查看完整版本: [-- ئايىتەلكۇرسى(ئارۇزچە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئايىتەلكۇرسى(ئارۇزچە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kin 2011-10-07 14:56
ئايىتەلكۇرسى (ئارۇزچە)
بىرلا ئاللاھتىن بۆلەك يوقتۇر يەنە غەيرى ئىلاھ،
دائىما تىرىك ئەبەتكى ھەممىگە شەكسىز سىپاھ.
ئۇخلىماس، بولغاچقا ھەممە ئىلكىدە ئاسمان، زىمىن،
كىم ئىرۇر ئانىڭغا تەڭداش ھەممىگە مەلھەم-شىپا؟
ھېچ نەزەرسىز قالمىغايلەر ئىپتىدادىن ئىنتىھا،
ۋەلېكىن ئىنسان ئۆزى ۋەھيىچە سۈرگەي سىياھ.
كۇرسىدا ئاسمان، زىمىنى، بىھەرەجسىز ساقلىغاي،
شۇل سەبەبتىن مەرتىبە ھەم ئۇلۇقلۇق مىڭ راۋا.
 
ئايىتەلكۇرسىنىڭ ئەسلىسى:
بىر اﷲ دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان-زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.

ohho~duqu 2011-10-08 10:40
مەنىسىنى بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە

sebire 2011-10-08 11:44
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!! ئارۇزچە دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.
  ئارۇز  دېگەن سۆزنى ئاختۇرسام،يىشىمىدا:  شىئېر تۈزۈلۈشىدە، ئۇزۇن ۋە قىسقا بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە ئالمىشىپ كىلىشىگە ئاساسلانغان ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئېرىيىتىدە كەڭ قوللىنىدىغان ۋەزىن سىستېمىسى دەپتۇ.
يەنە بىر گەپ شىئېرنىڭ ئۈچىنجى كۈبلىتىدا لوگىكىلىق مەنە خاتالىقى بارمۇ نېمە؟ « بولغاچقا » سۆزى خاتا ئىشلىتىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. خۇددى سۇبھانەۋەتەئەلا  ئىشى بولغاچقا ئۇخلىمايدىغاندەك.
ئەگەر مەن خاتالاشقان بولسام، تۈزىتىش بىرىدىغانلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

huxdil 2011-10-08 15:12
ئارۇز ۋەزىنگە ئايتەلكۇرسىنىڭ  تەرجىمىسىنى چۈشۈرگەن ئوخشىمامسىز ؟
تۆۋەندىكىسنى ئايتەلكۇرسىنىڭ ئەسلىسى ئەمەس   ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى  دەپ ئۆزگەرتىپ قۇيۇڭ . چۈنكى ئەسلىسى ئەرەپچە بۇلىدۇ .

asanat 2011-10-08 17:33
بۇلسا ئەسلسنىمۇ يوللاپ قۇيۇڭ

dulbarqin310 2011-10-08 19:08
مانا ئەسلىسى:

ئاللاھۇ لا ئىلاھە ئىللا ھۇ. ئەلھەييۇل قەييۇم. لا تەئخۇزۇھۇ سىنەتۇۋۋەلانەۋم. لەھۇ مافىسسەماۋاتى ۋەما فىلئەرزى . مەنزەللەزىي يەشفەئۇ ئىندەھۇ ئىللا بىئىزنىھى يەئلەمۇ ما بەينە ئەيدىيھىم ۋەما خەلفەھۇم. ۋەلا يۇھىيتۇنە بىشەيئىن مىن ئىلمىھى ئىللا بىماشائە. ۋەسىئەكۇرسىييۇھۇسسەماۋاتى ۋەلئەرزە .ۋەلا يەئۇدۇھۇ ھىفزۇھۇما. ۋەھۇۋەلئەلىييۇلئەزىيم.


ئىملا خاتالىقى بولسا كۆرسىتىپ قۇيىشالا.

