ئاداشلار (غەزەل)
باشلىق بولغان چېغىمدا،چۆرەمدا جىق ئاداشلار، چۈشتە-كەچتە ھەمىشە،ئۆيۈمدا لىق ئاداشلار.
ئامەت قولدىن كەتكەندە،بەدەر قاچتى بىرسى يوق، مەندىن ئەمدى ھەممىسى تويۇپتۇ غىق ئاداشلار.
ئۆمۈرلۈك دوست-سادىقنى بىلمەك تەسكەن ھەممىدىن، ئىكەن ئەسلى ماڭا سۇس،نەپكە قىزىق ئاداشلار.
ئەمدى باقسام ئاۋۋالقى ساداقەتتىن ئەسەر يوق، كۆڭلى خالىس، تۈز ئەمەس،ئەگرى سىزىق ئاداشلار.
پۇقرالىقنى خوپ كۆرسەم،مېنى قۇرۇق كۆل چاغلاپ، باشقا كۆلدە تەپ تارتماي ئۈزدى <<بېلىق>>ئاداشلار.
دوستلۇق شەرتى مەنسەپ -تاج ۋەياكى نەپ، پۇل ئەمەس، توغرا يولدىن ئاداشتى، كۆزى تېڭىق ئاداشلار.
ئاددى ئادەم ئەسلىدە چىن دوستلۇققا مۇناسىپ، دۆڭگە مېھرى بەك سېخىي،پەسكە پىخسىق ئاداشلار.
كىم باش بولسا ئولىشىپ،گۆشكە قونغان چىۋىندەك، ئۆمرى شۇنداق ئۆتەرمۇ ئىككى بىسلىق ئاداشلار.
نەپ كۆزلىگەن غۇژمەكتىن،پاك تەنھالىق مىڭ ئەلا، يالغۇز ياشاي خەير-خوش!پەيلى سېسىق ئاداشلار.
ئاپتور:ئابدۇۋەلى راخمان (ھەققانىي)
|