查看完整版本: [-- قەرداۋى خاتالاشتىمۇ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> قەرداۋى خاتالاشتىمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

bartum 2011-10-28 17:58
 
سوئال:
بىزنىڭ بۇ يەردە (خوتەن) زامانىمىزدىكى دىينى ئالىم يۈسۈپ قەرداۋى توغرىسىدا بەزى پاراڭلار بولدى، يەنى بۇ كىشىنىڭ بەزى سۇئاللارغا بەرگەن پەتىۋاسى خاتا، شەرىئەتتە قەتئىي دەلىلى يوق دېگەندەك مەسىلەن:
1ـ ئامرىكا ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ ئۇ يەردە جەڭ قىلىشىنى توغرا دېگەن.
 2ـ ياۋرۇپادا ياكى باشقا غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۇ يەرلەردە تاللا بازىرى دىگەندەك تىجارەت سورۇنلىرىنى ئاچسا ۋە ئۇ دۇكانلاردا ھاراق، چوشقا گۆشى دېگەندەك نەرسىلەرنى ساتسا بۇلىدۇ دېگەن.
بۇ گەپلەر زادى قانداق گەپ؟ بۇ پەتىۋالار راست شۇنداق دېيىلگەنمۇ؟ شۇنداق دېيىلگەن بولسا بۇنىڭ شەرىئەتتە نېمە دەلىلى بار؟- ئابدۇللا
جاۋاب:
بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوقكەن، ئۇنداق ئەمەستۇ. بەلكى بۇ ئۇ كىشى ھەققىدە تارقىتىلغان پىتنە- پاسات بولۇشى مۇمكىن، توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئاللاھ ئالىملىرىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلسۇن.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى:
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ خوتەن خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتاسى يۈسۈپ قەرداۋىدەك كىشىلەرنى قەتئىي خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان «ئۇلۇغ زات» دەپ ئېتىقاد قىلىشىمىزدۇر. ئېتىقادىمىز مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ «زات» نىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنى ئەسلا قۇبۇل قىلغۇمىز كەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا بۇ بىزگە «ھەزىم» بولغىلى ئۇنىمايدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ، دېگەن خەۋەرمۇ بىزنى چۆچۈتىۋېتىدۇ.
ئەسلىدە ئىسلام تارىخى بويىچە ئۆتكەن پۈتۈن ئالىملارنىڭ ئىلمىسىدىن پايدىلانساق ئۇلارنىڭ ھەر بەرگەن پەتىۋاسىنى ياكى ھەر قىلغان سۆزىنى ئىسلامىيەتنىڭ يەككە-يېگانە مەنبەسى بولغان قۇرئان-ھەدىسكە توغرىلاپ بۇ ئۆلچەمگە ئۇدۇل كەلسە قۇبۇل قىلىپ، ئۇدۇل كەلمىسە رەت قىلىپ ئادەتلەنگەن بولساق مۇسۇلمانغا لايىق ئىش قىلغان بولاتتۇق. يۇسۇپ قەرداۋىنىڭ يۇقىرىقىدەك پەتىۋالىرى ئەمەلىيەتتە بولغان تەقدىردىمۇ بۇ قەدەر ھەيران قالمىغان بولاتتۇق، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ يولىغا مېڭىۋەرگەن بولاتتۇق.
ئەپسۇسكى، بىز ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ خوتەن خەلقى شۇنداق بىر چۈشەنچىدىمىزكى، بىر كىشىنى بىر «ئۇلۇغ» دەپ ئېتىقاد قىلىپ كەتسەك ئۇنىڭ پۈتكۈل يامانلىقلىرىنى كۆرمەسكە سالىدىغان، بىر كىشىنى بىر «يامان» دەپ تونۇساق، ئۇنىڭ بارلىق ياخشىلىقلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتىدىغان ئادىتىمىز بار.
