查看完整版本: [-- مۇنداق ئەرلەرگە لەنەتلەر ياغسۇن ! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> مۇنداق ئەرلەرگە لەنەتلەر ياغسۇن ! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

erpan.0998 2011-10-23 20:41
بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا مەلۇم ناھىيگە تۇققان يوقلاش ئۈچۈن بېرىپ قايتاشىمدا ناھىيگە كىرىپ مەلۇم ئالتۇن زىبۇ-زىننەت دۇكىندىكى تونۇشۇم بىلەن كۆرۈشۈپ كىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىردىم .
بۇ تونۇشۇم بىلەن ھال-ئەھۋال سورۇشۇپ ئولتۇرساق يىشى 45 ياشتىن ھالقىغان بىر خىرىدار دۇكانغا سالامنىڭ چوڭىنى بىرىپ كىرىپ كەلدى .
بىز سالامغا جاۋاپ قايتۇرغاندىن كىيىن ئۇ --ئۇستام ، ئايالىم دوختۇرخانىدا بولۇپ قىلىپ پۇل لازىم بولۇپ قىلىپ بۇ ئۈزۈكنى ساتقىلى كىردىم .ئۇرۇق تۇققانلاردىن بىر قاتار قەرىز سوراپمۇ بولدۇم .يەنە سوراۋىرىشتىن نۇمۇس قىلدىم . شۇڭا بۇ ئۈزۈكنى مۇۋاپىق باھادا ئىلىپ قالغان بولسىلىرى دىدى .
تونۇشۇم بۇ ئۈزۈكنى ئۆلچەپ كۆرىۋىدى 3.6 گىرام كەلدى . --ئاكا ئۈزۈكلىرى بىر مىسقالكەن . ئالتۇنىمۇ دىگەندەك ياخشى ئەمەسكەن . 1100 يۈەن بەرسەم بولارما دىدى .
خىرىدار ؛--سەل ئاز بولۇپ قالدى.  بىشمىزغا كۈن چۈشمىگەن بولسا ساتىدىغان نەرسە ئەمەستى بۇ .
تونۇشۇم ؛--ھازىر ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كەتتى ،سىلمۇ ئاڭلىغانلا ،ھازىر بىزگىمۇ تاغاردا بىر زىيان بار دىسلە دىدى.
مەن خىرىداردىن ؛--ئاكا  ئاياللىرى نىمە كىسەلكەن ؟دەپ سورىدۇم .
ئۇ چىرايىغا بىر خىل غەمكىن تۈس بىرىپ ؛--قان ئازلىق ، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىرى باركەن . شۇنچە داۋالاتتىم ھىچ پايدىسى بولمايدىغۇ ؟ دىدى ھەسرەتلەنگەن ھالدا .
مەن تۇنۇشۇمغا ؛--ئاداش  يەنە بىر ھىساپلاپ بىقىڭلار . بۇ ئاكىمىزغىمۇ تەس بوپتۇ دىدىم . دوستۇم يەنە بىر ھىساپلاپ كۆرۈپ ؛--بۇ ئاغىنىمىز دەپ قالدى .1200 يۈەن بىرەي . ئەگەر بۇنىڭغىمۇ ياق دىسلىرى باشقا دۇكانغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقسىلا دىدى.
خىرىدار ؛--بولدى پۇل بەرسىلە ،سىلگە كۆپ رەخمەت . 10 يىلنىڭ ئالدىدا 290 يۇەنگە ئالغانتىم . دىدى خىرىدار پۇلنى ساناپ بولغاندىن كىيىن ؛--ئالتۇن دىگەننى ئىلىپ قويسا بولىدىغان نەرسىكەن جۇما دەپ چىقىپ كەتتى .
مەن دوستۇمغا ؛--سوداڭلىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويمىغاندىمەن دىدىم . ئۇ ؛-  سەل ئەرزانراق ئالغان بولسام بولاتتى ،ھازىر بۇ بازار نەرقى بولۇپ قالدى دىدى.
مەن ؛-- بىشىغا كۈن چۈشمەيدىغان كىم بار ؟ ساۋاپلىق ئىشلار ھەر دائىم ئەتراپىمىزدىلا بار .گەپ ئۇنى پەرق ئىتەلىشىمىزدە .
مەن بۇ دوستۇم بىلەن بىردەم ھال -مۇڭ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ بىكەتكە كەلدىم .
قەشقەرگە مىڭىشقا تەمشىلىۋاتقان تاكسىنىڭ ئالدى ئورنىغا چىقتىم . كەينى ئورۇندا باياتىن ئۈزۈك ساتقان خىرىدار بىلەن ئىككى ئادەم ئولتۇراتتى .
ئۇ ئازراق ئىچىۋالغانمۇ قانداق يۇزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ئازراق كەيىپتەك كۇرنەتتى . مەن ؛--ھوي ئاكا شەھەرگە ماڭغان ئوخشىمامسىز ؟ئايىلىڭىز كىرەمباغ دوختۇرخانسىدا ئوخشىمامدۇ ؟دەپ سورىدۇم . ئۇ سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا ؛--ھەئە دەپ بىشىنى لىڭشىتتى .
ئاڭغىچە يىنىدا ئولتۇرغان چوقۇر يۈز بىرسى ؛--ئادوش سىنىڭ قانچە خوتۇنۇڭ بار ؟ئايىلىڭ بايا تىخى ئىتىزدا كىۋەز تىرىپ قالغانتىغۇ دەپ سەت ھىجايدى .مەن بۇ گەپكە ھەيران بولۇپ تۇرسام ئۇ ماڭا قاراپ ؛--ئۇكام راستىنى ئيېتسام ئايىلىم ساق . ئىتىزدا كىۋەز تىرىپ قالدى .ئەمدى شۇنداق دىمىسەك بىزدىن ئەرزان ئىلىۋالارسىلەر ھەقاچان دىمەسمۇ ؟
مەن ئاچچىقىمىدا بىر نەرسە دەي دەپ بولغۇچە شوپۇر ئۇستام ؛--ھە قاسىمجان بۇ ئۈچىڭلار نەگە ماڭدىڭلار كەچ بولغاندا ؟دەپ سوراپ قالدى .
--ئۆتكەندە دەپ گەپ باشلىدى .--قاسىمجان ئىسىملىك ھىلقى خىرىدار  --بۇ ئاغىنەم مىنى شەھەرگە ئاپرىپ رەڭلىك سورۇنلاردا بىر نەچچە كۈن ئويناتتى ،ئالى ياتاقلاردا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردۇق دىگىنە ، شۇڭا بۈگۈن مەنمۇ پۇلنىڭ يولىنى قىلىپ شەھەرگە بىرىپ تازا بىر ئويناپ كىلىلى دەپ ماڭدۇق دىدى. شوپۇر ؛--بۈگۈن كىچە ياشايدىكەنمىزدە دەپ سەت ھىجايدى .
