查看完整版本: [-- ئۇيغۇر ئىسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللام --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> ئۇيغۇر ئىسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللام [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nida0998 2011-10-17 19:09
[attachment=13023]
ۇيغۇر ئىسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللام

ئۇيغۇر ئىسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللا1991-يىلى 10- ئاي. مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمىي مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر رەئىس جۇمھۇرى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم-پەن ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى.

ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى. 1992-يىلى رامىزان ئېيى. ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھانە تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەت ئەللىك نوپۇزلۇق دىنىي ئالىملار ئولتۇراتتى.

پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا پادىشاھ ھەسەن 2 شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى.
بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگودىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان «شىنجاڭدىكى مەسچىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھى قىلدى
يىغىندىن كېيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە «قۇرئان كەرىم» بىلەن «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگو-ماراكەش دوستلۇقىنى مەدھىيىلەپ ئەرەب تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كېلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى… قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن ئىئى بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋېتىپ: «قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن

(ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى) نىڭ شېئىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم» دېدى.

ماراكەشنىڭ دىنى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى «پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئىرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس» دېدى. شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يىغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.

1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: «سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان سلىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھوزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن ئىئى مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى.
ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تونۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنىي تەلىم ئېلىشقا باشلىدى، 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كېيىن ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كېيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى.

ئاتىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلۈنۈش بويىچە ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى. ئاتىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا بىر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيخ ئابدۇللاتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسرورلارنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمىي بالاغەت، ئىلمىي كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960-يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. «قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاسىتە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نوپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نوپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى.

شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى.ئالىم ئىشلىگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى موسكۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى»نى ۋە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئىستېداتلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۇن زېھن-قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان « &لساقۇئو؛قۇرئان كەرىم&رساقۇئو؛نىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى»، ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «&لساقۇئو؛قۇرئان كەرىم&رساقۇئو؛ ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مىۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى.

مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتتۈرۈك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.
ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماتېرىيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازار-ماشايىخلار، مەسچىت-مەدرىسلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپاق خوجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، «لساقۇئو؛قۇتادغۇبىلىك رساقۇئو؛تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا»، «شىنجاڭنىڭ دىنىي مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى»، «ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇرۇھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، « مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان «دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى»، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.

مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستىتۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىدى، دەرسلىكلەرنى تۈزدى، دەرسخانىغا كىرىپ بىۋاستە دەرىس ئۆتتى
مەنبە : جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى
يوللانغان مەنبەسى مىسرانىم مۇنبىرى .

zero903 2011-10-17 20:15
مىسرانىمدىن   چاپلاپلا  كەپتۇقدە.................

nida0998 2011-10-17 21:04
شۇنداق ..... ئەفەندىم ئۇستا.

zero903 2011-10-17 21:11
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى nida0998 نىڭ 2011-10-17 21:04 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
شۇنداق ..... ئەفەندىم ئۇستا.

شۇندان بولغاندىن كېيىن مەنبەنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ........

appakhoja 2011-10-17 21:32
ساقال قويۇشنىڭ سۇننەت مۇئەككەد ئىككەنلىگىنى بىلدۇغاندۇ -ھە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم.خەير ئۆزىگە چۈشۈك  قىيىنچىلىقى باردۇ،توغرا چۈشىنى قېرىنداشلار _ھە.

appakhoja 2011-10-17 21:35
مەن ساقال قويمىغان ئىككى مۇسۇلمانىڭ گۇۋالىقى، بىر ساقال قويغان  مۇسۇلمانىڭ گۇۋالىقىغا تەڭ كېلىدۇ دەپ ئاڭلىغان.

ay-turk 2011-10-17 22:02
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى appakhoja نىڭ 2011-10-17 21:32 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ساقال قويۇشنىڭ سۇننەت مۇئەككەل ئىككەنلىگىنى بىلدۇغاندۇ -ھە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم.خەير ئۆزىگە چۈشۈك  قىيىنچىلىقى باردۇ،توغرا چۈشىنى قېرىنداشلار _ھە.

