kangsay |
2010-08-01 00:31 |
1 - ماددا ھەممە ئادەم زاتىدىنلا ئەركىن ، ئىززەت - ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتا باپباراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان . ئۇلار ئەقىلغە ۋە ۋىجدانغا ئىگە ھەمدە بىر - بىرىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە خاس روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك . 2 - ماددا ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان بارلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ، ئۇلار ئىرقى ، رەڭگى ، جىنسى ، تىلى ، دىنى ، سىياسىي قارىشى ياكى باشقا قارىشى ، دۆلەت تەۋەلىكى ياكى ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى ، مۈلكى ، تۇغۇلۇشى ياكى باشقا سالاھىيىتى جەھەتتىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەم ئۆزى تەۋە دۆلەت ياكى زېمىننىڭ سىياسىي ، مەمۇرىي ياكى خەلقئارا ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ ، بۇ زېمىننىڭ مۇستەقىل زېمىن ، ۋەكالىتەن باشقۇرۇلۇۋاتقان زېمىن ، ئاپتونومىيىسىز زېمىن ياكى باشقا ھەر قانداق ئىگىلىك ھوقۇقىغا چەك قويۇلغان ھالەتتىكى زېمىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر . 3 - ماددا ھەممە ئادەم ھاياتلىقتىن ، ئەركىنلىكتىن ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 4 - ماددا ھەر قانداق ئادەمنى قۇل قىلىشقا ياكى قۇل قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، ھەر قانداق شەكىلدىكى قۇللۇق تۈزۈمنىمۇ ، قۇللارنى ئېلىپ - سېتىشنىمۇ مەنى قىلىش كېرەك . 5 - ماددا ھەر قانداق ئادەمنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىيناشقا ياكى ۋەھشىي ، ئىنسانىيەتسىز ياكى ھاقارەت خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە ياكى جازاغا دۇچار قىلىشقا بولمايدۇ . 6 - ماددا ھەممە ئادەم ھەر قانداق جايدا قانۇن ئالدىدىكى كىشىلىك ئىززىتىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق . 7 - ماددا ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر ھەمدە قىلچە كەمسىتىلمەي ، قانۇننىڭ باراۋەر قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىگە خىلاپ ھەر قانداق كەمسىتىشتىن ۋە مۇشۇنداق كەمسىتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەر قانداق قىلمىشنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، باراۋەر قوغداشتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 8 - ماددا ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇن ياكى قانۇنلار بەخش ئەتكەن ئاساسىي ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا ، لاياقەتلىك دۆلەت سوتى ئارقىلىق بۇنداق زىيانكەشلىك ھەرىكىتىدىن ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق . 9 - ماددا ھەر قانداق ئادەمنى ھەر قانداق شەكىلدە قولغا ئېلىشقا ، نەزەربەنت قىلىشقا ياكى سۈرگۈن قىلىشقا بولمايدۇ . 10 - ماددا ھەممە ئادەم مۇستەقىل ھەم خالىس سوتنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق سوراق قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ھەمدە ئۆزىگە قويۇلغان ھەر قانداق جىنايى ئەيىبنى ئېنىقلىۋېلىشقا پۈتۈنلەي تەڭ ھوقۇقلۇق . 11 - ماددا 1) جىنايى ئىشلار بىلەن ئەرز قىلىنغانلىكى ئادەم ئاقلاش جەھەتتە لازىملىق بارلىق كاپالەتكە ئېرىشكەن ئاشكارا سوتتا جىنايىتى بارلىقى قانۇن بويىچە دەلىللەنگىچە گۇناھسىز دەپ قارىلىشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەر قانداق قىلمىشى ياكى قىلمىشسىزلىقى سادىر بولغان ۋاقتىدا دۆلەت قانۇنى ياكى خەلقئارا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى شەكىللەندۈرمىگەن بولسا ، جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن دەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ . جىنايى جازا جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تەتبىق قىلىنىدىغان قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردىكىدىن ئېغىرلىتىۋېتىلسە بولمايدۇ . 12 - ماددا ھەر قانداق ئادەمنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا ، ئائىلىسىگە ، تۇرالغۇ جايىغا ۋە خەت - ئالاقىسىگە خالىغانچە ئارىلىشىۋېلىشقا بولمايدۇ ، ئۇنىڭ شەنى ۋە شۆھرىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ . بۇنداق ئارىلىشىشتىن ياكى ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ھەممە ئادەم قانۇننىڭ قوغدىشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 13 - ماددا ) ھەممە ئادەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا ئەركىن كۆچۈشكە ۋە ئولتۇراقلىشىشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەممە ئادەم ھەر قانداق دۆلەتتىن كېتىشكە ، جۈملىدىن ئۆز دۆلىتىدىن كېتىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىپ كېلىشكە ھوقۇقلۇق . 