مەن ھىلقى قاسىمغا قاراپ ئاچچىقىمدا ؛---ھەي ئاكا نۇمۇس قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ياش بىر يەرگە بارغاندا يالغان سۆزلەشتىن ،باياتىنقى گەپلىرىڭىزگە ئىشىنىپلا كىتىپتىمەن .ئايىلىڭىز ئىتىزلاردا كىۋەز تىرىپ يۇرسە سىز نۇمۇس قىلماي خوتۇنىڭىزنىڭ نەرسىنى ئىچقىپ سىتىپ شەھەرگە كىرىپ ئەيىش -ئىشرەت قىلسىڭىز توغرا بولاما؟؟ دىيشىمگە ، ئۇ  تاماكىسىنى بىر شورۇۋىتىپ ؛--سىنڭ نىمە كارىڭ ؟ ساتسام ئۆزەمنىڭ خۇتۇننىڭ نەرسىنى ساتتىم . مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىمىزدا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۋالمىساق ياش بىر يەرگە بارغاندا ئوينايلى دىسەكمۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنمۇ كونىراپ پەيزىمۇ قالمىدى دەپ سەت ھىجايماسمۇ؟؟
مەن ئاچچىقىمدا ؛ سەن ئەسلى ھايۋانكەنسەن . بايا دۇكانغا سالام قىلىپ كىرسەڭ ئادەم ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن ..ھازىر ئوينىۋالمىساق ياش بىر يەرگە بارغاندا ئوينىيالمايمىز دەيسىنا ! سەن ھازىر بەك ياش ئوخشىمامسەن ؟؟دىيشىمگە ئۇمۇ تىل سالدى .شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز توۋلىشىپ قالدۇق .شوپۇر مىنى تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ ؛--بولدى قىلىڭ .ئۇلار بىلەن تەڭ بولماي . ئۇلارغا قانچە دىسىڭىز بىكار ، نىمە قىلسىز كايىپ ؟ دىدى.
مەن بۇلارغا ئارتۇق گەپنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىگىنى بىلىپ ئالدىمغا قاراپ ئولتۇردۇم .
شوپۇر ئۇلارغا قاراپ ؛--بولدى جۇما ئەمدى ، يەنە جىدەل قىلساڭلار ماشىنىدىن چۈشۈرۋېتىمەن دىدى.
ماشىنا بىر خىل تىزلىك بىلەن كىتىۋاتىدۇ .مەن بىرخىل كۆڭلۈم غەش بولغان ھالدا سىرىتلارغا قاراپ ئاچچىق خىياللارغا ئىلكىدە كىتىۋاتىمەن . توۋا!!! مۇنداقمۇ ئادەملەر باركىنا ، ئىسىت مىڭ ئىسىت!!! سەنلەرنىڭ ئەر بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىڭغا ،
كەينى تەرىپىمدىن بۇ مەخلۇقلارنىڭ پاراڭلىرى قۇلقىمغا كىرگىلى تۇردى .
---ھەي قاسىم ئاداش دىدى بىرسى  ؛--ئاران بىر تال ئۈزۈك ئىچقالىدىڭمۇ ئۆيۈڭدىن ؟ بۇنىڭ پۇلى بۇگۈن كىچە ئوينىشىمىزغا ئاران يىتەمىكى ؟  --بۇ ئۈزۈكنىمۇ خوتۇن ئۆيدە يوق ۋاقىتتا ساندۇقنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئاران تاپتىم . يىتىشىچە خەجلەپ تۇرمامدۇق ئاغىنىلەر دىدى قاسىم .
خىقىراق ئاۋازلىق بىرسى ؛--ھەي ئاۋۇت ئۆتكەندە سەن خۇتۇنۇڭنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى سىتىپ بىزنى ئويناتقانتىڭ ،خوتۇنۇڭ جىدەل قىلمىدىمۇ ؟ دەپ سورىدى .
---مەن دىگەن كىما ؟دىدى ئاۋۇت ئىسىملىك ھىجىيىپ تۇرۇپ ؛--مەن ئۇنىڭغا ئامال ئىشلەتتىم .--قانداق ئامال ئاداش دىدى بىرسى .
---مەن خوتۇنۇمنىڭ زىبۇ -زىننەتلىرىنى ئىلىپ چىقىپ شەھەرگە بىرىپ يىڭبازارغا كىرىپ ئالدى بىلەن شۇنىڭغا ئوخشاش جا زىبۇ -زىننەتلەرنى ئالدىم . ئاندىن ئايىلىمنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى ساتتىم . شۇ پۇللارغا سىلەر بىلەن تاماششا قىلىپ بولغاندىن كىيىن كونا زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ قۇتىسىغا ھىلقى جا زىبۇ-زىننەتلەرنى سىلىپ خوتۇنغا چاندۇرماي ساندۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدۇم . خوتۇن ئۇنىڭ جالىقىنى بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بىلسىمۇ مەندىن گۇمان قىلمايدۇ . شۇ زىبۇ -زىننەتلەرنى ئالغان زەگارنى تىللاپ قاغايدۇ خالاس .
بۇنى ئاڭلاپ ئىككىسى ھىجىيىپ كىتىشتى .    شوپۇر  ؛--توۋا بۇ جاھان نىمە بولۇپ كەتتى  ھە ! دەپ بىشىنى چايقاپ قويدى .
توۋا!!! دىدىم ئىچىمدە ، ئەسلى بۇ نىملەر ئادەم ئەمەس ھايۋانكەن ئەمەسمۇ ؟؟ قىنى بۇ نىملەردىكى ئەرلىك ؟؟ قىنى بۇ نىملەردىكى غورۇر  ۋىجدان ؟؟؟
مۇشۇنداق ناجىنىسلارچە ، خۇمسىلارچە ياشاپ ئائىلسىنى ، خوتۇن ، باللىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان ، پەقەت ئۆزىنىڭ شاتلىقى ، ھايۋانى ھەۋىسى ئۈچۈن ناكەسلەرچە ياشاۋاتقان مۇنۇ ھايۋانلارغا نىمە دىگۈلۈك ؟؟؟

