查看完整版本: [-- مەن كەڭسايغا كۇنۇپ قاپتىمەن^+^ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي تور ئەسەرلىرى -> مەن كەڭسايغا كۇنۇپ قاپتىمەن^+^ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

رەسسام 2011-10-23 22:21
مۇنبەرلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ،
بىر مۇنبەردە توختاپ قاپتىمەن.
ئەسلى بىلسەم ئۆزەمنى ئەمدى،
مەن كەڭسايغا كۆنۈپ قاپتىمەن .
..............................................
ئېتقادلىق ،ۋىجدانلىق ئىنسان ،
ئىزدىنىدۇ كەڭسايدا شۇنداق .
ھەقىقەتتە تۇرىدۇ دائىم ،
مەن كەڭسايغا كۆنۈپ قاپتىمەن .
.....................................
تەنبىھ بىرەر گۇناھ ئىشلارغا ،
پاسىقلارغا نەشتەر سانجىيدۇ .
گۇناھلاردىن بىرى تۇر دەيدۇ،
مەن كەڭسايغا كۆنۈپ قاپتىمەن .
............................................
ئىزدىنىدۇ تالىپ ،زىيالى،
بەزى چاغدا تىركىشىپ قالار .
مۇنازىرە قىلىپ ئۆزئارا ،
مەن كەڭسايغا كۇنۇپ قاپتىمەن .
......................................
مەقسەت بىردۇر ئىنساندەك ياشاش ،
توغرا يۇلغا باشلىسام دەيدۇ .
ئاچ قالسىمۇ سەندىن غەم يەيدۇ ،
مەن كەڭسايغا كۆنۈپ قاپتىمەن.
.........................................
شېئىر يازدىم كەڭسايغا ئاتاپ،
دوستلىرىمنى  كۆرۈپ باقسۇن دەپ .
پەش-چىكىتلەر توغرىمۇ خاتا ،
<تاش>ئەيىبنى تېپىپ باقسۇن دەپ .
-----بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى< مايلامچى بالا> رەسسام

humsuf 2011-10-23 22:57
تاش كەلمەپتىغۇ تىخى ساقچى تاغىمىز

توران 2011-10-23 23:10
بارىكاللا!!!
ياخشى  يېزىپسىز  !  رەسسام،

كەڭساي دىگەن گويا بىر دۇنيا
بۇ   دۇنيادا  چىقار  ھەر  ئويلا
زىيالى    ھەم  تالىپلار   ئارا
ھەل قىلىنغان مەسىللەر  تۇلا


كۆۋرۈك بۇۋايدىن تاھىر جانغىچە
خىزمەت قىلار ھەممە كەڭسايدا
چۈشۈنۈش ۋە چۈشەندۈرۈش يۇلىدا
كىڭىشەيلى  بۇ  ئەزىز  سايدا


ئەي گۈزەل يۇرت ئويلان!
قەشقەر كۇچا يەركەن خوتەن
ئىلىم-ئىرپان، تەرەققىياتقا
بۇلايلى قولمۇ-قول ۋە جانۇ-تەن!

زەرىفە 2011-10-23 23:14
ئاللا رەھمەت قىلسۇن!! ياخشى يىزلىپتۇ ھەقىقىي  ئەمەلىيەتكە  مۇناسىپ يېزلىپتۇ!!

زەرىفە 2011-10-23 23:17
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى توران نىڭ 2011-10-23 23:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بارىكاللا!!!
ياخشى  يېزىپسىز  !  رەسسام،

كەڭساي دىگەن گويا بىر دۇنيا
بۇ   دۇنيادا  چىقار  ھەر  ئويلا
.......








ئاللا رەھمەت قىلسۇن!!  سىلىنىڭمۇ قەلەم قۇۋەتلىرى ياخشىكەنغۇ!

xahla91 2011-10-23 23:20
مۇنبەرلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ،
بىر مۇنبەردە توختاپ قاپتىمەن.
ئەسلى بىلسەم ئۆزەمنى ئەمدى،
مەن كەڭسايغا كۆنۈپ قاپتىمەن .
..............................................
ئېتقادلىق ،ۋىجدانلىق ئىنسان ،
ئىزدىنىدۇ كەڭسايدا شۇنداق .
ھەقىقەتتە تۇرىدۇ دائىم ،
مەن كەڭسايغا كۆنۈپ قاپتىمەن .
.....................................
تەنبىھ بىرەر گۇناھ ئىشلارغا ،
پاسىقلارغا نەشتەر سانجىيدۇ .
گۇناھلاردىن بىرى تۇر دەيدۇ،
مەن كەڭسايغا كۆنۈپ قاپتىمەن .
............................................
ئىزدىنىدۇ تالىپ ،زىيالى،
بەزى چاغدا تىركىشىپ قالار .
مۇنازىرە قىلىپ ئۆزئارا ،
مەن كەڭسايغا كۇنۇپ قاپتىمەن .
......................................
مەقسەت بىردۇر ئىنساندەك ياشاش ،
توغرا يۇلغا باشلىسام دەيدۇ .
ئاچ قالسىمۇ سەندىن غەم يەيدۇ ،
مەن كەڭسايغا كۆنۈپ قاپتىمەن.
.........................................
شېئىر يازدىم كەڭسايغا ئاتاپ،
دوستلىرىمنى  كۆرۈپ باقسۇن دەپ .
پەش-چىكىتلەر توغرىمۇ خاتا ،
<تاش>ئەيىبنى تېپىپ باقسۇن دەپ .
-----بۇ شېئىرنىڭ ئاپتورى< مايلامچى بالا> رەسسام

رەسسام 2011-10-23 23:42
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى xahla91 نىڭ 2011-10-23 23:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇنبەرلەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ،
بىر مۇنبەردە توختاپ قاپتىمەن.
ئەسلى بىلسەم ئۆزەمنى ئەمدى،
مەن كەڭسايغا كۆنۈپ قاپتىمەن .
..............................................
.......

