查看完整版本: [-- سايىم نوچى بولغان خوپ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> سايىم نوچى بولغان خوپ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

pida.n 2011-10-08 00:28
سايىم نوچى بولغان خوپ

(شىرئەلى ئابدىرھىم)
قىززىق ئىشتە بەزىلەر قورقىشىدۇ خوتۈندىن،
قولى نېرى كەلمەيدۇ كۆمۈر بىلەن ئوتۈندىن.
‹‹سايىم نوچى›› ئاتلىقلار شۇنداقمۇ يا بىلمىدىم،
قۇتۇلمايدۇ مۈرىسى خوتون ئاسقان خورجۇندىن.


بىزدەكلەرنى شۇنداقلار دوراپ باقسا بولمامدۇ؟
ئەر بولۇشنىڭ يولىنى سوراپ باقسا بولمامدۇ؟
نىمە دىسە ماقول دەپ خوتۇن بولماي خوتونغا،
مۇش -پەشۋادا ئاغزىنى توساپ باقسا بولمامدۇ؟


ئۆيىگە بارساڭ،بىمالال بىر بوتولكا قۇيالماس،
خوتۇنىدىن بى سوراق بىرەر توخۇ سويالماس.
سورۇنلاردا زىقلانسا چاقچاق ئاتلىق زىق بىلەن.
كۈلۈپ تۇرار بىر خىلدا يا قىزارماس ئۈيالماس.


بىزنى كۆرسۇن ئەردىگەن مانا بىزدەك بولمامدۇ،
خوتۈنلارنىڭ ئالدىدا خۇددى تۇزدەك بولمامدۇ.
ئارا كۈندە ئالتە رەت شامىلىنى پاكىزلاپ،
قارياغدۇرۇپ قاپاقتىن چېھرى مۇزدەك بولمامدۇ.


سايىملارغا قارىسام كۆكلەپ كەتكەن تۇرمۇشى،
بىزنىڭ ئۆيدە ساڭگىلار ئۆگزىمىزنىڭ قۇمۇچى.
خوتۈن تۇرماس ئاجىرشىپ يىرتىق يوتقان ھەمراھىم،
نەدە قالدى بىلمەيمەن ئۆينىڭ قازان -چۆمىچى.


ئەمدى بىلدىم خوتۈننى ھۆرمەت قىلىش ياخشىكەن،
تىنىچ ئۆتكەن شۇ تۇرمۇش يېقىملىق بىر ناخشىكەن.
باش-باشتاقلىق ئەر ئۈچۈن نادانلىقنىڭ ئىنكاسى،
شۇنداق ئىشلار تۇرمۇشنى قىرقىپ تاشلار قايچىكەن.


سوراپ كەلدىم شۇلاردىن تىنىچ تۇرمۇش ۋەجىنى،
چۈنكى ئۆزەم جاق تويدۇم تارتىپ ‹‹ئەرلىك›› دەردىنى.
ئۆرمەت كۇلگەن ئائىلىدە ياشنار ئىكەن مۇھاببەت،
گۇل ئالدىدا باغۋەن بوپ قىلماق خوپكەن ئەجىرىنى.


ئاياللارنى ئايىماق سۇننەت ئىكەن ئەسلىدە،
زالىملىققا مۇھاببەت يوقكەن ئىنسان نەسلىدە.
خاتا قىلغان ئىشلاردىن چىقتى يامان نەتىجە،
شەيتان ماراپ يۇرگەنكەن ئۆي بۇزۇشنىڭ قەستىدە.


‹‹سايىم››دەپتۇق ئايانماي توغرا يولنى تۇتقاننى،
مېھر بىلەن جۇپتىنىڭ سۆيگۈسىنى ئۇتقاننى.
ۋاپادارلىق ئەسلىدە بەركەت ئىكەن قۇت ئىكەن،
ناچار خۇيلار تەزدۇرەر ھاتتا ئۇرۇق-تۇققاننى.


