查看完整版本: [-- كەڭساي    (شېئىر) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> كەڭساي    (شېئىر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

قويچى 2011-11-20 16:51

كەڭساي

مەۋجۇتلۇقۇڭ جاھاننامە مىسالى كەڭساي،
يۈرەكلەرنىڭ ئۇزۇقى-سالقىنى  كەڭساي.
گۈزەل قىزلار جىلۋىسى،شوخ يىگىتلەر ھەيۋىتى،
شۇ قەلىبلەر سەيناسى جەننىتىسەن كەڭساي.
2011-11-20

يىڭى كەلگەچكە سەل خىجىل بوپ  قالىدىكەن كىشى،،،   گەرچە قاملاشمىسىمۇ  يېزىپ  باققان . كەڭساي مۇنبىرىگە  ئاتىغان،زاڭلىق  قىلماي  كۆرەرسىلەر ......

omer 2011-11-20 18:57

قالپاق يوغان، باش كىچىك ــ شېئىر-قوشاق توقۇپ سىز،
شۇنچە كەڭرى كەڭسايغا ئاران تۆتلا مىسرالىق!
سۇغارماقچى بولسىڭىز قېلىڭ شۇنى ئۇقۇپ سىز:
يوغان قاچا - تامچە سۇ، قانداق قانار تەشنالىق؟!...


(چاقچاق)

تاھىربەگ 2011-11-20 19:33
ھاھا، ئۆمەركامدا ئۈچ كىلو ئىلھام بار جۇمۇ .

almiliq 2011-11-20 19:37
يېڭى قەدەم بېسىپسىز <<  كەڭساي>> ئاتلىق سەيناغا،
سالام  قىلىپ بىزلەرگە بىر چىرايلىق  كەلدىڭىز.
توقۇپ مىسرا كەڭسايغا چىن يۈرەكتىن ئاتاپىسىز،
ھەممىمىزنى خوش قىلىپ، كۆڭۈللەرگە ياقتىڭىز.

oylinish 2011-11-20 21:12
راستلا مالچى ئىكەنسىز، قائىدىمۇ بىلمەپسىز،
ئىشىك چەكمەي كىرىپسىز، سالامنىمۇ بەرمەپسىز،
ئەدەپ- ئەخلاق ئۆگىنىڭ، بولسىڭىزمۇ پادىچى،
كەڭساينىڭ پۇقرالىرى ئەمەس ئۇنداق ھۆرمەتسىز.

مەلىكەم 2011-11-22 12:33
ئىلھامىڭلارغا دەرت بەرمىسۇن !!!!!!!


查看完整版本: [-- كەڭساي    (شېئىر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049941 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us