查看完整版本: [-- چوڭ گۇناھلار،ۋە ئۇ تۇپەيلى بۇلىدىغان ئاقىبەتلەر --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> چوڭ گۇناھلار،ۋە ئۇ تۇپەيلى بۇلىدىغان ئاقىبەتلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئىزباسار 2011-11-12 23:20
چوڭ گۇناھلارنىڭ ئىيمانغا قانداق تەسىرى بار؟ چوڭ گۇناھلار ئىيماندىن چىقىرىۋېتەمدۇ؟
جاۋاب:
بىسمىللەھىرررەھمانىررەھىيم
جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ – سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
گۇناھ دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى:بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىتائەت قىلماسلىقتىن ئىبارەت.
ئىسلام دىنىمىزدا گۇناھ دېگەن:قىلسا جازالىنىدىغان، قىلمىسا ساۋاب بېرىلىدىغان ئىشتىن ئىبارەت.يەنە ھارام، چەكلەنگەن ۋە قىلىش جائىز ئەمەس دېگەندەك سۆزلەرمۇ گۇناھ ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
گۇناھلار بىرى يەنە بىرىگە نىسبەتەن چەڭ ۋە كىچىك بولىدۇ، مەسىلەن كۇپۇر بىر گۇناھ بولسا زىنا ئۇنىڭدىن يەڭگىلراق گۇناھ، يات ئايالنى سۆيۈپ قويۇش زىناغا قارىغاندا يەڭگىلراق گۇناھ، بىر ئادەمنى بىر تەستەك ئۇرۇش ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يەڭگىلراق گۇناھ. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسىيلىق بولغاچقا گۇناھ دائىرىسىگە كىرىدۇ.
گۇناھلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە نىسبەتەن چوڭ ۋە كىچىك بولىدىغانلىقنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:
جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى ھەممە گۇناھلارنىڭ ئالدىغا قويغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بەزى گۇناھلارنى چوڭ گۇناھلار دەپ سۈپەتلىگەن.
مەسىلەن:
1-ئىمام بۇخارى سەھىھىدە گۇۋاھچىلىقلار كىتابىدا رىۋايەت قىلغان 2653- ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوڭ گۇناھلار ھەققىدە سورالغاندا:((ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش، بۇگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرۈش، يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىش)) دەپ بايان قىلغان.
2-يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاتا - ئانىنى قاخشىتىشنى چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ بىرى دەپ، قۇرئان كەرىمدە كۆرسىتىلگەندەكلا ئۇنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ گۇناھ دەپ كۆرسەتكەن. سەھىھەيندە كەلگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە: ((سىلەرگە چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىنى ئېيتىپ بىرەيمۇ؟)) دەپ ئۈچ قېتىم دېگەندە ساھابىلەر: ”ماقۇل ئى رەسۇلۇللاھ“ دېيىشكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: ((ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەك ۋە ئاتا - ئانىلارنى قاخشاتماق، – ئۇ يۆلىنىپ ئولتۇرغان ھالىتىدىن دەرھال تىك ئولتۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى – دىققەت قىلىڭلار! ئويدۇرما سۆز ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش)) دېدى.
3-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:
((ئۈچ تۈرلۈك ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ: ئاتا - ئانىسىنى قاخشاتقۇچى، دەيۇس (شوۋىچى) ۋە ئەرلەردەك بولىۋالغان ئاياللار)). ئىمام نەسائى، بەززار ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان.
4-يەنە مۇنداق دېگەن:
((ئاللاھ تائالا بارلىق گۇناھلاردىن خالىغىنىنى قىيامەت كۈنىگە كېچىكتۈرىدۇ، پەقەتلا ئاتا - ئانىنى قاخشاتقاننىڭ جازاسىنى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ھايات ۋاقتىدا بېرىدۇ)) . ھاكىم رىۋايەت قىلغان.
5-پەيغەبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:
((ئادەمنىڭ، ئاتا - ئانىسىغا لەنەت قىلىشى چوڭ گۇناھلارنىڭ چوڭراقلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ)).ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ گۇناھلارنىڭ ئىيمانغا تەسىرى بار ، لېكىن بۇ گۇناھلارنىڭ ئىچىدە تەۋبە قىلماي چىڭ تۇرىۋالغان تەقدىردە كۇپۇر ۋە شېرىك كەلتۈرۈش ئىنساننى ئىيماندىن چىقىرىۋېتىدۇ، قالغان گۇناھلار ئىيمانغا زىت بولسىمۇ لېكىن ئىنساننى ئىيماندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ، ئۇ پەقەتلا ئىيماننى زىدىلەيدۇ.
بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:
1. بۇ گۇناھلار ئىيماندىن كۇپۇرغا چىقىرىۋېتىدىغان بولسا گۇناھ بىلەن مۇرتەدلىك بىر نەرسە بولۇپ قالغان بولاتتى دە بۇ گۇناھلارنى قىلىش بىلەن ئاسىيلىق قىلغان كىشى مۇرتەد بولۇپ بۇ گۇناھلارنى قىلغان ئاسىيلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوغرىلىق، قاراقچىلىق، زىناخورلۇق، ۋە قاتىللىق جازاسى بېرىلمەي ھەممىسىگە بىردەك مۇرتەدنىڭ جازاسى بېرىلسە بولاتتى، ئۇلارغا مۇرتەدلىك جازاسى بېرىش قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك قارىشىدا رەت قىلىنىدىغان ئىشتۇر.
2. جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ((ئى مۆمىنلەر ! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ، قاتىل ئۈچۈن قېرىندىشى تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا (يەنى قىساستىن ۋازكېچىپ تۆلەم ئالماقچى بولسا)چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى لازىم، جىنايەتچىمۇ تۆلەمنى كېچىكتۈرمەستىن تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك)) بەقەرە سۈرىسى 178-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. دېمەك ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە قاتىلنىڭ ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.بۇ ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى قىلىش بىلەن ئىيماندىن چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
3. جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ((ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گورۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا ، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار قايتسا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار)) دەيدۇ،كېيىن ئاخىرىدا:((مۆمىنلەر ھەقىقەتەن دىندا قېرىنداشلاردۇر، ئۇرۇشۇپ قالسا قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار)) دەيدۇ. ھۈجۈرات سۈرىسى 9-ئايەت. دېمەك: ئۆزئارائۇرۇشۇش بولغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۆمىن دەپ ئاتىغان، بۇ ئۆزئارا ئۇرۇشۇشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنىڭ ئۇلارنى ئىيماندىن چىقىرىۋەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،ھالبۇكى ئۆزئارا ئۇرۇشۇش چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە مۇنداق دېگەن:((مۇسۇلمان بىلەن تىللىشىش پاسىقلىق، ئۇرۇشۇش كۇپۇردۇر))ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ((مەندىن كېيىن بىر - بىرىڭلارنىڭ كاللىسىنى چاپىدىغان كاپىرلار بولۇپ قالماڭلار)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ((ئىككى مۇسۇلمان قېلىچلىرى بىلەن ئۇرۇشسا ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى ھەر ئىككىسى جەھەننەمدە))ئىمام بۇخارى بۇ ئاخىرقى ھەدىسنى سەھىھىدە ئىيمان كىتابىدا 31-ھەدىستە رىۋايەت قىلىپ بۇنداق گۇناھلارنى قىلغۇچىنىڭ ئىيماندىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى جەھەننەمگە كىرىدۇ دەپ قورقۇتقان بولسىمۇ يەنىلا ئۇلارنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان.
4. ھاتىب ئىبنى ئەبى بەلتەئە دېگەن ساھابە مەككىگە يۈرۈش قىلىش ھەربىي مەخپىيەتلىكنى كاپىرلارغا يەتكۈزۇشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان، شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىيماندىن چىقىرىۋەتمىگەن، جانابى ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۆمىنلەر قاتارىدا مۇنداق خىتاب قىلغان: ((ئى مۆمىنلەر مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)) ئەلمۇمتەھىنە سۈرىسى 1-ئايەت.
5. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى قارىلىغانلار ئىچىدە مىستاھ ئىبنى ئۇساسە دېگەن بەدر غازىتىغا قاتناشقان ساھابە بار ئىدى، ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ئۇنىڭغا سىلە-رەھىم ۋە ئىھسان قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلغان، بۇ چاغدا جانابى ئاللاھ مۇنداق دەپ ئايەت نازىل قىلدى: ((ئاراڭلاردا ئەھلى كەرەم ۋە دۆلەتمەن بولغانلار خىش-ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە ۋە دىن يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا بىر نەرسە بەرمەسلىككە قەسەم قىلمىسۇن، ئەپۇ قىلسۇن، كەچۈرسۇن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەغپىرەت قىلىشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر))نۇر سۈرىسى 22-ئايەت. دېمەك بۇ ئايەت ئىپپەتلىك پاك مۆمىن ئاياللارنى قارىلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان كىشىنىمۇ ئىيماندىن چىقىرىۋەتمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايەتتە ئۇ تەۋبە قىلسا دەيدىغان بىر قەيدمۇ يوق. يەنى ئۇ تەۋبە قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئىيمان دائىرىسىدە بولىدۇ. يۇقىرىقى ۋەقەلىكنى ئىمام بۇخارى سەھىھىدە گۇۋاھلىق بېرىش كىتابىدا 2661-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان.
