查看完整版本: [-- دوزاخ ئەڭ يامان جاي.(باللىرىڭىزغا ئوقۇپ بېرىڭ) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> دوزاخ ئەڭ يامان جاي.(باللىرىڭىزغا ئوقۇپ بېرىڭ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نەفىسە 2011-11-16 23:22
         
 
دوزاخ ئەڭ يامان جاي!
 بالىلار ئۈچۈن)
دوزاخ! ئاللاھ بىزنى ئۇ جايدىن ساقلىسۇن! دوزاخ ئىنتايىن يامان جاي، ئۇنىڭ بىر قانچە ئاتىلىشى بار. جەھەننەم، جەھىم، سەقەر، نار، ۋەھاكازا... دوزاخ ھازىر بار. ئۇنى قىيامەت كۈنى ھەر بىر ئادەم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ناچار ئادەملەر قىيامەت كۈنى قاراڭغۇ، زۇلمەت، دەھشەت ۋە ئازاب ئىچىدە خار بولىدۇ. ئۇلار بىزگە ياردەم قىلڭلار دەپ يىلىنىپ يالۋۇرۇپ ھەممىدىن ياردەم سورايدۇ، ئەمما ئۇلارغا ھېچكىم ياردەم بەرمەيدۇ. ئەمدى ھالىمىز نېمە بولاركىن دەپ قورقۇپ يىغلاپ تۇرغان پەيىتلەردە، ھەممە جاينى قىيا-چىيا، توپا-چاڭ ۋە قۇرقۇنچلۇق ئاۋازلار بېسىپ كېتىدۇ. ئادەملەر جەھەننەمنىڭ ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلىقنى كۆرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر (س.ئە.ۋ) مۇنداق دېگەن: (قىيامەت كۈنى دوزاخنى پەرىشتىلەر ئېلىپ كېلىشىدۇ. ئۇنىڭ 70 مىڭ تۇتقۇسى بولىدۇ، ھەربىر تۇتقۇسىنى 70 مىڭ پەرىشتە تۇتۇپ سۆرەپ ئېلىپ كېلىدۇ) دوزاخ يەتتە قەۋەتتىن تەشكىل تاپىدۇ، ئۇنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بار.ئەڭ يامان جايى ئۇنىڭ ئەڭ پەستىكى قەۋىتى بولىدۇ. ئۇ يەرگە مۇناپىقلار چۈشىدۇ. جەھەننەم شۇنداق چوڭقۇركى، ئەگەر يوغان تاشتىن بىرسى تاشلانسا، ئۇ جەھەننەمنىڭ تېگىگە 70 يىلدا يېتىپ بارىدۇ. قىيامەت كۈنى جەھەننەم قاتتىق ئاچچىقلانغان ھالدا تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچىگە يامان ئادەملەرنىڭ چۈشۈشىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يامان، ناچار كىشلەرنى يۈتۈپ ئازابلاشقا تەييارلىنىپ تۇرىدۇ. دوزاختىكى ئوت قىززىقلىقىدىن پاراسلىغان، گۈمبۈرلىگەن ئاۋازلار چىقىپ تۇرىدۇ. كېيىن گۇناھكارلارنى دوزاخقا تاشلاش باشلىنىدۇ. پەرىشتىلەر يامان، ناچار كىشلەرنى ئىسمىنى ئېيتىپ پالانچىنىڭ بالىسى پالانچى قېنى؟ دەپ بىرىمۇ – بىر چاقىرىدۇ. كافىر، مۇناپىق ۋە پاسىقلارنى تۇتۇپ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى گەردەنلىرىگە، پۈتلىرىنى باشلىرىغا باغلايدۇ، بويۇنلىرىغا زەنجىر سالىدۇ، تۆمۈرلەر بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ، جەھەننەمگە سۆرەپ ئېلىپ ماڭىدۇ. زالىملارغا: سەن دۇنيادا ئۆزۈڭنى بەك چوڭ، ئەقىللىق، ئەڭ كۈچلۈك چاغلايتىڭ مانا ئەمدى ئازابىڭنى تارت دەپ خىتاب قىلىدۇ.

