«دۇلدۇرۇقۇم» رېۋايىتى رەتلەپ تۇنجى قەلەمگە ئالغۇچى: (كىن)
زاماننىڭ زامانىسىدا سۇغۇنچوڭ دىگەن بىر ئەجدادىمىز ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئانا ئېمىپ، كالا ئېمىپ چوڭ بولغاچقا، بېلىگە بەلۋاغ يەتمەي، پۇتىغا ئۆتۈك پاتماي، تۆت ياشلىق بۇقىدەك يېتىلىپتۇ. باتۇرلۇقىغا ھېچ نېمە توغرا كەلمەيدىكەنكى، ھەتتا ئېيىقنىمۇ بوي سۇندۇرالايدىكەن. سۇغۇنچوڭنىڭ بۇنداق دېۋىدەك بەستىدىن زوقلانغان ئانىسى ئۇنى ئۆز قەۋمىنىڭ پاسىبانى بولۇشقا ئۈندەپتۇ. ئانىسىنىڭ رايىنى قايتۇرالمىغان ئوغۇل ئۆز قەۋمىنىڭ پاسىبانىنى تاللاشتا مۇنداق تۆت شەرت قويۇپتۇ: كىم ياۋا ئات تۇتۇپ ،ئۈچ كۈن ئىچىدە مىنەلىسە؛ ئۈچ ئاي ئىچىدە ياۋا تۆگىنى كۆندۈرەلىسە؛ بىريىلدا ياۋا بۆرىنى كۆندۈرۈپ، ئۇنى ئوۋغا سالالىسا؛ بىر ئاش پىشىمدا بىر كۈنلۈك يولغا خەۋەر يەتكۈزەلىسە ،شۇ كىشى قەۋىمگە پاسىبان بولسۇن دەپتۇ. قەۋمى ئىچىدە سۇغۇنچوڭ بىلەن كۈچ ۋە پەم-پاراسەتتە بەسلىشەلىگۈدەك 1000 پالۋان يىگىت يۇقۇرىقى تۆت شەرتنى ئورۇنداپ باسىبان بولۇش سىنىقىغا ئاتلىنىپتۇ. بىرىنچى شەرتنى ئورۇنداش ئۈچۈن پالۋانلار ئورمان ۋە يايلاق تامان كېزىپ يۈرۈپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە 300 ئايغىر تۇتۇپ كېلىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئات مىنىش باشلانغاندا، بىرىنچى كۈنى ئات تۇتۇپ كېلەلىگەن 99 ئەزىمەت ئاتنى ئىككى كۈن ئىچىدە كۆندۈرىۋالغاچقا ،بىمالال مىنىپ كېتەلەپتۇ. قالغان 201 ئەزىمەت ئاتلىرىنى كۆندۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەچكە، ئاتتىن موللاق ئېتىپتۇ. ياۋا تۆگىنى كۆندۈرۈش قىيىن بولسىمۇ، ئىككىنچى شەرتتىنمۇ 72 ئەزىمەت ئوڭۈشلۇق ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۈچىنچى شەرتتىكى بۆرىنى كۆندۈرۈش ئىنتايىن قىيىن بولغاچقا، 30 ئەزىمەت بۆرە بالىسىنى پەپىلەپ بېقىپ، ئاران كۆندۈرۈپتۇ. ئوۋ ئوۋلىتىشقا كەلگەندە ھەممە بۆرە ئوۋ ئوۋلاپتۇ-يۇ، لېكىن ئىككىنچىلەپ ئېگىسى يېنىغا قايتىپ كەلمەپتۇ. پەقەت سۇغۇنچوڭنىڭ بۆرىسىلا ئوۋنى كۆتۈرۈپ ،ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەسلىدە سۇغۇنچوڭ بۆرە بالىسىنى ئۆزىگە سادىق قىلىپ كۆندۈرۈشتە بۆرە كۈچىكىنىڭ ئانىسىنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى ئۆزىگە يېپىنچا قىلىپ، بىر يىل بېقىپتۇ، ئانىسىنىڭ ھىدى سۇغۇنچوڭنىڭ بەدىنىدىن كەتمىگەچكە، بۆرە بالىسى ئۇنى ئانا بۆرە دەپ چاغلاپ، ئەتراپىدا ئايلىنىپلا يۈرىدىكەن. تۆتىنچى شەرتنى سۇغۇنچوڭ ئۆزى يالغۇز ئورۇنلاشقا توغرا كەپتۇ. ھەممە كىشى ھەتتا ئانىسىمۇ بىر كۈنلۈك يولغا بىر ئاش پىشىمدا خەۋەر بېرىشكە دەرگۇماندا بولۇپ تۇرغان پەيتتە، سۇغۇنچوڭ ئېگىز بىر دوڭگە چىقىپ ئوت يېقىپ، ھايۋان تېزىكىنى تۈتۈنلەتكەن ئىكەن، شۇئانلا قارشى تەرەپتىن ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن بەلگە بېرىپتۇ. كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ ھەيران بولۇپ، سەۋەبىنى سورىغان ئىكەن، سۇغۇنچوڭ « قەۋمىمىز ياۋلارنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئەتراپقا ۋە قېرىنداش قەۋىملەرگە خەۋەر قىلىپ ھەمكارلىشىپ قوغدىنىشنىڭ ئەپلىك ئۇسۇلى مۇشۇ، بەلگە بېرىلگەن ھامان ھەممىمىز ئورنىمىزدىن دەس ‹تۇر›ىشىمىز كېرەك. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ‹تۇر› دەپ ئاتىدىم، دەپتۇ. كۈچ بىلەن ئەقىل-پاراسەت بىرلەشكەن بۇنداق ئىنسانغا كىممۇ قايىل بولماي تۇرالىسۇن... ئاخىرى ئۇ راستتىنلا ئۆز قەۋمىنىڭ ھەقىقىي پاسىبانىغا ئايلىنىپتۇ... شۇ كۈندىن باشلاپ سۇغۇنچوڭ ئاتنى، تۆگىنى ۋە بۆرىنى ئايرىلماس دوست تۇتقان ئىكەن، باشقا كىشىلەرمۇ، ھەتتا خوشنا قەۋىم كىشىلىرىمۇ بۇ ئۈچ ھايۋاننى دوست تۇتۇشقا باشلاپتۇ... شۇنىڭدىن بېرى تۆگە يىغىلسا كارۋان، بۆرە يىغىلسا ئوۋ، ئات يىغىلسا يېڭىلمەس قوشۇن پەيدا بولۇپتۇ... سۇغۇنچوڭ دەسلەپكى كۆندۈرگەن ئايغىرنى ئوۋغا، سەپەرگە ۋە جەڭگە چىققاندا مىنىپ ،ئۇنى گەپ ئاڭلايدىغان دۇلدۇلغا ئايلاندۇرۇپتۇ. ھەرقانداق جىددىي پەيتتە دۇمباق چېلىنسىلا، دۇلدۇل ئۇنىڭ ئالدىدا دەل ۋاقتىدا پەيدا بولىدىكەن... پەلەكنىڭ چاقى ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلۈپ شۇنداق بىر زامانلار كەپتۇكى، قۇمالتاغدىكى ‹تۇر›نىڭ تۈتۈن بەلگىسى كۆرۈنگەن ھامان ياۋ قوشۇنىنىڭ دەھشەتلىك چاڭ-توزاڭ كۆلەڭگىسى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانمىش... سۇغۇنچوڭ جىددىي جەڭگە كىرىش ئۈچۈن، بىر قېتىم دۇمباق چالدۇرۇپتۇ، ئىككى قېتىم دۇمباق چالدۇرۇپتۇ. دۇلدۇل تېخىچە قايتىپ كەلمىگۈدەك، ئوت-چۆپ قوغلىشىپ، يىراقلاپ كەتكەن دۇلدۇل ئۈچىنچى قېتىملىق دۇمباق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاران جەڭگە ئۈلگۈرۈپ قايتىپ كەپتۇ... بۇ ئىشقا قاتتىق ئاچچىقلانغان سۇغۇنچوڭ ‹دۇلدۇلنى تويغۇزالمىغان بۇ يايلاق قۇرۇپ كەتسۇن، ئىلاھىم› دەپ، بۇ زىمىنغا لەنەت ئوقۇغان ئىكەن... ئۇ شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا نۇسرەت قازانغان بولسىمۇ، جەڭگە كېچىكىپ كىرگەچكە ،ئۆز قەۋمىدىن نۇرغۇنلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ. ئۇ بۇ ئىبرەتنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىق ئۈچۈن، قۇربان بولغانلارنى كۈن چىقىش تەرەپتىكى جىلغا ئەتراپىغا دەپنە قىلىپ، جىلغىنىڭ نامىنى ‹ھاڭراي جىلغىسى› دەپ ئاتاپ،‹ھاڭراي›غا ئازاپ-ئوقۇبەت، يىغا-زارە، ئاھ ئۇرۇش مەناسىنى بىشارەت قىلىپتۇ. كۈن پېتىش تەرەپتىن كەلگەن ياۋ جەڭدە يېڭىلىپ، بۇ جايغا ئىككىنچىلەپ قەدەم باسماسلىق ئۈچۈن، كۈن پېتىش تەرەپتىكى جىلغىنى ‹تاراقلىما جىلغىسى› دەپ ئاتاپ،‹تاراقلىما›غا ئاگاھ بولۇش، ئېھتىيات قىلىش، ئاۋاز چىقارماي ۋە شەپە چىقارماي مېڭىش مەناسىنى بىشارەت قىلىپتۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن سۇغۇنچوڭ يەنە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جەڭگە كېچىكىپ قالماسلىق، دۇلدۇلىنىڭ تېخىمۇ يىراقلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، قەلئە يېنىغىلا بىر ئوقۇر سالدۇرۇپ، ئۇنى ‹دۇلدۇرۇقۇم› (دۇلدۇل ئوقۇرى) دەپ ئاتاپتۇ...
مەنبە: «دۇلدۇرۇقۇم رېۋايىتى»نى سۆزلەپ بەرگۈچى سەمەت ياسىن.
|