查看完整版本: [-- ئەخەتكامنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرى داۋاملاشماقتا ! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> ئەخەتكامنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرى داۋاملاشماقتا ! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ihbal007 2011-10-20 23:08
   ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بولغان 700 كىلومېتر يولنى تۆمۈر ئاياغ بىلەن پىيادە بېسىش سەپىرىنى باشلىغان ئەخەت يۈسۈپ ھەققىدە ئاز-تولا ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بولۇشىڭلار مۇمكىن ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قەتئى ئېرادىسى ۋە يىڭىلمەس روھى بولۇش بىلەن بىرگە ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ياردىمىدىن ئايرىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە .  تۆۋەندىكىلىرى ئۇنىڭ غۇلجىدىن يولغا چىققاندىكى ياردەم بەرگەن كارخانا ۋە شەخىسلەر :   1. ئىلى ئوبلاستلىق دادافا تىرانسپورت شېركىتى ئەخەتكامنىڭ بۇ قىتىملىق سەپىرىگە ماشىنا ۋە شوپۇر بىلەن تەمىنلىدى ، دىرىكتور ئابدۇكېرىم ئەپەندى .   بىزنىڭ ئاتاقلىق چاقچاقچىمىز ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن پوتبول ئەلچىسى دىلشات ئەپەندىمۇ ئەخەتكامنى قىزغىن قوللاپ ، ئۇنىڭغا يېقىندىن ياردەمدە بولدى  .    ھەمدە  تۆۋەندىكى ئورۇنلار ئەخەتكامنىڭ ئۇچۇرلا تورىغا (uqurla.com) ، ئېلان بېرىپ ئۇنى قوللاپ قۇۋەتلىدى .   1.غۇلجا شەھەرلىك ئابلاجان نانلىرى    2.غۇلجا شەھەرلىك بەختىيار زەرگەرچىلىك دۇكىنى     3.غۇلجا شەھەرلىك ئالتۇن باشاق تېز تائاملىرى    4.غۇلجا شەھەرلىك كۆك قوشقار تېز تاماقخانىسى   5.غۇلجا شەھەرلىك بەگلىك كىيىم-كىچەكلىرى    6.غۇلجا شەھەرلىكئۆزگىچە تەم راڭپىزىسى     مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقارقى ئەخەتكامغا يىقىندىن ياردەمدە بولغان ۋە ئۇنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قىزغىن قوللىغان كارخانا ۋە شەخىسلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ۋە مىننەتتارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز .  شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئەخەتكامنىڭ سەپىرىگە يىقىندىن دىققەت قىپ كېلىۋاتقان ئۇنى قوللاپ مەدەت بېرىۋاتقان كەڭ تورداش قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ رەھمەت ئېيتىمىز.  بولسا تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ تېلفۇن ئارقىلىق بولامدۇ ئۇنىڭغا روھى جەھەتتىن ئىلھام بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .    ئاخىردا ئەخەتكامنى قوللىغان ۋە قوللاپ كېلىۋاتقان بارىلىق قېرىنداشلىرىمىزغا يەنە بىر قېتىم كۆپتىن كۆپ رەھمەت . ئەخەت يۈسۈپ : 13399999007www.uqurla.com

رەسسام 2011-10-21 19:45
كەڭسايدىكى مۇللاملارغا بۇ خەۋەر خۇش ياقمىدىمۇ نىمە ؟؟؟نەدىكى بىر تۇكى يۇق پەتۋالار بۇلسا ،،بۇينى تۇمۇرى يىرتىلغىىدەك مۇنازىرە قىلاتتى،،،!!!!!!!!!!

arzuyum 2011-10-21 21:16
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى رەسسام نىڭ 2011-10-21 19:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كەڭسايدىكى مۇللاملارغا بۇ خەۋەر خۇش ياقمىدىمۇ نىمە ؟؟؟نەدىكى بىر تۇكى يۇق پەتۋالار بۇلسا ،،بۇينى تۇمۇرى يىرتىلغىىدەك مۇنازىرە قىلاتتى،،،!!!!!!!!!!

ئازراقمۇ.........................................
ئىنكاس  يازسىڭىز    ئىنكاس  يازمىغانلارنى چىشلەپ  تارتماي ، تېمىنىڭ  مەزمۇنىغا  قارتا يېزىۋېرىڭ .

ئىزباسار 2011-10-21 21:33
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى رەسسام نىڭ 2011-10-21 19:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كەڭسايدىكى مۇللاملارغا بۇ خەۋەر خۇش ياقمىدىمۇ نىمە ؟؟؟نەدىكى بىر تۇكى يۇق پەتۋالار بۇلسا ،،بۇينى تۇمۇرى يىرتىلغىىدەك مۇنازىرە قىلاتتى،،،!!!!!!!!!!