يۈسۈپ قەرداۋى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى يۈسۈپ بولغان بىلەن ئاخىرى «ئەلەيھىسسەلام» ئەمەس، قەرداۋىدۇر. بىزنىڭ خاتا كەتكەن يېرىمىز مانا بۇ «قەرداۋى» نى «ئەلەيھىسسەلام» ئورنىدا قويغانلىقىمىزدۇر.
بىز ئۆزىمىزدە ھەر ئىشقا ۋە ھەر كىشىگە قۇرئان-ھەدىستىن ئىبارەت كۆز بىلەن قاراش ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرگەن بولساق، يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ خاتا پەتىۋا بەرگەنلىكى ئوتتۇرغا چىققاندا ياكى شۇنداق خەۋەر تارقالغاندا، ئۇ قەدەر ئەندىكىپ كەتمەي، ئۇ كىشى ھەققىدە «ئۇ بىر ئىنسان. خاتا قىلسا قىلىدۇ. ئەگەر راستىنلا خاتا قىلغان بولسا ئاللاھ ئىسلاھ قىلسۇن، ئاللاھ ئەپۇ قىلسۇن…» دېگەندەك خەيرلىك دۇئالاردا بولغان بولاتتۇق.
ئىش شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، تېخى يېقىنكى كۈنلەردە خوتەنلىكلەرنىڭ ئارىسىدىن كاللىسىغا يۇسۇپ قەرداۋى كىرىۋېلىپ ئاخشىمى ياتسىمۇ يۇسۇپ قەرداۋىنى «زىكىر قىلىپ» ياتقانلىقى ئۈچۈنمىكى كېچىسى چۈشىدىمۇ يۇسۇپ قەرداۋىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن چۈشىدە قىلىشقان (راست قىلىشتىمۇ ياكى ئۇخلىماي كىرامەت كۆردىمۇ، بۇنىڭ ئۆزى بىر ئاللاھقا مەلۇم) بىر «سۆھبەت» ىنى يېزىپ «دىنى تەبلىغ» سۈپىتىدە بەزى «ئىسلامىي تورلار» دا ئېلان قىلغان قەرداۋى ئاشىقلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقمىدى ئەمەس. بۇ، ئىنساننىڭ ئىنسانغا چوقۇنۇشىنىڭ بىر ئۆرنىكى بولسا كېرەك.
پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن خوتەنلىك مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى:
 دىن، ئىسلام، شەرىئەت ئاللاھنىڭدۇر. پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى ئۇنى ئاۋۇتماي، كېمەيتمەي ئۆز پېتى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتۇر. ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. ۋەزىپىلىرى پەيغەمبەر قىلغان تەبلىغ (ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش) ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشتۇر.
ئالىملارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر. ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش ۋە ئۇنى ئەينەن يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى باردۇر. قايسى ئالىم بولسا بولسۇن قۇرئان ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە خىلاپ پەتىۋا بەرگەن بولسا ئۇنىڭ پەتىۋاسى ئەسلا قۇبۇل قىلىنمايدۇ. دىن ئالىمغا ئەمەس، ئالىم دىنغا بويسۇنىدۇ ۋە بويسۇنىشى لازىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ مۇسۇلمانلار دىنغا ئالىملارنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، ئالىملارغا دىننىڭ كۆزى بىلەن قارىشى لازىم. چۈنكى ياغاچقا ئۇدۇللاپ مېتىر ئەمەس، مېتىرغا ئۇدۇللاپ ياغاچ كېسىلىدۇ. ھەر ئىشتا بىر قېتىم ئىشلەتكەن ئەقىلنى دىن ئىشىدا مىڭ قېتىم ئىشلىتىش كېرەك.
مەنبە : مۇسۇلمانلار تورى

