.ئىپار. |
2011-11-14 19:00 |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىدىم. بۇ دۇنيادا تىرىشساقلا قىلالمايدىغان ئىش يوق. ھەم بىلىم ئېش زۆرۈر . ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مانا 24 يىللىق ھاياتىمدا گەرچە ئالى مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرشەلمىگەن بولساممۇ لېكىن ئۆزلىكىمدىن تۇرلۇك كىتاپلارنى كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۆزۈمدىكى ئوقۇش ئارزۇيۇمنىڭ كۈچلۈكلىكى مىنى پەقەتلا جىم قويغىنى يوق. ئولتۇرسام قوپسام ئوقۇشلام كاللامغا كىرىۋالاتتى. مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئوقۇيالماي قالدىم . يەنى بىراۋ ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشىدىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ۋاز كىچىپ كەپتىكەنمەن. ئەمدى ئۆزۈم ھەققىدە ئويلانمىسام بولمايدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەمدى تورداشلاردىن سورايدىغىنىم، ئۆزۈم چەتئەلدە ئوقۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن. لېكىن بۇ جەھەتتە ھېچقانداق تەجىربەم ۋە چۈشەنچەممۇ يوق. شۇڭا تورداشلارنىڭ ماڭا مەسلىھەت ۋە يول كۆرسىتىشىنى تۆۋەنچىلىك بېلەن سورايمەن. اللاھ رازى قىلسۇن. مەن بۇ يىل 24 ياشقا كىردىم. ئۆزۈم تۇلۇق ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە. ئۆزۈم تارىخقا قىزىققانلىقتىن ، مەكتەپتىن چىكىنگەندىن بېرى ھەرخىل تارىخ كىتاپلارنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن. ھەم چەتئەلدە مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇغۇم بار. سىلەرچە مەندەك بىر ئوقۇغۇچى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيالامدۇ؟ قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدۇ؟ مىنىڭ تۈركىيەدىكى بىرەر ئونۋىرىسىتىتنى تاللاپ تارىخ كەسپىدە ئوقۇغۇم بار ئىدى. لېكىن ئاران تولۇق ئوتتۇرنىڭ دىپلۇمى بار بولغان ، 24 ياشلىق مەن ئوقۇسام بولامدۇ؟ مەن ئۇنچىمۇ يوقىرى ئىقتىسادقا ئىگە ئەمەس. ئەگەر مەن چەتئەلدە ئوقۇش شەرتىگە توشسام، مەن يەنە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشىم كېرەك. مىنى قىزبالا بولغاندىكى بولدى قىلىڭ دېمەڭلار. چۈنكى مەن تۇرمۇشۇمدا نۇرغۇن ئىسىق سوغوقنى باشتىن كەچۈرۈپ، مۇشۇ قارارغا كەلدىم. ماڭا ياردەم قىلساڭلار.
مەنبە:ئۆزۈم.
|
|