查看完整版本: [-- روبائىيلار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> روبائىيلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kin 2011-10-27 23:21
1
نوپۇز،مەنسەپ،ئەقىلداننىڭ نىيەت،دىل پەردىسى قات-قات،
«سامان تەكتىگە سۇ كىرسە» تەسەللىمىز؛«سەدىق»تۇر-ئات.
جاھاننى ئەۋلىيا خالس سوراش يۈزدىن بىرى نۆۋەت،
يىغىپ-تۆشەپ دۆۋە قىلساڭ، كى ئوننىڭ توققۇزى بەربەت.
2
خۇدا بەندەڭنى بەنت قىلما كۆزى ئوت، پەيلى تەرساغا،
تىلى يالغان، دىلى ئازغان يېتەلمەس ئەرشى-ئەلاغا.
كۇپۇرلۇق قىلمى-ئەتمىشنى قىساسنىڭ ئامبۇرى قىسسا،
تەخت، تاج، خانۇ-مانىڭنى سۈرەر ساھبمۇ پەگاغا.
3
تەلەپ،ھاجەت دۇئاسىڭنى كىشىگە قىلمىغىن ھەرگىز،
سەدىقكە قول كۆتۈرگەندىن قالاركى قان،ئۇدۇملۇق ئىز.
ياراتقان ئۇشبۇ قۇدرەتتە تامام ھاجەتكە ئىمكان بار،
تەلەپ قىلغىن،سەۋەپ قىلغىن، بۇ ھالەتتە يورۇقتۇر يۈز.
5
زامان ئۆركەش قىيان تۈزدى توغان-قاش يوق ھەزەرسىزمەن،
ئاقاركى لۆجىدەك پۇل-مال جىمى بىسات ئىرەنسىزمەن.
چىپىلدار ئاقيېغىن يامغۇر توپانىڭنى بىشارەتلەپ،
جۇدۇنىڭ قىش، باھار،يازمۇ ۋەيا كۈزكى خەۋەرسىزمەن.
6
كۆرۈپ گۈلشەن بەخت تاپتىم دىدىم روھى راۋانىمدا،
مەگەر سەندىن جۇدا بولسام نە شاتلىق،نە ئارامىمدا.
باھارنىڭ سۆيگىسى زىنھار ئەمەسكەن بىر ئۆمۈر باقى،
ھوسۇلۇم كۈز، مادارىم قىش يەنە ياز بىقارارىمدا.

7
ئېگىلسەڭ قىبلىسىز بىر رەت، تامادۇر خائىشىڭ ئەلۋەت،
بۇ خائىش دەستىدىن ئىنسان، مىسالى؛ لالما ئىت دەھشەت!
نادانلىق ئەيبى-نۇقساننىڭ مۇۋاپىق ئۆزرىسى باردۇر،
قەدىر قەددىڭنى تىك تۇتقىن، قىياندەك باسسىمۇ غۇربەت.
8
دەپى-دۇنيا،جىمى بىسات ئايان بەلكى تارازاڭدا،
ئىلىم بىرلەن ساخاۋەتكە نە ئۆلچەم بار بازارىڭدا ؟
تامام ماددى مەئىشەتكە گاداي،شاھ نەپسىدۇر ماھىل،
ئېگەڭ ئاخىرقى نەرقىڭنى ئىدىتلاركى مازارىڭدا.
9
تەكەببۇرلۇق كېبىردە تىك تۇراركى ئوت ئارا شەيتان،
تەمەننا جىسمى، روھلاردىن ھاياتلىق تاپمىدى ئىمكان.
ساخاۋەتكار، مۆرۈۋۋەتتىن خىزىر كۆركىدە كەمتەرلىك،
بۇ كۆركى ئول ماقامىدا مۇكاپات؛جەننىتى-رىزۋان.
10
يېشىڭ ئاتمىش ۋەيا يەتمىش تەرك ئەت ساختىلىقلارنى،
ھوقۇققا قىلمىغىن ھەرگىز تامادا ناز قىلىقلارنى.
نە ھال پانىيدا ئىزدەشكە ئۆزەڭنىڭ جىسمىڭغا راھەت ؟
كېتەر باقىيغا ھەمراھ قىل تۈمەنمىڭ رازىلىقلارنى.
11
«كۈلمىدىم بىر قانغۇدەك ئۆمرىمدە سەندىن ئى! جاھان»،
مۈشكۈلى،جەۋرى-جاپادىن ئالغىنىڭ زور ئىمتىھان.
كۈتكىنى پەرۋان چېغى تۈن نىسبىدە ئاتەش ئەجەپ ؟
ئوتتا كۆيدى، سۇدا ئاقتى ھەم باھادىر،نەۋقىران.
مەنبە: كىن

تاش 2011-10-28 10:16
رەھمەت! ناھايىتى ئېسىل يازما ئىكەن.
<<يىغىپ-تۆشەپ دۆۋە قىلساڭ، كى ئوننىڭ توققۇزى بەربەت.>> بۇ مىسرادىكى <<بەربەت>>دېگەننى <<بەربات>> دېسەك ، سۆزمۇ راۋانلىشىدىكەن ھەم قاپىيىسىمۇ چۈشىدىكەن.
<<كۇپۇرلۇق قىلمى-ئەتمىشنى قىساسنىڭ ئامبۇرى قىسسا،>> مېنىڭچە، <<قىلمى-ئەتمىشنى>>دېمەي، <<قىلمىش-ئەتمىشنى>>دەۋەرسەكمىكىن؟ بۇنداق دېگەندە گەرچە <<قىلمىش>>تىكى <<مىش>>ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېتىپ، شېئىرغا ئازراق نوقسان يەتكۈزسىمۇ ،لېكىن يېزىققا نوقسان يەتكۈزگەندىن ياخشىراق.

<<سەدىقكە قول كۆتۈرگەندىن قالاركى قان،ئۇدۇملۇق ئىز.>> بۇ مىسرادىكى <<سەدىقكە>>دېگەن سۆزنى <<سەدىقىگە>>دەپ ئېلىۋېرىپ ، بۇ مىسرانى <<سەدىقىگە كۆتۈرسەڭ قول،قالاركى قان، ئۇدۇملۇق ئىز>> دېسەك.
ئاپتور  ئويلىشىپ باقسا.



查看完整版本: [-- روبائىيلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059312 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us