ئىزباسار 2011-10-09 11:39
ئاللاھنىڭ ئايىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ساقلىنىڭلار. بۇ نىمە دىگەن قەبىھ گۇناھ!!!
يازغۇڭلار كەلسە ئاۋۋال مۇكەممەل بولغان ئەرەپچىسىنى ئاندىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەنلا كۇپايىلەنسەڭلار بولمامدۇ؟
تىما ئىگىسىگە: ئۇستىدىكى ئايەتۇلكۇرسى دەپ ئاتىۋالغان قاپىيەلىرىڭىزنى تەھرىرلىۋېتىڭ. ئاللاھ گۇناھلىرىڭىزنى كەچۇرسۇن،
مەن ئەرەپچىسى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يوللاپ قۇياي.


ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
{بىر اﷲ دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان-زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر


بۇ ئەرەپچىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى. ئەمما جەزمەن ئاۋازلىق ئۇقۇلغىنىنى ئاڭلاپ ئاندىن يادلاڭ. ئۇيغۇرچە ئۇقۇلىشى بۇيىچە ئۇقۇغاندا مەنا ئۆزگىرىش كەپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەبلىك گۇناھكار بولسىڭىز مەن بۇنىڭا ئىگە ئەمەس.


ئاللاھۇ لا ئىلاھە ئىللا ھۇ. ئەلھەييۇل قەييۇم. لا تەئخۇزۇھۇ سىنەتۇۋۋەلانەۋم. لەھۇ مافىسسەماۋاتى ۋەما فىلئەرزى . مەنزەللەزىي يەشفەئۇ ئىندەھۇ ئىللا بىئىزنىھى يەئلەمۇ ما بەينە ئەيدىيھىم ۋەما خەلفەھۇم. ۋەلا يۇھىيتۇنە بىشەيئىن مىن ئىلمىھى ئىللا بىماشائە. ۋەسىئەكۇرسىييۇھۇسسەماۋاتى ۋەلئەرزە .ۋەلا يەئۇدۇھۇ ھىفزۇھۇما. ۋەھۇۋەلئەلىييۇلئەزىيم.

kin 2011-10-09 22:55
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم «ئىز باسار» ئەپەندى!

      سىز ئىسلام دىنىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تەشۋىقاتىنى قانچىلىك ۋە قانداق تەرىزدە چۈشىنىسىز ؟
     بۇ دەبدەبىلىك ئاگاھىڭىزغا قاراڭ: «ئاللاھنىڭ ئايىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ساقلىنىڭلار. بۇ نىمە دىگەن قەبىھ گۇناھ!!!...»
      كىشىلەر «ئايىتەلكۇرسى»نىڭ «قۇرئارنچە»(ئەرەپچىسىنى) ئوقۇغاندا ئۆز تىلىدا نىمە دېيىلگەنلىگىنى ئۇقماي ئوقۇسۇنمۇ ؟ ئەگەر سىز: «ئۇيغۇرچى تەجىمىسى بېرىلگەنغۇ ؟» دېىسىڭىز. جاۋاپ شۇكى: «ئايىتەلكۇرسى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بېرىلگەن بىلەن ھازىرقى ياشلارنىڭ ئەشۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئەستە تۇتۇۋېلىشى ناھايىتى قېيىن. ئۇنداقتا ھازىرقى ياشلار «ئايىتەلكۇرسى»نىڭ ئەرەپچىسىنى يادلىۋالغاندىن سىرىت، ئارۇزغا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرچە «ئايىتەلكۇرسى»نى يادلىۋالسا، ئۇلار قارا-قويۇق يادلىۋالغاندىن مەنىسىنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ يادلىۋالغان بولمامدۇ ؟ سىز ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى يادلىۋالسىلا بولمامدۇ ؟ شېىرگە ئايلاندۇرۇلغان قىسمىنى يادلاشنىڭ نېمە ھاجىتى دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. سىز ئەمەلىيىتىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ سىناق قىلىپ بېقىڭكى، «ئايىتەلكۇرسى»نىڭ تۇزلا تەرجىمە قىلىنغىنى بىلەن شېئىرى شەكلىنى يادغا ئالسىڭىز، شېئىرى قىسمىنى تىزلا ئۆزلەشتۈرۈۋالالايسىز... سىزنىڭچە  «ئايىتەلكۇرسى»نىڭ ئەرەپچىسىنى يادلىۋالغاندىن سىرىت، شېئىر قىسمىنى يادلىۋالسا يامانمۇ ؟ بۇ چۈشۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇغان بىلەن باراۋەرغۇ ؟
    «ئايىتەلكۇرسى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە نۇقسان يەتكۈزمىگەن ئاساستا، ئۇيغۇرچە ئەڭ گۈزەل تىللارغا تويۇندۇرغان ئاساستا «ئارۇر»چە شېىرغا ئايلاندۇرغىنىم خاتامۇ ؟ «قۇرئان»دىكى ئايەتلەرمۇ شېىرى شەكىل بىلەن ئەرەپچە ئەڭ گۈزەل تىللارغا تويۇنغانغۇ ؟
    مەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۆزگەرتمىدىم، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يادلىۋالغانلارغا تەرجىمىسىنىمۇ يادلىۋېلىپ، ھەقىقى مەنىسىنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ ئوقۇسۇن دىدىم خالاس...
    ماڭا، تەربىيە قىلىپ ئاۋارە بولماڭ... مەن سىزنىڭ دادىڭىز دېمەتلىك ئادەم. مەن نېمىنىڭ يامان، نېمىنىڭ ساۋاپ بولىدىغانلىقىنى خېلى ياخشى بىلىمەن...
     سىز دىنىي ئىلىمدىن ئازغىنە قۇراللىنىپ باشقىلارنىڭ  قولىغا گۇناھ ۋە ساۋاپ ھۆججىتى كېسىپ بەرسىڭىز بولمايدۇ... سىزنىڭ ھۆججىتىڭىز مەھشەر كۈنىدىكى ساختا ھۆججەت بولۇپ قالمىسۇن!
    مۆھمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەت خەيرلىكى ئۈچۈن ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلغۇسى كېلىدۇ... ئاللاھ خالىسا مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە...
    نىيەت- ئىقبالنى بىلگۈچى بىرلا ئاللاھتۇر...

