查看完整版本: [-- تۇتۇش بۇ،،،،،،،،،،،،، --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> تۇتۇش بۇ،،،،،،،،،،،،، [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

samanyoli 2011-10-17 22:08
كۆۋرۈك بوۋاينى كىچىككىنە چاقچاققا قېتىپ قويدۇم ،ھە،،،،،،،،خاپىلاپ قالمىغاي،،،،،،،،،




كۆۋرۈك بىر كۈنى دەريا بۇيىغا بېلىق تۇتقىلى بېرىپتۇ ،ئۇ يەمچۈكنى تاشلاپ شۇنچە ئۇزۇن تۇرسىمۇ بىرەر تال بېلىق قارماققا چۈشمەپتۇ،،،ئۇ جىلە بوپ ئاخىرى قارماققا ئون كويلۇق پۇلدىن بىرنى قىستۇرۇپ سۇغا تاشلىغان ئىكەن ،بىر بېلىق سۇدىن بېشىنى چىقىرىپ -ئىشىڭنى قىلە ،قىزىل پاچاق ،سەي بازىرى كۆرۈپ قالدىڭمۇ بۇ يەرنى - دىگۈدەك،،،





كۆۋرۈكنىڭ بالىسى بىر كۈنى مۇنداق بىر سۇئال سوراپ قاپتۇ-دادا،سىز ئەگەر ئىمام بولسىڭىز ،مەسچىتكە باشقىلار ئەكىرىپ بەرگەن پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسز،ھەممىسىنى مەسچىتكە،ئاللاھنىڭ ھەققىگە  چىقىم قىلامسىز،ياكى ئازراقىنىمۇ ،،،كۆۋرۈك بۇ گەپكە قىزىقىپ ،بالىسىدىن ياندۇرۇپ سوراپتۇ،،ئاۋال سەن دەپ باقە،،سەن قانداق قىلىسەن،،بالىسى دەپتۇ،مەن يەرگە بىر تۈز سىزىق سىزىمەن ،ئۆزەم سىزىقنىڭ دەل ئۈستىدە تۇرۇپ ،ئۇ پۇللارنى ئاسمانغا ئاتىمەن،سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۈشكەن پۇللارنى ئاللاھنىڭ ھەققىگە  خەجلەيمەن ،سول تەرىپىگە چۈشكەن پۇللارنى ئۆزەم تىقىۋالىمەن،دەپتۇ،،،شۇ ئەسنادا ئايالى سۆزلەپ قاپتۇدە،،ۋاي ھاماقەتلەر،،،مەن بولسام ،يەرگە بىرچوڭ  يۇمىلاق چەمبەر سىزىمەن ،ئۆزەم شۇ چەمبەرنىڭ دەل ئوتىرىسدا تۇرۇپ پۇللارنى ئاسمانغا ئاتىمەن،،چەمبەرنىڭ ئىچىگە چۈشكەن پۇللارنى ئۆزەم تىقىۋالىمەن،سىرتىغا چۈشكەن پۇللارنى ئاللاھنىڭ ھەققىگە  ئىشلىتىمەن دەپتۇ،،،
ئىككىسى سوراپتۇ،،،قېنى سىز دەپ بېقىڭە،سىز قانداق قىلاتتىڭىز،،،،،كۆۋرۈك دەپتۇ،ئىككىلىڭلار ئانچە ئەقىللىق ئەمەس ئىكەنسىلەر،،مەن بولسام ،بۇ پۇللارنى  يا خۇدا دەپ ئاسمانغا ئاتىمەن ،ئاسمانغا چىقىپ كەتكىنىنى ئاللاھنىڭ ھەققىگە ،يەرگە چۈشكەننىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈمنىڭ ھەققىگە،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،






بىر كۈنى كۆۋرۈك  ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولۇپ ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە خوشلاشقىلى بىرىپتۇ.ئۇ كىتەر چىغىدا ئاغىنىسى : -ئاداش ئۈرۈمچى دىگەن چوڭ شەھەر،كىشىلىرىمۇ مەدىنيەتلىك .ئۇ يەرگە بارغاندا ئۆز شىۋەڭلاردا گەپ قىلماي‹ر› نى جىقراق دەڭلا..... 
كۆۋرۈكمۇ  ئۈرۈمچىگە كەپ قاپتۇ.شۇنداق قاراپ دۆڭ كۆۋرۈككە بارماقچى بولۇپ 10-يول ئاپتۇبۇسىغا چىققاندا پەلتوسىنىڭ پىشىنى ئاپتۇبۇسنىڭ ئىشىكى قىسىۋاپتۇ.شۇ ھامانلا دوستىنىڭ گىپى ئىسىگە كىلىپ ۋارقىراپتۇ : ۋا ريەي،ئاپتۇ ربۇسنىڭ ئە رشىكى پە رتويۇمنىڭ پىرشىنى قىرسىۋالدى،قو رتقۇزۇڭلار!






