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇسىنىڭ ئاناڭ
ئاق رومال بېشىدا ئاق كۆڭلى بىلەن تىلدى بەختىڭنى ئۈنسىز ياش بىلەن باغرىدا ئەيقىلدى زورئۈمۈت بىلەن بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇسىنىڭ ئاناڭ
كۈن ئۆتتى ھاياتنى ئېلىپ قەھرىگە بىچارە تەڭرىنىڭ ئۆتتى مەيلىگە ھەسرەتتە ياش تۆكتۇڭ يالغۇز قەبرىگە بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇسىنىڭ ئاناڭ
ئاناڭ يوق ئاشۇئۆي بولدى گۈرىستان ئاناڭ يوق باھارمۇ بولدى زىمىستان نەقىلاي مىڭ ئەپسۇس دىدىڭ ئەي ئىنسان
|