نىمە ئۇ <سۇننەت مۇئەككەل >دىگەن؟ ( مۇئەككەد) دىمەمسىز ، يازغان ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز قايتا بىر ئوقۇپ بىقىڭە....

ئىزباسار 2011-10-17 22:15
ساقال توغۇرلۇق تالاش-تارتىش قىلغۇم يوق. ئەمما ئاپپاق ئەپەندى.ئىۋۇ ساقاللىقنىڭ گۇۋالىقى دىگەن گەپلەرنى بىرەر دەلىلگە تاينىپ تۇرۇپ قىلىڭ.
ئاڭلىغان گەپلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى شەرىئەت بۇلالمايدۇ

sad~da 2011-10-17 23:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى appakhoja نىڭ 2011-10-17 21:35 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن ساقال قويمىغان ئىككى مۇسۇلمانىڭ گۇۋالىقى، بىر ساقال قويغان  مۇسۇلمانىڭ گۇۋالىقىغا تەڭ كېلىدۇ دەپ ئاڭلىغان.



ئو..  كىمدىن ئاڭلىغان

ھۆكۈمران 2011-10-17 23:51
بۇ كىشىنى ئىسلام ئۆلىماسى دىيىش قەتئى خاتا،بۇ كىشى بىر تەرجىمان خالاس،ئىسلام ئۆلىماسى دىگەن قۇرئان-ھەدىس روھىغا ئۇيغۇن كەلگەن،ساپ ئەقىدىدىكى پەتۋا بىرىش دەرىجىسىگە توشقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىزباسار 2011-10-17 23:56
قېرىندىشىم،ئۈزىڭىزنى بېسۋېلىڭ. بۇ كىشى دۇكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز بەزى «يۇمىلاق» قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇ ئادەمگە قارتا خاتا كۆز قاراشقا ئەكەپ قويمىسۇن.
ئېنىقكى تىما ئىنكاسلاردىمۇ ھېچكىم ئۇنى مۇپتى ياكى مۇجتەھىد دىگىنى يوق...

natsist 2011-10-18 00:13
ساقال قويغانلارغا مائاش بەرمەيدۇ دەۋاتاتتى ھۆكۈمەتنى

ay-turk 2011-10-18 00:50
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :(ئىنسانغا ئاڭلىغاننىڭ ھەممىنى سۆزلەپ يۇرۇشنىڭ ئۆزى يالغانچىلىققا  كۇپايە)دىگەن. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

nida0998 2011-10-18 01:47
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى nida0998 نىڭ 2011-10-17 21:04 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
شۇنداق ..... ئەفەندىم ئۇستا.

شۇندان بولغاندىن كېيىن مەنبەنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ........


ئەسكەرتكەن تەھرىردە چۇشۇپقالغان ئوخشايدۇ.

توران 2011-10-18 01:53
ئەسسا لامۇ  ئەلەيكۇم!
ئۆزىمىز قانچىلىك ؟ بىز  ئىسلامغا شۇ كىشى قىلغان خىزمەتلەرنىڭ  10 نىڭ بىرىنى قىلالىدۇقمۇ؟ بۇنى ئويلاپ كۈرەيلى!
ئاۋال بۇ كىتابنى ئۇقۇسا ئاندىن ئەيىپلىمەيدىغان بولىدۇ!
ئادرىسى:
http://www.vdisk.cn/user/admin/tempuser1318873623?1318873442975

