查看完整版本: [-- ئاداشلار(تەخمىس) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئاداشلار(تەخمىس) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاش 2011-10-05 15:05
ئاداشلار
(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي غەزىلىگە تەخمىس)

ھەقنى مەينەت قىلىدۇ،يولى پېتىق ئاداشلار،
يەپ كەلسىمۇ قەنت-ناۋات،گېپى قېرىق ئاداشلار،
ئوڭ كەلگەندە ئۇرۇشقا،قولى چىۋىق ئاداشلار،
باشلىق بولغان چېغىمدا،چۆرەمدا جىق ئاداشلار،
چۈشتە-كەچتە ھەمىشە،ئۆيۈمدا لىق ئاداشلار.

مەن بار چاغدا ئۆتكەنغۇ،غەم-غۇسسىسىز،كۈندە توق،
ماڭا <<ھە،ھۇ>>دەپ قويۇپ، ئۆزى يەيتتى بەكمۇ لوق،
ئەمدى ئۇچراپ كوچىدا، ماڭا  قىلار تەنە -دوق،
ئامەت قولدىن كەتكەندە،بەدەر قاچتى بىرسى يوق،
مەندىن ئەمدى ھەممىسى تويۇپتۇ غىق ئاداشلار.

ئاشلىرىڭغا سالاركەن،ئاشكۆكى دەپ پىننىدىن،
قان شۇراشقا ئېپ يۈرۈر،بىرنەچچە تال يىڭنىدىن،
پۇرسەت ئىزدەپ قويۇشقا،راسلايدۇ جاي نەغمىدىن،
ئۆمۈرلۈك دوست-سادىقنى بىلمەك تەسكەن ھەممىدىن،
ئىكەن ئەسلى ماڭا سۇس،نەپكە قىزىق ئاداشلار.

كۈندە نەچچە كېلەتتى،مانا بۈگۈن خەۋەر يوق،
ئويلاپتىمەن دوستۇم دەپ،شۇڭا ماڭا خەتەر يوق،
ئاشلىرىنى يەپتىمەن،مەندە قىلچە ھەزەر يوق،
ئەمدى باقسام ئاۋۋالقى ساداقەتتىن ئەسەر يوق،
كۆڭلى خالىس، تۈز ئەمەس،ئەگرى سىزىق ئاداشلار.

<<خىزمىتىڭگە تەييار>>دەپ، كېتىشكەنتى بەل باغلاپ،
بىلمەپتىمەن،ۋاي ئىسىت،يۈرسە ئۇلار كۆز داغلاپ،
ئەسلى مەندىن ئالغاندا،ئۆتۈپتىكەن گال ياغلاپ،
پۇقرالىقنى خوپ كۆرسەم،مېنى قۇرۇق كۆل چاغلاپ،
باشقا كۆلدە تەپ تارتماي ئۈزدى <<بېلىق>>ئاداشلار.

دوست دېگەننىڭ ئىشى بىر،جان چىقمىقى بىر نەپەس،
تەڭ كۆرىدۇ راھەتنى،جاپادىمۇ ھەمنەپەس،
دوست بولۇشنى ئويلىساڭ،قىلما پۇلغا سەن ھەۋەس،
دوستلۇق شەرتى مەنسەپ -تاج ۋەياكى نەپ، پۇل ئەمەس،
توغرا يولدىن ئاداشتى،  كۆزى تېڭىق ئاداشلار.

تۇتقان يولۇڭ بولۇپتۇ، ئادەملىككە مۇخالىپ،
نېمە خىسلەت بار سەندە،ئۆزگىرىسەن ئاجايىپ،
ساڭا شۇنداق دەپ قوياي،بولۇپ قالغىن سەن ۋاقىپ:
ئاددى ئادەم ئەسلىدە چىن دوستلۇققا مۇناسىپ،
دۆڭگە مېھرى بەك سېخىي،پەسكە پىخسىق ئاداشلار.
 

تۇيغۇ بېرەر قۇلاققا، گەپ -سۆزلىرى شېرىندەك،
ھەركەتلىرى بەك ئىتتىك،خۇددى تېيىز ئېقىندەك،
بىلەمدىكىن بۇنداقلار،باشلىقلارنى سېغىندەك،
كىم باش بولسا ئولىشىپ،گۆشكە قونغان چىۋىندەك،
ئۆمرى شۇنداق ئۆتەرمۇ ئىككى بىسلىق ئاداشلار.

بولسا كېرەك سىلەرگە،جاندىن ئەزىز  پۇل-تىللا، 
كېچىسىلەر غۇرۇردىن،ئېلىش ئۈچۈن نەپ-پايدا،
ئەمدى يېقىن كەلمەسمەن، سەندەكلەرگە مەن ئەسلا،
نەپ كۆزلىگەن غۇژمەكتىن،پاك تەنھالىق مىڭ ئەلا،
يالغۇز ياشاي خەير-خوش!پەيلى سېسىق ئاداشلار.


ئاپتور:تاش

جەڭچى 2011-10-05 18:15
پاساھەتلىك ئەسەلەرنى بىزدىن ئايمىغىنىڭىز غا تەشەككۈر.
---------------------------------------
دوسلار ئۇقتۇڭلارمۇ ؟ ھۆكمەت قارمىقىدىكى <تەڭرىتاغ مۇنبىرى>قۇرلۇپ تۇ ،، بەكلا غەلىتە تۇيىلدى ماڭغا. چۈنكى ئۇمۇنبەردە ئىنكاس يازساقمۇ باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىغان دىن كىيىن  ئىنكاسىمىز چىقىرىل دىكەن. بايا بىر تىمىغا بۇرمۇنچە ئىنكاس يازسام
قىسقارتىپ ئىككى ئىغىزلا يىرنى چىقىرىپ قويۇپ تۇ ،،، ئادەمنىڭ نىرۋىسى49  غىلا چىقىدىكەن...
ئادىرسى ئاۋۇ -http://bbs.xjtsnews.com،،،، ئىسىدە ساقلاشمۇ قىيىن كەن .

dulbarqin310 2011-10-08 19:19
ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى 49 غا چىقىرامدىكەن.  
ماۋۇ شېئر ياخشىكەن. رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئاداشلار(تەخمىس) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059961 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us