    ئايىتەلكۇرسىنىڭ ئارۇزى
بىرلا ئاللاھتىن بۆلەك يوقتۇر يەنە غەيرى ئىلاھ،
دائىما تىرىك ئەبەتكى ھەممىگە شەكسىز سىپاھ.
ئۇخلىماس، بولغاچقا بارچە ئىلكىدە ئاسمان، زىمىن،
كىم ئىرۇر ئانىڭغا تەڭداش بارىگە مەلھەم-شىپا؟
ھېچ نەزەرسىز قالمىغايلەر ئىپتىدادىن ئىنتاھا،
ۋەلېكىن ئىنسان ئۆزى <<ۋەھيى>>چە سۈرگەي سىياھ.
كۇرسىدا ئاسمان، زىمىنى، بىھەرەجسىز ساقلىغاي،
شول سەبەبتىن مەرتىبە ھەم ئۇلۇقلۇق مىڭ راۋا.

مۈشكۈللىكنى ئاسان قىلغۇچى ئىسمىئەزەم دۇئاسى

ئىي خۇدا پەرۋەيدىگارا يوقنى بار قىلغىن ئۆزۈڭ،
بارى دىشۋار ھەر بالانى شەرمىسار قىلغىن ئۆزۈڭ.
سىرى-ھېكمەت ساڭا ئايان، زىكرى قەلبىمدىن بايان،
بىرلا سەن تەنھا تامان، دىلدىن سۆيەر قىلغىن ئۆزۈڭ.
بەندىنىڭ ئاجىزلىقى قىسمەتكە قۇل بولماقلىقى،
دەردى پىغان يۇتماقلىقى، سەۋرىدار قىلغىن ئۆزۈۇڭ.
بىر كۇشاد بەرگىن ماڭا رەھمىڭ بىلەن تەدبىر ئارا،
رەھمىتەيلەي سەن رەھىمگە ئىتىبار قىلغىن ئۆزۈڭ.
مۈشكىلى ئاسانىدىن، دىللارغىكى غەمخانىدىن،
جەننەتى-رىزۋانىدىن زەر-قۇت تاپار قىلغىن ئۆزۈڭ.
ئەۋۋەلى سەكرات ئەجەلدىن دىل ئارا ئىماننى سال،
ئاخىرات قەرزىم كۆتۈر، بەھرىڭگە يار قىلغىن ئۆزۈڭ.
بۇ زامان ۋاجىپى-قەرز پەرمانغا بەردار بولمىقىم،
ئىككىلا ئالەم يۈزىدە بەختىيار قىلغىن ئۆزۈڭ.