ئىنىم! ئانىڭىز بىلەن دادىڭىزنىڭ نىكاھىنى شۇ"موللاملا" ئوقۇغان بولغىيدى. ھېچ بولمىغاندا سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ شۇ "بۇيۇن تۇمۇرى يىرتۇلغۇدەك موللاملا" توۋلاپ ئەزان توۋلاپ قويغان بولغىيدى؟ ھېچ بولمىغاندا ئۈلۈمىڭىزگە شۇ "موللاملا" كىلىپ نامىزىڭىزنى چۈشۈرۈپ يولغا سالار؟!
خۇددى "موللاملا" بىلەن كونا ئاداۋىتىڭىز باردىكىدەك گەپ قىلىپ كىتىپسىزيا.....
چىرايلىقچە ما ئىنكاسىڭىزنى تەھرىرلىۋالغىنىڭىز ياخشىمىكى.... بۇ ئىنكاسىڭىز سىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئاشكارلاپ تۇرىدىكەن.
ئەمما تەھرىرلىمىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق "موللاملا" سىزنىڭ بۇنچىلىك ئىنكاسلىرىڭىزغا ھېچنىمە بۇپ كەتمەيدۇ.... مەن پەقەت سىزنى ئايىدىم

nida0998 2011-10-22 01:38
سوغۇقتا  ئاياغ مايلايمەن دەپ تالاغا چىقىۋالماي .........
                                            مۇنبەردىكى [مۇسۇمانلار شۇنداقمۇ ]نى ئوقۇپ قويۈڭ .

saifulla 2011-10-22 13:55
مۇشۇ رەسسام دىگەن ..... كۆرۈك قېرى شۇمىكن دەيمەن بىرتۇرۇپ.....   ئىزباسارنىڭ دىگەنلىرى يىتەرلىك ساڭا!!!

تاش 2011-10-22 15:53
ئۇنچە تىللاپ كەتمەڭلار، دېمىسىمۇ  مۇنبىرىمىزدىكى  نۇرغۇن ئەزالار نەدىكى بىر يازمىلارنى  تالىشىپ ئىنكاسلارنى يېزىپ كېتىدۇكى خېلى ياخشى تېمىلارغا پەرۋاسىز قارايدۇ.  

رەسسام 2011-10-22 16:47
[quote]بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى saifulla نىڭ 2011-10-22 13:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇشۇ رەسسام دىگەن ..... كۆرۈك قېرى شۇمىكن دەيمەن بىرتۇرۇپ.....   ئىزباسارنىڭ دىگەنلىرى يىتەرلىك ساڭا!!!
--ھۇي سەن نىمىگە ئاساسلىنىپ مىنى قىرى دەيسەن،،،،، نۇپۇسۇمنى كۇرۇپ باقامسەن؟
-مەن دىمەكچى قۇرۇق سەپسەتە ساتماي ئەمىلەيتتىن كىلەيلى دەيمەن ،،،،سەن مىنىڭ ئىتقادىم مۇنداق دەپ 30پارە قۇرئاننى تۇلوق ياتلىۋالغىنىڭ بىلەن ئەمىلىيەتتەئۇزەڭ تۇرۇشلوق يىزىلىق ھۇكۇمەتتىن ئۇزەڭ بەھىرلىنشىكە تىگىشلىك كىچىككىنە نەرسىنىمۇ ھەل قىلالمايسەن،،،،ۋە قانچىلىك ھۇقۇق مەنپىئەتىڭ بارلىقىنمۇ بىلمەيسەن،،،،ئۇيۇڭگە كىرسە چاشقان يامانلاپ چىقىدۇ،،،بىر مۇ يەردىن 50كىلو قۇناق ھۇسۇل ئالساڭ ئاللاھنىڭ تەغدىرى دەيسەن كىلەر يىلى 100كىلو مەھسۇلات ئالايچۇ دەپ  ئىزىدىنىپ باقمايسەن،،،ئىلمىي تىرىقچىلىقنى ئۇگۇتىدىغانلارنى ياراتمايسەن،،،،

abduwali123 2011-10-22 18:02
ھۇي ئاقسا موللىنى چىشلەپ تارىتما بولامدۇ ، ئىنكاس يازساڭ مىننەت قىلماي ياز ، بولمىسا غىت قىس ، مۇشۇنىڭغىمۇ موللىنى چىشلەمسەن  ، موللا سامانلىقىڭغا ئوت قويدىمۇ يا ؟   قانداق دىگەن گەپ بۇ

pantekin 2011-10-22 18:34
 ھەممىسىلا كىچىك بالىكەنغۇ ماۋۇلارنىڭ .....
        كىچىككىناڭ مايلامچى بالىنىڭ گېپىگە چىچاڭشىپ كەتكىنىنى ،،،


查看完整版本: [-- ئەخەتكامنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرى داۋاملاشماقتا ! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059490 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us