ئابدۇقۇددۇس |
2011-11-17 21:43 |
بىر خەنزۇ قىزنى ئىسلامغا دەۋەت قىلسام، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئىدى، ئەمدى قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىشىم كىرەك؟ 2004-5- 21 جاۋاب: مۇسۇلمان كىشى نەگىلا بارمىسۇن مەشئەلدەك نۇر ياندۇرۇپ تۇرۇشى ئىسلامنىڭ تەلىپى، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى، سىز بىر كىشىلىك مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيتىڭىزنى ئادا قىلىپسىز، بارىكاللاھ! ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى سىزدەك مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ، باشقىلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغان بولسا، ئىسلام مەدەنىيىتى خىلى كىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولاتتى. باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ئىچىدە ئىرىپ تۈگەپ كەتمەي، ئۆزىمىزگە خاس ئىسلامچە مەدەنىيەتنى باشقىلارغا سىڭدۈرگەن بولار ئىدۇق. ئەپسۇسكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچى قىرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ دىنىنى ياخشى بىلمىلگەنلىكى ئۈچۈن، يات مەدەنىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپتىن ئۇيغۇرلىقىغا خاس مەدەنىيىتىنى يوقاتماقتا! غەيرى مۇسۇلمانلارنى دەۋەت قىلىش ئورنىغا، ئىتىقادى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى يوقاتماقتا. ئوقۇغۇچى قىرىنداشلار ھىچ بولمىغاندا بىر بىرسىنىڭ ئىتىقادى ۋە ئەخلاقىغا ئىگە بولغان بولسا، ئىسلامى ۋە مىللى مەدەنىيتىمىزنى بۇزۇشقا دەۋەت قىلىدىغان زىيالىلاردىن بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى! قىرىندىشىم سىز ئەمدى مۇنداق ئۇسۇللارنى قوللانسىڭىز بولىدۇ: 1. سىز چاقىرماقچى بولغان كىشى بىلەن ئالاقىڭىزنى ياخشىلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈڭ، ئىلىم- پەن ۋە تەرەققىياتنى قوللاپ، مەدەنىيەت يارتىشقا چاقىرغانلىقى ۋە پەرز قىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇڭ. 2. ،ياردەملىشىدىغان ئىشلىرى بولسا – دىنىڭزغا تاقاشمىسا- قۇدىرتىڭىزنىڭ يىتىشىچە ياردەمدە بولۇڭ، ياردەم بىرىىش پەقەتلا ئىقتىسادى ياردەم بولمايدۇ، ياردەمنىڭ تۈرلىرى كۆپ. 3. قۇدىرتىڭىزنىڭ يىتىشىچە ئاراڭلاردا ئىلمى مۇنازىرە مەيدانىنى ئىچىشقا تىرشىڭ، تىمىلارنى تەكرار – تەكرار سۆزلەشتىن دىققەت قىلىڭ. 4. دەۋەت قىلىشتىن ئىلگىرى پىسخولۇگىيە ھالىتىنى تەتقىق قىلىڭ، قىزىقىدىغان ۋە يامان كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى ئىگەللەڭ، بۇ دەۋەت قىلىش يولىدا پايدىلىق. 5. كىتاب تاللىغاندا ئۇنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىگە مۇناسىپ كىتابلارنى تاللاپ بىرىڭ، تاللىغان كىتابلىرىڭىزنىڭ ئىلمى بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ، ھارۇن يەھيا ياكى دوكتۇر يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ كىتابلىرى بولسا ناھايىتى ياخشى. 6. كىتاب تاللىغاندا ياكى سىز سۆھبەتلەشكەندە، ئىسلامنىڭ ئىتىقادلىرى، ئەخلاقى، مەدەنىيتىى ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان كىتابلارنى تاللاڭ. غەربلىكلەرنىڭ :“ بىز نىمە ئۈچۈن مۇسۇلمان بولدۇق“ دىگەندەك تىمىلاردىكى كىتابلار بولسا، بۇ كىتابلارنىڭ رولى ياخشى بولىدۇ. 7. سىز ئۆزىڭىزگە ئىسلام دىنىنى تىخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرۈڭ، باشقىلارغا ئۆلگە بولۇڭ، قىلغان سۆزلىرىڭىز ئىش ھەرىكەتلىرىڭىزگە زىت بولۇپ قالمىسۇن. 8. بىر قىتىمدىلا ئىسلامنىڭ پۈتۈن ھۆكۈملىرىنى بايان قىلماي، تەدرىجى يول تۇتۇڭ، يەنى بىسىم خاراكتىرلىك ئۇسۇل قوللانماڭ. 9. يىتەكچىنىڭ رولىنى ئالماي، سادىق دوستنىڭ رولىنى قوللۇنۇڭ. 10. بىر قانچە ئاي ئىچىدە يۈز پىرسەن ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلماڭ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىلى ئۇزۇن ۋاقىت كىرەك. 11. دەۋەت قىلغاندا شاخچە مەسىلىلەرنى كىچىكتۈرۈپ، ئىسلام پەرز قىلغان پەرزلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن باشلاڭ. ئىسلامنىڭ ئەقىدىسى، مەدەنىيتى، ھايات پەلسەپىسىدىن باشلاڭ، كاللىسىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرنى باشتا چىقىرۋىتىشكە تىرشىڭ. 12. بىرىنچى قىتىمدىلا ھىجاب ئارتىشنى تەلەپ قىلماڭ، ھىجاب دەۋەت قىلىشتىكى بىرىنچى ئاساس ئەمەس، ئىتىقاد رۇسلانغاندا ئۆزلىگىدىن ئارتىدۇ. 13. مۇئامىلە قىلغاندا ھەقىقى مۇسۇلمانغا خاس گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، گۈزەل ئەخلاقىڭىز بىلەن تەسىرلەندۈرۈشنى ئاساسى ئۆلچەم قىلىڭ. دەۋىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي! دەرۋىش ئىسلام ئاۋازى تور بىتى
|
|