مۇنەۋۋەر قىل
(ئاللاھقا ئىلتىجا)

خۇدايا! بارچە بەندەڭنى ئىمان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل،
تىلى ھەم دىلىدا بىرلىك تامان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
ۋۇجۇدۇم ئول ئەقىل،نەپسى،كۆڭۈل،روھ تۆتىدىن ھاسىل،
بالايى نەپسى-خائىشتىن ئامان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
كۆڭۈل گوياكى لاي سۇدەك سۈزۈلگەي زىكرى ئايەتتىن،
دىلىمدا تەۋبە-ئىستىغفار، زۇۋان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
ئەقىل جۇغلايدۇ ھادىستىن ئىلىم-ئىرپانىدا ھېكمەت،
شۇ ھېكمەت بەلگىسى قامۇس-دىۋان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
شەرىئەت شەرتى مىڭ خىلدۇر تۈمەن ئادەت-يوسۇنىدا،
كىتابى شەرھى «قۇرئان»دىن بايان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
ئەقىلدىن روھ قاناتلانغاي، كۆڭۈل گەر بولسا بىر ئاسمان،
مۇشەققەت مەنزىلىم جەننەت، داۋان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.
بۇ ئىنسان روھلىرى مەھشەر كۈنىدە بەد ۋەيا مەڭگۈ،
ھوزۇرۇم تائەبەت «رەيھان» زامان بىرلە مۇنەۋۋەر قىل.

ئاللاھ ئىلىملىك كىشىلەرنى كېبىردىن ساقلىغاي

ئىزباسار 2011-10-09 23:12
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى kin نىڭ 2011-10-09 22:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم «ئىز باسار» ئەپەندى! 

 ماڭا، تەربىيە قىلىپ ئاۋارە بولماڭ... مەن سىزنىڭ دادىڭىز دېمەتلىك ئادەم. مەن نېمىنىڭ يامان، نېمىنىڭ ساۋاپ بولىدىغانلىقىنى خېلى ياخشى بىلىمەن...
.......

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام"kin" ئەپەندى.
سىزنىڭ يۇقارقى سۈزىڭىزدىن سىزنىڭ ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئادەم ئىكەنلىكىڭىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن سىز نىمىنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىدىغانلىقىڭىزنى قەيت قىپسىز.... يۇقارقى سۈزىڭىزدىن سىزنى قايتىدىن چۈشەندىم.
سىز توغرا دەپ بىلگەن ئىشلىرىىڭىزنى قىلىۋېرىڭ. چۇنكى سىز نىمىنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولغاندىكىن....
سىزنىڭ ئەمەللىرىڭىزمۇ ئۈزىڭىز ئۈچۈن،مىنىڭ ئەمەللىرىممۇ ئۇزۇم ئۈچۈن.....

kin 2011-10-09 23:30
   ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام «ئىزباسار» ئەپەندى!
   دىلىڭىزنى رەنجىتىپ قويمىغاندىمەن، سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن تەكرار ئەپۇ سورايمەن، ئەپۇسىمنى ئىلىك ئېلغايسىز...
   سىزنىڭ باش سۆرىتىڭىز ئۈستىدىكى ئەقلىيە سۆزىڭىز «ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى»نىڭ روھى بويىچە بىز يەنىلا  قەلبى تۇتاش قېرىنداشلارمىز...
  ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بىلەن ھەر ئىككىمىزنىڭ ئەمەللىرى ئۆزىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نۇسرىتى ئۈچۈن بولغاي...

