查看完整版本: [-- مالايسىياغا چىقىپ ئوقۇشتىن مەسلىھەت سورايمەن --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> مالايسىياغا چىقىپ ئوقۇشتىن مەسلىھەت سورايمەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

297433731 2011-11-09 20:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!  
قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! )
گەپنىڭ پوسكاللىسىدىنلا باشلاي
مەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى پىلانلاپ پاسپورت بېجىرگەن ئىدىم(كومپيوتېر كەسپىدە)پاسپورتنىغۇ تەلىيىم كىلىپ بىر ئىككى تونۇش ئىزدەپ تېزلا ئېلىۋالدىم،لېكىن كومپيوتېردا ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم كومپيوتېر،تور،ئالاقە تېخنىكىلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئوقۇمىسام جۇڭگودا ئوقۇغۇنۇم بىلەن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن شىمالى ئامرېكىنى تاللىدىم،بىرنەچچە كۈن توردىن توختىماستىن ماتىريال كۆرۈش،سوراش ئارقىلىق شىمالى ئامېركىدا ئوقۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاتا ئانامغا بېسىم قىلىشتىن قورقتىم.ئامال بار ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرىدىغان،ھەقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئويلاشتىم.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە بىر قانچە تەلەپلەرگە توشسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.
مەن ئالى مەكتەپنى 新疆机电职业技术学院دە ئوقۇدۇم،قولۇمدا 大专دېپلومى بار.بۇيىل پۈتتۈرگەن،باشقىلاردىن ئاڭلىسام بەزىلەر چەتئەللەردە 大专دېپلومنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دېپلومى بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ دەيدۇ.بۇ راست شۇنداقمۇ؟
راست شۇنداق بولۇپ قالسا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دېپلومى بىلەن تەڭ بولغان دېپلومدا دۆلەت ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇشقا ئىمكانىيەت يوقمۇ؟  
يۇقاردا ئېيتىلغاندەك بولۇپ قالسا (مالايسىيادىكى دوستۇم تەۋسىيە قىلغان ئامال) ئاۋال گۇاڭجۇغا بېرىپ مالايسىياغا ساياھەت ۋىزىسى بېجىرىپ بىۋاستە مالايسىياغا بېرىپ 4-5كۈن ئىچىدە ياخشىراق بىرەر تىل تەربىيىلەش مەكتىپىگە تىزىملىتىپ(ئالتە ئايلىق ئوقۇش پۇلىنى بىرقېتىمدىلا بەرسەم بىر يىللىق ئوقۇش ۋېزىسى چىقىرىپ بېرىدىكەن)شۇ يەردە يېرىم يىل ئېنگىلىزتىلى ئۆگۈنۈپ(ياسى ئىمتىھانىدا 6 نومۇرغا ئېرىشەلىسەم) ئاندىن كېيىن شۇ دۆلەت تەۋەلىكىدىكى بىرەر ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىىپ (كۆپ تىرىشسا بىر يېرىم يىل ئىچىدە 本科دېپلوم ئالالايدىكەن)دېپلومنى ئالغاندىن كېيىن شىمالى ئامرېكىدىكى ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدىغان مەكتەپلەرگە ئىلتىماس سۇنسام بولىدىكەن.سىلەرچە مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ 
بۇيىل ئەمدى 21ياشقا كىردىم،كومپيوتېر ئۆگەنگىلى 10 يىل بولدى.بۇ جەرياندا كومپيوتېرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆگەندىم.لايىھە،تور قۇرۇلۇشى،فىلىم ئىشلەش،رەسىم لايىھىلەش....ئىشقىلىپ ھەممىدىن دېگۈدەك بىلىمىم بار.بىرىنىلا چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنمىگەن گۇناھ ئۆزۈمدە.بىرەرسىنى مۇقىم تۇتۇپ ئۆگەنگەن بولسام 10 يىلنىڭ ياقى خېلى ئىشلار بولۇپ كېتەر ئىدى ھە؟ شۇنداقتىمۇ ھازىر چەتئەلگە چىقىپ مۇقىم بىر تۈرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگۈنۈش ئىستىكىم ناھايىتى كۈچلۈك.
چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان تورداشلار بولسا بۇھەقتە ئاز تولا يول كۆرسەتسەڭلار،دۆلەت ئىچىدىكى بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى بىلىدىغان دوستلار بولسىمۇ بىلگىنىڭلارچە يول كۆرسەتسەڭلار.


natsist 2011-11-09 22:26
پاھ ! ئۇلۇغۋار پىلانلىرىڭىز باركەن
مەن چەتكە چىقىپ ئەمەس قوشنا ناھىيىگە بېرىپ ئوقۇشنىمۇ ئويلاپ باقمىدىم

oguzhan 2011-11-10 01:58
چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

wali12 2011-11-10 13:45
ئۇلۇغۋار پىلانلىرىڭىز باركەن

297433731 2011-11-10 15:44
چ چ  نومۇرۇم 297433731

مۇناجات 2011-11-10 17:37
اللە ئىشلىرىڭىزغا  ئاسانلىق بەرگەي قېرىندىشىم ...

bilig 2011-11-10 23:06
مالايسىيە نىڭ  ئۇقۇتۇش  سەۋىيەسى  جۇڭگودىن  توۋەن   تىل  ئوگەنمەك ئۇچۇن بولسا  مالايسىياغا بارسىڭىز  بولار    ئەمما  كەسىپ  ئوگۇنۇشتە   يەنىلا  جۇڭگو  ياخشى دەپ  قارايمەن

297433731 2011-11-11 14:45
مەن دەل شۇ تىل ئۆگۈنۈش ئۈچۈن دەسلەپ مالايسىيانى تاللىدىم،تىلنى راۋرۇس ئۆگۈنىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا كومپيوتېردا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئوقۇش پىلانىم بار... تۆنۈگۈن مالايسىيادىكى بىر دوستىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇقىملاشتۇردۇم،ھازىر پۇل توپلاۋاتىمەن...كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىگە رەھمەت

ohho~duqu 2011-11-11 22:09
125592574


查看完整版本: [-- مالايسىياغا چىقىپ ئوقۇشتىن مەسلىھەت سورايمەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.060212 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us