دوزاخقا چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ئۈستدىمۇ ئوت، ئاستىدىمۇ ئوت، ئوڭ-سول تەرەپلىرىدىمۇ پەقەت ئوت بولىدۇ. بويۇنلىرىدا قىپقىزىل چوغقا ئايلانغا ئېغىر زەنجىرلەر، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرىمۇ ئوتتىن، ئىچىملىكلىرىمۇ ئوتتىن بولىدۇ.

ئۇنداقتا دوزاخ ئوتى بىلەن ھازىرقى دۇنيانىڭ ئوتنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرق بار؟ پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق دېگەن: بۇ دۇنيانىڭ ئوتى، دوزاخ ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسىمدۇر (70\1) دېمەك جەھەننەمنىڭ ئوتى بەك قىززىق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. (قۇياشنى ياراتقان خۇدا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا قادىر-دە [بۇ مېنىڭ گېپىم])
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: بىز بۇ دۇنيانىڭ ئوتىنى دوزاخنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان قىلدۇق دېگەن. قەدىمكى زاماندا بەزى تەقۋادالار كىشىلەر ئوتنى كۆرسە دوزاخ ئېسىگە كېلىپ رەڭلىرى ئاقىرىپ كېتەر ئىكەن. قۇرئاندىكى دوزاخ ئايەتلىرى ئوقۇلسا قورقۇپ يىغلاپ كېتەركەن. دوزاختىكى كىشلەر دوزاختا كۆيۈپ تۇرۇپمۇ يەنە باشقا ئازاب بىلەن ئازابلىنىدۇ. جەھەننەم پەرىشتىللىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە، بەدەنلىرىگە تۆمۈر بىلەن ئۇرىدۇ. دوزاخ ئەھلنىڭ سۆڭەكلىرى سۇنۇپ ئىزىلىپ كېتىدۇ، گۆشلىرى تىتىلىپ كېتىدۇ، ئىچلىرىدىن، ئېغىزلىرىدىن قان –يىرىڭلەر ئاقىدۇ، قۇل-پۇتلىرىنى باغلاپ قويغاچقا ئوتتا باشلىرى، يۈزلىرى بىلەن دومىلاپ يۈرىدۇ، يۈزلىرى كۆمۈردەك قارىيىپ كېتىدۇ. تېرىلىرى كۆيۈپ چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە يېڭى تېرىلەر پەيدا بولىدۇ، يەنە ئازاب، يەنە ئوت.

ئۇلار ئوتتا كۆيۈپ سۇ، سۇ دەپ يېلىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن قايناقسۇ قۇيىلىدۇ، ئېغىزلىرىغىمۇ قايناقسۇ قۇيىلىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا بىگۇناھ كىشلەرنى قينىغان، ئۆلتۈرگەن، ھەرخىل گۇناھلارنى ئۆتكۈزگەن، ئاللاھتىن قورۇقمىغان رەھىمسىز كىشلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق ئازابلىنىدۇ. دوزاخنىڭ ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ ئۆسۈپ چىققان چوڭ بىر تاش بولىدۇ، پەرىشتىلەر گۇناھكار ئادەمنىڭ يۈزىنى شۇ تاشقا توغۇرلاپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تاشلايدۇ، كېين يەنە شۇ تەرىقىدە تاشلايدۇ، جەھەننەمنىڭ غايەت زور يىلانلىرى، پىلدەك يوغانلىقتىكى چايانلىرى بولىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ھارام ئىش قىلغانلارنى چېقىپ ئازابلايدۇ.