-----رەھمەت سىزگە <تاش >بىشىمغا تەككىچە ئۇڭشاپ قۇيۇپسىز،،،،!!!!!!!!!

xahla91 2011-10-23 23:46
تاش كەلسە باشقىلارغا تەگمەي قويمايدۇ . سىزنى ئايىۋالدىم بىر نۆۋەت ، ئىنكاستىكى قوشاقتىمۇ ئىملا خاتاكەن ، كىم بىلىدۇ مەنمۇ تايىنلىقمۇ تېخى .

بېشىمغا تۇماق كىيىۋالدىم  ،

end 2011-10-24 01:11
ئابەلگىنى كۆرەپ كۆرۇك بوۋاينىڭ تېمىسى دەپ ئويلىغان.
كۆرۇك بوۋاي يىتىشتۇرۋاتامدىيا سىزنى.   

natsist 2011-10-24 01:14
خېلى ياخشى بىر نىمىلەرنى يازالايدىكەنسىز بولمىسا

dulbarqin310 2011-10-24 10:37
شېئىرلار بىر بىرىدىن ئىسىلكەنغۇ. يەنىمۇ داۋاملاشتۇرساق بولغۇدەك ، قېنى ئىلھامى ئۇرغۇپ تۇردىغانلار داۋاملاشتۇرمايلىمۇ. قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، ھەقىقەتەن ئەمەلىيەت يېزىلىپتۇ.

arslan720 2011-10-24 16:50
ماۋۇ شېئىرلار ياقتى ،تېما ئىگىسىگە رەھمەت

muslima32 2011-10-25 02:05
                         مەن كەڭسايغا كۈنۈپ قاپتىمەن،
                        مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ ساپتىمەن .                                                  
                     بىر كۈن كىرمەي قالسام ئەگەردە،
                     كۆڭلۈم يېرىم يۈرۈپ قاپتىمەن،
                
                    مەن كەڭسايغا كۈنۈپ قاپتىمەن.
            مۇنداق ئىسىل تىمىلارنى كۆرۈپ ساپتىمەن.
              كومپىيوتۇر ئالدىدا تەنھا ئولتۇرۇپ ،
          بۇ شئېرىغا ئىنكاس يېزىپ قايتۇرۇپتىمەن.

توران 2011-10-25 02:32
ئاللا،ئاللا!!!!
بۇ ئەمدى شئېر ئېيتىشىش مەيدانى بولدىمۇ  ئەمدى؟!!!
قېنى !  كەڭسايغا ئاتاپ شئېر يېزىڭلار  ؟؟؟؟؟

pahridin 2011-10-25 15:04
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى end نىڭ 2011-10-24 01:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئابەلگىنى كۆرەپ كۆرۇك بوۋاينىڭ تېمىسى دەپ ئويلىغان.
كۆرۇك بوۋاي يىتىشتۇرۋاتامدىيا سىزنى.   




رەسسام دېگەن كۆۋرۈك قېرى شۇ.

رەسسام =كۆۋرۈك.....

saifulla 2011-10-25 15:18
رەسسام' دىگەن كۆۋرۈكنىڭ تاياقتىن ساقلىنىش  جۇۋىسى   

تاھىربەگ 2011-10-25 19:48
قېرى ئوغرى، ھىيلە ئىشلەتسەڭمۇ باللا تېپىۋالىدۇ سىنى  

kuwruk 2011-10-29 11:36
بىر ئۇبدان يىزىپتىغۇ،،،،كىچككىنە مايلامچى بالىنى نىمانچىلا خىجىل قىلىسىلەرۋۇي،<قاشقالىقلار>،،،،،،،،،،،   

رەسسام 2012-01-02 20:49
كەڭساي ئىچىلىپ ياخشى بۇلدى ،،كۇنەپ قاپتۇق،،،،،

saifulla 2012-01-02 20:52
نەلەردە قالغان تېمىنى كولاپ چىقتى ماۋۇ شېئىر يازىدىغان رەسسام

رەسسام 2012-01-02 21:00
[quote]بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى saifulla نىڭ 2012-01-02 20:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نەلەردە قالغان تېمىنى كولاپ چىقتى ماۋۇ شېئىر يازىدىغان رەسسام
----بۇ شىئىرنى ئەسلەش ئارقىلىق كەڭساينىڭ ئىچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدىم،،،،

arzuyum 2012-01-02 21:13
ھەممەيلەن  كۈنۈپ  قاپتۇق  كەڭساي   مۇنبىرىگە  ،   اللاھ  بۇ  مۇنبىرىمىزنى  يامان  كۆزدىن  ساقلىغاي ،  امىن !


查看完整版本: [-- مەن كەڭسايغا كۇنۇپ قاپتىمەن^+^ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.051947 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us