oylinish 2011-10-28 19:56
مۇسۇلمانلار تورىدىكى  نەرسىلەرگىىمۇ ھازىرغىچە ئىشىنىپ يۈرەمسىلەر؟

ماۋۇ پەتىۋادا بىرەر ئايەت ياكى بىرەر ھەدىسمۇ كۆرۈنمەيدۇغۇ؟  
قەرداۋىي ھەرقانچە خاتالاشسىمۇ  ماۋۇ  ئەبۇلفاتىھتەك خاتالاشماس؟  قەرداۋىي پەتىۋاسىغا ئاجىز، زەئىپ  بولسىمۇ  بىر  دەلىل كەلتۈرەر؟

natsist 2011-10-28 20:22
سىرتلاردا تىجارەت قىلىدىغان ئاياللار قولايسىز بولسا يۈزىنى ئېچىۋەتسە بولىدۇ دەپ پەتىۋا بىرىپتۇ دەپ ئاڭلىغان مەن بۇ ئادەمنى

nida0998 2011-10-28 20:40
ئۇ پەتىۋانى قەرزاۋى بەرمىسىمۇ  كۆپچىلىك ئالىملىنىڭ قارىشىدا يۈز ئەۋرەت ئەمەس [مىنىڭ ئايالىم يۇزىنى ياپىدۇ شۇنداق بولسىمۇ]مەنمۇ شۇنداق قارايمەن ، ھىجاپ پەرز ،نىقاپقا قارتا ئالىملارنىڭ قارىشى ھەر خىل،كۆپ ساسندىكى ئالىملار نىقاپ سۇننەت دىگۈچىلەر بار  مۇباھ دىگۈچىلەر ھەم بار .
بولۇپمۇ ھازىرقى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدا قايسى ھۆكۇمنى ئالساق بولىدۇ ئۆزۈڭلەرگە ھاۋالە.

ئەلى 2011-10-28 20:50
ئىشقىلىپ نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان كىشى ،بۇ دۇنيادا خاتالاشمايدىغان ئىنسان يوق.ئىش تېپىلىغاندەك خەقنىڭ خاتالىقىنى كوچىلاشقا ئامراق خەقلەر يامان جىقلاپ  كېتىپ بارىدۇ دېسە،بەلكىم بۇرۇن بەزى خاتا ئىشلارنى قىلغاندۇ،كېيىن تۈزىتىپ بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن.تەگەۋېرىشنىڭ نىمە ھاجىتى.قايسى ھالىمىز بىلەن،قايسى بىلىمىمىز بىلەن باشقىلارنى ،يەنە كېلىپ شۇنداق كىشىلەرنى بىر نىمە دىيەلەيمىز.

pida.n 2011-10-28 20:55
بەلكىم توغرىدۇ ياكى خاتادۇ،خاتالاشمايدىغان ئېنسان يوق. شۈنىمۇ بىلىپ قويۇشىمىز كىرەككى بىزنىڭ يۇسۇف قەرداۋىدەك دىننى ئالىملارغا لوقما سالغۇدەك ماغدۇرىمىزمۇ يوققۇ دەيمەن.
ئەگەر خاتا پەتىۋا بەرگەن بولسا ئاللاھ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلسۇن،ئەگەر توغرا پەتىۋا بەرگىنىگە دەلىل بولسا ئاللاھ ئالىمنىڭ زىھنىنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن. ئەگەر بۇ گەپلەر پىتنە بولسا شۇ پىتنىخورلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلسۇن.پىتنىخولارنىڭ پىتنىسنى تاشلاپ ھەقىقى مۆھمىن مۇسۇلمان بولىشىغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن!