تاھىربەگ 300000مىڭ سوملۇق ماشىنىدىن بىرنى ئالماقچى بوپتۇ ،يىنىنى ئاختۇرسا 299مىڭ 998سوم بارىكەن.تاھىربەگ  دوكان يىنىدىكى پەلەمپەيدە ئولتۇرغان كۆۋرۈكنىڭ   يىنىغا بىرىپ:
-ماڭا ئىككى سوم بىرىپ تۇرسىڭىز ماشىنا ئالماقچىتتىم،- دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلىغان كۆۋرۈك  ئالدىررماي يىنىدىن تۆت سومنى چىقىرىپ :
-ماڭىمۇ بىرنى ئالغاچ كېلە قاشقالىق،،،،






 

خالقىز 2011-10-17 22:19
ۋاييەي بەك كۇلدۈرۋەتتى بۇ يۇمۇرلا مېنى .رەخمەت ھە.
تورداشلا بىر ئىش بېشىمنى قاتۇردى:ھەر قېتىم كەڭساي تورىنى ئېچىپ تىزىملىتىدىغان چاغدا ئۇيغۇرچە خەت بېسىش پەقەت چىخماي قويدى .پىنيىن ھەرىپلا كۇرۇنىدۇ.تېمىلار ئىچىنى ئىزدەپ ئىنكاسنى تېپىپ ئىسمىمنى شۇ يەردىن كۈچۈرۈپ چاپلىدىم.باشقىچە ئامال يوخمۇ؟ياردەم قىلساڭلا!

oylinish 2011-10-17 22:28
باشقا ئامال  بار.   تىزىملاتماي تۇرۇپ  ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولىدىغان تور بەتلەر بار،  شۇ يەرگە يېزىپلا كۆچۈرۈپ چاولىسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن:   http://www.tiztap.com/     http://www.yol.la   بۇ تور بەتلەرنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە بىۋاستە يازغىلى بولىدۇ.

خالقىز 2011-10-17 22:50
ھە رەخمەت سىزگە بىلۋالدىم.

natsist 2011-10-17 22:58
ھاھا..... بەك قىززىقكەن كۆۋرۈك بوۋاي ئەڭ ياخشىسى ئىمام بولمىسا بولمىغۇدەك  

nazli0998 2011-10-18 01:29
ھا  ھا  ھا  ۋاريەي بەك قىرزىق كەن    

رەشىدە 2011-10-18 10:35
 
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى nazli0998 نىڭ 2011-10-18 01:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھا  ھا  ھا  ۋاريەي بەك قىرزىق كەن     

 

lawiy 2011-10-18 12:09
نىمىدىگەن قىزىقارلىق رەخمەت سىزگە ھى ھىى ھىھى ھى

0998888 2011-10-18 16:03
بۇنداق كۇلمىگىلى خىلى بوپتىكەن

albax 2011-10-18 20:05
  كۆۋرۈك جىمغۇ ئاغىينىلەر ؟ كەلكۈن ئېقىتىپ كەتمىگەندۇ ھە ؟

samanyoli 2011-10-18 23:38
كۆۋرۈك دىگەن قىزىل پاچاق ئىنكاسمۇ قالدۇرماپتىيا،،،،،،،،،،،،،،   

muslima32 2011-10-19 00:58
بەك قىزىقارلىقكەن بۈگۈن كەيپىم تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. بۇيۇمۇرلارنى كۈرۈپ خېلى ئوڭشۇلۇپ قالدىم رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم،

kuwruk 2011-10-21 20:25
سامان يۇلى ھاسىرىغان  پېتى بولكا دۇكىنىنڭ ئالدىغا كېلىپ دۇككان خوجايىنىدىن سوراپتۇ :
-خوجايىن ،سىلەردە 100 دانە بولكا بارمۇ؟
خوجايىن : "ھە -!؟ ئەپۇ قىلغايسىز ئۇنچىلىك جىق يوقتى...."
-"ھەي..يوقكەندە" سامان يۇلى  بېشىنى ساڭگىلىتىپ مەيۈسلەنگەن ھالدا قايتىپتۇ...


ئىككىنجى كۈنى ، سامان يۇلى ھاسىرىغان  پېتى بولكا دۇكىنىنڭ ئالدىغا كېلىپ دۇككان خوجايىنىدىن سوراپتۇ :
-خوجايىن ،سىلەردە 100 دانە بولكا بارمۇ؟
خوجايىن : "ھە -!؟ ئەپۇ قىلغايسىز ئۇنچىلىك جىق يوقتى...."
-"ھەي..يوقكەندە" سامان يۇلى  بېشىنى ساڭگىلىتىپ مەيۈسلەنگەن ھالدا قايتىپتۇ...


ئۈچچۈنجى كۈنى ، سامان يۇلى يەنە شۇلگىيىنى ئىقىتىپ  بولكا دۇكىنىنڭ ئالدىغا كېلىپ دۇككان خوجايىنىدىن سوراپتۇ :
-خوجايىن ،سىلەردە 100 دانە بولكا بارمۇ؟
خوجايىن : "بار ،بار، بۈگۈن بىزدە يۈز دانە بولكا بار!!...."
سامان يۇلى پۇشۇلداپ تۇرۇپ يانچۇقىدىن پۇلنى چىقارغاچ :" بەك ياخشى بولدى ،مەن ئىككىنى ئالاي!"

  


查看完整版本: [-- تۇتۇش بۇ،،،،،،،،،،،،، --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.087895 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us