查看完整版本: [-- ئاپتۇبۇستىكى قىزقارلىق پاراڭلا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي تور ئەسەرلىرى -> ئاپتۇبۇستىكى قىزقارلىق پاراڭلا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muhibbulla 2011-10-04 15:15


كۈندىكى ئاپتۇبۇس قىستاڭچىلىقىدىن خويمۇ بىزار بولدۇم، سىلەرمۇ شۇنداق ئويلامسىلەر؟ بەزىدە ئاپتۇبوستىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ بەزىدە شۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ قالىمەن، بەلكىم ئۇلارمۇ ئويلايدىغاندۇ، قېنى سىلەرمۇ ئويلىغىنىڭلارنى دەپ بېقىڭلار.
بالىلارنىڭ ئويلىغانلىرى:  

ۋاي ۋۇي، ما چوڭلار نىمىدىگەن ئەدەبسىز، بىزنى دەسسەپلا ماڭىدىكەن، سومكىلىرىمىز قىسىلىپ قالسا تېخى بىزنى تىللايدىكەن، شۇملار دەپ، بىزدە نىمە ئامال "تاغدەك سومكىنى كۆتۈرۈپ، شۇ تاغلارنى كۇكۇم تالقان قىلغىلى ماڭدۇققۇ!"

تېخى بىز قاراپ تۇرساق ئا بۇرتلۇق ئادەم ئا چىرايلىق ھەدەمگە سوزۇلۇپ قاراۋاتىدۇ(ياق، ماراۋاتىدۇ) نىمىدىگەن، ھەي.ھەي...

مانا، ئا ئاكاش ئاۋۇ ھەدەشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بىر يەرلىرىنى سىلىغاندەك قىلىۋاتامدۇ نىمە، بىزنى قىلماڭلار دىگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىدىكەن بۇلار، ئاڭلىمىساقمۇ بولغۇدەك، جۈرۈڭلار، بالىلار...

بالا كۆتۈرىۋالغان ئايالنىڭ ئويلىغانلىرى:

"شۇنداق تۇرساممۇ بىرەرى قارىمىدى، ئادەتتە ئۆيدە شۇنداق يىغلايدىغان ما شۇم بۇ يەرگە چقىپ، جىم مېڭىۋاتىدۇ، يىغلا دەيمەن، يىغلا، ئۇھ، ھېچكىم ئورۇن بېرەي دىمىدى، ما ئاپتۇبۇس يا ئاستا ماڭمىدى، سىلكىنىپ، قانداق ماڭامەن ئەمدى"

قىزلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

"توۋا، ما كىشىلەر نىمىدىگەن سەت قارايدۇ، ئادەمگە، بۇ كىيىممنى ئاپام بەك ئوچۇقكەن، كىيمەڭ، دىسە ياق دەپ كىيىۋاپتىكەنمەن، ما ئادەم ھەجەپ ئوچۇق يەرلىرىمگە قارىغاندەكلا بىلىنىۋاتىدا، ۋاي، كىم تۇتتى مېنى، تۇيە، ئۇچۇق كىيىم كىيگەنگە. ما ئارقامدىكى ئادەم يەنە سىلىسا، ئىگىز پاشىنىلىق ئايىقىم بىلەن بىرنى قويايمىكىن، ئۆتكەندە، ماھىرەنىمۇ بىرى شۇنداق بوزەك قىپتىكەندۇق، نىمە قىلىۋاتىسەن، دىسە: سەن نىمە قىلىۋاتىسەن، كۆزۈمگە قاراپ، قولۇمنى سىلايسەنغۇ، دەپ بىردەمدە گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇپتۇ، ئۇ پوق ساقال، قىز بالا بولماق نىمەدىگەن تەس. ئۆزىمىزگىغۇ ئاز، مۇشۇ كىيىملەر بىلەن ئاپتۇبۇسقا چىققاندىكىن"

چوڭلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

"يائاللا، ھازىرقى زاماننىڭ بالىلىرى نىمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟ بىز قاراپ تۇرساق ......قىلىشىپ، ۋاييەي، بىزنىڭمۇ ياشلىقىمىز ئۆتكەن، شۇنداق ئۇياتچان ئىدۇق، چوڭلار بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئۇقسا خۇددى بىر ئىش بولىدىغاندەك، ھازىر باشلانغۇچنىڭمۇ بالىلىرى سۆرۈشۈپ يۈرگەن، ئورۇن بېرىش ئېغىر كېلىپ، يېنىغا كېلىپ بولغۇچە تېلفوننى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرىدىكەن، سۆزلەشكەندەك، يا بولمىسا ئۇخلىغان بولىۋالىدىكەن، ۋاي باللىرىم، بىزگە ئورۇنمۇ كېرەك ئەمەس، چىققان گۇناھ بىزدە بولغاندىكىن، ئۆزىمىز تۇرۇپ قايتايلى، ئۇھ..."

ئەرلەرنىڭ ئويلىغانلىرى:

"كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك قىزلار، چوكانلار چىقىدىغان بولۇپ كەتتى ھازىر، ئاپتۇبۇسقا، قاچاي دىسەڭمۇ، ماگنىتتەك چىڭ چاپلىشىپ تۇرغان بەزىلەر، ھەي...... مۇشۇ نەپسىمىزنى يىغقان بولساق، قىزلىرىمىزنى قوغدىغان بولساق دەپمۇ ئويلايمەن، لېكىن ئاشۇ، يەنىلا كېتىپ قالىمەن..

uyghur0998 2011-10-04 15:37
ھى ھى ھى ھى ...

uytag 2011-10-04 16:09
ئاپيۇبۇستىكى كۆرنىشلەرنىڭ بىر قىسىمىنى يومۇرلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىپتۇ!   رەھمەت،،،،،،

جەڭچى 2011-10-04 18:24
ھا ھا ھا ھا  كۈلۈپ كىتىپ تىمەن ،،، ماۋۇ كىچىك شۇملارمۇ  سۆرىشىپ يۈردىكەن ،،، . مىنىڭغۇ ئاپتۇبىسغا چىقىش بىلەن شۇنداق خۇشۇم يوق زادى.... ھەممىسى ئادەم كۆرۈپ باقمىغاندەك قاراۋاتقان ،،،تىخى ھىلقى ئاۋىيكەش ئادەملەر نىڭ پو ئىتىشلىرى چۇ تىخى  ئادەمنىڭ قوسقىنى ئىسىپ.  باشقىلا خۇددى باشقا پىلاننىتتىن كەپقالغاندەك.   

دېدار 2011-10-04 19:19
بېز شۇنداققۇ ،ئوزمېزگە قارماي باشقېلارغا  نۇقسان تاپمېز ،باشقېلار بېزدېن تاپدۇ نۇقسان ،شۇنداق قېلېپ گۇناخلارەگە كۆملۇپ كېتېمېز شۇ

dulbarqin310 2011-10-07 18:56
راستنى دەپتۇ.    

جەڭگاھ 2011-10-08 11:47
   [

مىرئادىل314 2011-10-09 20:13
ھا ھا ھا ھا  كۈلۈپ كىتىپ تىمەن ،،، ماۋۇ كىچىك شۇملارمۇ  سۆرىشىپ يۈردىكەن ،،، . ھەممىسى ئادەم كۆرۈپ باقمىغاندەك قاراۋاتقان ،،،تىخى ھىلقى ئاۋىيكەش ئادەملەر نىڭ پو ئىتىشلىرى چۇ تىخى  ئادەمنىڭ قوسقىنى ئىسىپ.  باشقىلا خۇددى باشقا پىلاننىتتىن كەپقالغاندەك.               


查看完整版本: [-- ئاپتۇبۇستىكى قىزقارلىق پاراڭلا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059164 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us