ئىزباسار 2011-10-10 00:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى kin نىڭ 2011-10-09 23:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
   ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام «ئىزباسار» ئەپەندى!
   دىلىڭىزنى رەنجىتىپ قويمىغاندىمەن، سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن تەكرار ئەپۇ سورايمەن، ئەپۇسىمنى ئىلىك ئېلغايسىز...
   سىزنىڭ باش سۆرىتىڭىز ئۈستىدىكى ئەقلىيە سۆزىڭىز «ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى»نىڭ روھى بويىچە بىز يەنىلا  قەلبى تۇتاش قېرىنداشلارمىز...
  ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بىلەن ھەر ئىككىمىزنىڭ ئەمەللىرى ئۆزىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نۇسرىتى ئۈچۈن بولغاي...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ياق. ياق. سىز دىلىمنى رەنجىتكىدەك گەپ قىلمىدىڭىز مەن مۇنبەردە نۇرغۇنلىغان ئىزا-ئاھانەتلەرگىمۇ قالغان ئەمما يەنىلا سەبىر قىلغان. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنىڭ مىنىڭ دىلىمنىي رەنجىتكىدەك يىرى يوق. مەنمۇ سەل قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ئىنكاس يېزىپتىمەن شۇنىڭ بىلەن سىزمۇ ماڭا ئۇستىدكى ئىنكاسنى يازدىڭىز...
مىنىڭ مەقسىتىم ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى (ئەرەپچىسىنىغۇ ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس) ئۆزگەرتمەي مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمە قىلغان بۇيىچە يەتكۈزۈشسەك.... سىز يۇقارقى ئىنكاسىڭىزدا <«قۇرئان»دىكى ئايەتلەرمۇ شېىرى شەكىل بىلەن ئەرەپچە ئەڭ گۈزەل تىللارغا تويۇنغانغۇ ؟> دىگەن مەزمۇندا بىر جۈملە سۆزنى يېزىپسىز. بۇ توغرا. ئەمما ئاللاھ قۇرئاننى شىئىر شەكىلدە چۈشۈرگەن دەپ ئۆزىمىزچە ئۆزگەرتىۋالساق خاتالىشىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز ئەرەپ تىلى ئىنتايىن پاساھەتلىك چىرايلىق راۋان تىل.ئازغىنە كەلىمىلەر بىلەنمۇ نۇرغۇنلىغان مەنانى ئىپادىلىگىلى بۇلىدۇ. ھېچقانداق بىر ئەرەپ ئالىمى قۇرئاننى شىئىرىي شەكىلدە تەپسىر قىلغىنى يوق.يادىلغۇچىلارغا ئاسان بولسۇن دەپ ھەرگىزمۇ قۇرئاندا كەلگەن ھازىرقى ئەرەپلەر ئەرەپ تۇرۇقلۇغ چۇشىنەممەيدىغان سۆزلەرنى ھازىرقى تىل بۇيىچە ئىزاھلاپ شىئىرىي شەكىلدە يازغىنى يوق. ئەگەر ئۇلا شۇنداق يازاي دىسە ئەلۋەتتە يازالايتتى. بۇنداق دىسەم سىز <قۇرئان ئەرەپچە بولغاندىكىن شۇڭلاشقا باشقا شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ ئىزاھلاشنىڭ ھاجىتى يوق> دىيشىڭىز مۈمكىن. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز قۇرئان ئەرەپ تىلى بولغان بىلەن يەنە شۇنىڭ ئىچىدە ئەرەپلەر چۈشەنمەيدىغان سۆزلەرمۇ كۆپ. ھەتتا رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىسىدىكى ئەرەپلەرمۇ ھەتتا بەزى ساھابىلەرمۇ  قۇرئاندىكى  بەزى مۇتەشابىھ  سۆزلەرنى چۇشىنەممەي جىم بۇلۇپ قالغان. قۇرئان شۇلارنىڭ زامانىسىدا چۇشكەن بولغاندكىن ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ئەرەپ تىلىدىن بولغان قۇرئانى كەرىمنى تۇلۇق چۇشىنىۋېلىشى ئەقىلگە يېقىن ئىدى. بىراق بۇ ئىلاھىي كىتاب بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئەقىللىرى تۇلۇق چۇشىنىشكە يەتمىگەن. ھازىرقى ئەرەپلەر ئۇلاردىن نەچچە ئەسىر يىراقلىقتا.