ئولتۇرىمەن غەمكىن ئۈيۈمــــدە . ئوتكەن كۈنى ئەسلەپ ھەسرەتتە، دەرت ئەلەملەر قىينىدى مىنى. قالدۇرۇپ شۇ مىسكىن غەپلەتتە،
تەشنالىقا ئوتكەن شۇ كۈنۈم. كەتتى ئەمدى كەلمەسكە قايتا، جۇدالىقتىن ئورتەنگەن يۈرەك. تۇلۇپ كەتتى دەرتلىك ئازاپقا،
قالدى ئوچمەس يۈرەكتە ئىزىڭ. ئۇنتالمىدى سىنى شۇ گۈلۈڭ، كىچىلەردە ئۇيقا يــوق ماڭـــا. ھەمرا بۇلۇپ سويگۈ تىلىگىڭ،
مىسكىن چىراي تەبەسۇم كۈلكەڭ. بەرمىدى ھېچ ماڭا ئاراملــــىق ، يا دىيەلمەي سويگۈ سىرىمنى . ئوتمەكتە شۇ ياشلىق ھاياتلىق،
مۇساپىرلىقتا ئـــــانامنى ئــەسلــەپ..........ئاھ مۇقەدەس ئانا..!!بۈيۈك ئارمانلىرىمدىن خۇددى ھالال سۈتۈڭدەك ئاق لىچەك تۇقۇپ ئەزىز بېشىڭغا ئارتىپ قۇيمەن .ئاھ مۇقەدەس ئانا سەن ئويلىغاندەك ...مەن ئارزۇيۇڭدا كۈتكەندەك ئاشۇنداق ياخشى سالىھ ئادەملەردىن بۇلۇپ پاك ۋۇجۇدىڭغا ئاراملىق بېغىشلايدىغنىم راست ،ئانا مەنمۇ مەكتەپ بۇسۇغسىدىن تۇنجى قېتىم ئاتلاپ كىرىپ (ئانام ئاش ئەتتى )دىگەن خەت يېزىلغان مەشىق دەپتەرنى كۈرۈپ قەلبىڭ كوزلىرىڭ ياشقا تولغانتى ئانا ،مەن ئەقلىمگە كىلىپ كوزلىرىڭدىن ئاققان تۇنجى ياشنى كورگۈنىمدە كوڭلۈمنىڭ تۇلمۇ يېرىم بولغانلىقنى سەزگەنتىڭ ئانا..!تۇيۇقسىز بۇ كوز ياشلىرىڭنى مەندىن يۇشرۇپ زورغا كۈلۈمسىرەپ رەخمەت بالام ياخشى ئۇقۇپ ياراملىق سالىھ،قۇلدىن ئىش كىلدىغان ئادەملەردىن بولغىن دىگنىڭ ھېلىمۇ ئېسىمدە ئانا .....ئۇنۇتمايمەن .
مۇساپىر بۇپ كەتتى يىراققا. سىنى تاشلاپ ۋاپاسىز ئوغلۇڭ، قاراپ قالدىڭ ئارقامدىن ئانا. مىنى ئۇزتۇپ چىققاندا ئۇزۇڭ،
كۆزلىرىڭگە ياش كەلدى شۇدەم . دۇئا قىلىپ ئامانلىق تىلـــــەپ، رىسىق بەرگەي ياراتقان ئاللاھ . توغرا يولدىن ئازدۇرماي يىتلەپ،
ئەسلەپ بىزنى ھەردەم ياد ئىتىپ. غەمسىز ئوتمەس سىنىڭ كۈنلۈرۈڭ، قالدىــڭ ئـــانـــا يىراق ســـەھــــرادا . قۇرۇق قالدى شۇنچە ئــويلــىرىـــڭ،
تاشلاپ كەتتى ئوغلــۇم دەپ. مەندىن خاپا بولدىڭمۇ ئانــــا، كىرىپ قاپسەن بۈگۈن چۈشۈمگە. يىتىمسىراپ...قالدىڭمۇ تەنھا،
كەتتى دىمــە مىــنى ئانىجــان . يىراق-يىراق ئۇزاق سەپەرگە، ئاللاھ قىلسا ئامان بىزللەرنى. جەم بۇلارمىز چۇقۇم بىر يەرگە،
مەنبە شۇ ئۇزەم ئەينا
|