شۇئان ئىسىمگە نۇر مۇھەممەت ئۇچقۇنىنىڭ << كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر >> دىگەن كىتاپتىكى مۇنۇ قۇرلار كەلدى .
زىمىنغا تۇنجى ئاپىرىدە قىلىنغان ئىنسان --ئادەم ئاتا يەنى ئەر بولدى . ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى زاتى ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئاتا يىلتىزى قىلىپ يارتىشىدا ۋەھەتتا پەرىشتىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرشىدا بەلكىم كارامەت ھىكمەتلەر يۇشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن .
ياراتقۇچىنىڭ زىمىنغا بولغان مەسئۇلىيەت ، ھوقۇق،يەنى يۈكسەك ئەقىل -پاراسەت ،ئائىلە جەمىيەت تۈزۈشتىكى يادىرولۇق ئامىل بولمىش ئايال ۋە قەلبلەرنى بىر -بىرىگە چەمبەرچەس باغلاپ تۇرغۇچى مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى ئەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشتا ئەرگە بولغان ئىشەنىچنىڭ قانچىلىك بۆيۈكلىگى چىقىپ تۇرىدۇ .
دىمىسىمۇ ئەر ، ئايالنىڭ باشپاناھى .ئائلنىڭ تۈۋرۈگى .جەمىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى .ئەرلەر جۇشقۇن جەمىيەتتىن شاتلىق سادالىرى ئۈزۈلمەيدۇ .
زەيپانە ، لايغەزەل ئەرلەر قاپلىغان جەمىيەت مەنىۋى ئەخلاقى ئىقتىسادى كىرزىسىنىڭ پاتقىقىدا قالىدۇ .
ئەرلەر لايغەزەللەشكەن ،پەرۋاسىز .شەخسىيەتچى بولۇۋالغان جەمىيەتتىن سائادەت تۆت پۇتلاپ قاچىدۇ .
قۇلاق تۇۋىمدە مۇنۇ دىئالۇگ ياڭرىماقتا .
دۇنيا بار ئاۋازى بىلەن <<ئەر >> دەپ ۋاقىرىماقتا . ئەقىدە ،ئەخلاق ئەرلەر ئۈچۈن ئاھسىنماقتا . قىز -ئاياللار جان -جەھلى بىلەن <<ئەركەكلەر قىنى سىلەر ؟؟>> دەپ ئاچچىق سۈرەن سالماقتا .
بالىلار << دادىلار سىلەر نەدە ؟؟>> دەپ تىنەپ -تەمتىرەپ يۈرمەكتە .
ئەرلەر ، زاتى ئەركەكلەر قىنى سىلەر ؟؟؟ جاھانغا ئەردەك ئەر كىرەك !!!!!!!!!!!!!!مۇشۇ دىئالوگلارغا ئەسىر بولۇپ قەشقەرگە كەلگىنىمنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن .
ئېسىمگە كەلسەم ھىلقى ئۇچ ھايۋان تاكسىدىن چۈشۈپ شوپۇرغا ھەق تۆلەپ ئىگىز-پەس دەسسىگىنىچە يەنە بىر تاكسى توساشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى .
مەن تاكسىدىن چۈشۈپ ئاچچىق بىر ھەسرەتتە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم . ۋە ---لەنەت سەنلەرگە !!!!!!!!دەپ ۋارقىرىدىم .