‹‹سايىم نوچى ›› بولغانلار راس نوچىكەن ئەمەسمۇ،
ماڭا چۈشتى بۇگۇندە شۇلاردىكى ھەۋەسمۇ.
بوران ئۈچقان شۇ تۇرمۇش،ئەمدى كۆرەر كۆزۈم يوق،
چىن سۆيگۇدە باغ بولار  زىندان ياكى قەپەزمۇ.


ئاپتۇرى:شىرئەلى ئابدىرھىم  (رۇخسىتىمسىز يۆتكەشكە قەتئى بولمايدۇ)

asanat 2011-10-08 18:15
يەنىلا  سىز دىگەن سايىم نۇچى بۇلغنى خوپمۇ قانداق.

dulbarqin310 2011-10-08 18:26
شۇنداقراق بۇلۋالسىمۇ خوپكەن شۇ .  

pida.n 2011-10-08 22:55
يولىدىراق بولساقلار چوڭ مەسىلىمۇ يوق،

ئىزباسار 2011-10-09 11:25
ما قىزلا ئېشىۋاماڭلا جۇما!!!!!!!!

natsist 2011-10-09 15:21
سايىم نوچى بولسا ياخشىكەن دىمەكچىمۇسىز

مىرئادىل314 2011-10-09 20:02
يولىدىراق بولساقلار چوڭ مەسىلىمۇ يوق،
شۇنداقراق بۇلۋالسىمۇ خوپكەن شۇ .  

xir 2011-10-10 00:00
بۇرنىڭىز غا سۇ كىرىپتۇ ،كىرگەندىمۇ لىق كىرىپتۇ ،
يامانلىغان خوتۇننى ئەكەلمەك بەك  تەس كىلىپتۇ  .
خوتۇندىن ھېچ قورقمايسىز ئەمدى دەيمۇ قورقۇپتۇ ؟
نوچىلىقنى تاللاپسىز سايىم بۇلۇپ ياشاڭ سىز !

يالقۇنى 2011-10-10 17:27
تۇرمۇشتا ئەر-ئايال بىر-بىرىنى ئىززەتلەپ ،ھۆرمەتلەپ ئۆتكەن ياخشى،لېكىن ھەممە ئىشتا ئايالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاشمۇ ،تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس، كىمنىڭ پىكرى توغرا ،ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسا ،مەسلىھەتلىشىپ بار مەسلىھەت ئىش قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىغۇ دەيمەن.

مىسكىن 2011-10-10 19:35
ئاز تولا بىربىرىگە يول قويۇپ ئۆتكەنمۇ ياخشى.

muslima32 2011-10-14 02:11
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن يەر قىلغانمۇ خۇتۇن،ئىشقىلىپ ئاياللىرىڭلارنىڭ گىپىنىىمۇ ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قويساڭلار زىيان تارتمايسىلەر،

yaxauyhur 2011-10-24 16:33
قانداق قىلمىسۇن  ئەر-ئاياللار  تەڭ ئەمەس      بۇئىش دىندىمۇ   پەندىمۇ دىيىلگەندۇ   !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!    لىكىن ئاياللار نىڭ مۇگىپىنى ئاڭلاشكىرەك ............      بىراق  ئادەم ئەلەيكىسالام   ھەۋۋا ئانىنىڭ گىپىگە كىرىپ  بۇغداي يەپ جەننەتتىن  قوغلانغان    

مەرفۇئە 2011-10-27 23:26
        ھەممە  ئىش   ئۈز  لايىقىدا   بۇلغىنى   ياخشى  ،    ئايالمۇ   ئۈز  ۋەزىپىسىنى   ئادا  قېلىش      ئەرمۇ  ھەم   ئۈزىنىڭ  ۋەزىپىسىنى  تۇلۇق  ئادا   قۋلىشى    كىرەك.


查看完整版本: [-- سايىم نوچى بولغان خوپ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.047944 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us