ھازىرقى ئەرەپلەرنىڭ تىللىرىمۇ قورقۇنۇشلۇق دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇغ ئەرەپ ئالىملىرى يەنىلا ناھايتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئۆز زامانىسىنىڭ تىلىغا شىئىرغا يېقىن قىلماستىن تەپسىرلەپ،ئىزاھلاپ بىرىشكەن. ئىش مۇشۇنداق. بىلىمەن. سىزنىڭ مەقسىتىڭىز ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى باشقىلارغا ئۆگىتىش،يەتكۈزۈش،  ئەمما يەتكۈزگەندە توغرا يەتكۈزمىسەك ئاللاھ ئالدىدا گۇناھكار بۇپ قالىمىز. قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قىلغان ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللاممۇ ئەرەپ تىلىغا شۇنچىلىك ئۇستا،شۇنچىلىك پىششىق تۇرۇپ قۇرئاننى تەرجىمە قىلغاندا قايتا-قايتا تەكشۇرۇپ،يۇقرى دەرىجىلىك نۇرغۇنلىغان ئالىملارغا كۆرسىتىپ ئاندىن نەشىر قىلغان. بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىسى ھەقىقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۇيىچە بولغان. بۇنداق دىسەم سىز"ئۇ ئەرەپچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان شۇڭلاشقا باشقىلارغا باھالاتقۇزىدۇ " دىيشىڭىز مۇمكىن.
ئۇزىڭىزگە ئايان. سىز يۇقارقى ئايەتنى شىئىري شەكىلگە كىرگۇزۇش ئۇچۇن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بەزى سۆزلۇكلەرنى قاپيداش كەلسۇن ئۇچۇن باشقا سۆزلەرگە ئالماشتۇرغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن. شىئىري شەكىلگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن بەزى سۆزلەرنىڭ ئۇرۇنلىرىنى يۆتكىگەنسىز... جۈملىدىن سىز بۇنى قاپىيداش قىلىپ پۇتكۇزۇش ئۇچۇن ئەسلىي تەرجىمىسىدىن قانچىلىك سۆزلەرنى يەڭگۈشلىگەنسىز؟ 
سىز مۇشۇنى شىئىرىي شەكىلگە ئەكەلگىچە ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەر ئۇستىدە قايتا-قايتا ئىزدەندىڭىزمۇ؟ سىز ئايەتۇلكۇرسىنى شىئىري شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ بۇلۇپ مۇنبەرگە يوللاشنىڭ ئالدىدا ئىلىملىك كىشىلەردىن نەچچىسىگە كۆرسىتىپ باھالاتقۇزدىڭىز؟....   بۇ ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئان بولغانىكەن بۇنىڭغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك. ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللەنىڭ ئالدىدا رەسۇلۇللەنىڭ سۈزى سۆزلەنسە ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالاتتىكەن.مۇھەددىسلار ھەدىسلارنى يېزىشتا بىرەر تىكىستنىمۇ ئالماشتۇرۇپ قويماي رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغىنى بۇيىچىلا يازغانىكەن. بىزچۇ؟؟؟
ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئانغىمۇ بىپەرۋا قاراۋاتىمىز. ئاللاھ بىزلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن.
مىنىڭ مەقسىتىم بىرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇش توغرا كەلسە دۇكتۇر مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭكىنىلا ئوقۇشىمىز كىرەك.  باشقا مەقسەت يوق.
مەن پەقەت ئۈزۈمنىڭ ۋە ئەتراپىمدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىلىپ بىلمەي خاتالىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن...
يازغانلىرىم توغرا بولغان بولسا بۇ ئاللاھنىڭ  ماڭا ئاتا قىلغان پەزلى مەرھىمىتى. ئەگەر خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا بۇ شەخسەن مەندىكى خاتالىق. مەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن.