مەنبە ؛؛ئۆزەم .  ئىبراھىمجان ئىرپانى

muzepper 2011-10-23 21:34
بەك مەزمۇنلۇق يېزىلىپتۇ. دىمىسىمۇ ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بۇنداق كىشىلەر ئاز ئەمەس. پەيغەمبىرىمىزنىڭ شۇنداق بىر ھەدىس بار ئىكەن،-"ئالدىغان بىزدىن ئەمەس". يەنە بىر ھەدىسمۇ بار ئىكەن،- "مۇ سۇلمان يالغان سۆزلىمەيدۇ".

amanxa 2011-10-23 21:39
مۇنداق ئىپلاس ، ھارىمىلارمۇ باركەندە؟ ئايالىنىڭ تويلۇقى ئەر كىشى ئۈچۈن ھارام بولىدۇ دەپ ئاڭلىغانىدىم، توۋا دىمىسە بىكار جۇما؟

ئەلى 2011-10-23 22:32
توغرا،مۇسۇلمان پىخسىق بولۇشى مۇمكىن، قورقۇنچاق بولۇشى مۇمكىن،بىراق يالغانچى بولمايدۇ.يالغانچىلىق مۇنافىقنىڭ ئالامىتى.

humsuf 2011-10-23 22:39
ئۇلار ھارامىلىققىنى بىلسە شۇنداق ئىشلارنى قىلامدۇ؟

زەرىفە 2011-10-23 23:00
ئىنسان تىرىكى بىلەن بازارنى ، ئۈلۈكى بىلەن مازارنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن كەلگەنمۇ ؟!

مۇمىن ئالدىمايدۇ ۋە ئالدانمايدۇ!!!!!!!!!

natsist 2011-10-24 01:10
يالغانچىلىق مۇناپىقلارنىڭ ئالامىتىدىن

dulbarqin310 2011-10-24 11:40
توۋا، شۇنداق ئادەملەردىن، بۇلۇپمۇ شۇنداق ئەرلەردىن مىڭ مەرتىۋە ساقلىسۇن ئاللاھ.

muslima32 2011-10-26 02:00
ناھايتى ياخشى تېمىكەن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،

mustafa99 2011-10-29 23:16
بىز خەق نىمە بوپ كەتتۇق ھە!!!؟؟؟ قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرەرمىز؟؟؟!!! ئۇلۇغ ئاللاھ  بىزلەرنى توغرا يولغا باشلىغىن. ئامىن!!!


查看完整版本: [-- مۇنداق ئەرلەرگە لەنەتلەر ياغسۇن ! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.041317 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us