[attachment=12875] ئەر قانىتى - ئات
‹‹ئەر قانىتى - ئات››دېدى ئەجداد، ئات ئۈستىدە تۇغۇلدى ئوغۇز. ئېلىپ باردى ئەرنى مەنزىلگە، تۇيىقىدىن چاچرىتىپ يۇلتۇز.
ئەركەكلەرگە بېرىپ جاسارەت، مەشرەپلەردە چاپتى ئارغىماق. ئەر كۈلگەندە تەڭ كۈلدى ئاتمۇ، بىر-بىرىنى ھىدلىدى ھەرۋاخ.
ئەرنىڭ كۆزى ھەم ئاتنىڭ كۆزى، ئىشەنچ بىلەن يىراق باقىدۇ. يۈرۈشلەردە تاۋلانغان ئەركەك، تۇلپارلاردەك قانات قاقىدۇ.
قايتۇرما: ئات،ئات،ئات، ئەرلەرگە قانات.
«تىكەن پەسلى» ناملىق توپلامدىن.
ئاپتور:مۇختار بۇغرا.
|