يەنە بىر قىسىم گۇناھكار كىشلەرنى تار، چوڭقۇر جايلارغا باغلاپ قويىدۇ. ئۇلار مىدىر-سىدىر قىلالماي ئازابلىنىپ ياتىدۇ. بەزى كىشلەرنىڭ قارنى يېرىلىپ، ئۈچەيلىرى چۇۋۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ، تاشقا يېپىشىپ قالىدۇ، ئۆزى شۇ تاشنىڭ ئەتراپىدا ئېشەكتەك ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇ بۇ دۇنيادا ئادەملەرگە ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلغان، ئەمما ئۆزى ئەمەل قىلمىغان ئادەمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئوقىغان، بىلگەنلىرىمىزگە ئەلۋەتتە ئەمەل قىلىشمىز زۆرۈردۇر.

بالىجانلار، يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار دوزاخ ئازابىنىڭ بىر قىسىمى خالاس!!!
دوزىخىلار ئۇ ئازابلارغا چىدىماستىن دوزاخ مۇئەككىلىگە، ئەي دوزاخ پاسىبانى، بىزنى بۇ يەردىن چىقىرىۋەت!!! ئەمدى ھېچ گۇناھ قىلمايمىز دەپ يالۋۇرىدۇ. ئەمما دوزاخ پاسىبانلىرى ئۇلارغا ۋەيران بولۇڭلار! بىزگە گەپ قىلماڭلار، ئەگەر بۇ يەردىن چىقىپ كەتسەڭلار ئىلگىرى قىلغان ئىشىڭلارنى يەنە قىلىسىلەر! دەيدۇ.
دوزىخىلار دۇنيادا قىلغان گۇناھلىرىغا مىڭ مىڭ پۇشايمان قىلىدۇ. بىھۇدە ئۆتكۈزگەن ئۆمۈرگە ئەپسۇسلىنىدۇ، ئەمما پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ، ئاخىرى ئۇلار ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىر ئۆلگەن بولساقچۇ كاشكى، مۇشۇ ئازابتىن قۇتۇلغان بولساق دەيدۇ. ئەمما ئۇ يەردە ئۆلۈم بولمايدۇ. پەقەت ئازاب ۋە ئازاب. چۈنكى ئۇلار دۇنيادا بەك كۆپ يامان ئىشلارنى قىلغاندە...(شۇڭا ھېسىداشلىق قىلىپ كەتمەڭ، بۇمۇ مېنىڭ گېپىم)
جەھەننەمدىكىلەرگە زەرى دەيدىغان ئۇزۇق بېرىلىدۇ، ئۇ تىكەنگە ئوخشاش بولۇپ، گېلىدە تۇرىۋېلىپ بىردەم ئۇياققا تولغىشىدۇ، بىردەم بۇياققا. زەرى زەھەردىن ئاچچىق، ئەخلەتتىنمۇ سېسسىق. يەنە ئۇ يەردە زەققۇ دېگەن دەرەخ بار، ئۇ ئوتتا كۆيمەيدۇ، ئەكسىچە كۆيگەنسېرى شۇنچە ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى دوزاخ ئەھلىنىڭ مىۋىسىدۇر. ئەگەر زەققۇم دەرىخى مېۋىسىنىڭ بىر تامچە سۈيى بۇ دۇنياغا چۈشسە، دۇنيادىكى پۈتۈن سۇلار، مېۋىلەر، يېمەكلىكلەر شۇ ھامان سېسىپ كېتىدۇ. دوزاختىكىلەرگە يەنە غىسنىيىن دېگەن تائام بېرىلىدۇ، ئۇ دوزىخىلەرنىڭ بەدەنلىرىدىن، ئېغىزلىرىدىن ئاققان قان-يىرىڭلاردۇر.
دوزاخ ئەھلى ئىچىدىغان ئىچىملىكلەر تۆت خىلدۇر
1.
ھەمىم 2.غەسساق 3.سەددىيت 4.مۇخىل
1.
ھەمىم:-بۇ قايناق سۇ. دوزاختا ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە قايناق نەرسە بولمايدۇ.
2.
غەسساق:-كافىرنىڭ بەدىنىدىن ۋە تېرسىدىن ئاقىدىغان يىرىڭ.
3.
سەددىيت:- قان ۋە يىرىڭ (كىسلاتا)
4.
مۇخىل:-قايناپ تۇرغان ياغ
دوزىخىلەرگە ئەنە شۇلارنى ئىچىش بۇيرۇلىدۇ. دوزاختىكى ئادەم سەددىيتنى ئېغىزىغا ئېلىپ بارسا ئېغىزلىرى، يۈزلىرى كۆيۈپ ئېقىپ كېتىدۇ. ئىچسە ئۈچەيلىرىنى ئېرىتىپ دۈمبلىرىدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. كىمىكى بۇ دۇنيادا ھاراق ئىچىدىغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخ ئەھلىنىڭ يىرىڭلىرىنى ئىچكۈزىدۇ. ئاللاھ بىزنى ھەممە گۇناھلاردىن ۋە ئازابلاردىن ئۆزى ساقلىسۇن!