nida0998 2011-10-28 21:04
قەرزاۋىنى ئىلمى يېرىمياتا ئوقۇغان كىشىلەرلا تىللايدۇ ،ئۇ بەرگەن پەتىۋا خاتا بولسا ،خاتا دىگەن كىشى شۇ پەتىۋا بەرگەن ئورۇنغا بېرىپ ياشاپ پېقىپ ئاندىن بۇ پەتىۋا بۇ زىمىنغا توغرا كەلمەيدىكەن ،خاتا بولاپتۇ دىسۇن دەپ دەلىل قويسۇن ،بۇ يەرگە توغرا كەلگىنى ئۇ يەرگە يەڭگىل ياكى ئېغىر كىلىشى مۇمكىن ،باشقا يەرگە بەرگە پەتىۋاسى بۇ يەرەە ئېغىر ياكى يەڭگىل كىلىشى مۇمكىن ،ھەر يەرنىڭ شارايىتى ،ئۆرپ ئادىتى،ئىختىزادى ئەھۋالى ،يېڭى ئىسلام دىيارىمۇ ،ياكى ئىسلام تۇرمۇشىغا سىڭگەن خەلقمۇ ،بىر قاتار تەرەپلەرگە قاراپ پەتىۋا بىرىلىدۇ،پەتىۋا شۇ شارايىتلىغا قاراپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ ،بەزەن چاغلىدا ھەتتا ئويلاپ باقايلى ئۈرۇمچى ياكى غۇلقا ياكى قەشقەر خەلقلىرىگە بەرگەن پەتىۋا جەنۇپنىڭ يېزىللىرغا توغرا كىلەمدۇ ،ئاياللار يۇزىنى يېپىپ يۈرەلەمدۇ ،ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇ مەسىللەر بار .
ئەڭمۇھىمى قەرزاۋىنىڭ بەرگەن پەتىۋاسىنى بىز خاتا دىمەيمىز پەتىۋا بىرىلگەن ئورۇندىكىلەر رەت قىلسۇن قوبۇلقىلسۇن شۇلار دەيدۇ.


ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن ،خاتا سۆزىمىزنى ئەپۇ قىلسۇن ،توغرا سۆز پەقەت ئاللاھقا خاس.

axik4587 2011-10-28 21:08
كىمۇ قەرداۋې دىگەن بىلدغانلار بولسا ئول زاتنىڭ تەرجمھالنى ئىش-ئىزلرنى يوللاپ قويساڭلا بوپتىكەن..  

saifulla 2011-10-28 21:14

مۇشۇ ئادەم شۇ.

saifulla 2011-10-28 21:20
 
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-10-28 19:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇسۇلمانلار تورىدىكى  نەرسىلەرگىىمۇ ھازىرغىچە ئىشىنىپ يۈرەمسىلەر؟

ماۋۇ پەتىۋادا بىرەر ئايەت ياكى بىرەر ھەدىسمۇ كۆرۈنمەيدۇغۇ؟  
قەرداۋىي ھەرقانچە خاتالاشسىمۇ  ماۋۇ  ئەبۇلفاتىھتەك خاتالاشماس؟  قەرداۋىي پەتىۋاسىغا ئاجىز، زەئىپ  بولسىمۇ  بىر  دەلىل كەلتۈرەر؟

بىلمەيدىغانلار ئىشىنىپ يۈرۈۋاتقاندۇ بەلكىم...مەنمۇ دەسلەپتە بۇتوربەتنى  كۆرگەندە بىلمەي  بىرنەچچىسىگە تەۋسىيە قىپتىكەنمەن ...

natsist 2011-10-28 21:27
يۈز ئەۋرەت ئەمەس دەپ تۇنجى سىزدىن ئاڭلىدىم
يۈسۈپ قەرداۋىغا رەددىيە دەپ كىتاپمۇ بار دىگەنتى بىرسى
مەنغۇ بىر تۈرۈك ئادەم پەقەت يۈز ئەۋرەت ئەمەس دىگەنگە ئىنىق بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلسام دەيمەن

ئەلى 2011-10-28 21:40
ئەڭ  ياخشىسى بۇ مەسىلىنى بۇ يەردە تەھلىل قىلماڭ ،يەنە بىر مۇنچە جىدەلگە سەۋەب بولىدۇ .

axik4587 2011-10-28 21:46
ئاۋۇ خەنزۇ يولداش ئەرەپچنى سويدىكەنغۇ....  