6. ئىمام بۇخارى ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ھاراق ئىچكەن بىر ئادەم كەلتۈرۈلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئۇرۇڭلار )) دەپ بۇيرۇق قىلغان، ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە دېدى: بەزلىرىمىز قوللىرىمىز بىلەن، بەزىلىرىمىز كەشىمىز بىلەن، يەنە بەزىلىرىمىز كىيىملىرىمىز بىلەن ئۇردۇق، كېيىن ئۇ كەتكەندىن كېيىن بىرسى: ئاللاھ سېنى رەسۋا قىلسۇن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ: ((ئۇنداق دېمەڭلار، ئۇنىڭغا قارشى شەيتانغا ياردەم قىلماڭلار)) دېدى، سەھىھۇل بۇخارى ھۇدۇد كىتابى 6777-ھەدىس، ئىمام بۇخارىنىڭ يەنە 6781-نۇمۇرلۇق بىر رىۋايىتىدە: ((قېرىندىشىڭلارغا قارشى شەيتانغا ياردەمچى بولماڭلار)) دېيىلگەن، ئەبۇ داۋۇد سۈنەنىدە ھۇدۇ كىتابىدا رىۋايەت قىلغان 4480-ھەدىستە: (ئۇنداق دېمەي، ئى ئاللاھ ئۇنى كەچۈرگىن، ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغىن دەڭلار)) دېيىلگەن. دېمەك بۇ ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراق ئىچكەن كىشىنى ئۇرۇپ ئەدەبلەشكە بۇيرىغان بولسىمۇ ئۇنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى دەرگاھىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۇنى مۆمىنلەردىن ئەمەس دېيىشكە رازى بولمىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدا قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئىسپاتلاپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا، ئۇنى بۇنداق يامان ئىشلاردىن يېنىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ، شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرمەسلىككە ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ھېرىسمەنلىك قىلىشقا بۇيرىغان.
7. ئىمام بۇخارى سەھىھىدە ھۇدۇد كىتابىدا 6780-ھەدىستە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ ئۇنىڭ ئىشەك دەپ لەقىمى بار ئىدى،ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈلدۈرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھاراق سەۋەبىدىن قامچىلىغان ئىدى، كېيىن يەنە ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن كەلتۈرۈلدى ۋە ئۇرۇلدى، سورۇندىكىلەردىن بىر : ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلغىن، بۇ ئەجەبمۇ كۆپ ھاراق ئىچىدىغۇ بۇ دېدى، بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئۇنىڭغا لەنەت قىلماڭلار، مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدۇ)) دېدى.
بەئى ئالىملار ئۇنىڭ 50 قېتىم ھاراق ئىچكەنلىكىن رىۋايەت قىلغان، دېمەك ئۇ ھاراقنى شۇنداق قايتا-قايتا كۆپ ئىچكەن تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا لەنەت قىلىشتىن توسقان.
ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستە چوڭ گۇناھ قىلغان كىشى كاپىر بولۇپ كېتىدۇ دېگۈچىلەرگە رەددىيە بار، چۈنكى ھەدىستە ئۇنىڭغا لەنەت قىلىش چەكلەنگەن، ئۇنىڭغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش تەلەپ قىلىنغان. يەنە بۇ ھەدىستە بەزى گۇناھلارنىڭ سادىر قىلىش بىلەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى سۆيۈش زىت كەلمەيدىغانلىقىغا دەلىل بار، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھاراقنى كۆپ قېتىم ئىچكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە رەسۇلىنى سۆيىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، يەنە بۇ ھەدىستە قايتا-قايتا تەكرار گۇناھ قىلغانلاردىن ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ سۆيگۈسى كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدىغانلىقىغا دەلىل بار. فەتھۇل بارىغا قاراڭ.
8. ئىمام بۇخارى سەھىھىدە جىنازىلەر كىتابىدا 1232-ھەدىستە ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((پەۋەردىگىرىمدىن خەۋەرچى كېلىپ ماڭا بىشارەت بەردىكى، مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جەننەتكە كىرىدۇ)) ئەبۇ زەر: مەن زىنا قىلسىمۇ، ئوغرىلىق قىلسىمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((زىنا قىلسىمۇ، ئوغرىلىق قىلسىمۇ)) دېدى.
9. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ چوڭ گۇناھلارنى ۈقىلغان گۇناھكارلىرىغا شاپائەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن نۇرغۇن ھەدىسلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئىيماندىن ۋە ئىسلام ئۈممىتى قاتارىدىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىغا، شۇنداقلا ئۇلار دوزاخقا كىرىشكە لايىق گۇناھلارنى قىلغان بولسىمۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن رەھمەت قىلىپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدىغانلىقىغا ، ياكى دوزاختا بىر مۇددەت ئازابلانغاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ دوزاختا مەڭگۇ قالمايدھىغانلىقىغا دەلىلدۇر.
خۇلاسە شۇكى كۇپۇر ۋە شېرىكتىن باشقا چوڭ گۇناھلار ئىيماندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ، لېكىن ئىيماننى زىدىلەيدۇ ۋە كېمەيتىۋېتىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم
ئىسلام ئاۋازى تور بېتى
2004-11-19

يادىكار 2011-11-13 02:16
رەھمەت،ياخشى تېمىلار نى يوللاپ تۇرۇڭ

موتۇ 2011-11-13 19:22
رەھمەت  سىزگە  .

ئەجەم 2011-11-18 14:34
ئاللاھ نىڭمۇ سۇلمانلارغا مۇشۇنداق رەھمىتى بولمىسىا،ۋاي بىزنىڭ ھالىمىز نىمە بۇلۇپ كىتەر-ھە !!!!     


查看完整版本: [-- چوڭ گۇناھلار،ۋە ئۇ تۇپەيلى بۇلىدىغان ئاقىبەتلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.055801 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us