دوزاختىكلەرنىڭ كۆرۈنىشىمۇ دەھشەتلىك ۋە قورقۇنۇنچلۇق بولىدۇ. يۈزلىرى كۈيۈپ پۈرلىشىپ كېتىدۇ، يۇقارىقى لەۋلىرى تارتىلىپ باشلىرىغا چىقىپ قالىدۇ. تۆۋەن لەۋلىرى ساڭگىلاپ كىندىكلىرىگە چۈشىدۇ. چىشلىرى پەنجەردەك ئېچلىپ قالىدۇ. بەزىلەرنىڭ كۆرۈنىشى چوشقىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئەگەر بىر دوزىخى ئادەم بۇ دۇنياغا ئېلىپ كېلىنسە، كىشلەر ئۇنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىپ سېسىقىغا چىدىيالماي ئۆلۈپ كېتىدۇ.

خوش، دوزاخقا قانداق ئادەملەر كىرىدۇ؟
دوزاخقا كىرىدىغانلار تۆۋەندىكلەردۇر:
1.
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرمىگەن كاپىرلار، ئۆزىنى يالغاندىن مۇسۇلمان كۆرستىپ، ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈپ يۈرگەن مۇناپىقلار، دىننىڭ راۋاجىغا توسقۇنلۇق قىلغان پاسىقلار
2.
مۇسۇلمانمەن دەپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇمىغان، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرىنىڭ بۇيرۇقىنى تولۇق بېجىرمىگەن ياكى ئىسلامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن كىشىلەر.
3.
خەلققە زۇلۇم قىلغان ئەمەلدارلار، ئادەملەرنى قورقۇتقان، ناھەق پۇللىرىنى ئېلىۋالغان، قيىنىغان، زۇلۇم قىلغانلار كىشلەر.
4.
ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر، ئۆزلىرىنى ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ بىلگەن كېبىرلىك كىشلەر، ماختانچاق، رىياكارلار، قوپال، جاھىل ئادەملەر، ئۇياتسىز ئىشلارنى قىلغان ئەخلاقسىزلار، غەيۋەتچى-چېقىمچىلار، ھەسەتخور-پىتنىخولار، ئالدامچىلار، پالچىلار، ئوغرىلار، ھاراقكەش، قىمارۋازلار، ھارامدىن پۇل تاپقانلار، ئاتا-ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى، دوستىلىرىنى نازازى قىلغانلار...