14 - ماددا 1) ھەممە ئادەم زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، باشقا دۆلەتلەردە پاناھ تىلەشكە ۋە پاناھلىنىشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەقىقەتەن غەيرىي سىياسىي جىنايەت ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى پرىنسىپىغا خىلاپ قىلمىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا ، بۇنداق ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ . 15 - ماددا 1) ھەممە ئادەم دۆلەت تەۋەلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەر قانداق ئادەمنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ ، ئۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشقىمۇ بولمايدۇ . 16 - ماددا 1) ياش قورامىغا يەتكەن ئەر - ئاياللار ئىرق ، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە دىن جەھەتتىن ھەر قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي ، تويلىشىشقا ۋە ئۆي تۇتۇشقا ھوقۇقلۇق . ئۇلار نىكاھ جەھەتتە ، توي قىلغان مەزگىلدە ۋە نىكاھ توختىمى بىكار قىلىنغاندا ، باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كېرەك . 2) ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپنىڭ ئىختىيار قىلىشى ۋە تامامەن ماقۇل بولۇشى ئارقىسىدىلا توي قىلىشقا بولىدۇ . 3) ئائىلە _ تەبىئىي ۋە ئاساسىي ئىجتىمائىي بىرلىك ، ئۇ جەمىيەت ۋە دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىشقا تېگىشلىك . 17 - ماددا 1) ھەممە ئادەمنىڭ مۈلۈككە ئوڭچە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ، شۇنىڭدەك باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك . 2) ھەر قانداق ئادەمنى مال - مۈلكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا بولمايدۇ . 18 - ماددا ھەممە ئادەم ئىدىيىۋى ، ۋىجدانىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە . بۇ ھوقۇق شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىنى ياكى ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكىنى ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ دىنى ياكى ئېتىقادىنى دىنىي ئەقىدە ، ئەمەلىيەت ، ناماز - ئىبادەت ۋە ئەمرىمەرۇپ ئارقىلىق يالغۇز ياكى ئۆم ، ئاشكارا ياكى مەخپىي ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 19 - ماددا ھەممە ئادەم ئۆز تەشەببۇسنى بىلدۈرۈش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . بۇ ھوقۇق مۇ دەخىلىگە ئۇچرىماي ئۆز تەشەببۇسىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكىنى ۋە ئۇچۇر ھەم پىكىرلەرنى ھەر قانداق ۋاسىتە ئارقىلىق ۋە دۆلەت ئايرىمىسىغا قارىماي ئىزدەش ، قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 20 - ماددا 1) ھەممە ئادەم تىنچ يول بىلەن يىغىن ئۆتكۈزۈش ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەر قانداق ئادەمنى مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈشكە زورلاشقا بولمايدۇ . 21 - ماددا 1) ھەممە ئادەم دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىش ياكى ئۆزى ئەركىن تاللىغان ۋەكىلى ئارقىلىق قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە . 2) ھەممە ئادەم ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا باراۋەر پۇرسەت بىلەن قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە . 3) خەلقنىڭ ئىرادىسى _ ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ئاساسى ، بۇ ئىرادە قەرەللىك ۋە ھەقىقىي سايلام بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك ، سايلام ئومۇميۈزلۈك ۋە باراۋەر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئاساسلىنىشى ھەمدە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ياكى ئوبدانلا ئەركىن ئاۋاز بېرىش بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك . 22 - ماددا ھەر بىر ئادەم جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە كىشىلىك غۇرۇرىنىڭ ئەركىن راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەر خىل ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ، بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى ۋە بايلىق ئەھۋالى بويىچە بولىدۇ . 23 - ماددا 1) ھەممە ئادەم ئىشلەشكە ، ئەركىن كەسىپ تاللاشقا ، ئادىل ۋە مۇۋاپىق خىزمەت شارائىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىشسىز قېلىشتىن ساقلىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەممە ئادەم ھەر قانداق شەكىلدە كەمسىتىلمەي ، ئوخشاش ئىش ئۈچۈن ئوخشاش ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە . 3) ئىشلىگەن ئادەمنىڭ ھەر بىرى ئادىل ۋە مۇۋاپىق ھەقتىن بەھرىمەن بولۇشقا ، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت - ھۆرمەتكە لايىق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ، زۆرۈر تېپىلغاندا ، ئۇنىڭغا باشقا ئىجتىمائىي كاپالەتنى قوشۇمچە قىلىشقا ھوقۇقلۇق . 4) ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە . 24 - ماددا ھەممە ئادەم دەم ئېلىش ۋە بىكار يۈرۈش ھوقۇقىدىن ، ئىش ۋاقتىنىڭ چېكىنى ئەقىلگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ھەمدە قەرەللىك ، مائاشلىق دەم ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . 25 - ماددا 1) ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ سالامەتلىكى ۋە پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن ، جۈملىدىن يېمەكلىك ، كىيىم - كېچەك ، تۇرالغۇ ئۆي ، داۋالىنىشتىن ۋە زۆرۈر ئىجتىمائىي مۇلازىمەتچىلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە . ئىشسىز بولۇپ قالغاندا ، كېسەل بولۇپ قالغاندا ، مەجرۇھ بولۇپ قالغاندا ، تۇل قالغاندا ، قېرىغاندا ياكى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان باشقا ئەھۋال بىلەن تىرىكچىلىك ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا ، كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ئانىلار ۋە بالىلار ئالاھىدە ئېتىباردىن ۋە ياردەمدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . بارلىق بالىلار نىكاھلىق ياكى نىكاھسىز تۇغۇلغىنىغا قارىماي ، ئوخشاش ئىجتىمائىي مۇھاپىزەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك . 26 - ماددا 1) ھەممە ئادەم بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ، بىلىم ئېلىش ھەقسىز بولۇشى كېرەك ، ھېچ بولمىغاندا ، باشلانغۇچتا ۋە ئاساسىي باسقۇچتا شۇنداق بولۇشى كېرەك . باشلانغۇچ مائارىپ مەجبۇرىيەت خاراكتېرىدا بولۇشى كېرەك ، تېخنىكا مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى ئومۇميۈزلىك تەسىس قىلىش كېرەك ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىشىكىنى نەتىجىگە قاراپ بارلىق كىشىلەرگە تەڭ ئېچىۋېتىش كېرەك . 2) مائارىپنىڭ مەقسىتى _ ئادەمنىڭ خاسلىقىنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە بولغان ھۆرمىتىنى كۈچەيتىش . مائارىپ ھەر قايسى دۆلەتلەر ، ئىرقلار ياكى ھەر قايسى دىنىي گۇرۇھلار ئارا چۈشىنىشنى ، يول قويۇشنى ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش يولىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ئالغا سۈرۈشى كېرەك . 3) ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك بىلىم تۈرلىرىنى ئاۋۋال تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە . 27 - ماددا 1) ھەممە ئادەم جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئەركىن قاتنىشىپ ، سەنئەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەمدە ئىلىم - پەن تەرەققىياتىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان پاراۋانلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق . 2) ھەممە ئادەم ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىلمىي ، بەدىي ئەسەرلەردىن ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدىن ھاسىل بولغان مەنىۋى ۋە ماددىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بىلەن ، قوغدىلىش ھوقۇقىغا ئىگە . 28 - ماددا ھەممە ئادەم مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ تولۇق رېئاللىشىشىغا ئىمكان بېرىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ۋە خەلقئارا تەرتىپنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق . 29 - ماددا 1) ھەممە ئادەم جەمئىيەت ئالدىدا مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ ، چۈنكى ، ئۇلارنىڭ خاسلىقى جەمىيەت ئىچىدىلا ئەركىن ۋە تولۇق راۋاج تاپالايدۇ . 2) ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزگەندە ، قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكلىمىگىلا ئۇچرايدۇ ، بۇنداق چەكلىمىنى بەلگىلەشتىكى بىردىنبىر مەقسەت _ باشقىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ تېگىشلىك دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىنىشغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە دېموكراتىك جەمئىيەتتە ئەخلاق ، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئومۇمىي پاراۋانلىقنىڭ ئورۇنلۇق ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش . 3) ئاشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى يۈرگۈزگەندە ، ھەر قانداق ئەھۋالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ . 30 - ماددا بۇ خىتابنامىنىڭ ھەر قانداق بىر ماددىسىنى ھەر قانداق دۆلەت ، گۇرۇھ ياكى شەخس مۇشۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھەر قانداق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى بۇزۇش مەقسىتىدىكى پائالىيەت ياكى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ھوقۇقلۇق دەپ سۈكۈت قىلىدىغان مەنىدە چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ . ھەرقانداق ئىنسان بۇ ھوقۇققا ئىگە!!
|
|