nida0998 2011-10-28 23:53
سەيفۇللاھ بۇرادەر يوللىغان ھۆججەتنى كۆرۇپ تىللىغانلارمۇ بولدى ،

بىر دەۋەتچى ،ئالىم بولغان كىشى تەجرىبىگە ،ئۇسۇلغا ماھىر بولمىسا خىزمەتنى ياخشى ئېلىپ بارغىنى بولمايدۇ.

mustafa99 2011-10-29 01:18
مەيلى بۇ كىشىنىڭ پەتىۋاسى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، بىزلەرنىڭ بۇ كىشىنى ئۇنداق-بۇنداق ،ياخشى -يامان دىيىشكە ھوقوقىمىز يوق، بىزنىڭ تۇتىدىغىنىمىز  قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىپ بولغاندىكىن، شۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلساقلا بولمىدىمۇ؟ خۇددى قىلىدىغان ئشىمز  يوقتەك ھە دىسە خەقنى باھالاپلا  يۈرىيدىكەنمىز.    

kuwruk 2011-10-29 11:19
مۇشۇ،،<قاشقالىقلار>بۇ كىشىنى ھەجەپ چۇڭ بىلىپ كىتىدىكەن ،،خۇددى پەيغەمبەردەك،،،،،،
---ئۇزەڭنىڭ مەھەللىسىدىكى ئەل-جامائەتنىڭ غىمىنى يەيدىغان ،ئىسىل پەزىلەتلىك دىنىي ئالىملارنى ھۇرمەت قىلىشى كىرەك،،،،،،،،،،،،،،،،،!!!!!!!!!

kuwruk 2011-10-29 11:28
تەكرار،،ئىنكاس بۇپ قالدى،

nida0998 2011-10-29 13:27
  


مۇشۇ،،<قاشقالىقلار>بۇ كىشىنى ھەجەپ چۇڭ بىلىپ كىتىدىكەن ،،خۇددى پەيغەمبەردەك،،،،،،
---ئۇزەڭنىڭ مەھەللىسىدىكى ئەل-جامائەتنىڭ غىمىنى يەيدىغان ،ئىسىل پەزىلەتلىك دىنىي ئالىملارنى ھۇرمەت قىلىشى كىرەك،،،،،،،،،،،،،،،،،!!!!!!!!!  



ما كۆۋرۇكنى پارتىلتىدىغان كىشى يوقمىدۇ ؟ يۇگۇسلاۋىيەدىن پارتىزان تەكلىپ قىلامدۇقيا. چاخچاق

kuwruk 2011-10-29 13:51
[quote]بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى nida0998 نىڭ 2011-10-29 13:27 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
  
--ھۇي،،نىدا0998،،،،مىنى پارتىلىتىمەن دەپ بىرسىڭ  بۇ كۇۋرۇك <يانپاش>قا ئۇخشايدىكەن دىسە يەنە بىرسىڭ ياق <پاچاق>قا ئۇخشايدىكەن ،،دەپ تالىشىپ بۇمبىنىڭ ۋاختى تۇشۇپ كىتىپ ئۇزەڭ پارتىلاپ كىتىسەن،،،

jahangir786 2011-10-29 20:10
ما مۇنبەردە مەخسۇس قەرداۋىنى پىپەن قىلىۋاتامدۇ-نىمە؟

تاھىربەگ 2011-10-29 22:25
ئۆزلىرىنىڭ مەقسەتلىرى نىمىكىن قاراجىم؟

ئەلى 2011-10-29 22:35
قىلىدىغان ئىش يوقتەك نەدىكى جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىكى بىر كىشىلەرنى باھالاپ كېتىدىكەنمىز ،توۋۋا`~~~~~

asanat 2011-10-31 16:24
بەك ياخشى تەرجمسى باركەن رەھمەت قىرندىشىم بىزنى تەرجمە بىلەن تەمنلىگنىڭزگە.


查看完整版本: [-- قەرداۋى خاتالاشتىمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.067254 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us