دوزاخقا مۇسۇلمان كىشىلەرمۇ كىرەمدۇ؟
دوزاخ ئەسلى كاپىرلار ئۈچۈن يارىتىلغان، بىراق مۇسۇلمان ئادەممۇ بۇ دۇنيادا گۇناھ قىلسا ۋە تەۋبە قىلماستىن ئۆلسە دوزاخقا كىرىدۇ. ئۇ گۇناھىغا لايىق جەھەننەمدە كۆيىدۇ. گۇناھى تۈگىگەندىن كېيىن، ئىمانى سەۋەبلىك دوزاختىن چىقىپ جەننەتكە كىرىدۇ. دوزاختىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىلىرىنى ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام شاپائەت قىلىدۇ. يەنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىدۇ. ھاياتتا ساۋابلىق ئەمەللەرنى كۆپ قىلغان ياخشى مۇسۇلمانلار ھەم ئۆزى تونىغان مۇسۇلمانلارنى ئاللاھتىن رۇخسەت سوراپ دوزاختىن ئېلىپ چىقىۋالىدۇ. ئەگەر ئىنسان بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە ئىبادەتلەر قىلمىغان بولسا، ئۇنى دوزاختىن ھېچىكىم قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. كاپىر ۋە مۇناپىقلار دوزاختا ئەبەدىي قېلىپ قالىدۇ.
بىر كۈنى پەيغەمبىرىمىز قۇرەيش قەبىلىسىنى يىغىپ ئۇلارغا دوزاخ ھەققىدە گەپ قىلىدى دوزاختىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەركىم ئۆزى ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. كېيىن ئۆزىنىڭ قىزىغا قاراپ: ئەي مۇھەممەدنىڭ قىزى پاتىمە! سەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ دوزاختىن قۇتۇلدۇر، چۈنكى مەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا سىلەرگە ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيمەن!!!

كۆردۈڭلارمۇ؟ ھەتتا پەيغەمبەر بولغان مۇھەممەد (س.ئە.ۋ) مۇ ئۆز قىزىنى ئەگەر ئاللاھنىڭ دېگىنىنى قىلمىسا، دوزاختىن ساقلاپ قالالمايدىكەن. دېمەك ھەر بىر ئىنسان دوزاخقا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزى ھەرىكەت قىلىپ، ئىسلام دىنىغا تولۇق ئەمەل قىلىشى كېرەك.كۆڭلىمىز پاك، ئازادە، خۇش مۇئامىلە بولۇشى لازىم. كۆپرەك سەدىقە قىلىپ تۇرۇش، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، دوزاختىن ساقىلىشىنى تىلەپ تۇرۇشى زۆرۈر.
خۇلاسە:
ئاللاھ ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغان بەندىلىرىنى جازالاش ئۈچۈن جەھەننەمنى ياراتقان. ئۇ بەك، بەك، بەك ناچار جاي. كاپىرلار مۇناپىقلار شەك –شۆبھىسىز دوزاخقا چۈشىدۇ ۋە ئۇ يەردىن قايتىپ چىقمايدۇ. گۇناھكار مۇسۇلمانلارمۇ دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار گۇناھلىرىغا چۈشلۇق ئازابلىنىپ، كېيىن دوزاختىن چىقىدۇ ۋە جەننەتكە كىرىدۇ. ئاللاھ بىزنى گۇناھ ئىشلاردىن ئۇزاق قىلىسۇن، پەقەت ياخشى ئەمەللەر قىلىپ جەننەتكە كىرىشىمىزنى نىسىپ قىلسۇن!
 
    ئۆزبېكىستاننىڭ خالىسلىق دەستۇرى نامىدىكى رادىئو پىروگراممىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى.


ئىسلام 2011-11-17 11:06
بەك كاتتا تىمىكەن . ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئۆمەرئىلى 2011-11-17 13:10
ئاللاھ رەھمەت قلسۇن قىرىندىشم بەك ئسل تىما ئكەن بۇ

نۇرجۇلا 2011-11-17 13:33
قورقۇپ كەتتىما! ئەگەر پۈتۈن پەرىزلەرنى ئادا قىلىپ، ھەقىقى مۆمىن يولىدا ماڭالىغان بولسام قورۇقمىغان بولاتتىم! تىرىشىمەن!
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ئاللاھ ھەممىزنى دوزاق ئازاۋىدىن يىراق قىلسۇن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ!