تاھىربەگ 2011-10-18 08:36
بىز توردا غەيۋىتىنى قىلمىغان مۇشۇ كىشى قالغان

ay-turk 2011-10-18 12:11
شۇنى دەيمەن ......
بىىر  بوۋاي بىلەن ئوغلى ئىشەكنى يىتىلەپ  بىر يەرگە مىڭىپتۇ ، بالا دادىسىغا چوڭ بولغاندىكىن سىز چىقىڭ مەن پىيادە ماڭاي دەپتۇ  ،ئۇلار بىر يەردە كىتىپ بارسا  ئۆستەڭ بويىدا كىر يۇيۋاتقان بىر قانچە ئايال ئۇلارغا قاراپ نىماندا تاش يۇرەك ئادەمدۇ بۇ ،مۇشۇنداق ئىسسىقتا ئۇزى ئىشەككە مىنىۋىلىپ  كىچىك بالىنى پىيادە ماڭغىلى ساپتۇ دەپتۇ،  بۇگەپ ئۇ ئىككىسىنىڭ قۇلىقىغا كىرىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن دادىسى دەرھال ئىشەكتىن چۈشۈپ ئوغلىنى مىندۈرۈپ ئۆزى پىيادە مىڭىپتۇ ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر توپ كىشىلەر ئۇچراپتۇ ، ئۇلار قاراڭلار ماۋۇ بالىنى ! بۈگۈنكى باللاردا ۋاپا دەيدىغان نەرسە يوق ،قىرى دادىسىنى پىيادە قويۇپ ئۆزى ئىشەككە مىنىۋاپتۇ دەپتۇ ، ئۇ ئىككىسى بۇنى ئاڭلاپ  ئىشەككە بىللە مىنىپتۇ -دە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئالدىغا يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇچراپ نىمانداق تاش يۈرەك ئادەملەردۇ تىلسىز ھايۋاننى قىيناپ ، ئىككىسى تەڭ مىنىۋاپتۇ دەپ ئەيىپلەپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغان دادىسى بالىسىغا قاراپ ،قارا ئوغلۇم كۆرگەنسەن ئىنسانلانى  ؟! دۇنيادا ئىنساننى رازى قىلىپ ياشاپ بولغىلى بولمايدىكەن ، دەپتۇ .

rayhan 2011-10-18 12:38
ئىگىز تاغلارنىڭ باغرىنى چاشقانلار تىشىپ تۇردۇ ،يوغان پىللارنى پاشا -كومۇتىلەر چېقىپ ئاۋارە قىلدۇ ......
« خانغا يارىغان بېشىم تازغا يارىمايدۇ »دەپ كىم دىگەن بولغۇيتتى ؟

axik4587 2011-10-18 12:51
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى ھۆكۈمران نىڭ 2011-10-17 23:51 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ كىشىنى ئىسلام ئۆلىماسى دىيىش قەتئى خاتا،بۇ كىشى بىر تەرجىمان خالاس،ئىسلام ئۆلىماسى دىگەن قۇرئان-ھەدىس روھىغا ئۇيغۇن كەلگەن،ساپ ئەقىدىدىكى پەتۋا بىرىش دەرىجىسىگە توشقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

<قەتئى خاتا>   بۇنداق مۇتلەقلەشتۈرۋەتمەڭ.       بىز خەققە زادى نىمە يارايدغاندۇ.....
<يېقندىكى موللا جا موللا، يىراقتىكى موللا جىڭ موللا >  دەيدغانلارمۇ  خېلى باركەن.

axik4587 2011-10-18 12:57
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 17قەۋەتتىكى rayhan نىڭ 2011-10-18 12:38 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىگىز تاغلارنىڭ باغرىنى چاشقانلار تىشىپ تۇردۇ ،يوغان پىللارنى پاشا -كومۇتىلەر چېقىپ ئاۋارە قىلدۇ ......
« خانغا يارىغان بېشىم تازغا يارىمايدۇ »دەپ كىم دىگەن بولغۇيتتى ؟

خەلىق دىگەن

nida0998 2011-10-18 13:01
..................قاۋاۋىردۇ  كارۋان  يۈرىۋىردۇ...............