kin 2011-10-10 01:17
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

  «ئىزباسار» ئەپەندى، سۆزلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق، قايىلمەن. ئەمما، رىياللىققا نەزەر سېلىپ بېقىڭچۇ ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭدا بىرسى قۇرئانچىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇيدۇ. مۇھەممەت سالىھ ھاجىم «قۇرئان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ. بۇ ئۇيغۇر موھمىن-مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىرىشماسلىقىدىن بولىۋاتامدۇ ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس. بىز ھېچ بولمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ شېئىر خۇمار پىسخىكا ئالاھدىلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ، ئايەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى كۆپرەك كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويىشىمىز كېرەك. مەن بىر نەچچە يىل ئويلۇنۇپ بۇ يولنى تاللىدىم (ئاللاھ خالىسا). مەن بىر نەچچە تورخا يوللىسام بىرقانچە كىشى بۇ شېئىرنى چوقۇم يادلىۋالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى... مەن بۇ ئىشتىن خېلىلا ئۈمۈتۋار...
   ئەمدىكى مەسىلە، سىز دېگەندەك ئەشۇ «ئارۇز»چە شېئىرغا ئايلاندۇرغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قانداق قىلىپ ئەينەنلىكىنى ساقلاپ قېلىش... مەن بىر ئەھلى مۇسۇلمان ۋە زىيالى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بۇ ھەقتە يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن...
  
   ئاللاھ ھەممىمىزگە ئىسلام نۇسرىتى ئاتا قىلسۇن...

ئىزباسار 2011-10-10 01:37
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى kin نىڭ 2011-10-10 01:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

  «ئىزباسار» ئەپەندى، سۆزلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق، قايىلمەن. ئەمما، رىياللىققا نەزەر سېلىپ بېقىڭچۇ ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭدا بىرسى قۇرئانچىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇيدۇ. مۇھەممەت سالىھ ھاجىم «قۇرئان»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ. بۇ ئۇيغۇر موھمىن-مۇسۇلمانلىرىنىڭ تىرىشماسلىقىدىن بولىۋاتامدۇ ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس. بىز ھېچ بولمىغاندا ئۆزىمىزنىڭ شېئىر خۇمار پىسخىكا ئالاھدىلىكىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ، ئايەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى كۆپرەك كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويىشىمىز كېرەك. مەن بىر نەچچە يىل ئويلۇنۇپ بۇ يولنى تاللىدىم (ئاللاھ خالىسا). مەن بىر نەچچە تورخا يوللىسام بىرقانچە كىشى بۇ شېئىرنى چوقۇم يادلىۋالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى... مەن بۇ ئىشتىن خېلىلا ئۈمۈتۋار...
   ئەمدىكى مەسىلە، سىز دېگەندەك ئەشۇ «ئارۇز»چە شېئىرغا ئايلاندۇرغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قانداق قىلىپ ئەينەنلىكىنى ساقلاپ قېلىش... مەن بىر ئەھلى مۇسۇلمان ۋە زىيالى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن بۇ ھەقتە يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن...
  
.......


ئاللاھ قىلغان ئەمگىكىڭىزگە ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن. دىنىمىز ئۈچۈن تىرىشقان ھەربىر نەپس ئۇچۇن ئاللاھ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.
سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىل بولدۇم."«ئارۇز»چە شېئىرغا ئايلاندۇرغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى قانداق قىلىپ ئەينەنلىكىنى ساقلاپ قېلىش" مانا بۇ گىپىڭىز بۇلىدۇ. مۇشۇ گىپىڭىزنى ئىسىڭىزدىن چىقارمىغايسىز.
سىزگە كىچىككىنە تەكلىۋىم:ئەگەر يەنە ئارزۇچە ئىلان قىلىمەن دىسىڭىز سىز <ئايەتۇلكۇرسىي(ئارزۇچە)> دەپ ماۋزۇ قۇيۇپسىز. بۇنداق قويماي <ئايەتۇلكۇرسىينىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئارزۇچىسى> دىگەندەك ماۋزۇلار بىلەن ئىلان قىلسىڭىز دىگەن ئۇمۇتتىمەن...
ئاللاھ ھەممىمىزگە توغرا بىلىش ئاتا قىلغاي....

asanat 2011-10-10 11:29
ئېغىر بىسىق بۇلايلى.


查看完整版本: [-- ئايىتەلكۇرسى(ئارۇزچە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059788 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us