نۇرجۇلا 2011-11-17 13:36
سىز بىلەن تونۇشۇپ، سىزدىن تەلىم ئالسامكەن دەيمەن!

ھىجرەت 2011-11-17 13:42
دوۋزاخنىڭ  بۇ  سۈپەتلىرىنى  ئوقۇۋېتىپ  تىنىمنى  تىتىرەك   بېسىپ  كەتتى .  اللە   ساقلىسۇن !  دوۋزاخ  ئازابىدىن ...

نەفىسە 2011-11-17 16:15
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى نۇرجۇلا نىڭ 2011-11-17 13:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل ئاپتۇر (نەفىسە) نىڭ يازمىسىغا :
سىز بىلەن تونۇشۇپ، سىزدىن تەلىم ئالسامكەن دەيمەن!


     ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم!اللە ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر،تەلىم بېرىشكە ئەسلا مۇناسىپ ئەمەسمەن،مىنىڭ بىلىدىغانلىرىممۇ تايىنلىق.ئەمما بىلىدىغانلىرىمنى ئنشاللاھ دەپ بېرىمەن.
              كىتاپنى كۆپ ئوقۇڭ،كىتاپ ئوقۇش خاتىرسى يېزىپ تۇرۇڭ،كۈندە بىر تال تەبلىخ ئاڭلاشنى ئادەت قىلىۋېلىڭ،بامدات نامىزىدىن يېنىپ قۇرئان ئوقۇپ تۇرۇڭ،بىلمەيدىغان يەرلەر بولسا باشقىلاردىن سوراڭ ياكى تەفسىرىگە قاراپ بېقىڭ،ئامال بار ئۆزىڭىز ئىزدىنىڭ،تەپەككۇرنى كۆپ قىلىڭ.بىلىمى ئۆزىڭىزدىن يۇقىرىلار بلەن كۆپرەك ھەمسۆھبەتتە بۇلۇپ تۇرۇڭ،ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلاڭ...

فىردەۋىس1 2011-11-17 18:49
رەھمەت قىرىندىشىم ،  ئۇلۇغ ئاللاھ  قولىڭىزغا دەرت  بەرمىسۇن .  نىمىدىگەن  ياخشى  تىما بۇ .  يەنە  مۇشۇنداق  تىمىلار بىلەن  كۆپىرەك  تەمىنلەپ تۇرارسىز .  پەرزەنتلىرىمىز گە  چوڭ بىر  ساۋاق بوپ قالار ،  دەيمەن .

lawiy 2011-11-17 19:51
رەخمەت سىز گە قىرىندىشىم بەك ئەھمىيەتلىك تىمىكە مۇشۇنداق ياخشى تىمىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي

نۇرجۇلا 2011-11-19 20:20
hat  xakliga nima boldi?

مەرىپەت 2011-11-19 20:37
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام
مۇشۇنداق تىمىنى كۈندە ئۇقۇسام بولغىدەك
ئۇزۇن بوپتىكەن قەلبىمنىڭ بۇنداق چىمىلدىغىنىنى ھىس قىلمىغىلى
مۇشۇنىڭدەك ئەھمىيەتلىك تىمىنى كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ،ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن(جزاك اللە خيرا  امين....)

arzuyum 2011-11-19 20:49
ئەسسالامۇ  -  ئەلەيكۇم  ئەزىز  ھەمشىرەم  ، بىز  قېرىنداشلىرىڭىز  ئۈچۈن قىلۋاتقان  خالىس  ئەمگەكلىرىڭىز  ئۈچۈن  ئۇلۇغ  رەببىمىز  سىزنى ئىككى  ئالەملىك  سائادەتمەنلەردىن  قىلسۇن ، امىين !


查看完整版本: [-- دوزاخ ئەڭ يامان جاي.(باللىرىڭىزغا ئوقۇپ بېرىڭ) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054584 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us