                    

bugra 2011-10-18 14:43
مۇھەممەت سالىھ داموللام پۈتۈن ئۆمرىنى ۋەتەن،مىللەت،ۋە دىن ئۈچۈن ئاتىغان تېپىلغۇسىز ئسلام ئۆلۈماسىدۇر.بىزنىڭ ئچىمىىزدىن يەنە بۇنداق ئۇستازدىن يەنە بىرى چىقمىقى بەكمۇ تەس،شۇڭا نەدە بىر ئەقىلسىز،بىلىمسىز،نادان سويمىلىنىڭ بۇ    ئۇستازنىڭ كەينىدىن بولمىغۇر قالايمىقان گەپلەرنى قىلىشىغا يول قويمايلى.ئاللاھ بۇ زاتنىڭ ئۆمرىگە بەركەت ئاتا قىلسۇن.

ئىزھار1 2011-10-18 19:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئويلىنىپراق  سۆزلەيلى ؟! خەلىقئارا ئىتراپقىلغان ئالىمنى سىز ئىتراپ قىلمامسىز ؟ تەرجىمان بولوسۇن ، يەنىلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ غېمىنى يەپ پۈتۈن  ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ،

kelem 2011-10-18 19:34
بىز  غەيۋىتىنى  قىلمىغان مۇشۇ ئادەم قالدىمۇ ئەمدى....؟ھەجەپ بىر مىللەت كەنمىز.........

مەرىپەت 2011-10-18 19:50
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسەلام
مىنىڭچە بۇ  ئۇستاز  دىيارىمىزغا  نىسبەتەن  يەنىلا  ئىسىل ئادەم دەپ  قارايمەن،
بۇ  ئۇستازنىڭ  ( ئەرەبچە_ئۇيغۇرچە ) ئىككى  قىسىملىق لۇغىتىدىن پايدىلانغان ئۇقۇغۇچىلا  ئاز  ئەمەس،
مەنمۇ ئۇ  لۇغەتتىن  پايدىلانغۇچىلارنىڭ  بىرسى،شۇنىڭ  ئۈچۈن  ئۇ  ئادەمگە ھۆرمىتىم  بار

ھۆكۈمران 2011-10-19 01:07
توغرا بۇ كىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ناھايتى زور خىزمەتلەرنى قىلغان،اللاھنىڭ خالىشى بىلەن.بۇنى بىز ئالقىشلايمىز،ئېتىراپ قىلىمىز.
كىم ياخشى ئادەم،كىم يامان ئادەم،بۇنى بەندىلەر بەلگىلىيەلمەيدۇ،اللاھ بەلگىلەيدۇ،بىز بۇ ئۇستازنىڭ ھىدايىتىنىڭ زىيادە بولىشىنى اللاھتىن تىلەيمىز.
كىمىكى چىن ئىخلاس بىلەن ئىمان ئېيتىپ،شەرىئەتكە مۇۋاپىق ياشىسا،شۇ اللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ياخشى ئادەم،ئەگەر ئىمان ئېيتىم دەپ،شەرىئەتتىن ئايرىلىپ ياشىسا ئۇ اللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يامان ئىنسان.
قانداق ئادەم ئالىم شەرىئەتتە ئېنىق بەلگىلمە بار،مەخلۇقاتنىڭ بەلگىلمىسى شەرىئەتكە توغرا كەلسە قوبۇل قىلىندۇ،بولمىسا رەت قىلىندۇ.
چىن ئىخلاس؛اللاھنىڭ دوستىنى دوست تۇتۇش،دۈشمىنىنى دۈشمەن تۇتۇش؛ئىمان.....قاتارلىقلار دىننىڭ تۆۋرىكى،بۇلاردىن بىرسى كام بولۇپ قالسا،ئىماندا مەسىلە كۆرۈلگەن بولىدۇ.
اللاھ ساقلىسۇن قېرىنداشلار غەيۋەت،كۆرەلمەسلىكتىن.بىزگە شۇنسى ئېنىق بولۇشى كېرەككى ھەرقانداق ئادەم ئۆزى توغۇرلۇق سوراق قىلىندۇ.مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم،ھەرقانداق دىننى مەسىلىدە بىز ھەقىقى كىتاپ ۋە سۈننەتنى بىلىدىغان،ھەم ئەمەل قىلىدىغان ئۇستازلارنى ئۆزىمىزگە يىتەكچى قىلايلى دىمەكچى.
   مېنىڭ يوقۇرقى ئىنكاسىمغا سەۋەپچى بولغان نەرسە پەقەت مىراج تېز تاماقخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نۇرۇز كېچىلىكى.شۇڭا قېرنىداشلار بىز كىشىلەرگە باھا بىرىشتە قۇرئان ۋە ھەدىس رەسۇلۇللاھنى ئاساس قىلايلى،كۆزقاراشنى ئەمەس.

rida 2011-10-19 01:21
ئالىمنىڭ تەرجىمھالىدىن ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن خەۋەردار بولغان بولساڭلار بولدى، ئالىملارنىڭ تەرجىمھالىدىن خەۋەردار قىلىشتىن مەخسەتمۇ  ئالىملار بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلاردىن ئۈلگە ئىلىپ ياراملىق، ئەلگە مەنپەئەتى تېگىدىغان ئادەملەردىن بولۇش ئۈچۈن  ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشدۇر. ئەكسىچە بولمىغۇر ئىنكاسلار بىلەن ئالىملارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش ئەمەس.
تېمىدىن ئىلمي پايدىلىنىشنى بىلمەيدىغان بەزى بىر غەيۋەتخۇرلۇق تۈسىنى ئالغان، خىيالىغا كەلگىنىچە ئېغۋا تۈسىنى ئالغان ئىنكاسلارنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋاختىدا تازلاپ تۇرغىنى ياخشى.

balgun 2011-10-19 12:11
   يېرىم چىلەك سۇ بەكرەك شالاقشىيدۇ دىگەندەك ئازراق بىلىمى بىلەن بىلىملىكلەرگە قورقماي باھا بېرىدىغان كىشىلىرىمىز ،ئىنكاس يازغاندا تەمكىن بولايلى ،بىر ئېغىز گېپىمىز بىلەنلا  سېسىپ قېلىۋاتىمىز ، بىر -بىرىمىزگە تاش ئېتىشقا سەۋەپچى بولۇپ-

mt711 2011-10-19 18:07

مۇجاھىت 2011-10-20 23:07

مۇجاھىت 2011-10-20 23:16
شۇنداق  كاتتا  ئالىمنىڭ كەينىدىن گەپ تاپقۇدەك  سىز  كىم  .  ئىدڭىز  .   ئۇزڭىز  كىچىىككىنە  بىر  ئىشنى  قىلالمايسىز   . كىشلەرنىڭ  كەينىدىن  گەپ تاپقۇدەك  كىم  ئىدڭىز  سىز ..................................

nida0998 2011-10-21 04:58
قۇرئاننىڭ  ھەر بىر ئايىتىنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 26 خىل تەپسىرنى ئالدىغا يېيىپ ،ھەر بىر  سۆزنى تەرجىمە قىلغاندا 26 يەرگە ئېڭىشىپ 26 خىل تەپسىرنى 20 يىل تەكرامۇ تەكرا ئىزدەنگەن ،تەرجىمە جەريانىدا 6 ھەدىس كىتاۋىنى نەچچە رەت كۆرۇپ قايسى ئايەتكە، قايسى ساھبە،قايسى ئالىم ،ھەتتا 4 ئىمامدىن تارتىپ قانداق تەپسىر بەرگەنلىگىنى   ئىزدەنگەن كىشى ئەھلى ئىلىم بولماي،ئالىم  كىم بولسۇن.........؟!!!


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر ئىسلام دىنى ئالىمى مۇھەممەت سالىھ داموللام --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061333 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us